يانفۇن
$ i8 [+ J6 v1 }1 t: ?0 V" p
تۈركىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيەلىك كىنو چولپىنى«شابان» كەمال سۇنال 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بۇلۇپ،تۈرك تىياتىرچىلىقى،كومىدىيەلىك كىنو ساھەسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتچىلىرىنىڭ بىرى.داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى كەمال سۇنال،تۈرك كىنوچىلىقىدىكى جانلاندۇرغان روللىرى ئارقىلىق خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.ئۇ ئالغان روللىرىدا،ساددا،تەلەيلىك ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. كەمال سۇنالنىڭ كىنولىرى تا ھازىرغىچە خەلىق تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈپ كەلمەكتە ھەم كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كىنولار قاتارىدا تۇرماقتا. بالىلىقى: ئىستانبۇل كىچىك بازار رايونىدا تۇغۇلغان سەنئەتچىنىڭ دادىسى مالاتيادا تۇغۇلغان بولۇپ، Migros تاللا بازىرىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇستاپا سۇنالدۇر.ئاپىسىنىڭ ئىسمى سائىمە سۇنالدۇر.كەمال سۇنالنىڭ جەمىل سۇنال،جەڭگىز سۇنال ئىسىملىك ئىككى ئىنىسى بار. سەنئەتچى باشلانغۇچ مەكتەپنى مىمار سىنان باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى ۋە تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىنى پۈتتۈردى.ئۇنىۋېرسىتېتنى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق بۆلۈمى بىلەن باشلىدى.ئوقۇش جەريانىدا Emayetaş زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەلكىس بالكېرنىڭ سەنئەتچىنى مۈشفىك كەنتەر بىلەن تونۇشتۇرۇشى،كەمال سۇنالنىڭ كېيىنكى ئىش ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
8 r$ B! C& w8 @1 W- W) d
% j9 _0 H! v4 f1 I! K6 X
ئىش ھاياتى: 1964-يىلى ئەنقەرە باندو-مىزىكا بىرلىكىدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.سەنئەت ھاياتى ۋەفا تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدە ئىشتىن سىرت "Zoraki Tabip" ئىسىملىك تىياتىردا رول ئىلىشى بىلەن باشلايدۇ.تۇنجى قېتىم كەنتەرلەر تىياتىرخانىسىدا كەسپى ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇلۋى ئۇراز تىياتىرخانىسىدا،قىسقا ۋاقىت ئايفەر فەراي تىياتىرخانىسىدا،ئاخىردا دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا ئىشلەيدۇ.دەۋەكۇشى تىياتىرخانىسىدا رول ئالغان بىر تىياتىردا ئەرتەم ئەگىلمەز سەنئەتچىنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىنى بەك ياقتۇرۇپ قالىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ كىنوچىلىق ساھەسىگە يۆتكىلىدۇ.تۇنجى رولىنى 1973-يىلى ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى( Tatlı Dillim) «تىلى تاتلىقىم» ئىسىملىك فىلىمدە رول ئالىدۇ. ئېگىز بۇيى سەۋەبىدىن ۋاسكېتبولچىنىڭ خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.بۇ فىلىمدە رول ئالغاندىن كىيىن ئەرتەم ئەگىلمەزنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى باشقا فىلىملەردىمۇ رول ئېلىشقا باشلايدۇ. تۈرك كىنوچىلىقىدا ئىنەك شابان خاراكتېرى بىلەن پۈتۈن خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئالغان كەمال سۇنال،يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.ئىنەك شاباننىڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشىشى بىلەن كەمال سۇنال نۇرغۇن فىلىملەردە شابان ئىسمى بىلەن رول ئالىدۇ. 1974-يىلى توي قىلىدۇ.ئالىي ۋە ئەزو ئىسىملىك بىر قىز،بىر ئوغلى بار.1977-يىلى ئانتاليا كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1990-يىللاردىن باشلاپ رول ئالغان فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزورلاردا قۇيۇلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.ئەمما،ئۆزى بۇلار ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدىن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن ،مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتى،رادىئو تېلېۋىزىيە ۋە كىنوچىلىق بۆلۈمىنى1995-يىلى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئۇلاپ ماگىستىرلىقنى تاماملايدۇ. ۋاپاتى ۋە ئاخىرقى يىللىرى: پۈتۈن ئۆمرىدە جەمئىي 82 فىلىمدە رول ئالىدۇ.2000-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بالالايكا فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن تىرابزونغا مېڭىش ئالدىدا،ئايروپىلان قوزغىلىدىغانغا ئاس قالغاندا يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.ئىستانبۇلدىكى زىنجىرلى ساھىلى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. كەمال سۇنال پۈتۈن ھاياتىدا 82 فىلىمدە رول ئالغان.تۇنجى فىلىمىنى قۇشۇمچە رول ئالغان 1972-يىلىدىكى Tatlı Dillim «تىلى تاتلىقىم» فىلىمى بىلەن باشلىغان.1974-يىلى Salako ،ساراڭ شابان فىلىمىدە باش رول ئالغان.ئەڭ ئاخىرقى رول ئالغان فىلىمى 1999-يىلىدىكى Propaganda تەرغىب، فىلىمىدۇر .+ u: b) }6 k6 E1 E( s2 b
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |