ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 5

كىنوچاۋشيەندە كىنو ئىشلىگەن ئـۇيـغـۇر رېژىسس ...لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2012-11-24 11:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-24 11:09  
. m* u1 g0 U6 X- }3 V( r( s1 J3 d1 e, l- X7 k" o, A$ c
چاۋشيەندە  كىنو ئىشلىگەن ئـۇيـغـۇر   رېژىسسور / J; y. n4 n- g" _

- X  ~6 z7 B/ x; O5 S
( E+ k+ u+ e* ]9 C4 Z2 K) t
ۋارىس ئابابەكرى ئاۋازوف
/ i" h7 ]) g3 _
160640x3qcm4x8664x67xh.jpg
! j  g/ W7 b$ Z شىرزات ياقۇپ 1962-يىلى 6-ئاينىڭ  12- كۈنى  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ،  كىچىگىدىنلا كىنو  ۋە   رەسساملىققا  كۈچلۈك  ھەۋەس قىلغان.  شىرزات ياقۇپ بۇ ھەۋىسى ئۇنىڭ كېيىنكى كەسپىي  ھاياتىنىڭ مەزمۇنىغا  چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.  ئۇ 1981-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ  كىنو  ئىنسىتىتۇتىغا ئۆتىدۇ.  ئۇ مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا جاڭ يىمۇۋ قاتارلىق مەكتەپداشلارنىڭ كىنوچىلىقتىكى  ئالەمشۇمۇل  نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ  ئۇلارغا  مەستلىكى  كەلگەن ھەمدە   كەلگۈسىدە   دۇنيا  كىنو سەھنىسدە  زىلزىلە  پەيدا   قىلغۇدەك  كىنو ئىشلەشنى  كۆڭلىگە  پۈككەن.  شىرزات ياقۇپ 1985-يىلى  بېيجىڭ  كىنو ئىنسىتىتۇتىنى  ياخشى  نەتىجە  بىلەن پۈتكۈزۈپ،   تەڭرىتاغ  كىنو سىتودىيىسىگە تەقسىم قىلىنىدۇ.  شىرزات ياقۇپ ئىككى يىل خۇدىژنىك ياردەمچىسى بولۇپ  ئىشلىگەندىن كېيىن،  1987-يىلى   ھېكايە فىلىم« مۇھەمىمەت ھەققىدە  پاراڭ» ئىشلىنىقا  باشلانغاندا،   ئۇنىڭ ئۇستازى ئاغرىپ قىلىش  سەۋەبى بىلەن  شىرزات ياقۇپقا   ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.  بۇ فىلىم  1987-يىلى  « ئالتۇن خوراز ئالاھىدە   مۇكاپاتى» غا ئېرىشىدۇ.   بۇ  مەزگىلدە  شىرزات ياقۇپ يەنە « ساھىبجامالنىڭ  ئۆلۈمى» (1986)،  «سەرسانلار»(1988)،   «ئەرلەر  تاڭسىخانىسىدىكى   ئايال چولپان»(1990) قاتارلىق ھېكايە فىلىمىلەردە  خۇدىژنىكلىق ۋەزىپىسىنى  ئۆتەيدۇ.   شىرزات ياقۇپ كىنوچىلىق  ئەمەلىيىتىگە  كىرىشكەن  قىسقىغىنە   بىر نەچچە  يىلدا كۆپ تەرەپلىمە  ئىزدىنىپ،   كىنو ساھەسىدىكى  كۆزگە  كۆرۈنۈشكە  باشلايدۇ.   ھەمدە «گۇاڭجۇغا كەلگەن  شىنجاڭلىق بالا» (1994-يىلى،  گىرمانىيە  خەلقئارا  بالىلار كىنو فېستىۋالىدا  مۇنەۋۋەر  بالىلار  فىلىمى  مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن)،  « ئانىنىڭ  تۇغۇلغان  كۈنى» (1996)،  « ئۆتەڭ مېھرى»،  «دوزاققا  سەپەر» قاتارلىق  ھېكايە فىلىم  ۋە تېلېۋىزىيە  فىلىملىرىنىڭ مۇئاۋىن  رېژىسسورلۇق  ۋەزىپىسىنى  ئۆتەيدۇ.  
; H4 C$ [5 \& i3 H90- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا كۆتۈرۈلگەن  ئـۇيـغـۇر  كىنو قىزغىنلىقى دولقۇنى  مەزگىلى  دەل شىرزات ياقۇپنىڭ مۇستەقىل  رېژىسسورلۇققا  قەدەم قويۇش  ۋە ئـۇيـغـۇر  جەمئىيتىگە  تونۇلۇش مەزگىلى بولۇپ،   بۇ مەزگىلدىكى  شىرزات ياقۇپ « قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»،  (1999)،   «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ» (2000،  2005-يىلى  قازاقىستان  شاكېن  يۇلتۇزلىرى  خەلقئارا  كىنو  فېستىۋالىدا  مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. )،  « چىن سۆيگۈ» (2001)،  « كېچىكىپ  ئېچىلغان گۈل» (2002) قاتارلىق تېلېۋىزىيە  ھېكايە  فىلىملىرىگە  مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق  قىلىپ خەلقىمىزنىڭ  تۆھپىكار  رېژىسسورلىرى  قاتارىدىن ئورۇن  ئالىدۇ.- L7 H1 K- l5 u3 t' w( t
160658jou6zzq6cnjsc609.jpg
" X6 T- G0 {7 ?# P  x4 ^# O; Q# I9 m: ?) d) K) p$ a' h( j' ^

8 m; l( t. l& {) w7 P, `شىرزات ياقۇپ چاۋشيەنلىك رېژىسسور كىم خيونچول بىلەن بىرگە
9 G; l1 X' k1 E+ A- c
' Y- D) n3 l. O; q  `# F; L1 Kشىرزات ياقۇپنىڭ ھەقىقىي كىنو  رېژىسسورىغا   ئايلىنىپ،  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا   شۆھرەت   قازىنىشى  2006- يىلى  جىن  لىنى بىلەن  ھەمكارلىشىپ  رېژىسسورلۇق  قىلغان ھېكايە فىلىم « تۇرپاندىكى  مۇھەببەت ناخشىسى» دىن باشلانغان بولۇپ،  ئۇنىڭدىن  كېيىن ئۇ قىسقىغىنە   بەش يىل ئىچىدە  «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» (2008)،  «گۈلبېكە» (2009)،  «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»(2011)،   جۇڭگو-چاۋشەن ھەمكارلىقىدىكى  « پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش» (2012) قاتارلىق  تۆت ھېكايە  فىلىمىگە  مۇۋەپپەقىيەتلىك  رېژىسسورلۇق  قىلىپ،   خەلق ئارسىغا   يۈزلەنگەن،   جۇڭگودا  تۇنۇلغان،   شىنجاڭدا باش  كۆتۈرگەن  داڭلىق  كىنو رىژىسسورىغا  ئايلىنىدۇ.  1 h2 v4 A' @, W1 ^0 m+ F7 K
« تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى  شىنجاڭنىڭ  يېرىم  ئەسرىدىن  بۇيانقى  كىنوچىلىق  تەرەققىياتىنىڭ رىۋايەتلىك  بېتىنى ئاچقان فىلىم  بولۇپ،   ئۇ شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ قەد كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنياغا  يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر.  بۇ فىلىم  2006- يىلى  5- ئاينىڭ  17 كۈنى  فىرانسىيىدە   ئۆتكۈزۈلگەن  « 59- نۆۋەتلىك گانا  خەلقئارا  كىنو  فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ،   جۇڭگو شىنجاڭنىڭ  گۈزەل قىياپىتىنى  دۇنياغا  نامايان قىلىدۇ.   بۇ شىنجاڭ  كىنوچىلىقىدىكى  تۇنجى  ئىش بولۇپ،   پەقەت 5 مىليون  يۈەن بىلەن  ئىشلەنگەن  كىنونىڭ  جۇڭگوغا   ۋەكىللىك قىلىدىغان  ئۈچ كىنونىڭ  بىرى  سۈپىتىدە  گانا  فېستىۋالىغا   تاللىنىش ھەقىقەتەن مۆجزە ئىدى.   مەزكۇر فىلىم 2007- يىلى  يەنە مەركىزىي  كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى  ئۇيۇشتۇرغان « 10-نۆۋەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىدۇ
6 V4 _# c6 i+ V6 ~. ]% p4 p 160729sqyqkqdy2yv7c97k.jpg
6 _# S5 Y5 Z+ Z4 ~0 z# b«مۇھەممەتنىڭ 2008 - يىلى»
# V! z' ]+ O* a8 n, c6 X& M
& x4 `: ~& E; D4 B+ j- J« مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» جۇڭگونىڭ  2008- يىللىق  ئولىمىپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بېغىشلانغان كىنو بولۇپ،   يۈز يىللىق پۇتبۇل  تارىخىغا ئىگە« جۇڭگو  پۇتبۇل كەنتى»  دەپ نام ئالغان  ئېكساق  كەنتى ۋە ئـۇيـغـۇر پۇتبۇلچىلىقىنىڭ  كەلگۈسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.  مەزكۇر  فىلىم  2006- يىلى « 15 -نۆۋەتلىك  ئالىي مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى  كىنو فېستىۋالى» دا «تەنتەربىيە  تېمىسى ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا،   2009- يىلى  18- نۆۋەتلىك  جۇڭگو  ئالتۇن خوراز - بارچە گۈللەر  كىنو فىستىۋالىدا « ئەڭ نادىر   بالىلار فىلىمى  مۇكاپاتى» نامزاتى  ۋە  « تۇنجى رېژىسسورلۇق  ئەسىرى مۇكاپاتى» نامزاتىغا،  « 9- نۆۋەتلىك چاڭچۈن كىنو فېستىۋالى»دا  « تاماشىبىن  ئەڭ ياقتۇرغان  فىلىم مۇكاپاتىغا» غا ،  «2009-يىللىق  خۇابىياۋ مۇكاپاتى تارتۇق مۇرامىسى» دا « ئەڭ نادىر بالىلار فىلىمى  خۇابىياۋ مۇكاپاتى»غا،   2009-يىلى 11-ئاينىڭ  14 –كۈنى ھىندىستاننىڭ  ھەيدەر ئاباد شەھىرىدە  ئۆتكۈزۈلگەن « 16- نۆۋەتلىك  ئالتۇن پىل  خەلقئارالىق بالىلار كىنو  فېستىۋالى»دا«  ئالتۇن  پىل  مۇكاپتىغا ئېرىشىدۇ.  « ۋيتنام  خېنېي خەلقئارا  تەنتەربىيە  كىنو فېستىۋالى»دا « ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتى »غا ئېرىشىدۇ.  2010-يىلى  2-ئاينىڭ  15- كۈنى تـۈركىيە ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتىتىدا  ئۆتكۈزۈلگەن « تـۈرك دۇنياسى كىنو  كۈنلىرى»گە قاتنىشىدۇ،  2010-يىلى گانانىڭ  پايتەخىت ئاكرادا  ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو كىنو فېستىۋالى»غا   قاتنىشىدۇ.    Q$ Y* j* c! r( P% Y8 ?1 Z. `
+ R& u% O2 y4 ?$ c
« گۈلبېكە » فىلىمىدا  قازاق  ناخشىچى گۈلبېكەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى  تەسۋىرلەنگەن  بولۇپ،   قازاق خەلقىنىڭ  مىللىي  مەدەنىيتى  ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ،   شىنجاڭنىڭ جەننەت كەبى  گۈزەل  مەنزىرىسى  جاھانغا  نامايەن قىلىنىدۇ،   9 مىليون  يۈەن  بىلەن ئىشلەنگەن بۇ كىنو  شىرزات   ياقۇپنىڭ  يەنە بىر  مۇكاپاتلىق  فىلىمى بولۇپ،   قازاغىستان  جۇمھۇرىيىتى  ئالمائاتا شەھىرىدە   ئۆتكۈزۈلگەن « 6- نۆۋەتلىك  ياۋرۇ  ئاسىيا  خەلقئارا  كىنو  فېستىۋالى» دا  « باھالىغۇچىلار ھەيئىتى ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا ،  ئاۋىستىرالىيىدە  ئۆتكۈزۈلگەن  « 3- نۆۋەتلىك  سىدنېي-جۇڭگو  كىنو  فېستىۋالى»دا  « باھالىغۇچىلار  ھەيئىتى  ئالاھىدە  مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدۇ.  مەزكۇر فىلىم  يەنە ئامىرىكا  ۋە يېڭى زىللاندىيىدە  ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو  كىنو-تېلېۋىزىيە  باش ئىدارىسى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى »غا   بېغىشلانغان  15 نۇقتىلىق  كىنونىڭ  ئىچىدىكى  بىردىنبىر ئاز سانلىق  مىللەت تېمىسىدىكى  كىنو بولۇپ،   فىلىمدە   چىگرا  رايونىدىكى كۆپ مىللەتلىك  مەركىزىي  شەھەر  ئۈرۈمچىنىڭ  50 يىللىق  زور ئۆزگىرىشى  تەسىرلەنگەن( _' l% K+ X8 X' n& D3 U9 z- d
160725dbad7g44b4b7bd73.jpg ; `/ ?) D5 d6 a- Z
«پيوڭياڭدا ئۇچرىشىش»  s' E+ K7 m/ v, D3 s

: R$ X4 W3 j# f& I« پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش» فىلىمى شىرزات ياقۇپنىڭ كىنوچىلىق  ھاياتىدىكى  بىر ئۆلمەس  ئابىدە  بولۇپ،   بۇ فىلىم ئارقىلىق  شىرزات  ياقۇپ  جۇڭگوغا  ۋە خەلقئاراغا تېخىمۇ تونۇلدى ھەمدە يەنىمۇ تونۇلغۇسى. مەزكۇر فىلىم  2012-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن«بېيجىڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالى»دا كۆرگەزمە قىلىپ قويۇلىدۇ. 2012-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى»نىڭ «مېدىيا كاتتا مۇكاپاتى»نامزاتىغا ئېرىشىدۇ. 2012-يىلى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن«كانادا مونترېئال خەلقئارا كىنو فېستىۋالى»دا «تەشكىللەش ھەيئىتى ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدۇ. «پيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش» فىلىمىنىڭ 2012-يىلى8-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قويۇلغان كۈنى. «شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى»قارىمىقىدىكى «خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسى»دا بىر قىسىم كىنو خادىملىرى ۋە كىنو ھەۋەسكارلىرى رېژىسسور شىرزات ياقۇپ بىلەن بىرلىكتە بۇ كىنودىن بەھر ئالدى ۋە كىنوغا يۇقىرى باھا بېرىشتى.
+ Y" a) K3 d! M9 G( R- g8 _ 160718cel1earbmyoafreh.jpg
/ O. a1 F' v3 I' S  |, Wشىرزات ياقۇپ «پيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش كۈنى ئۈرۈمچى «خان ساراي كىنو - تىياتىرخانىسى» دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا3 \: ?7 o) O  P& C, u+ L
& A  N6 X5 j  d: y7 l5 L
«غەربىي رايوندىكى ئىللىق ئېقىم رېژىسسورى»دەپ نام ئالغان شىرزات ياقۇپ ھازىر «شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو-سىتودىيىسى»نىڭ 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى، كومپارتىيە ئەزاسى. ئىستودىيە سەنئەت پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شىرزات ياقۇپ يەنە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا  پائال قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ھازىر «جوڭگو رېژىسسورلار جەمئىيىتى»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى. «مەملىكەتلىك كىنوچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى، «شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى./ N6 U; X- W. H( c) O
0 R2 ^$ v' r5 I, m
2. چاۋشىيەندە كىنو ئىشلىگەن ئـۇيـغـۇر رېژىسسور
" d" H! q; E. J1 K- X/ o 160721v0l0nkm8x205oi0n.jpg
8 H. J; L# I: c+ i; Vشىرزات ياقۇپ چاۋشيەنلىك رېژىسسور كىم خيۇنچول، چاۋشيەنلىك باش  رولچى كىم ئوكرىم ۋە جۇڭگولۇق باش رولچى ليۇ دۇڭ (سولدىن 1 - كىشى) قاتارلىقلار بىلەن بىرگە
7 [: c" m% v$ _7 b; ^
# Z9 `: R) U" X- H/ l3 y2011-يىلى8-ئايدا « شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى» دۆلەتلىك رادىئو-كىنو-تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسى كىنو ئىدارىسىنىڭ  شىرزات ياقۇپنى جۇڭگو-چاۋشىيەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىمەكچى بولغان«ئارىراڭ»ناملىق كىنوغا رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىش ھەققىدىكى تېلىفۇننى تاپشۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شىرزات ياقۇپ ھەيران قېلىپ«چاۋشىيەن دۆلىتى قۇرۇلغاندىن 60 يىلدىن بېرى ھېچقاچان جوڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەپ باققىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت كىنو رېژىسسورى. ئىشلىگەن كىنولىرىمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ تېمىسىدا تۇرسا، چاۋشىيەن ياكى چاۋشىيەن تېمىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقەم بولمىسا، قانداق بولۇپ مېنى تەكلىپ قىلىپ قالغاندۇ؟»دەپ ئويلىنىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق سوئالنى تاكى ھازىرغا قەدەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن سوراپ كەلمەكتە. شىنجاڭدىمۇ شۇ، بېيجىڭدىمۇ شۇ، چاۋشىيەنگە بارغاندىمۇ شۇ. شىرزات ياقۇپ چاقىرىققا ئاساسەن بېيجىڭغا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىنلا بۇنىڭ تېگىگە يېتىدۇ. شىرزات ياقۇپ بېيجىڭدا كىنو ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە مەزكۇر كىنونى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ ۋەكىلى لى شۈيخې بىلەن كۆرۈشىدۇ. گەرچە بۇ فىلىم پۇقراۋى مەبلەغ بىلەن ئىشلىنىدىغان بولسىمۇ، جوڭگو بىلەن چاۋشىيەننىڭ تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلىشى بولغاچقا، كىنو ئىدارىسى بۇ ئىشقا ئالاھىدە قاراپ، سېنارىيەنى بېكىتىشتىن تارتىپ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەرنى تاللاشقا قەدەر قول تىققانىكەن. ئەسلىدە ئۇنى بۇ ئىشقا تۇتاشتۇرغان كىشى لى شۈيخې ئىكەن. لى شۈيخې ئەسلىدە «شەنشى كىنو سىتودىيەسى»نىڭ مۇدىرى بولۇپ، ھازىر ئۇ«بېيجىڭ جيۇجوۋ جوڭيۇەن رەقەملىك كىنو لىنىيەسى»نىڭ باش دېرىكتورى ئىدى. لى شۈيخې «ئىللىق ئېقىم رېژىسسورى»دەپ نام ئالغان شىرزات ياقۇپ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان بولۇپ، ئۇنىڭغا بەكلا قول قوياتتى ۋە ئىشىنەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تېمىسىدىكى كىنولارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەيدىغانلىقىغا ھەمدە «ئاساسى ئېقىم كىنولىرىنى ئادىمىيلىككە ۋە سودا تىپىغا يۈزلەندۈرۈپ ئىشلىيەلەيدىغان»لىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى. مانا بۇ لى شۈيخېنىڭ شىرزات ياقۇپنى چاۋشىيەن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان كىنوغا باش رېژىسسورلۇققا كۈچەپ كۆرسەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر- }  Y; L% p$ e6 y
160712nzlqrtr2380q5c3c.jpg ) T* k2 M5 B: C* N  L6 @
شىرزات ياقۇپ چاۋشيەنلىك باش رولچى كىم ئوكرىم بىلەن بىرگە$ Q- Z; H8 T, ]: E0 F$ Q8 w  P% J

1 m7 a, t9 |4 ^4 q3 P! Zچاۋشىيەن بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش ئاسانغا كەلمىگەن. لى شۈيخې بۇ ئىش تۈپەيلى توققۇز قېتىم چاۋشىيەنگە بارغان. لى شۈيخې «شەنشى كىنو ئىستودىيەسى»گە ۋاكالىتەن «چاۋشىيەن كىنو ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى»بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، «ئىللىق باھار»فىلىمىنى چاۋشىيەننىڭ داھىسى كىم جوڭئېلغا سوۋغا قىلىدۇ. لى شۈيخېنىڭ كاللىسىغا چاۋشىيەن بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەشتەك ئۇلۇغ ئارزۇ ئورنايدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. 2009-يىلى جوڭگو-چاۋشىيەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60-يىللىقى بولۇپ، لى شۈيخې جوڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن چاۋشىيەنگە كېلىپلا بۇ تەكلىپنى رەسمى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە چاۋشىيەن تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ مۇددىئانامە ئىمزالايدۇ. رەسمى كېلىشىم 2010-يىلى 10-ئايدا ئىمزالىنىدۇ. ئىككى تەرەپ كىنونىڭ نامى ۋە سېنارىيە مەزمۇنى توغرۇلۇق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنى قىلىدۇ. فىلىم نامى«قانغا بويالغان سۈرەت»تىن «ئارىراڭ»غا، كېيىن يەنە «پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش»قا ئۆزگەرتىلىدۇ. سېنارىيەمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلىپ ئاندىن بېكىتىلىدۇ. كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت بىردىن ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىشتا جوڭگو تەرەپ ئاساس بولىدۇ. بارلىق چىقىمغا جوڭگو تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. چاۋشىيەن تەرەپ ياتاق، تاماق، قاتناش مەيدان ۋە ئاممىۋى ئارتىسقا چاۋشىيەن تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ دەپ بەلگىلىنىدۇ.0 G/ T9 M: e, w' P
160653swmcs2nncnmmx1mm.jpg
- K' t4 [6 V. _شىرزات ياقۇپ «پيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش» فىلىمىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدا8 L7 M  Z& u/ @
1 _; e0 ^, C$ N; i$ ]+ z
2011-يىلى9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن چاۋشىيەنگە يۈرۈپ كېتىدۇ. جۇڭگو ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى 60 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن چاۋشىيەن تەرەپمۇ 60 كىشىلىك ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ ھەمدە چاۋشىيەنگە ۋاكالىتەن«چاۋشىيەن سەنئەت كىنو ئىستودىيەسى»نىڭ 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى كىم خيۇنچولنى رېژىسسورلۇققا تەيىنلەيدۇ. چاۋشىيەنلىكلەر شىنجاڭدىن كەلگەن ئـۇيـغـۇر رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كېتىدۇ ھەمدە كىنوغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار چاۋشىيەنلىكلەر بىلەن ئـۇيـغـۇرلارنىڭ تىل، ئېتنىك مەنبە، مەدىنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېقىنچىلىقلىرىدىن گۇمان قىلمايتتى. چاۋشىيەنلىكلەر بىلەن ئـۇيـغـۇرلار ئوخشاشلا ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكىنى ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىيەت تىلى قىلغانىدى. ئەڭ مۇھىمى، چاۋشىيەنلىكلەر 2011-يىلى 3-ئايدا شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «گۈلبېكە»فىلىمىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قىزغىن ئالقىش بىلەن كۆرگەنىدى. شىرزات ياقۇپ ئۆزىدىكى ھەقىقى ئىقتىدار، تەجرىبە ۋە چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللىشىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تېڭىرقاشلىرىغا خاتىمە بېرىپ، فىلىمگە مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. فىلىم ئىشلەش جەريانىدا تىل قىيىنچىلىقىغا يولۇققاندا، شىرزات ياقۇپ ئۆزىنىڭ رەسساملىق تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، رېژىسسور تىلىنى رەسىملىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. چاۋشىيەنلىك رېژىسسور كىم خيۇنچول شىرزاتنىڭ رەسىمىگە بىر قاراپلا مەقسىتىنى چۈشىنىۋالىدۇ./ q8 i- h- t3 i) v% M* ?5 @% ]

, _, M  X0 t' a. t2 E( ~. M: K* N2 o# P& p+ s( N
/ l& S) |4 S' V) b% I  j
پيوڭياڭ شەھىرى
9 @: N3 I$ ?" K7 F0 @. J
; D. Z) D+ |$ @+ x: A# n$ V% w* k«ئارىراڭ» كوللىكتىپ گىمناستىكىلىق ئۇسسۇلى پۈتۈن كىنونىڭ جېنى بولۇپ، بۇ چاۋشىيەننىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىغا يول قويۇشى ئىدى. جۇڭگو تەرەپ ئۇنچە كۆپ ئادەمنى قاتناشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ، بۇ مەيداننى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن 5000 ئادەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، قالغان قىسمىنى كومپىيوتېر ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولغانىدى. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن چاۋشىيەن تەرەپ 60 مىڭ ئادەم تەييارلاشقا كىرىشىپ 40 ئاپتوبۇس بىلەن ئالتە سائەتتە توشۇپ بولىدۇ. مەيداننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى 18 مىڭ ئۆسمۈر رەڭلىك تاختىلار بىلەن ئورۇنلاپ. تۈرلۈك خەت ۋە مەنزىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن مەيدان باشتىن-ئاخىر تەرتىپلىك بولۇپ، 60 مىڭ ئادەم بىر ئادەمدەكلا ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا شىرزات ياقۇپ بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ تامىقىنى قانداق ھەل قىلارمىز دەپ بېشى قېتىپ تۇرغاندا مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. بارلىق ئادەملەر بىرلا ۋاقىتتا سومكىسىدىن ئۆزلىرى ئەكەلگەن تاماقنى چىقىرىپ يىيىشكە باشلايدۇ. مۇنداق ھالەتنى دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدىن كۆرگىلى بولمايتتى. جۇڭگو ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىختىيارسىز ھالدا چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ جاسارىتىگە قول قويىدۇ ھەمدە قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. بۇ مەيداننىڭ سۈرەتكە ئېلىش 2-كۈنى سەھەرگىچە داۋاملىشىدۇ
& k- [3 T/ e4 L! Z! k- i 160707uq067ox63roxz539.jpg
# v, N4 p6 D6 k; dشىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلماقتا: e/ e  F# Q! b8 p
2 N6 S" X0 A- V9 Q$ u
«ئارىراڭ» كوريو پادىشاھلىقى دەۋرىدە تارقالغان بىر رىۋايەتنىڭ نامى بولۇپ، بۇ رىۋايەتتىكى قوشاقنىڭ ئىسمى«ئارىراڭ» يەنى «يىگىتىم» مەنىسىدە. «ئارىراڭ»چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ سىمۋول خاراكتېرىدىكى قوشىقى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى چاۋشىيەنلىكلەر ئارىسىغا تارقالغان. قەيەردە چاۋشىيەنلىك بولىدىكەن، شۇ يەردە«ئارىراڭ»بولىدۇ. ياپونىيە چاۋشىيەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، چاۋشىيەنلىكلەر«ئارىراڭ قوشىقى »نى مەخپى بەلگە قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، ياپونلار كىم« ئارىراڭ  قوشىقى»نى ئېيتسا شۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان. لېكىن 10 نى ئۆلتۈرسە 100ى «ئارىراڭ قوشىقى»نى ئېيتىپ چىققان. 1992-يىلى، كىم جۇڭئېلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قول تىقىشى بىلەن 100 مىڭ ئادەم ئورۇنلايدىغان ناخشا-ئۇسۇل، گىمناستىكا، مۇزىكا ۋە سېرىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن 13 مەيدان 90 مىنۇتلۇق گىمناستىكىلىق كوللىكتىپ ئۇسۇل دۇنياغا كېلىدۇ. چاۋشىيەننىڭ زور پائالىيەتلىرىدە بۇ گىمناستىكىلىق كوللىكتىپ ئۇسۇل 150 مىڭ ئادەم سىغىدىغان «1-ماي تەنتەربىيە مەيدانى»دا ئوينىلىدۇ. «جېننىس دۇنيا رېكورتى»غا كىرگۈزۈلگەن بۇ ھەيۋەتلىك گىمناستىكىلىق كوللىكتىپ ئۇسۇل ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈز مەيدان ئوينالغان بولۇپ، تاماشىبىنى 12مىليوندىن ئاشقان. كىشىلەر جاڭ يىموۋ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىغا رېژىسسورلۇق قىلغاندا «ئارىراڭ»دىن زور ئىلھام ئالغان دەپ قارايدۇ.
* I  B  \. ~+ D# [6 |: E" Dئومومەن ئېيتقاندا، پۈتۈن فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان 40 كۈن جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەيدانغا كېلىدۇ. شىرزات ياقۇپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ يېڭىدۇ. فىلىمنىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورى جۈرئەت ئۆمەر  شىرزات ياقۇپنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىلىمنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. مەزكۇر كىنونىڭ مونتاژ قاتارلىق كېيىنكى بارلىق ئىشلىرى 2012-يىلى چاغانغا قەدەر بېيجىڭدا ئىشلىنىپ پۈتكۈزىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى دۆلەت كىنو ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق تىرىشىشى ۋە قان-تەرى ئاستىدا، مەزكۇر فىلىم ئاخىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، دۇنيا خەلقىگە ھەقىقى چاۋشىيەننى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن چاۋشىيەننىڭ ئۈزۈلمەس دوستلۇقىنى نامايەن قىلىدۇ.
$ W/ j5 {5 {3 O0 F. B
6 G6 c7 f1 c1 z& |* D& V/ G3. ھېكايە فىلىم «پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش»- D, ]0 y) K; p" {  H# Y  y

3 Y0 N; f. h3 H2 P! m3 A- b# U$ R. Q1 B5 Q- \; U

& E# {4 D% D; v% wفىلىم نامى: «پىيوڭياڭدىكى ئۇچرىشىش») P* i8 l" H: i: h# d
ئىشلىگەن دۆلەت:جۇڭگو، چاۋشىيەن
! G1 w8 U2 Z7 \; ^رېژىسسور:شىرزات ياقۇپ، كىم خيۇنچول
& P: a6 {& {/ c2 n; R. c) qفىلىم ۋاقتى:91 مىنۇت
) ?1 B% i* P8 j1 {8 u& e" Uقويۇلغان ۋاقتى:2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى) }8 T  x9 D' r' b; H1 I7 M* N5 j; d

% L. C2 s+ g! y* w3 k# i( ?9 s& Jروللاردا:لىيۇدوڭ ۋاڭ شاۋنەننىڭ رولىنى، لى مېڭنەن لىڭ جىيەنخۇانىڭ رولىنى، گاۋشىن گاۋفېينىڭ رولىنى، تاۋيۈلىن چېن شىيۇجىننىڭ رولىنى، كىم ئوكرىم كىم ئۇنسۇننىڭ رولىنى، پاك يوڭتەك كىم سوڭمېننىڭ رولىنى، كىم ئىلچول جوڭ ۋوننىڭ رولىنى ئالىدۇ.6 w% ?6 k5 o) \" R& {& {. L& V
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەسلى نامى«ئارىراڭ»بولۇپ، فىلىمدە مىللى ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە چاۋشىيەن مىللىتىنىڭ «قوڭغۇراق»ئۇسۇلىنى ئورۇنلاپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن جۇڭگولۇق ياش ئۇسۇلچى ۋاڭ شىياۋنەن چاۋشىيەن ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقى سىرىنى يېشەلمەي تىت-تىت بولۇپ يۈرگەندە، مومىسى ئۇنى جۇڭگو كىنو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇسسۇل ئۆگىنىش ۋە ئامىرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سەپدىشى رى سۇمىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن چاۋشىيەنگە ئەۋەتىدۇ. ۋاڭ شىياۋنەن چاۋشىيەنگە بارغاندىن كېيىن«ئارىراڭ»كوللىكتىپ گىمناستىكىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئۇسۇل مەشقاۋۇلى كىم ئۇنسۇن بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرىدىىكى ئۇقۇشماسلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن، كىم ئۇنسۇن ۋاڭ شىياۋنەننى ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىپ يېزىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. 100مىڭ كىشىلىك كوللىكتىپ گىمناستىكىلىق ئۇسۇلدىن ھوزۇرلاندۇرىدۇ. باش پېرسۇناژ بىر قاتار ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، چاۋشىيەن ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەمدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
! f; l- M3 d5 J. n. d& _' D* d6 E8 J- f( W
ئەپەندىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى
# s+ e& P- N+ x4 [3 {. c
+ ?3 z  o$ {+ _, S6 N2012 - يىل 11- ئاينىڭ 23 - كۈنئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7620 سەر
تۆھپە
4881 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-11-24 12:24:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنمۇ خېلى كۆپ  كىنولاردا بۇ كىشىشنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتقان ئىدىم.ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك كىشىكەن جۇمۇ بۇ.تىرىشىڭ شىرزات ئاكا.

باھا سۆز

سىزمۇ تىرىشىڭ !  ۋاقتى: 2012-11-29 09:24

0

تېما

5

يازما

153

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
37 سەر
تۆھپە
31 سەر
تىللا
43 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-11-25 16:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋا! ئەجەپمۇ بىر تەسىرلەندىم جۇما! + Q3 r/ H+ R5 Q: u! B" y1 x# j! }) g

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9196 سەر
تۆھپە
2740 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2012-11-25 18:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yiltiz يوللىغان ۋاقتى  2012-11-25 16:45 % k% d& U# _; G5 L
ۋا! ئەجەپمۇ بىر تەسىرلەندىم جۇما!
2 i( }% X. ~1 m- R! p
شۇنى دەيمەن ،باشقا دۆلەتلەردە بۇلۇپمۇ چاۋشەندە كىنو ئىشلەش ئاسان ئىش ئەمەس ،ئادەتتە بۇ دۆلەتكە كىرىشمۇ ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7620 سەر
تۆھپە
4881 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-11-29 11:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
illiq يوللىغان ۋاقتى  2012-11-25 18:39 - E0 \5 D7 _% C- Y) K2 n6 W2 T* j9 c
شۇنى دەيمەن ،باشقا دۆلەتلەردە بۇلۇپمۇ چاۋشەندە كىنو  ...
  R8 d/ G' p2 ]5 Y
بۇلۇپمۇ چاۋشەندە كىنو ئىشلەش ئاسان ئىش ئەمەس

5 e) I6 v+ {, Z9 m" sبولسا ئىللىق ئەپەندى.ئازمايدىغان ئىنسان يوق.لىكىن ئەتراپتىكىلەر خاتالىق ئۆتكۈزگەننى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى كۆرسەتمەك زۈرۈردۇر.دۆلەتنىڭ ئىسمىنى  چاۋشەن ئەمەس چاۋشىيەن دەيدىغاندەك قىلىۋىدى.3 R5 S, z9 Z8 E6 u& Q# `* _
( s  t4 I& ?( A- _( P
چاۋشىيەندە نىمىشقا كىنو ئىشلەش ئاسان ئىش ئەمەس دەيلا.بەلكىم بۇ توغرىسىدا ئويلىغانلىرى باردۇر.قېنى تورداشلار بىلەن بىرلىككە  كەلمەمدۇق.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10 تىللا +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
illiq + 10 + 10 + 10 تۈزۈتەي رەخمەت

باھا خاتىرىسى

ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ

0

تېما

12

يازما

164

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
21 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
104 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-1-28 18:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم رىژىسسورلۇق قىلغان  ئېلانلارمۇ خېلى بوپ قۇيىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗