ئۇيغۇر
قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى
- E z, K- V+ h i; e
6 x% Q3 T' _' o1 N9 I, ]% i* n
- B9 X! V. k/ p* i% z
قاتناش ۋەقەسى جۇڭگودىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناش ۋەقەسىدە يارلىنىپ مېيىپ بولۇۋاتىدۇ ۋە قازا قىلىۋاتىدۇ.
. \( l! D& ~( A# B
3 `5 Y0 {* e% @- D6 [5 ]" q) k7 Aخەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشىنى ئازايتىش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيىسى پائالىيىتى»نى قوزغىغان. پائالىيەت قاتناش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى كۆرگەزمە قىلىش، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەردە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرىدىكەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، قاتناش ساقچىلىرى بۇنىڭغا قاتنىشىدىكەن.
3 T% d) J* h5 h2 g& Y
- m' D! v& C9 O6 D1 bھەر يىلى 11-ئايدىكى ئۈچىنچى يەكشەنبە دۇنيا تاشيول قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىش كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاشيول قاتناش ۋەقەسىدە ھەر يىلى 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، 50 مىليون ئادەم بۇ سەۋەبلىك مېيىپ بولۇپ قالىدۇ. 10 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان كىشلەر توپىنىڭ تاشيول قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك قازا قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا.
$ w6 |# y6 I+ G$ R) w# Z) C2 [& ?8 _) n1 m" D
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشيول بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى بۇ كۈننى خاتىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ تاشيول قاتناش ۋەقەسى ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ۋە تۆلەنگەن بەدەلگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تاشيول بىخەتەرلىكىگە بولغان ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بۇخىل ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.».
$ l# A) T1 ]* \6 w0 }
2 Y! V4 h# e) sبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تاشيول قاتناش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى تەرەققىيات ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقدۇچ كەلگەن ئەڭ زور خىرىس. ئىسپاتلانغان بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش، مەسلەن، بىخەتەرلىك تاسمىنى باغلاش، سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە باشقا دىققەتنى بۇرايدىغان كىچىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تىراگىدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم، بۇ ھەر بىر شەخىس ۋە ئائىلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە پايدىلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، 2011–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى «بىخەتەر يول يۈرۈشنىڭ 10 يىلى» دەپ بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنىڭ 2011–يىلى 5–ئاينىڭ 11–كۈنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، دېدى. - R' V8 z& z8 s; B* }
0 m k6 P. e. }5 z; {/ n
ئۇيغۇرچە رادىيوتورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |