مائارىپ
نۇر تورى تەرجىمىسى:«يىلنىڭ ئاخىرىدا 10مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يىللىق مۇكاپات پۇلى ئالغان، ئەمما كۆپ قىسمىنى بالىلارغا ھېيتلىق بېرىشتىن باشقا، چاغاندا ساۋاقداشلار يىغىلىشى، تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يىللىق مۇكاپات پۇلى پۈتۈنلەي تۈگەپلا قالماي مائاشىممۇ بىريەرگە باردى.» مەلۇم بىر تارقىتىش شېركىتىدە ئىشلەيدىغان شياۋجېن مۇخبىرغا شۇلارنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يىللىق مۇكاپات پۇلىدىن 8000 يۈەننى تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىغا ھېيتلىق پۇل سۈپىتىدە بېرىپتۇ، قالغان 5000 يۈەننى بولسا ئاتا-ئانىسىغا چاغانلىق پۇل ھېسابىدا بېرىپتۇ.
( K8 w1 o4 v" b& k% x5 ?. X ئىلگىرىكى يىللاردا ھېيتلىق پۇل ئېلىپ كۆنۈپ قالغان شۈ خانقىز بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان بولغاچقا، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ھېيتلىق پۇل تارقىتىش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەن. ئاپىسى ئۇنىڭغا ھېيتلىق پۇل ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 500 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، بولمىسا يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا بوۋا-مومىلىرىغا چاغانلىق پۇل بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتقاچقا، چاغاندا تۇغقانلىرىنىڭكىگە بىرەر قۇر ھېيتلاپ بېرىپ بولغىچە يىللىق مۇكاپات پۇلىمۇ تۈگىگەن.4 F( C" ~" l6 @" Q2 ?; o% q
«نەچچە يىل بۇرۇن، چاغاندا بالىلارغا ئىككى-ئۈچ يۈز يۈەن ھېيتلىق بەرسەكمۇ ھىچنىمە بولمايتتى. بۇيىلغا كەلگەندە ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلارغا 500 يۈەن، سەل چوڭراقلىرىغا 800يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە بەرمىسەك ئادەمگەرچىلىككە توغرا كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. كىچىك ۋاقتىمدا ھېيتلىق پۇل ھېسابىدا چوڭلار بىزگە بەش-ئون يۈەن بېرەتتى، ھازىر ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا100 ھەسسىدەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ.» شەھەر ئاھالىسى جاڭ خانىم مۇخبىرغا شۇلارنى دەپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزى بۇ يىل چاغاندا يىغقان ھېيتلىق پۇلى ئۆزىنىڭ بىر ئاي جاپا چېكىپ ئىشلەپ تاپقان پۇلىدىنمۇ كۆپ بوپتۇ.
& f0 F7 D3 z2 n. }: A: o بىر پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان ۋېن ئەپەندىم ئوغلىنىڭ چاغاندىكى «مول-ھوسۇلى»نى كۆرگەندىن كېيىن چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى:« مۇنداق قاراپ باقسام، ئوغلۇم بۇيىل 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھېيتلىق پۇل يىغىپتۇ، دېمەك مېنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلۇمدىن قېلىشمايدىكەن، ئۇغلۇم بۇيىل بەش ياشقا كىردى، مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە ئۆي قەرز پۇلىمىزنى ئوغلۇم تۆلەپ كېتەلىگۈدەك. ئەمما ئادەمگەرچىلىك قەرزىنى ھامان تۆلىمىسەك بولمايدۇ، بۇيىل ئوغلۇمغا 500 يۈەن بەرسە، كېلەر يىلى 800 يۈەن قىلىپ قايتۇرمىساق بولمايدۇ-دە.»
7 z2 O+ d$ P+ Y, i1 Y# D) B مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ھېيتلىق پۇلنىڭ ئۆسۈپ كەتكىنىدىن غەم يېيىشكە باشلىغان. ئەمما يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، جىق بېرىشكە مەجبۇر بولغان." ?+ g: F( t; e( M& O
بانكىنىڭ مالىيە خادىملىرىنىڭ تەۋسىيە قىلىشىچە، بالىلارنىڭ ھېيتلىق پۇلىنى بىراقلا ئۆستۈرىۋىتىشكە بولمايدىكەن، ئامال بار بالىلاردا توغرا بولغان مالىيە ئېڭى يىتىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ئىستىمالغا يېتەكلەش، ئۇلارنى ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋىلىشقا، ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە ياكى بانلىغا ئامانەت قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت بالىلاردا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەندە، ھېيتلىق پۇلىنى قالايمىقان خەجلەشتىن توسقىلى بولىدىكەن.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |