يانفۇن
بۇ يەردەدۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىزنىڭ ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك دەل نېشىدۇرنېشە ھەققىدە :9 S V1 f+ H; U5 o8 {/ }: t
نېشە ئادەتتە كەندىر دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ يۇپۇرماق ، غوللىرىدىن چىقىدىغان ماي ئارقىلىق ياسىلىدۇ ، ئۇنى يىيىش ، تاماكىغا ئوراپ چېكىش ، موخۇركا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاپاقتا ياكى ياڭيۇ ، ئالما قاتارلىق مىۋە چىۋىلەردە ئويۇپ "تانكا" ياساپ چېكىش دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىپادىسى باشنى قايدۇرۇش ، ۋاقىتلىق ئەسلىمىنى يوقىتىش ، بەدەن سېزىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ( مودا بولىۋاتقان كەيىپ دىگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ) ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەقلى قابىليەتنى تۆۋەنلىتىش ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلىشىش ، غەم يىمەسلىك ، بەغەرەزلىك ، جاھىللىق قاتارلىق پىسخىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، خىلىت جەھەتتىن سوغۇققا مايىل بولۇپ بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ، دىمەك نېشە سېپى ئۆزىدىن زەھەرلىك بۇيۇم !$ e6 i9 P& r- p6 q U* R9 _4 P% w
4 \, P) r& L0 N خوش ، نېشە دىگەن شۇنداق نەرسىكەن ، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆزىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ رېئاللىقتىن قاچۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالدى ، قەيسەر ئىرادە ، چن ئېتقاد دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قويايلى ، ئاددىسى ھاياتىنىڭ كاپالىتى بولمىش بەدىنىنىمۇ ئاسراپ تۇتالمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، پۇلى بار يەرلەردە (مەسىلەن قاراماي) سېستىرا ئاغىنلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ پۇل كۆپ بولغاچ نېشىنى ياراتماي بىۋاستە خىروئىن بىلەن ھەپىلشىۋاتىدۇ ، ئىقتىسادىى ياخشى ئەمەس بۇرادەرلەر بولسا ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ تۇرايلى دەپ قاپاق تارتىپ نېشىنىڭ كەيپىنى سۈرۈپ يۈرۋاتىدۇ ، مېنىڭ دىققەت قىلىشىمچە نۇرغۇنلىرىنىڭ نابۇت بۇلۇش جەريانى ئوخشايدىكەن.5 |8 l0 u* |1 U- \
; [4 {6 n- f& A8 u( g& d بىرىنجى قەدەم يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىش, h% y7 h& c. j7 }
چىن دىلىدىن ، مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆزلەش! q" R+ K `* _) B; c4 }
& b: x& P' ?" l7 n( G* O& O1 e% ? ئىككىنجى قەدەم تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىش
0 i) C9 p/ x& T7 n مەيلى دورىسۇن ، مەيلى ئوينىسۇن ، بارا بارا چېكىشكە خۇمار بولۇپ قېلىش# j# U6 z6 S9 M
$ m H& C& Y+ z) g2 T2 e ئۈچىنجى قەدەم ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىش
, d. ~. `6 A4 e9 a* y$ H دەسلەپتە ھاراق ئىچىش ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشى دەپ قاراپ باشلىنىدۇ ، كېيىن مەس ۋاقتىدىكى بىنورمال ھادىسە ۋەقەلەردىن ئىلھام ئېلىپ ھاراققا باشچىلىپ كىرىپ كېتىش.2 L+ v$ e! Q% G0 R/ r
, [+ C; N& g5 Y2 x6 X" Z' H
تۆتىنجى قەدەم قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىش( C: P8 l5 R6 [) ^% h! v
خاتا بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تىكلەش ، قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولۇش ( داۋاملىق قىزلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولۇش ، شەھۋانى بۇيۇملار بىلەن ھەپىلىشىش )
( v% |/ J' ]6 d( x' i/ [7 i8 G w% T) N; e( T/ I% ]& n6 U- m
بەشىنجى قەدەم نېشە چېكىشنى ئۆگىنىش
/ a$ e) ~' }7 @1 F0 r يۇقارقى كەيىپلەر لەززەتلىك تۇيۇلمايدىغان مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە نېشە ئىنتايىن ياقىدىغان ، ئەرزان ، كۆپ باش ئاغرىقى يوق ، ئېسىل شەخس بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ دە ۋاقىت چىقسىلا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلشىدىغان ، شۇنى چەككەندىن كېيىنكى گاراڭ - گۇرۇڭلىقنى كەيىپ دەپ قاراپ لەززەتلىندىغان بولىدۇ ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ئۇنى چەككەندىن كېيىن نېرۋىلارنىڭ كۆپىنجىسى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ ، پەقەت مەلۇم نېرۋىلارلا خىزمەت قىلغاچقا مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، دىمەك بۇ خىل ھالەت بەزى ناخشىچىلارغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق پايدا ئەكىلىشى مۇمكىن ، نېشە چەككەندىن كېيىن كاللا ئاددىلىشىدۇ ، بۇ خىل ئاددىلىق بەزى ئىشنى قىلغاندا بەك بېرىلىپ قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ۋە قورقۇنچاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ ، دەل مۇشۇنداق بىنورمال ئىنكاسلار بەزىلەرگە نېشىنىڭ كەيپىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويغان ، شۇڭا كۆپىنچە ياشلار بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قاراپ ئۆزىنى نېشىگە ئۇرىدۇ.) O* P, g ]: R
" x. u+ V: @- B/ {+ b ئالتىنجى قەدەم كۈچلۈك بولغان ، ئارلاشمىلارنى چېكىشنى ئۆگىنىش3 C+ M% S$ U( X; {
ئادەتتىكى ساپ نېشىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ چەككەندىن كېيىن بەدەن زەھەرلىنىپ ئۇنىڭ زەھىرى بەدەندە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلمايدىغان بولىدۇ ، يەنى كەيپى تۇتمايدىغان بولىدۇ دە "ئاقكۆڭۈل" بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىچكىردە ئىشلىنىۋاتقان " شەرقى شىمال يولۋىسى" دەپ نام ئالغان ئارلاشمىنى تېتىپ باقىدۇ ، بۇ خىل ئارلاشما ئەمەلىيەتتە نېشە بىلەن ھەرخىل زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ ئۆزى نېشىنىڭ شەكلىدە بولۇپ ، بەدەنگە تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى ، زەھەرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن ، ھەقىقى ئۆزىنى تارتىپ بۇلالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويالايدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ، k ئۇنى ، باش تولغاش كۇمىلىچى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس ، كۆپىنچە ھاللاردا نېشىنى توپ ئېلىپ ، پارچە ساتىدىغان كىشىلەرنى "بولاقچى" دەپ قويىشىدۇ ، بۇ بولاقچىلار يەرلىك نېشە (ساپ نېشە) ۋە شەرقى شىمال يولۋىسى نى بىللە ساتىدۇ ، ئۆزىچە ئۆزىنى ئاياپ قالغانلار يەرلىك نېشە بىلەن ھەپىلشىدۇ ، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالغان نوچىلار بىۋاستە شەرقى شىمال يولۋىسى بىلەن ئېيتىشىدۇ ، ھۇدۇقماي تۇرۇپ دىيەلەيمەنكى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە %60 ئۇيغۇر ياشلىرى نېشە چېكىدۇ ، بۇنىڭ %70 شەرقى شىمال يولۋىسى چېكىدۇ ، بۇنىڭ %90 ئاخىرى ئاق چېكىشكە تەرەققى قىلىدۇ. z# g* e+ [+ R7 C9 v5 G2 c8 B
1 l& n: Q6 E; J8 b
يەتتىنجى قەدەم ئاق چېكىشنى ئۆگىنىش' G9 Q, X3 M+ }" P9 `
شەرقى شىمال يولۋىسىنى بېسىپ نەچچە يىل ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ زەھەرلىنىپ بۇ نەرسىمۇ بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، كەيىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار "تاتلىق" ياشلىرىمىز ئاخىرى كەيىپنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان خىروئىننى ئىزدەپ تاپىدۇ دە، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق لەززىتىدىن تەسىرلىنىپ جان جەھلى بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە خىروئىنمۇ پەقەت مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق كىشىدە لەززەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ، ئۇنىڭ زەھىرى كۈچلۈك ، خۇمارى كۈچلۈك ، پۇلى كۆپلىرى تاماكا قەغىزىدە ئاستىدىن ئوت قۇيۇپ ئىسىنى شوراپ ياكى بىۋاستە بۇرنىغا شوراپ چېكىدۇ ، پۇلى يوق چېكەرمەنلەر ئازغىنە نەرسىدىن بەكرەك ھۇزۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ بىۋاستە تومۇرغا ئۇرىدۇ ، ئۇلار خىروئىن بىلەن سۇنىڭ مىقدارىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەيدۇكى سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە كەيىپ كۆرەلمەيدۇ خىروئىنغا زىيان بولىدۇ ، سۇ ئاز بۇلۇپ قالسا خىروئىن قان تومۇردا قېتىۋېلىپ دەل جايىدا جەھەننەمگە سەپەر قىلىدۇ .3 b$ x E% M1 i& R# {- t0 B
) d5 I Z. j* M/ w3 C+ l1 H+ C9 B سەككىزىنجى قەدەم ۋەيران بولۇش( {, [& B2 p- q8 z- B3 [( g& R7 a
.....................
( z) ~7 s# `+ q; M8 G, R- r. o (تەلىيى كاج كەلسە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپمۇ قالىدۇ)$ k! X% e# t% M$ I' \" m5 R
" L& `* E8 E7 H2 f9 I7 b S+ B! ^ بىر ئادەمنىڭ كەيىپكە بېرىلىش باسقۇچلىرى يىغىپ يۆگەپ كەلسە مۇشۇ باسقۇچلار بىلەن بولىدىكەن ، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ باسقۇچلار ئىلگىرى- كېيىن بولماي مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە داۋام ئېتىدىكەن ، مەن بەك دىققەت قىلدىم ، ئۇيغۇر جەمىئىتدە نېشە ئاجايىپ سىرلىق بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەن ، بەزى چوڭلىرىمىز ئۇنى چېكىشنى بوۋىلىرىدىن ئۆگەنكەنىكەن ، بەزىلەر ھەتتا نېشە چېكىش مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ئادەمگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى شۇكى، يىتىلۋاتقان ياشلىرىمىز نېشىنىڭ كەيپىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇقارقى كەيىپ باسقۇچلىرىنىڭ تېزلىكتە تاماملاپ خىروئىن بىلەن بىۋاستە ھەپىلشىدىغان ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئىشلارغا دۇچار بولىدىكەن ، يېقىندا بىر ئۇكىمىز ئورنىدىكى بالا ئاق چېكىپ جېنىدىن ئايرىلدى ، شۇنچىلىك ھەيران قالدۇقكى ئۇ يۇقارقى باسقۇچلارنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ "ئەلاچى" بولۇپ "ئەجەل" مۇكاپاتىغا بالدۇرلا ئېرىشتى ، يېنىمدا ، يېنىڭىزدا بۇنداق مىساللار بەكمۇ كۆپ ، چىرايى خۈنۈك ، ئىش خوشياقمايدىغان ، قىز بالىغا قارىسا كۆزلىرى خۇمالىشىپ قالىدىغان ، جىمغۇر ياكى كوت كوت ، غەرەز چۈشەنمەيدىغان بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم سىز بىلەن، مەن بىلەن ئورتاق بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپتۇ ، تەرەققىياتنىڭ چاقىغا چاپلاشقان بۇ لاي- لاتقىلارنىڭ قولىدىن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش ، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ، تەرەقىياتنى ئاستىلىتىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ خالاس ., k; w$ I: m% o
# O7 E3 O, N% B( I* q$ N, l
قانداق قىلىش كېرەك ؟!؟!؟!
9 c ~0 R5 {& V4 I* I
: x0 N3 p" H8 ?7 x# y7 W( S Y& E پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى مەركەز قىلغان ھالدا باشقىلارغا تەسىر قىلالىغۇدەك ، ئىلمى بولغان باشقىلارنىڭ قايىل قىلالىغۇدەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلالىشىڭىز ياكى قىلالماسلىقىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ دىتىغا باغلىق ، قىلالىسىڭىز سىزدە ، مىللىتىڭىزدە يەنىلا ئۈمىت بار ، قىلالمىسىڭىز (قىلدىغانلار بارغۇ دىمەڭ) ، تارىخ تارازىسى ھامان سىزنىمۇ شۇلار بىلەن قوشۇپ جازالايدۇ !
7 c) C: t3 p6 A' M. T" I* S; Hمەنبە:رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |