ئۇيغۇر
بىر ياش ئەتراپىدىكى بالىلارغا تاماق يېگۈزگەندە ئۇلارنىڭ ئانىسى قولىدىكى قوشۇقنى تارتىپ ئېلىپ ‹‹ئۆزەم يەيمەن ››دەپ خاپا قىلىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟بالىغا قوشۇقنى بەرمەي ئانا ئۆزى تاماق يېگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ياكى قوشۇقنى بېرىۋېتىپ ئۆزىنىڭ يېيىشىگە قويۇپ بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى يەنە بىر قوشۇقنى بالىغا بېرىپ ئانىسىدىن ئۆگىنىپ ئۆزى يېيىش كېرەكمۇ؟بۇ ئۈچ خىل پوزىىتيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇل ياخشى؟ئۈچىنجى خىل ئۇسۇلنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدى.بۇ خىل ئۇسۇلدا بالا ئۆزى قوشۇق تۇتۇپ تاماق يېيىش ئادىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.- f; C9 n8 j, y
% _8 P V; n; t$ [6 i f
بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،مەسلەن،تاماق يېيىش،كىيىملەرنى ئۆزى كىيىش،چوڭ – كىچىك تەرىتىنى ئۆزى قىلىش قاتارلىقلار بالىلارنى ساغلام تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى.بالىلار ئۆسۈپ مەلۇم ياشقا بارغاندا تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىللە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت تەلىبى پەيدا بولىدۇ،بۇنداق ۋاققىتتا ئەگەر چوڭلار بالىلارنى يېتەكلەپ چېنىقىش پۇرسىتىنى بەرسە بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى ناھايىتى تېزلا يېتىلىدۇ.ھەمدە باشقا پىسخىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.لېكىن بەزىلەر بالىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىگە يول قويماي،ھەممە ئىشقا ئارىلشىۋالىدۇ،نەتىجىدە بالىنىڭ روھىي پىسخىك تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.ئېغىرراقلىرىدا بالىلار ئەمگەك سۆيمەيدىغان،ئەمگەكنى ياراتمايدىغان يامان ئىدىيلەرنى پەيدا قىلۋالىدۇ،شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ياكى يېتىلدۈرمەسلىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى،مىجەزىنىڭ قانداق يېتىلىشگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.لېكىن بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىر مەزگىلىك ئىش ئەمەس،شۇڭا چوڭلار قىزغىن،سەۋرىچان بولۇشى،ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى لازىم.
' a/ f" ?/ w, X2 y. }. H2 O3 I8 g+ j/ o$ ^
1.ئاددىدىن مۇرەككەپلىككە تەرەققى قىلش،تاماق يېيىشنى ئېلىپ ئېيتساق،بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغاندا ھەر قېتىم سۈت ياكى قايناقسۇ ئىچۈرگەندە بالىنىڭ ئۇششاق قوللىرىنى سۈت بوتۇلكىسى ئۈستىگە ئېلىپ قويۇش،4 – 5 ئايلىق بولغاندا ئۆزىگە سۈت بوتۇلكىسىنى تۇتقۇزۇپ ئىچكۈزۈش،6 – 7 ئايلىق بولغاندا سۈت بوتۇلكىسىدىن ئايرىپ،ئىستاكان ياكى پىيالىنى چوڭلار تۇتۇپ بېرىپ قايناقسۇ ئىچىشنى مەشىق قىلدۇرۇش لازىم.12 ئايلىق بولغاندا ئۆزى قوشۇق تۇتۇپ تامىقىنى يېيىشنى باشلىسا بولىدۇ.مۇشۇنداق قىلىپ بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە سول قولىدا قاچىسىنى،ئوڭ قولىدا قوشۇقنى تۇتۇپ ئۆزى مۇستەقىل تاماق يەلەيدۇ.پىيالە،ئىستاكاننى ئىككى قولىدا تۇتۇپ چاي ئىچەلەيدۇ.ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە بالا پاكىز ھەم ئەپچىللىك بىلەن بىر ۋاقلىق تامىقىنى يەلەيدۇ.مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ كۆچىدۇ.ئۆزى سەزمەيلا مۇستەقىل تاماق يېيىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.ئەلۋەتتە دەسلەپتە قوللىرى قاملاشماي تاماق – سەي،چايلارنى كىيىملىرىنىڭ ھەممە يېرىگە سۈركىۋالىدۇ،لېكىن مۇشۇنداق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا مۇستەقىل تاماق يەلەيدىغان بولىدۇ.% p; n- }7 ^* j/ ?1 n/ t
' t3 t0 T; F2 _4 B% B( w
2.قايتا – قايتا كۆندۈرۈش،شەرتلىك رېغلىكىس شەكىللەندۈرۈش،بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەللەي ئېيتىپ يۈرمەي،تىنچ مۇھىتتا ھەر كۈنلۈكى قارالىق ۋاقىتتا ئۇخلاتسا قايتا – قايتا كۆندۈرۈش ئارقىلىق بالىدا شەرتلىك رېغلېكىس شەكىلىلىنىپ،ئۇخلاش ۋاقتى قارارى بولغاندىلا ئۆزۈلۈكىدىن ئۇخلايدۇ.بوۋاق 2 – 3 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ سىيدۈرۈش قىياپىتىدە كۆتۈرۈپ ‹‹ھىش- ھىش ››دەپ ئاۋاز چىقىرىپ سىيىشىگە قايتا – قايتا رىغبەتلەندۈرۈپ بەرسە،قېتىم سانى كۆپىيۋەرگەندىن كېيىن بۇ خىل ھەرىكەت بوۋاقتا بىر خىل شەرتلىك رېغلىكىس شەكىللەندۈرىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن كۆتۈرۈپ ئاۋاز چىقىرىپ بەرسىلا تەبىئى ھالدا ئۆزلىكىدىن سىيىدۇ.تۆت ئايلىق ۋاقتىدا تۇتۇپ تۇرۇپ گارشوكتا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆگەتسە،10 ئايغا بارغاندا ئۆزى ئولتۇرۇپ گارشوكقا تەرەت قىلالايدۇ.ئەلۋەتتە چوڭلار بالىنىڭ چوڭ – كىچىك تەرەت قىلش ۋاقتىنى ئىگەللەپ مېڭىشلىرى كېرەك.
, V% }1 N6 K& k# @) T6 q' Z9 Q: U0 G3 B, i! ]) Q# P+ b" T- T
3.بالىدا قىزىقشنى قوزغاش.بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىيىم – كېچەك،ئاياغ،پايپاق قاتارلىقلىرىنى سېلىشنى ئۆگىنىش لازىم،مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلارنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىش توغرىسىدا ئۇلارنىڭ ھەۋىسىنى قۇزغاش،ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئاددىي كىيىملىرىنى ۋە ئاياغ پايپاقلىرىنى كىيىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ.بالا كىيىمنى كىيگەندىن كىيىن ئۇنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىش ئۇلارغا بىر ئويۇن بىلىنىدۇ-دە،ئۆزى كىيىش،ئۆزى سېلىش ھەۋىسى قۇزغىلىدۇ.بالا يەتتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۇقالايدىغان بولىدۇ.بۇ چاغدا ئۇلارغا يۈز يۇيۇش،قول يۇيۇشنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىش لازىم،بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە ئۆزى يۈز يۇيۇشنى دوراپ يۇيالايدۇ.ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن لۆڭگە ئارقىلىق قوللىرىنى پاكىز ئېرتىش،قىش ۋاقىتلىرىدا يۈزىگە ماي سۈرتۈش قاتارلىق ئىشلارنى تەدرىجىي ئۆگىنىۋالىدۇ.
0 s$ I% H" [9 C6 q2 j; V' `6 s$ b* O- e8 s8 b
بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى تېتىلدۈرۈش بولسىمۇ بولىدىغان،بولمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس.بۇ ئىش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئاتا –ئانىلار ۋە يەسلىدىكى بالا تەربىيلىگۈچىلەر سەۋرىچان،قىزغىن،ئۇسۇلى بولۇش لازىم.ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئاددىيدىن مۇرەككەپلىقكك قاراپ تەرەققى قىلدۇرسا،بالىلار مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشنى ئاسانلا ئۆگنىۋالالايدۇ.
) `1 c. R, H; S ]: P
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |