ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 2

سېرىق سادىق ھاجى ساتتارmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

335

تېما

467

يازما

6561

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1971 سەر
تۆھپە
1372 سەر
تىللا
745 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2012-11-29 20:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ ' f8 G! G+ X/ `5 r  `( R% Z

9 s& x; M0 U& ]/ ~6 j, t
QQ截图20121129202039.png
1 a6 k; J0 j- _( N' E4 X( t6 U
1964- يىلى بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <يايلاقتىكى بۈركۈت> دە باش پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان مال دوختۇرى ئالىمىنىڭ رولىنى تۇنجى ئېكران ھاياتىدا مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ، ھەر مىللەت كىنو تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا ئاجايىپ تەسىرلەرنى قوزغىغان. 1942 - يىلى قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى نەزەرباغ رايونى چۈمبۇس كەنتىدە مېھنەتكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن قازىرىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئۇلى ئۇنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى مەكتەپ ھاياتىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى يىللاردا چۈمبۇس يېزىسىدا مەخسۇس ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر سەھنە بولۇپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پات - پات بۇ يەرگە كېلىپ دىراما، ئوپىرا، ناخشا - ئۇسۇللارنى ئوينايتتى. ھەر قېتىم ئويۇن قويۇلۇپ ئاخىرلاشقاندا تەڭتۈش بالىلار سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلارنى دوراپ مەھەللىنى بىر ئالاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك نىڭ دوراش ماھارىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەركەتلىرى تېتىك ۋە چاققان بولغاچقا تەڭتۈشلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. 1956 - يىلى قەشقەر سەمەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايوندىن ئوقۇغۇچى تاللاشقا بارغان سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشى ۋە سېنىقىدىن ئۆتۈپ ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى ئاچقان ئۇسسۇلچىلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرىسىغا قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى پېشقەدەم سەنئەتكار سىراجىدىن زۇفەر، ئامىنە غالىيۋالارنىڭ كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئوپىرا ئۆمىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل بالىت ئۇسسۇلى ئاساسى مەشىقىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر تۈركۈم ياش ئارتىسلارنى يېتىشتۈردى. 1963 - يىلى <گۈلەمخان> ئوپىراسىدا شاڭيو ئوبرازىنى، 1963 - يىلى <ياش ئەۋلادلار> دىرامىسىدا باش پىرسۇناژ شاۋجىينىڭ رولىنى جانلىق يارىتىپ نەتىجە قازاندى. ئۇ يەنە بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن < يايلاقتىىكى بۈركۈت > فىلىمىدە باش پىرسۇناژ مال دوختۇرى ئالىم رولىنى ئورۇنداپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئالاقىدار يولداشلار ئۇنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالماشتۇرۇپ قويدى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1988 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن <سەرسانلار> ناملىق ھېكايە فىلىمدە باش پىرسۇناژ بولغان دارۋاز ئۇستازى قادىر رولىنى؛ 1991 - يىلى ئىشلەنگەن <موللا زەيدىن> ناملىق ھىكايە فىلىمدە گايىت رولىنى؛ 1991 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى <جۇڭگودىكى خىسلەتلىك ئوت> دا ئۇيغۇر بوۋاي ئارمان ئوبرازىنى؛ 1993 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى بىلەن تىيەنجىن كىنو سىتۇدىيسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھىكايە فىلىم <ئاماننىساخان> ۋە شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقامشۇناس، شائىر ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكىنىڭ ئوبرازىنى؛ 1994- يىلى ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى <تۇمانلىق سەھەر>دە ئابلىز رولىنى؛ <زوزوڭتاڭ> ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەيدەر بەگ ئوبرازىنى؛ 2000 - يىلى ئىشلەنگەن <كۈتۈش> ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە دادا ئوبرازىنى؛ شۇنداقلا يىقىندىن بۇيان ئىشلەنگەن < ھەسرەتلىك كۆز يېشى> ناملىق تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئاكا رولىنى؛ < قاينام> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دادا رولىنى؛ <جۇدۇندا ئىچىلغان چېچەك> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پىشقەدەم مائارىپچى؛ <سەھرادىن كەلگەن بالا باققۇچى قىز> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردا دادا رولىنى؛ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فىلىملىرىدىن <بايات مۇقامى> دا دادا رولىنى؛ <سىگاھ مۇقامى> دا قۇمۇل ۋاڭى رولىنى؛ <كۆلەڭگە> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پادىچى بوۋاي رولىنى؛ <دولان ياشلىرى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقام پىشۋاسى ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ كەڭ سەنئەت سۆيەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئوبرازى ۋە ئالقىشىغا ئىرىشتى. ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ۋە ئېكران ھاياتىدا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەريانىدا تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھسېسىياتىنى چوڭقۇر ئىچىپ بىرىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئېكران ھاياتى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى.

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

6

يازما

116

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
101 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-2-15 19:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچىنچى - يىلى بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <يايلاقتىكى بۈركۈت> دە باش پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان؟

661

تېما

1156

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9224 سەر
تۆھپە
2755 سەر
تىللا
6098 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2013-2-15 19:37:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiJiRiM يوللىغان ۋاقتى  2013-2-15 19:26
: j3 S4 x7 m5 d, X- W, R% Y* i. aنەچچىنچى - يىلى بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە  ...

& Z4 O, Q# e; t6 v; D' X" n1964- يىلى    يىلى بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <يايلاقتىكى بۈركۈت> دە باش پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغانكەن كەچۈرۈڭ .
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗