|
خەۋەرھايات سىرلىق، قىسمەتلىك، بەلگىسىز كارۋان. ئۇنىڭغا نىمىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى ھىچكىشى بىلمەيدۇ، گاھ ئۇ سىنى شاتلاندۇرسا،گاھ قەلبىڭنى جاراھەتلەندۇرىدۇ، گاھ كۆزلىرىڭدە كۇلكە چاقناتىسا، گاھ كوزلىرىڭدىن ياش تۇكتۇرىدۇ.......- G# y/ ?! e% N7 o
$ m7 ?% B% K/ n J* Q: T! x$ I9 Pھايات شۇنداق، بىر قارىساڭ كۆڭوللوك، بىر قارىساڭ كۆڭولسىز، بىردە راھەت بىردە ئازاپلىق، ھايات، ئۆلچەملىك، ئويلىغىنىڭدەك،كۇتكىنىڭدەك مۇكەممەل بولمايدۇ. ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىنى، ئويلىغاندىن سىرىت بولدىغانلىقىنى، دەردى-بالاسىنى، ھەسىرەت-ئازابىنى ھەركىم بىشىغا كەلگەندە ئاندىن چۇشىنىدۇ، ئۇنىڭغىچە قانداق بولدىغانلىقىنى ھىچ كىشى ھىس قىلالمايدۇ....... ھەي! بۇ ھايات، بۇ تۇرمۇش زادى كىمنى رازى قىلغاندۇ؟' X2 W3 [& V0 w4 A$ d
( g& m% c$ s( }" a. A2 Yئۇستەل سائىتىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىدىن چۇچۇپ ئۇيغۇنۇپ كەتكەن ئىدىم، مەن ئىرىنچەكلىك بىلەن بىشىمنى كۆتۇرۇپ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارىدىمدە، شەھەردە ئىچىلىدىغان يىغىن ئىسىمگە كىلىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم، ئورون-كۆرپىلىرىمنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ، يۇز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، كىيىم-كىچەكلىرىمنى ئالدىراپ كىيىپ، ئەينەك ئالدىغا كىلىپ ئۆزۇمنى بىر قۇر تۇزەشتۇردۇمدە، قول سۇمكامنى ئىلىپلا يولوچىلار بىكىتى تەرەپكە يول ئالدىم.
) p. ?; \( j/ K& V' C" W
: H# k3 h! |# |ئالتۇن كۇز پەسلى، دەرەخ شاخلىرىدىن تۆكىلىۋاتقان سارغايغان يۇپۇرماقلار، كوچا-كويلارغا سىرىق رەڭلىك ئەتلەستىن يىكەنداز سالغاندەك شۇنداق چىرايلىق كۆرونەتتى. سەھەر ۋاقتى بولغاچقا سىرىتتا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، بىكەت بىلەن ياتىقىمنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا تاكسى توسىمايلا تەبىئەتنىڭ بۇگۇزەل مەزنىرىسىدىن ھوزورلانغاچ، يولوچىلار بىكىتى تەرەپكە پىيادە كىتىۋاتاتتىم. بىكەت تەرپكە قايرىلىدىغان دۇقمۇشقا كەلگىنىمدە ، ياندىكى كوچىدىن، غۇنچە بوي، ئاق سۇزۇك، تەققى- تۇرقى چىرايلىق، پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر قىز چىقىپ كەلدى. مەن يىغىنغا ئالدىرىدىممۇ ئەيتاۋۇر ئۇ قىزنىڭ تاشقى قىيپىتىگە يىراقتىن شۇنداقلا بىر قاراپلا يولومغا راۋان بولغان ئىدىم. ./ i7 G0 L+ V0 @" d0 Y# n& t
3 E- A/ q3 g1 }. S6 Rسەھەر بولغىنىغا قارىماي بىكەت شۇنداق ئاۋات ئىدى، ناھيە بىلەن شەھەرنىڭ ئارلىقى ئۇننەچچە كىلومىتىر كىلىدىغان بولوپ، ئۆيى ناھيىدە خىزمەت ئورنى شەھەردە، ئۆيى شەھەردە ئۆزى ناھيىگە كىلىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپ ئىدى، يولوچىلار بىكىتى ھەر كۇنى ئەتتتىگىنى ئىشقا چىقار ھەم كەچ ئىشتىن چۇشەر ۋاقىتىدا ناھىيىدىن شەھەرگە، شەھەردىن ناھىيىگە شۇنداقلا ناھىيە ئىچىدىن يېزا-بازارلارغا ئىشقا بىرىپ-كىلىدىغانلاربىلەن قوشولوپ بىر قايناق بازارغا ئايلىناتتى.; H s/ M1 i, w+ d3 ]: t4 F2 |: @% n) P
8 v4 X( l" M0 Nمەن بىكەتكە كىردىمدە شەھەرگە بارىدىغان كىرا ماشىنىسىغا ئالدىراپ چىقتىم. ماشىنا ئىچىدە ئاساسەن بوش ئورون قالمىغان ئىدى. مەن بوش ئورون چىقىپ قالارمۇ دىگەندەك بىشىمنى ئۇياق-بۇياققا سوزوپ قاراشقا باشلىدىم. دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قىزنىڭ نازۇك يىقىملىق ئاۋازدا،« بۇياققا كىلىڭ، بۇيەردە بىر كىشىلىك بوش ئورون بار» دىگەن سۆزى قولوقىمغا ئاڭلانغان ئىدى، مەن كىمنى چاقىرىۋاتقاندۇ دىگەن خىيال بىلەن ئىختىيارسىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلدۇمدە ھەيران قالدىم، «توۋا! بۇ ھىلىقى مىنىڭ كەينىمدە قالغان قىزغۇ، ھەجەپ بۇيەردە ئولتۇردىغۇ» دىگەن خىيال كاللامدىن يالىتلا ئوتتى، ئۇنىڭغىچە ئۇ قىز ماڭا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قولىنى شەرەتلەپ ئۇلگۇرگەن ئىدى. مەن ئاندىن ئۇ قىزنىڭ مىنى چاقىرغانلىقىغا جەزىىم قىلدىمدە ئۇ قىزنىڭ يىنىدىكى بوش ئورون تەرەپكە ماڭدىم.8 X# ~& E, m: C; a- A4 y
& M" M, U: F! ]& A: d9 _1 uقىزنىڭ يىنىغا كىلىشىمگە تىنىقىمغا ئۇرۇلغان خوش بوي ئەتتىر پۇرىقىدىن تەنلىرىم يايراپ، يىگىتلىك ھىس- تويغۇلۇروم غىدىقلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مەن قىزنىڭ يىنىغا جايلىشىۋالغان دىن كىيىن گەپ باشلىدىم./ o& P& M6 f1 T- `; W, K
4 o& k' }) z" E3 I# s R1 i-رەھمەت سىزگە، مىنى دەپ ئورون ساقلاپ قويغىنىڭىزغا- دىدىم قىزغا چاخچاق ئارىلاش.
9 `3 X0 C l, ` Y( g: z! V* Z5 t, f+ t
- ۋىيەي! نىمە دەيدىغانسىز، ماشىنىغا چىقىپلا قانىتى بوغۇلغان غازدەكلا بوينىڭىزنى ئۇياق-بۇياققا سوزوپ ئورون ئىزلەۋاتىسىز، شۇڭا سىزگە رەھىمىم كىلىپ سىزنى چاقىرىۋالدىم، بۇ ئوروندا سىز ئولتامىسىڭىزمۇ باشقا بىرى كىلىپ ئولتۇردۇدە- دىدى چاخچاق ئارىلاش.
0 { X0 w$ L9 r+ [4 @! \- n- ^
* d. X# L" r# Y- m1 H ]- ھە! بايام مىنىڭ كەينىمدە قالغان ئىدىڭىز، ماشىنىغا مەندىن بۇرۇن چىقىپ بوپسىزغۇ؟ قانات چىقىرىپ ئۇچمىغانسىز؟- دىدىم مەن قىزغا.. ]9 o% _6 s: q/ T, L2 E
) U9 [* f3 r9 \1 M-ھە! مۇنداق دەڭ. بايام نەرسىسىنى يۇتۇرۇپ قويوپ ئىزلەپ ماڭغان ئادەمدەك ئالدىراش كىتىۋاتاتتىڭىز، نەگە ئالدىراپ ماڭغاندۇ دىسەم ئەسلى يولىمىز بىر ئىكەن ئەمەسمۇ، ئۇنى بىلگەن بولسام سىزنىمۇ قانىتىمنىڭ بىر يىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىرگە ئۇچۇپ كىلەركەنمەن- دىىدى قىزمۇ بوش كەلمەي." c' ]$ v1 V& g9 o# D c* @. ~
" i w' l2 y8 X6 J
گەپ-سوزلىرىمىز ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان يولوچىلارغا قىززىق بىلىندىمۇ، يولوچىلار قاقاقلاپ كۇلوشوپ كەتكەن ئىدى.
' l- p7 ]6 i: h- c8 j' q6 \3 K4 c, e
بىز شۇنداق كۇلكە-چاخچاقلار بىلەن بىردەمدىلا كونا تۇنۇشلاردەك ئۆز-ئارا قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق.7 w/ k" f' l! N1 V: A- ]6 [# g
4 g8 Y7 {4 c" J7 f
-شەھەرگە نىمە ئىش بىلەن كىتىۋاتىسىز؟ -دىدىم مەن قىزغا.9 ?% H: q2 j) L5 G
! f; x4 W1 j& i! M/ H: M6 ^* o-بىر دوستۇم بالىنىستا يىتىپ قالغىلى بىر نەچچە كۇن بولدى، پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم. شۇڭا بۇگۇن ئىدارىدىن يىرىم كۇنلۇك سوراپ، شۇ دوستۇمنى يوقلاپ كىلەي دەپ كىتىۋاتىمەن، سىزچۇ نىمىگە ماڭدىڭىز؟.- دىدى قىز.
@* D7 D4 x3 H/ p% E1 n; [1 d* F1 q8 }4 T
- ھە، بۇگۇن شەھەردە بىزنىڭ سىستىمىدىكىلەرگە يىغىن بار ئىكەندۇق، ئىدارە باشلىغى مىنىڭ قاتنىشىپ كىلىشىمنى ئىيىتقان ئىدى، شۇ يىغىنغا كىتىۋاتىمەن. – دىىدىم قىزغا.. c. D# G S7 t9 G
, m' u, ?1 v! x7 Q. \
- ھە! مۇنداق دەڭ، پۇتۇن بىر كۇن يىغىنغا قاتنىشامسىز؟ دىدى قىز،
: A, r8 x. {0 X: z8 j5 g0 F; V8 m
-شۇنداققۇ دەيمەن، ھەراس سىزنىڭ گەپ- سۆزلىرىڭىزدىن بۇيەرگە، يەرلىك ئەمەستەكلا قىلىسىزغۇ؟- دەپ سورىدىم قىزدىن.' w) b# d! l- g- E7 z
- G9 h6 W. e1 Z4 h& H7 j- شۇنداق، مەن شىماللىق. بۇياققا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن. ھەراس سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىزمۇ بۇيەرگە ياتلىغۇ؟ - دەپ سۆرىدى مەندىن.0 I. L3 ~4 {* d$ _9 F4 Y7 ~* a
5 r% S! U7 V& k) E/ @$ t% U
دەل شۇ ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ ۋاقتى توشتى بولغاي ماشىنا يىنىك چايقىلىپ ئورنىدىن قوزغالدى ، ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن بىزنىڭ سۆھبىتىمىزمۇ بىردەملىك ئۇزۇلوپ قالغان ئىدى.- ~. ~5 L6 o: P' J
5 h7 C. o( [6 X$ g V$ r, X/ l
ماشىنا شەھەر تەرەپكە ئۇچقاندەك كىتىۋاتماقتا، مەن يەر تىگىدىن يىنىمدىكى قىزغا كۆز يۇگۇرتۇشكە باشلىغان ئىدىم، بايام پاراڭ بىلەن بولوپ كىتىپ ئۇ قىزغا تۇزۇكمۇ كۆز يۇگۇرۇتەلمىگەن ئىدىم.5 s% T# R" N. k8 a7 T
/ Y" w% W. k& a- \$ U: B6 I
ئىنچىكە ئەگىمە قىشى، ئۇزۇن قايرىما كىرپىگى، چوڭ ئويناپ تۇردىغان بىرجۇپ شەھلا كۆزى، قىرلىق قىڭراقتەك قاڭشارلىق بۇرۇنى، جىنەستىدەك كىچىك قىزىل لەۋلىرى، ئۇقىزنىڭ ئاق سىرىق كەلگەن چىرايىغا شۇنداق ماسلاشقان، مۇرىسىگە يىيىلىپ تۇرغان ساررغۇچ دولقۇنسىمان چىچى، كۆتۇرلوپ تۇرغان كۆكسى، ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان كىيىملىرى قوشولوپ بۇ قىزنىڭ گۇزەل ھۆسۇن-جامالىغا ھۆسۇن قوشوپ باھاردا يىڭىدىن ئىچىلغان قىزىل گۇلدەك شۇنداق چىرايلىق كۆرۇنەتتى. كاللامدا « ھەي ! ئادەم بالىسىمۇ شۇنداق چىرايلق بولدىكىنە، توۋا! ھەجەپ بىر ناھىيىدە تۇرۇپ ، ئىلگىرى ھەجەپ قالغۇدەك كورمەپتىكەنمىنا» دىگەن خىيال ئەكىس ئىتىۋاتاتتى، قىز مىنىڭ ئۆزىگە يەر تىگىدىن قاراۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلغان بولسا كىرەك، مەن تەرەپكە بىشىنى بۇرىدى. مەن دەرھال ، ئۆزۇمنىڭ يۇشۇرۇنچە ئۇ قىزغا قاراۋاتقانلىقىمدىن خىجىل بولوپ كۆزومنى باشقا ياققا ئىلىپ قاچتىم.( c0 p9 `: E$ e; E$ _- R
3 F- U0 t, B4 ?سۆھبىتىمىز يەنە داۋاملاشتى.9 U. b4 t, g. Y0 k
+ @2 R" ~) b: Y; }
- ھە بايام مىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى سورىغاندەك قىلغان ئىدىڭىز، توغرا مەنمۇ بۇيۇرۇتقا مۇساپىر، مەن ئەسلى«ⅩⅩ» شەھرىدىن بولىمەن، مەنمۇ بۇياققا سىزگە ئوخشاش خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كىلىپ قالغان.- دىدىم قىزغا.( {$ x0 Q2 p( O' i" J& {. J
$ V7 s* Y8 f& Z% q) A
-ھە! مۇنداق دەڭ، ئەسلى ھەرئىككىلىمىز مۇساپىرداش ئىكەنمىزدە،.-دىدى قىز چاخچاق ئارىلاش.
. @2 d! R- n @4 R% K1 _+ z8 S' R& z7 f0 {" { W3 _
كىچىكىمدىنلا خۇشچاخچاق، ئوچوق مۇجەز ئىدىم، شۇڭلاشقىمىكىن باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسام گەپ ئارىسىغا بىر ئىككى ئىغىز يۇمۇرۇستىك پاراڭلارنى قىتىپ گەپ قىلاتتىم، باشقىلارمۇ مىنىڭ بۇ مۇجەزىمنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. كۆپونچە كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كىتەتتىم، قىزمۇ خۇش-چاخچاق مۇجەزلىك بولوپ، گەپ ئارلىقىدا يۇمۇرۇستىك ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلىتەتتى. بىز شۇ ئورتاقلىقتىن بولسا كىرەك بىردەمدىلا شۇنداق چىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق.
! A1 G% Y f$ H. T1 q T7 n3 u
3 f2 v- F) F5 T-ھەراس سىز بايام ئۆزىڭىزنى شىماللىق دىدىڭىز، شىمالدىگەن بىر چوڭ ئۇقۇم، سىز زادى شىمالنىڭ قايسى ئايمىقىدىن بولىسىز؟- دەپ سورىدىم قىزدىن.
) _5 v8 p$ H% c, ^9 P% e( {4 ]) R+ v# {
- «ⅩⅩ» شەھەرىدىن بولىمەن.- دىدى قىز.- A3 I8 ?' `, b6 j1 i7 ?
* D! ?2 Z$ D& h- ھە! مۇنداق دەڭە. ئەسلى گەپدانلىقىڭىز بىكارلىق ئەمەسكەندە.- دىدىم مەن.
% W0 A9 n& j. }' ~ S, \- u, I8 [2 a9 e
بىز شۇ تەرقىدە پاراڭلىشىپ، شەھەرگە بىردەمدىلا كىرىپ قالغان ئىدۇق. بىز ماشىنىدىن چۇشۇپ ئايرىلار ۋاقتىدا بىر-بىرىمىزگە تىلفۇن نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇپ، چۇشتە بىرگە تاماقلىنىشقا كىلىشپ خوشلاشتۇق.& Q' D$ u( q( V# S A7 k# r
0 I5 Y! i/ L3 x; }
يىغىنمۇ چۇشكە قالمايلا ئاياقلاشقان ئىدى، مەن يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ، يول بويىدىكى بىر كىچىك بوتكىدىن بىر قاپ تاماكا ئىلىپ تۇتاشتۇرۇپ شوراشقا باشلىدىم، مەن ئىلگىرى تاماكا چەكمەيدىغان بولوپ، خىزمەتكە چىققاندىن بىرى بەزى خىزمەتداشلار تاماكا تۇتۇپ زورلاپ تۇرۋالسا ئاندا مۇندا بىرەر تال ئىلىپ دوراپ چىكىپ قوياتتىم. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدىم، شۇ كۇنى نىمە سەۋەپتىنكىن ئۆزوممۇ ئۇقمايمەن تۇنجى قىتىم تاماكا سىتىۋىلىپ چىكىشىم ئىدى. بەلكىم بىرەر تال چىكىۋىلىپ ئۆزۇمنى توختىىتىۋىلىپ ئۇ قىزغا تىلفۇن بىرىشنى ئويلىغان بولسام كىرەك. مەن تاماكىنى قاتتىق ئىككى شورىدىميۇ قاتتىق يوتەل تۇتۇپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. «ھەي! چىكەلمىگەن نىمەڭگە نىمە قىلىسەن بۇ نەرسىنى چىكىپ، نىمىگە شۇنچە جىددىلىشەتتىڭ، شۇ بىر قىزغۇ» دەپ غودوڭشۇدۇمدە تاماكىنى يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ. قولومغا يانفۇنۇمنى ئىلىپ قىز دەپ بەرگەن نومۇرنى باستىم.........' L* S0 ^# `, Y9 r3 \8 J
1 [, n5 N; ~5 Oبىز كىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستسىدىكى چوڭ بىر تىز تاماقخانىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتۇق.
8 s+ g( {6 ` h
) E" i0 p% Z7 D) }# R7 ~# a-كىسەلمەن دوستىڭىزنى يوقلاپ بولدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم قىزدىن كۇلۇمسىرەپ تۇرپ.
1 Q: n* N; \' E* x' t9 j% t; _" o5 w$ T
-شۇنداق يوقلاپ بولدۇم. ئۆزىڭىزچۇ، يىغىنىڭىز تۇگىگەندۇ؟. دىدى قىز.$ ]8 V$ P, C: N3 }3 w4 C, N9 q
( i- |& ^: h2 q7 D: n$ w1 |9 N# T
- ھەئە، تۇگىدى، ئەسلى ئىدارىدىن بىر كۇنلۇك دىگەن ئىدى، مانا ئەمدىى چۇشتىن كىيىن بىكارلا قالىدىغان بولدۇم . سىز يىرىم كۇنلۇكلا سوراپتىكەنسىز ئەمەسمۇ، بولمىسا چۇشتىن كىيىن شەھەردە پۇخادىن چىققۇچە تازا بىر ئويناپ كىتەرئىكىنمىزھە.- دىدىم قىزغا.
( S& A# ?. B4 N; ]8 R( _
3 n: P+ w7 Z" ~$ N, C) z/ r% c) H-بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە يوق، مەن ئىدارىغا تىلفۇن بىرىپ ياغاندىن بىرنى توقۇساملا ئىش پۇتىدۇ.- دىدى قىز.
' j( L9 j" x& P2 }* S. m; A r7 r& N' J: k# p
-يۇرۇڭ ئەمىسە، بىز ئالدى بىلەن غىزالىنايلى، ئاندىن قالغان گەپنى دىيىشەيلى. – دىدىمدە قىزنى ئاشخانىگە باشلىدىم.3 B( O3 x) u% Y6 R
! l$ G- T8 @9 D, z; c, G3 D
ئاشخانا ئىچى لىققىدە ئادەم بىىلەن توشقان بولوپ، بوش ئورون دىگۇدەك قالمىغان ئىدى، بىز ئاشخانىگە كىرىپ قاياققا مىڭىشىمىزنى بىلەلمەي بىرپەس تۇرۇپ قالدۇق، ئۇنىڭغىە بىر مۇلازىم بىزنى بىر بوش ئورونغا باشلىدى. ئاشخانا ئىچى ئۆزگىچە بىزەلگەن بولوپ، ئاشخانىنڭ ئوتتۇرىغا ئورونلاشتۇرغان دەرەخنىڭ مۇدىلى، ئاشخانا تۇرسۇىنى پۇتۇن بىر ئالغان دەرەخ يۇپۇرماقلىرى، بىلىق ۋاننىسىدىكى ھەرخىل بىلىقلارنىڭ ئۆزۇشلىرى، ۋاننىدىكى سۇلارنىڭ شاقىراشلرى، لەرزان چىقىۋاتقان مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى قوشولوپ ئادەمگە خۇددى رىۋايەتلەردىكى چاھار باغلارغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.8 @: n9 u" I! M# s: T9 j3 u+ E
7 R0 G" c- e! z0 [* b2 X: N& nبىز تامىقىمىزنى يەپ بولوپ سىرىتقا چىقتۇق., O; U. z8 x, a' i) ^( B
" G; z) E' E' t' ~8 s$ r8 V
-قانداق نىمىلەرگە رايىڭىز بار؟ دەپ سورىدىم قىزدىن.
* v0 ~4 k3 P- G. M( `" _" V$ L! n' i6 k! h
- ھازىر سەل بالدۇر ئىكەن خالىسىڭىز بىرەر قەھۋاخانىگە كىرىپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ قەھۋە ئىچەيلى، سەل ۋاقىت ئوتسۇن ئاندىن بىرەر دىسكو خانىگە بىرىپ كۆڭول ئىچىپ كەلمەمدۇق.- دىدى قىز.3 T) S m/ i/ X1 ]5 n) b
8 `; l, |% d; t9 G7 ~4 w( ]) `
- ھە، بولىدۇ يۇرۇڭ ئەمسە مەن يىقىنلا يەردە بىر قەھۋاخانىنى بىلىمەن، قەھۋەنىمۇ يامان ئەمەس قاينىتىدۇ.- دىدىمدە قىزنى باشلاپ قەھۋە خانا تەرەپكە يۇرۇپ كەتتۇق.( V2 D" d5 H& v
# `! a0 U( r- ~( E- f6 e* {, rقەۋۋە خانىدىن چىققاندا كۇن ئولتۇرايدىگەن ئىدى. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەربويىچە ئەڭ ئاۋات دىسكو خانىغا كەلگەن ئىدۇق.4 {: O- }' t. e5 c
, e6 ~& g2 K9 vكۇن بالدۇر بولغىنىغا قارىماي دىسكوخانانىدا ئادەم بەكلا كوپ ئىدى، كوڭول ئىچىش تىخى باشلانمىغان بولوپ، كارا ئوكىدىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتاتتى، بىز يان تەرەپتىكى ئىككى كىشىلىك ئۇستەلگە كىلىپ جايلاشتۇق، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، كۇتكۇچى بىزگە نىمە كىرەكلىگىنى سوراپ كەلگەن ئىدى. مەن قىزىدىنمۇ سورىماستىنلا.5 t1 L: O/ [5 ^5 I+ L7 I
% }1 `$ _, `" X' o* t- بەش پوتۇلكا پىۋا، بۇياققا مىۋە شەربىتى ئەكىلىڭ، ھەراس ئۇششاق يىمەكلىكلەردىنمۇ قوشىۋىتىڭ ھە.- دىدىم كۇتكۇچىگە.-كۇتكۇچى گىپىمنى ئاڭلاپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ مىڭىشىغا.
/ V s; m6 h, t5 ~2 r/ G7 d; h1 q) R# _( F2 e4 C
-ھەي، توختاڭ. ماڭا ياخشىراق قىزىل ھاراق بولسا ئەكىلڭە، مىۋە شەربىتى دىگەن كىچىك بالىلار ئىچىدىغان نەرسە ئۇ.- دىدى قىز كۇتكۇچىگە.% J% Y' y' c+ w5 i
! B! U5 m3 ?, s. _) C- U
مەن قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. ئادەتتە ھەممىمىزگە ئايان بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئوروپ ئادىتىدە قىزلارنىڭ مۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئەيىپ كۆرىىمىز بەلكىم مەن شۇ سەۋەپلىك، ئۇ قىزنىڭ گىپى ئىدىديىمدىن ئۆتمىگەن بولسا كىرەك سەل تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم. مەن دەرھال ئەسلىمگە كەلدىمدە.
* C# _7 I& Y7 @; \1 c$ Q. [% }) h* M- a4 w8 ]
- بولىدۇ بۇياقنىڭ دىگىنى بويىچە كەلتۇرۇڭ.- دىدىم كۇتكۇچىگە.6 l3 x3 l/ j/ z& ]; _
: X& I; P' x0 V
-قارىسام خىلى ئۇقۇمۇشلۇقتەك كۆرۇنىسىز، شۇڭا سىزنى بۇ ئىشلاردا يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن.-دىدم قىزغا.2 h4 ^: T; R* ~% x$ E! j
! H U' N, u' n, l0 `2 p/ q- w7 L) \; N
- ھە! بۇ ئىشما، نىمە بوپتۇ، بۇ دىگەن ئادەتتىكى ئىشقۇ، شۇ ئىچملىكقۇ، سىز چوڭ يۇرۇتلاردا بىلىم ئالغان ئادەم بولغاندىن كىيىن بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز، ھازىر بۇ ئىشلارنى ئۇياقلاردا ئىغىر ئالمايدۇ، شۇ بۇياقلاردا باشقىچە قاراشتا ئىكەنغۇ تاڭ. دىدى قىز.
. G! ^, v& ]# \" ?9 W! P4 x0 E/ {# {, K
قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى قوبول قىلالمىغان بولساممۇ لىكىن يەنىلا« ھەي ئۇياق بىزنىڭ بۇياقلارغا ئوخشىمايدۇدە، نىمىكەم بولسا ئىددىيىسى ئازات يەردە چوڭ بولغان قىز، بولدىلا ئۇنچە ئىغىر ئىلىپ كەتمە » دەپ ئويلودوم ھايال ئۆتمەيلا مۇلازىم بىزنىڭ دىگىنىمىز بويىچە بويرۇتمىلارنى ئەكىلىپ ئۇستەل ئۇستىگە قويدى.
& g: Q3 j' W8 P+ ~* A
; l7 Z# ]5 ~( ]; }مەن پوتۇلكىلارنىڭ ئىغىزىنى ئىچىپ ئۆزۇمگە پىۋا، قىزغا بولسا قىزىل ھاراق قۇيدۇم، ئىككىمىز ئوزئارا سۇقۇشتۇرۇپ بىر نەچچە رومكا كۆتۇرۋەتتۇق. ئارقىمۇ-ئارقا ئچىلگەن ئىچىملىك بىر ئاز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغىچە دىسكوخانا سەھنىسىگە، ئىلانچى چىقىپ پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىلان قىلىپ ناخشىچىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چۇشۇپ كەتتى، ئارقىدىنلا ناخشىچى پائالىيەتنىڭ تۇنجى ناخشىسىنى ئىلان قىلىپ كوپچىلىكنى بىر مەيدان مىلىيچە ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مەن ئورنۇمدۇن تۇرۇپ قىزنى ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلدىم. بىز ئۇسۇلغا چۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق، قىز ئۇسۇلنى خۇددى كەسپى ئەرتىستەكلا شۇنداق چىرايلىق ئوينايىتتى. بىر شۇنداق قىلىپ گاھ ئۇسۇل گاھ، تانسا، گاھ دىسكو دىگەنلەرنى ئويناپ چارچىساق ئارام ئالغاچ ئىچىملىك ئىچىپ تۆت-بەش سائەت ۋاقىتنى دىسكو خانىدا ئۆتكۇزدۇق.) |5 r: ^- ] c. X
' I/ [5 a6 A, ?5 f) n% Y6 i; z& m
بىز دىسكوخانىدىن چىققاندا ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى، قىز مەندىن بەكرەك تەڭشىلىپ قالغان بولوپ يولنىمۇ ئاران مىڭىۋاتاتتى. مەن قىزنىڭ يىقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، قىزنى قولتىقلىۋالغان ئىدىم قىزنىڭ بەدىنىدىن تارقالغان خوش بوي پۇراقنىڭ تىنىقلىرىمغا ئۇرۇلىشى ھەمدە بايامقى پىۋىنىڭ تەسىرىدىن پۇتۇن ۋۇجۇدۇم قىززىپ ئوت ئالغاندەك بولوپ، يىگىتلىك ھىس تۇيغۇلۇرۇم مىنى باشقىچە تۇيغۇغا ئۇندەۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۇمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ كىتىۋاتاتتىم. مەن تاكسى توسوپ بىزنى ناھىيىگە ئاپىرپ قويۇشنى كىلىشىپ قىزنى يولىگىنىمچە ماشىنىغا چىقتىم.
: f7 O. R' ]) H( t
; t6 u/ `; f( l7 qبىز ناھىيە كەلگەندە قىز مۇرەمگە بىشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن بولوپ، شۇنچە ئۇيغاتقان بولساممۇ ئۇيغۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن قىزنىڭ ياتىغىنى بىلمىگەچكە ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇشۇمنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم. بىرەر مىھمانخانگە ئورونلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، قىزنى بۇھالدا مىھمانخانىگە ئىلىپ بارسام كىچىككىنە بۇ ناھىيىدە تونوش-بىلىشلەرنىڭ بىرەرى كۆروپ قىلىپ باشقىچە چۇشۇنوپ قىلىشتىن ئەنسىرەيىتتىم. ياتىقىمغا ئەكىتىشنى ئويلىىدىميۇ بىراق ياتىقىمدىكى شۇ بىر كارۋات بىركىشىلىك ئورون-كۆرپە ئىسىمگە كىلىپ بۇنىيىتىمدىنمۇ يانغان ئىدىم. ئۇنىڭغىچە تاكسى شوپۇرى# S, q+ [$ N! I$ _* y
2 O# D" `+ q* s0 p8 Z+ s9 ]; g- ھەي ئۇكام كىلىدىغان يەرگىمۇ كىلىپ بولدۇق، مەن يەنە قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ. بۇكىچە مەنمۇ ئارام ئالمىسام بولمايدۇدە، قانداق قىلىمىز نەگە ئاپىرىپ قويىمەن.- دەپ مىنى ئالدىرىتىۋاتاتتى. مەن ئاخىرى نائىلاج قىزنى ياتىقىمغا ئىلىپ كىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.. I9 Q" |) b* J6 c. d$ C' v3 s
4 t/ g' Z' Q4 W, A* H7 sمەن قىزنى كۆتۇرۇپ ياتاققا ئىلىپ كىردىم، قىزنى بىر كىشىلىك كىروسلودا ئولتۇرغۇزۇپ، كارۋاتقا ئورون راسلىدىم قىزنىڭ ئايىقىنى ۋە ئۇستىدىكى كۇزلۇك چاپىنى تەسلىكتە سالدۇرۇپ، قىزنى كۆتۇرۇپ كارۋاتقا ئىلىپ ياتقۇزدۇم، دەل شۇۋاقىتتا قىز بۇينۇدىن گىرە سىلىپ ئۆزىگە تارىتىۋاتاتتى، مىنىڭ بايامقى غەيرى ھسىز تۇيغۇلۇرۇم قايتىدىن قوزغۇلوپ كەتكەن ئىدى، مەن شۇنداقتىمۇ ئۆزۇمنى زورغا بىسىپ، قىزنىڭ قولىرىنى ئاستا بوينۇمدىن ئاجرىتىپ ئۇستىگە يوتقاننى يىپىپ قويدۇمدە ئۆزۇم كىيىم ئىشكاۋىمدىن قىشلىق چاپىنىمنى ئىلىپ يىپىنچاقلىغىنىمچە ئۆزۇمنى كىرىسلوغا تاشلىدىم. كۇز پەسلى بولغاچقا كىچە ھاۋا باشقىچە سوغوق بولوپ، بىر دەم كىرىسلودا ئولتاغان بولساممۇ بەكلا توڭلاپ كەتكەنلىكتىن پەقەت ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى. ئاخىرى سۇغۇققا چىدىماي ئورنۇمدىن تۇردۇمدە قىزنى بىر ياققا سۇرۇپ ئۇنىڭ يىنىغا كىرىپ ياتتىم. سوغۇق ئازاۋىدىن قۇتۇلغان بولساممۇ لىكىن قىزنىڭ يۇمشاق بەدەنلىرى بەدىنىمگە تىگىشى ھەمدە ئۇنىڭ تىنىدىن تارقالغان خۇش بوي پۇراقنىڭ تىنىقلىرىمغا ئۇرۇلىشى قوشولوپ مىنىڭ يىگىلىك ھىس-تۇيغۇلىرىمنى باشقىچىلا جانلاندۇرۋەتكەن ئىدى. كاللامدا ئەركەكلىك ھىس-تۇيغۇلىرىم بىلەن ۋىجدان غۇرۇر، تۇيغۇم ئۆز ئارا دەتالاش قىلىۋاتاتتى. مەن ئاخىرى ئەرلىك ھىسىياتىمغا ھاي بەرگەن ئىدىم. قىزنىڭ يىنىدا يىتىپ قانچىلىك ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق، تۇيقسىز قىز مەن تەرپكە ئۆرولوپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ بۇيۇنلىرىمغا ھەدەپ سويۇشكە باشلىدى، شۇ ۋاقىتىتا مىنىڭ ئەرلىك ھىس-تۇيغۇلۇرۇم ۋىجدانىم ئۇستىدىن غالىپ كەلگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇ قىزنى چىڭ باغرىمغا بىسىپ تەلۋىلەرچە سويۇشكە باشلىغان ئىدىم. ئاھ ئىككى تەن بىر جان بىر تەنگە ئايلانغان ئىدۇق. قىزنىڭ ھىسىياتىمۇ شۇنچە كۇچلۇك بولوپ ئۇستۇمدىكى چاپان كوينەكلىرىمنىڭ تۇگمىلىرنى يەشكىنى يىشىپ يىشەلىمىگىنى ئويۇپ دىگەندەك كوكرەكلىرىمنى پۇتۇن ئىچىپ تەلۋىلەرچە سويۇشكە باشلىغان ئىدى. مەنمۇ قولومنى قىزنىڭ كۆكرىكىگە ئاندىن ئاستىنقى بەدەن تەرپىگە سۆزدۇم. پۇتۇن ۋۇجۇدۇم ئۇت كاۋاپ بولماقتا، ئاھ ھايات شۇنداق شىرىن .............) [+ O3 O2 F" S+ R; M
{% x8 _8 h/ p$ T& y4 D& z
ئىش تۇگىگەندىن كىيىن كۆڭلومنى بىر خىل غەشلىك قاپلاپ كەتكەن ئىدى. چۇنكى قىزنىڭ ئاللا بۇرۇنلا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. مەن خىيال سۇرگۇنۇمچە قاچانلاردا كۆزوم ئۇيقۇغا كەتكىنى ئىسىمدە يوق." g: E: `" `! f# y2 o# O2 y2 x$ c
% y0 Z! B( ]+ M5 iئۇستەل سائىتىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى مىنى شىرىن ئۇيقۇمدىن ئۇيغۇتىۋەتكەن ئىدى. مەن كۆزۇمنى ئىچىپلا يىنىمغا قارىدىم يىنىمدا قىز يوق ئىدى. مەن دەرھال كۆزۇمنى ياتىغىمنىڭ باشقا ياقلىرىغا تىكتىم، قىز كىرىسلودا ئولتۇراتتى. مەن خىجىل چىلقتا قىزغىمۇ قارىيالماستىن قاياقلارغىدۇر تاشلىنىپ قالغان ئىچ كىيىملىرىمنى تىپىپ كەيدىمدە ئورنىمدىن تۇردۇم.
8 c8 l+ @! M8 H+ p
{+ ^* D% F1 l5 ?$ B8 Z5 T-ھە، سىز مىنىڭ تەڭشىلىپ قالغانلىقىمدىن پايدىلىنىپ ياتىغىڭىزغا ئىلىپ كىلپ مىنىڭ پۇتۇن ھاياتىمنى ناپۇت قىلىپسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋايى ھەۋىسى ئۇچۇن مىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلىپسىز، مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن.- دىدى قىز ماڭا ياشلرىنى توكوپ تۇرۇپ .
+ W6 u: `/ d4 y4 n9 Z% I
2 ]( J L% g( i. Cتوۋا، ما قىز باشقىچە گەپ قىلىۋاتىدىغۇ، ئەسلى تۇنۇگۇن كەچ قىز ئۆزى تەشەببۇسكار بولغان ئەمەسمىدى، ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلىپسىز دەۋاتىدىغۇ. ئەجەبا بۇقىز................. مە ن شۇ خىياللارنى ئويلىغان بولساممۇ، يەنىلا ئۆزۇمنى توختىتىۋىلىپ، قىزغا چىرايلىق چۇشەندۇرۇشكە باشلىدىم.0 j8 F4 S8 j( D3 @) e+ g2 P* j
* P" U: v" [9 \- تۇنۇگۇن ناھىيىگە كەلگەندە سىز قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەنسىز، سىزنى شۇنچە ئۇيغاتقان بولساممۇ پەقەتلا ئويغانمىدىڭىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن سىزنىڭ قەيەردە تۇردىغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇقمايدىكەنمەن، بىرەر مىھمانخانىگە ئورونلاشتۇرۇپ قويۇشنىمۇ ئويلىدىم، بىراق سىزنىڭ ياكى مىنىڭ بىرەر تۇنۇشلۇرۇم كۆروپ قىلىپ ئىككىمىزنى خاتا چۇشۇنۇپ قالمىسۇن دەپ، ئاخىىر ئامال يوق ياتىغىمغا ئەكەلدىم. مەندە باشقىچە نىيەت يوق ئىدى، شۇ ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن.........
7 z a9 y* i" ?5 N: o* c, A2 o- ~9 c6 t3 G4 V* g4 }
- ھەي نىمە دەيسەن، كىم ساڭا تەشەببۇسكار بوپتۇ. جۇيلىمە، مەن بىرپاك قىزمەن.- ئۇ تۇرۇپلا باشقىچە ئادەمگە ئايلانغان ئىدى. تۇنۇگۇنكى ساددا، خۇش-خۇي مۇجەزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، ئاخشام بولغان ئىشلانىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىپ ھەممىنى مىنىڭ بوينۇمغا يۇكلە ۋاتاتتى.9 a; m( E& v+ T. n# m+ k. d
. Q& U% h6 m2 W, J- قاراڭ تۇنۇگۇن كەچ سىز ئۆزىڭىز تەشەببۇسكار بولدىڭىز ئۇ ۋاقىتتا سىزمۇ خىلى ئەسلىڭىزگە كىلىپ بولغان، ئۇنداق ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئادەمگە ئىتتەمەڭ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئىش سىزنىڭ تۇنجى قىتىلىقى ئەمەس ئىكەنغۇ...............
6 R; A, s8 D) u3 g3 o
8 a" Y; l4 K% y1 z+ b: W- نىمە دەيسەن، سەن مىنى نىمە كۆروپ قالدىڭ. مەن بىر پاك قىز ئىدىم، سەن مىنىڭ ھەممە نەرسەمدىن ئايرىدىڭ. قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلدىڭ، يەنە ماڭا ئۇنداق مۇنداق گەپ قىلىۋاتىسەن. سەن ماڭا ئىگە بولوشۇڭ كىرەك. بولمىسا ئۇستۇڭدىن ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغىنىڭ ئۇچۇن ئەرىز قىلىمەن.- دىدى قىز.( |) y& m! c! F4 p6 w
8 _2 I) ^! `1 q" J2 g) C6 S-ھەي بۇ جاھان نىمە بوپ كەتتى، كۆرگىنڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنڭ دىگەندەك ئەمدى نىمە بالاغا قالدىم ھەي، بوپتۇ-بوپتۇ، مەن سىزەگە ئىگە بولسامغۇ بولدىغاندۇ.- دىدىم قىزغا.
) ~6 z5 ?2 r+ Y+ }
% F+ c# M! ~, t/ H( e9 |* O- نىمە دەيسەن، مىنىڭ بۇياقتا توي قىلغۇم يوق، مىنى خوتۇنلۇققا ئىلىۋالساملا ھەممە ئىش تۇگەيدۇ دەپ ئويلامسەن. بولدى قالغان گەپنى دىيىشمەيلى، بىرلا ئىغىز گەپ مىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىم ئۇچۇن بەش تۇمەن سۇم تولەم بىرىسەن. بۇنىڭغا كونمىسەڭ ئۇستۇڭدىن ئەرىز قىلىمەن سولاقتا ياتىسەن.- دىد قىز.
( {4 P7 U) V" c# e, l+ h2 @1 F8 w& I- b/ D! {1 \
ھازىر بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئوڭوم ياكى چۇشۇم ئىكەنلىگىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم. بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىغىزىدىن چىقىۋاتقانلىقغا ئىشەنگۇم كەلمەيىتتى. مەن نائىلاج قىزنىڭ تەلىۋىگە كونگەن ئىدىم. ھەمدە قىزغا پۇلنى تەييار قىلىپ بولغۇچە تەخىر قىلىشنى ئىيىتىم. قىز ماڭا ئۇنبەش كۇنلۇك موھلەت بىرىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتقىچە پۇلنى تەييار قىلىپ بولالمىسام مىنى ئەرىز قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە، ئۆزىنىڭ ئىككىمىزنىڭ ياتقان ھالىتىنى يانغۇنىغا سۇرەتكە ئىلىۋالغانلىقىنى شۇڭا تىنىۋىلىشىمنىڭ بىر خام-خىيال ئىكەنلىگىمنى ئىيتىپ ئۆزىنى بىر قۇر تۇزەشتۇرۇپ ياتىقىمدىن چىقىپ كەتتى.
* t7 [1 w& ^! s @8 ~ J& X- S( y
$ H2 I9 Y4 o) W! v4 w0 jمەن ئۇ قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن زادى نىمە قىلىپ قويغانلىقىمنى، قانداق يولغا كىرىپ قالغانلىقىمنى جۇشۇنۇپ يەتكەن بولساممۇ بىراق بەكلا كىچىككەن ئىدىم. ھەمدە ھەي بوپتۇ، ئوغول بالىنىڭ بىشىغا نىمە كۇن كەلمەيدۇ، بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ، بولدىلا جىق ئويلىما دەپ ئۆز-ئۆزۇمگە تەسەللى بەردىمدە، ئامالسىز پۇلنىڭ غىمىنى قىلىشقا كىرشىپ كەتتىم.
5 l- }% P R! W% G4 O8 D) O E4 w7 c! W/ _1 U
مەن خىزمەتكە چىققىلى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئائىلەمدىن ئايرىلىپ بۇ ياقا-يۇرۇتتا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، ئازغىنە ئىشھەققىم بىلەن جىق پۇلمۇ جۇغلىيامىغان ئىدىم، مەن ئۇتتۇز ئىككى مىڭ يۇەن پۇلنىڭ غىمىنى قىلسام ئامانەت پۇل چىكىمدىكى ئون سەككىز مىڭ يۇننى قوشقاندا ئۇ قىزنىڭ دىگەن پۇلىنى غەملىيەلەيىتتىم. بىراق بۇنچە كۆپ پۇلنى قىز دىگەن موھلەتتە تەقلەپ بولوش مەن ئۇچۇن ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئاتا-ئانامدىن سورىسامغۇ گەپ يوق ئىككى كۇنگە قالمايلا تولوقلاپ بولاتتىم لىكىن شۇلارغا دەيدىغانغا بىرەر سەۋەپ بولىشى كىرەكتە. مەن ئاخىرى نا ئىلاج، يىقىن-يۇرۇقلىرىمدىن سوراپ تۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم., K( i! U; }& Q6 I& ~7 H
0 ?, h1 U% F, xئالى مەكتەپتە بىر تۇققاندەك يىقىن ئۆتىدىغان ئۇچ دوستۇم بار ئىدى شۇلاردىن سوراپ بىقىش مەخسىتىدە ئۇلارغا تىلفۇن قىلدىم. يۇرۇتتىكى بىر دوستۇم يىقىندا توي قىلغان بولوپ، يىققان پۇللىرىنىڭ ھەممىسنى تويىغا ئىشلىتىۋەتكەنلىگىنى ئىيتىپ، تويدى كىيىن يىققان يەتتە مىڭ يۇەن پۇلىنى كارىمغا سەپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى، خوشنا ناھىيىدە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇممۇ يىغىپ ساقلىغان ئۇنبەشمىڭ يۇەن پۇلىنى بىرىپ تۇردىغان بولغان ئىدى، ئەمدە گەپ يەنە ئۇنبەشمىڭ يۇەننىڭ غىمىدە قالغان ئىدى. مەن ئاخىرى «ⅩⅩ»شەھىرىدىكى دوستۇمغا تىلفۇن قىلدىم، ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ تۇرالايدىغان تۇرالمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا پۇلنى قەيەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى سوراپ تۇرۋالغان ئىدى، مەن ئاخىرى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ دوستۇمغا دەپ بەردىم.
: Z3 Y, x1 q1 f" x" d- j. E
) }2 k' |1 m: j1 ^- ھە مۇنداق دىگىن، بىردەملىك ھىسياتنىڭ قۇلى بوپسەندە، بوپتۇ ئوغول بالىنىڭ بىشىغا نىمە كۇن كەلمەيدۇ دەيسەن، سەنمۇ قاراپ تۇرۇپ بىر قويمىچىغا ئۇچراپ قاپسەن ئەمەسمۇ. بوپتۇ بۇمۇ ساڭا بىر ئاچچىق ساۋاق بولغۇسى، ھەراس ھىلىقى قىزنىڭ ئىسمى نىمە ئىكەن، «ⅩⅩ» شەھىرىنىڭ قايسى يىرىدىن ئىكەن ئىنىق بىلەمسەن. دەپ سورىدى.) ~+ D% O9 g1 f7 ~9 ?: R. I3 n% p8 t
- \( E) Y& l! B+ A$ F' Eمەن ئۇ قىز بىلەن بىر كۇن بىرگەبولغان بولساممۇ لىكىن، ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىمىغان ئىدىم. ھەمدە ئۇنىڭ شۇ ئىلى دىيارىدىن بولىمەن دىگەن گىپىدىن باشقا كونكىرتنى ئورنىنىمۇ ئۇقمايىتتىم. ھەن دوستۇمغا، ئۇ تۇغرىسىدا تەپسىلى ئۇقمايدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم., p! D6 D5 ?. Y5 C3 C. w8 j
; p' L0 A" y' M' J- ياق ئاداش، ئىسمىنىمۇ سورىماپتىمەن، يەنە كىلىپ كونكىرىتنى ئورنىنىمۇ ئۇقمايمەن. دىدىم مەن.$ K1 n$ G6 I- e1 M0 O
) Z. [, K% k/ a2 I8 C( X
- ھەي ئادەممۇ سەندەك بوشاڭ بولامدۇ، بولدى سەن دەرھال ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ھەم، كونكىرىتنى ئادىرىسىنى ئۇقۇپ ماڭا تىلفۇن قىل، مەن سۇرۇشتۇرۇپ باقاي.- دىدى ئۇ .
" G# n. Z) w" i1 h3 p2 G8 P" b! O; }. P9 B" c3 z, w
مەن ئۇنىڭ- بۇنىڭدىن سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ ئىسىم زاتىنى ھەم قەيەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپ دوستۇمغا تىلفۇندا ئىيىتىپ بەردىم. ئىككى كۇندىن كىيىن دوستۇمدىن تىلفۇن كەلگەن ئىدى.6 y5 |9 e7 ?1 T) v+ x: u1 }8 [
5 T' {4 X$ ~6 ?& v: s# R6 b- ھە قارا مەن ئىنىقلىدىم، ئۇ ئەسلى بىر نامى يامان قىز ئىكەن. قانداق بولدى ئامىتى كىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتوپ ھازىر قى ئورنىغا ئىشقا چۇشكەن ئىكەن. ئىلگىرى بۇ يەردىمۇ بىر- ئىككى ئادەمنى شۇنداق قىلتاققا دەسسىتىپتىكەن. ھىلىقى قىلتاققا دەسسىگەننىڭ بىرى مىنىڭ يىقىن ئاغىنەمنىڭ دوستى ئىكەن ئۇ سىنڭ ئىشىڭنى ئاڭلاپ مەن بىلەن قىشڭغا بىرگە باردىغان بولدى، ئۇ ئالدامچىنىڭ تاماشىسىنى ئەمدى بىر كۆروپ باقايلى يەنە نىمە دەيدىكىن. دىدى ماڭا.9 R( Y/ a2 f; O6 k# @2 _ N
4 [6 D# I1 A; ~& `
ھىلىقى ئاغىنەمدىن تىلفۇن كىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن، قىز ماڭا تىلفۇن قىلىپ پۇلنىڭ تەييار بولغان بولمىغانلىقىنى ئەگەردە تەييار بولمىغان بولسا ئىسپاتنى ئىلىپ سوتقا باردىغانلىقىنى ئىيىتىپ تىلفۇن قىلغان ئىدى. مەن دەرھال ئۇ قىزغا كۆرۇشۇش تەكلىىۋىنى بىرىپ كۆروشكەندە سوزلىشىكە كىلىشتىمدە، كۆروشوش ئورنىنى بىكىتىپ، دىيىشكەن ۋاقىت بويىچە كۆرورش ئورنىغا باردىم. قىز يەنىلا شۇنداق پۇزۇر چىرايلىق كىينىۋالغان بولوپ شۇنداق چىرايلىق كۆرونەتتى. چىىچىۋالغان ئەتىرى ھەرقاندق ئەركەكلەرنىڭ ھەۋەسىنى قوزغايىتتى. مەن قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا چاقىرغان ئىدىم، قىز مىنىڭ ئۆز ئىسمىنى بىلىۋالغانلىغىمدىن سەل ھۇدۇققان بولسىمۇ، لىكىن ئۆزىنى ئىتتىكلا ئوڭشىۋالغان ئىدى. مەن يەنە ئۇنىڭ يۇرتىدا بولوپ ئۆتكەن ئىشلىرىنى ھەمدە دوستۇم دەپ بەرگەن ھىلىقى بالىنىڭ گىپىنى چىقىرىشىم بىلەن قىزنىڭ ئوڭ-سولى ئۇچۇپلا كەتتى. ئۇ دەرھال كۆزلىرىگە يالغاندىن ياش ئىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشنى مۇشۇ يەردە بولدى قىلىۋىتىشىمنى ھەمدە ئارىمىزدا بولوپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۆزمنىڭلا بىلىپ قىلىشىمنى، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتسە، بۇ يەردە يۇزىنى كۆتۇرۇپ يۇرەلمەيدىغانلىقىنى ئىيىتىپ ئۆتۇنۇپ تۇر ۋالغان ئىدى. «ھەي! بوپتۇ، سەن بىر ئۇغۇل بالىغۇ، نىمە قىلىسەن بۇنىڭ بىلەن تەڭ بولوپ، بولدى بىر قىتىم بۇرنىغا يىگەندىن كىيىن ئەمدى، باشقىلارغىمۇ ئۇنداقمۇ قىلىپ يۇرمەس». دەپ ئويلۇدۇمدە، ئۇ قىزغا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلىپ يولغا سالدىم.
8 u" |* C2 E# F% m& B G! }& a) q5 g ?6 B1 o3 Q9 C
قىز مەن بىلەن خوشلاشتىدە كەينىگە ئۆرولوپ ئۆز يولىغا راۋان بولغان ئىدى، مەن ئۇ قىزنىڭ قارىسى يۇتكۇچە كەينىدىن قاراپتۇراتتىم. قىز كىتىۋاتىۋاتاتتى، كەينىدىنمۇ شۇنداق گۇزەل، بىغۇبار پاك كۆرونەتتى.$ S9 h6 o( n& z
مەنبەسى: تۇتاش تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|