3d
1- ئىسلام دىنى: 1.3 مىليارد ئېتىقادچىسى بولۇپ. ئىسلام دىنى دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان 2- دىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كېلىشى بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمىنىڭ سۈرىلىرىنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام نامىدىكى پەرىشتىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ دىندا چوڭ ئىككى مەزھەپ بولۇپ سۈنئىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدۇر. سۈنئىيلەر 85 پىرسەنتنى، شىئەلەر 15 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن./ `1 q D% {! G1 v; H" ^& j
3 X0 M+ ~+ Y. w; A0 }7 P& v
2- خرىستىئان دىنى: 2.1 مىليارد ئېتىقادچىسى بولۇپ. خرىستىئانلار دۇنيا ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان بولۇپ، بولۇپمۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ دىندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى، تەڭرىنىڭ ئوغلى ۋە ئۈچ تەڭرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. خرىستىئان دىنىدا مەزھەپلەر چېركاۋلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن. خرىستىئان دىننىڭ مەزھەپلىرى كۆپ بولۇپ، چوڭراقلىرى كاتولىك چېركاۋى، 1.2 مىليارد مۇرىتىغا ئىگە. پىروتىستان مەزھىپى، 360 مىليون مۇرىتىغا ئىگە. ئورتودوكس مەزھىپى، 170 مىليون مۇرىتىغا ئىگە ئىكەن.6 o3 f' Q, O- [+ d
% z) U# y% E; n2 g' {0 }
3- ھىندى دىنى: 1 مىليارد ئېتىقادچىسى بولۇپ. ھىندىستاندا كەڭ تارقالغان. ئەڭ قەدىمى دىنلاردىن ئىكەن. كىم تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ دىننىڭ قارىشىدا، ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن، پالاكەت، يامانلىقلارنىڭ ئىلاھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدىكەن. ئىلاھ ھەرگىز پالاكەت ۋە يامانلىققا سەۋەب بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن. ھىندى دىنىنىڭ، بۇددا دىنىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، پەيغەمبەر ئېتىقادى بار بولۇپ. ئەمما بۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن ئىسلام دىنىدىكى پەيغەمبەرلەر ئوخشىمايدىكەن. ئىسلام دىنىغا پەيغەمبەر ئىلاھ تەرىپىدىن تاللىنىدۇ. ئەمما ھىندى دىنىدا بولسا بۇ كىشىلەر بىر نەچچە قېتىم ئۆلۈپ قايتا دۇنياغا كېلىپ روھى پاكلانغاندىن كېيىن ئاندىن ۋەھىي يولى بىلەن ئىلاھ بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ دەپ قارايدىكەن. دىنى بايراملىرى بار ئىكەن.' j" n, ~* {6 I" t6 E
J& R' C+ _5 W* s1 G# W3 \8 ^& h) M; f
4- بۇددا دىنى: 708 مىليون ئېتىقادچىسى بولۇپ. ھاياتتىكى قىيىنچىلىق، ھەسرەت، قىيىنچىلىق، قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر دىن. كىشىلەر بۇ دىنغا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى بەرگەن، بەزىلەر بۇ دىن دېسە، بەزىلەر بۇ پەلسەپە دېگەن. بۇ دىندىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر تەندە، باشقا بىر جانلىقنىڭ تېنىدە دۇنياغا قايتا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇددا دىنىدا، ئالىم بولغان ۋايىغا يەتكەن كىشىنى بۇددا دەپ ئاتايدىكەن. بۇ دىندا ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئالتە ئالەم دەپ ئاتالغان ئوخشىمىغان فورمىلا ئارىسىدا قايتا قايتا مەيدانغا كۈلىدۇ دەپ قارايدىكەن.
0 N! a" g% {; H3 U3 w7 i
( u% G: b5 }7 Y: d; T+ ]" x5- سىك دىنى : 23 مىليون ئېتىقادچىسى بولۇپ. 16- 17- ئەسىرلەردە ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن. سىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى سىك دەپ ئاتايدۇ. سىك دىنىنىڭ ئاساسلىق ئېتىقادى، يېگانە بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىدۇر. سىكلار ھەر يەردە، ھەر ۋاقىت بار بولغان ۋە تەڭداشسىز كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە يېگانە بىر ئىلاھقا ئىشىنىدۇ. سىكنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىلاھىدىن ۋەھىي ئالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سىكلار، كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا باشقا بىر جانلىققا ئۆزگىرىپ دۇنياغا كۈلىدۇ دەپ قارايدىكەن. سىك ئادىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلىدىكەن. پەقەت بەزى ئەھۋالدا كۆيدۈرمەي، كۆمۈپ قويىدىغانلارمۇ بار ئىكەن.- D+ G! ^ X8 v0 @: R
& v2 q7 l3 t. D# O7 [
6- يەھۇدىي دىنى: 14 مىليون ئېتىقادچىسى بولۇپ. بۇ دىندا يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاغا ۋەدە بەرگەنلىكى مۇقەددەس كىتابىدا يەر ئالغان ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك بۇ دىننى «ۋەدە دىنى» دەپ بىلىنمەكتە ئىكەن. يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ جاپا مۇشەققەتلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا ۋە قۇرئان كەرىمىدىمۇ بىلدۈرۈلگەن. يەھۇدىيلار تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان ئىپادىلەرگە ئاساسەن ئۆزلىرىنى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى تاللانغان قۇۋۇم دەپ قارايدىكەن. ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ يەھۇدىيلاردىن باشقا مىللەت ئادەم ئەمەس، ھايۋان دەپ قارايدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن.
; L. x9 w5 A x9 s$ O
+ U- j7 T% f- \4 D2 ?, d, F
9 I& b4 d2 \( K/ Q. x$ s7- باھايى دىنى: 7 مىليونغا يېقىن ئېتىقادچىسى بولۇپ. 19- ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇرىتلىرى بار ئىكەن. باھائى دىنىنىڭ تارىخى: 1844- يىلدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى يېڭى بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان باھائى دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى باھاۋۇل بولۇپ، رەسمىي ئىسمى باب ئىكەن. ئۆزىنى پۈتۈن مۇسۇلمان ئالىمىنىڭ كۈتۈۋاتقان كىشىسى بولغان «مەھدى» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دىنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بەزى يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىراندا قارشىلىققا ئۇچرىغان. ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ رەھبىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مىرزا ھۈسەيىن ئېلى رەھبەرلىك قىلغان. باھائى دىنىدا دۇئا، ناماز، روزىغا ئوخشاش قائىدىلەر بار. ناماز يالغۇز ئوقۇلىدىكەن. جامائەت بىلەن توپلىنىپ ناماز ئوقۇش يوق ئىكەن. ھەر يىلى 2 مارتتىن 21- مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا، روزا تۇتىدىكەن. باھائى دىنى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە رەسمىي دىن دەپ تونۇلغان بولسىمۇ بەزى جايلاردا تونۇلمىغان. ئىراندا باھائىلەر ئىجتىمائىي خىزمەت قىلمايدىكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇمايدىكەن.3 N' Z- O) w% u
7 r7 t9 A9 \$ \
8-كوڭزى دىنى: 6.4 مىليون ئېتىقادچىسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ كونا جۇڭگو ئەخلاقى ۋە پەلسەپە سىستېمىسى بولۇپ، دەسلەپتە دانىشمەن كۇڭزىنىڭ ئۆگەتكەنلىرىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان. كۇڭزىچىلىق، ئەخلاق، جەمئىيەت، سىياسەت، پەلسەپە، قاتارلىقلاردا دىنى پىكىرلەردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر سىستېمىغا ئىگە بولۇپ شەرقى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىدا چوڭقۇر تەسىرى بار. كۇڭزىچىلىق يېڭى بىر دىن بەرپا قىلمىغان. جۇڭگونىڭ كونا دىنى چۈشەنچىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان. كۇڭزىچىلىق جۇڭگودا ئالىملار، يازغۇچىلار، مەمۇرلار، شاھزادىلەر ۋە ئىمپېراتورلار ئائىلىسى تەرىپىدىن دىن دەپ قوبۇل قىلىنغان. 1912- يىللارغا قەدەر دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان. ھازىر جۇڭگودا بۇددادىنى، تاۋىزىم بىلەن بىرلىكتە رەسمىي بىر دىن بولۇپ قالغان.
A& c6 {; m0 A7 R' \# X# S# n
8 E5 h$ L8 u3 x0 G
9-جائىنىزىم (jainism) دىنى: 4.2 مىليون ئېتىقاد قىلغۇچىسى بولۇپ ھازىر ھىندىستان، ئامېرىكا، غەربى ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا تارقالغان ئىكەن. ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن دىن ۋە پەلسەپە ئىكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 500 -يىللاردا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ قۇرغۇچىسى Mahavir دۇر. ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەپ قارايدىغان كىتابى بولۇپ ئىسمى “Ain Agamaları Sidantalar” ئىكەن. بۇ دىندا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
q# @1 R" ^% {3 G/ K" J3 f! {
0 j5 z/ x4 ~3 r. V+ g% g
10- شىنتو دىنى: 4 مىليۇن ئىتىقاد قىلغۇچىسى بار ئىكەن. ياپۇنيەنىڭ يەرلىك دىنى بۇلۇپ. بۇرۇن ياپۇنيەنىڭ رەسمى دۆلەت دىنى ئىكەن. بۇ دىننىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئېنىق ئەمەس. شىنتو دىنى باشقا ھەرقانداق دىنغا قارشى ئەمەس ئىكەن.
& O- t" d7 s' I+ C! B
4 Z3 W' a( I' @! ?3 W
# P! X; [6 w3 z# k. g$ `; V* l1 wنۇرتورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |