يانفۇن
# _& b P& ^. p* ?& c* B
& w9 d' D3 m# W, ?- |# bراسىت ئىش ،ئەيدىزنىڭ يۈرەك سۆزى
9 _5 G" Z! D9 Z
# h2 Z, F( [" q' d z( k
( g7 H; z1 J9 A3 L% A ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان گۈزەل ھاياتتىن ھوزۇرلىنىۋاتقان يۇرتداشلىرىم ،مىللەتداشلىرىم ، ئىنسانداشلىرىم . كەمىنە ئەيدىز ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن .مەن ئالدىنقى قېتىم << راست ئىش مەن ئەيدىزكەنمەن>> دېگەن تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي تەسەللىلىرىگە ئېرىشتىم ،ئىنتايىن تەسىرلەندىم . ھەرقېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا شۇ ياخشى نىيەت بىلەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەرگەن ئىنكاسلارنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم . ھەتتا قېرىندىشىم، توردىشىمىز SurayyaHanim ئالاھىدە مەن ئۈچۈن، مۇشۇ تېما ئۈچۈن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ ماڭا نۇرغۇن ياخشى گەپلەر بىلەن تەسەللىي بېرىپتۇ. ئۇ ئىنكاسىدا مېنى قېرىندىشىم دەپ چاقىرىپتۇ، مېنى قېرىندىشى ئورنىدا كۆرۈپتۇ ،يەنە تېخى مېنى ئاتمىش-يەتمىش يىل ياشايسىز دەپتۇ، ئاشۇ قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا قانداق ھېسىياتتا بولغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ خۇشاللىقىمدىن يىغلاپ كەتتىم. ئاتمىش-يەتمىش يىل ئەمەس يىگىرمە يىلمۇ ياشىيالمايدىغانلىقىمىنى بىلسەممۇ شۇنداق خۇشال بولدۇم ، لېكىن بەزىبىر ئىنكاسلار كۆڭلۈمگە كەلدى، بەكلا كەلدى، مەلۇم بىر توردىشىمىز مېنىڭ بۇ يازمامنى يارپ زەھەر چەكلەش تورىغا يۆتكەپ قويغان ئىكەن، ئالامەت ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ، ھەتتا بىرسى مېنى << ئىسىت سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ مۇشۇ چاغقىچە مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەمتىڭ >> دەپتۇ. يەنە بىر ئىنكاستا << ئەيدىزنىڭ پاھىشىنىڭ كارۋىتىدا يېتىپ ئۆزىنى ئاقلاپ كەتكىنىنى >> دەپتۇ . ئەسلى تېمىدىكى يەنە بىر ئىنكاستا << مەن بىر گەپ قىلاي ،بولدىلا قىلماي ھەيييييييييييييييييى>> دەپتۇ ، شۇنداق سىلەرنىڭ توغرا ، چۈنكى مەن مەغلۇپ بولدۇم ، مەن شۇ مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرۇپ ئىستىقبالىمنى ، ئائىلەمنىڭ ئىستىقبالىنى تۈگەتتىم ،بىراق مەن شۇنى دەپ قوياي مەن بۇ تېمىنى قانداقتۇر ئۆزۈمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ساڭا ئوخشاش <<مەجۈننىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان ئوغۇل بالىلارنى >>، << پاھىشىنىڭ كارۋىتىدا ياتمايدىغان ئۆزنى ئاقلىمايدىغان نوچىلارنى >> ،<< بىر گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بىلەرمەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى >> بولۇپ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بىلەرمەنلەرنى ، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىندىشىم بولغان ئۇيغۇرۇمنى ماڭا ئوخشاش بولۇپ قالمىسۇن ، مەندىن ئىبرەت ئالسۇن دەپ يوللىغان ئىدىم . توغرا مەن مەجۈننىڭ نىمىلىكنىلا ئەمەس ھازىرغىچە ھاراق-تاماكىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر دۆتمەن، پاھىشىنىڭ كارۋىتى مەسلىسىگە كەلسەك مەن يازمامدا دەپ ئۆتكەندەك مۇشۇ يېشىمغىچە ئۆز ئايالىمدىن باشقا بىر ئايال زاتىنىڭ قول ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم . پاھىشە دېگەن گەپنى ئاڭلىساممۇ سەسكىنەتتىم، بىراق پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ .مېنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق بۇ گۇناھىمغا بۇنچىۋالا چوڭ بەدەل تۆلىشىمنى نەدىن بىلەي ؟ئاڭلىسام بۇنداق ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇپ قىلىش نىسبىتى 3000دە بىر پىرسەنت بولىدۇ دەيدۇ، قاراڭلا شۇ 3000دە بىر پىرسەنتنىڭ ئىچىدىكى بىر پىرسەنىتنىڭ ماڭا كېلىپ قالغىنىنى !! مەنمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش ھەممىنى بىلىمەن، ئەيدىز دېگەن مەندىن بەكمۇ يىراقتا دەپ ئويلايتىم ، ئەيدىزنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئويلايتتىم . دوستۇم، قېرىندىشىم ،ئۇيغۇرۇم ، مەندىن ئىبرەت ئېلىڭ ، ئەخلاق چېگرىسىدىن ھالقىماڭ .سىزگە ئوخشاش ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيىدىغان ، پالۋان يىگىتلىرىمىز كېسەل كارىۋىتىدا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىسۇن .ئايالىمغا ئوخشاش بارلىقىنى ،ياشلىقىنى ،ئائىلىسىگە يولدىشىغا بالىلىرىغا ئاتىغان مىھرىبانلارغا ئەيدىز يۇقۇپ قالمىسۇن !!!!!!!!!!!!!
P+ [0 @% i4 U' h, [/ j
& P* f- U. R' D$ X( W0 s% b
' l/ i. j/ D) }5 {# c Y) I: \مەنبەسى:نۇر تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |