مائارىپ
«يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ قويۇش»تا ئۈچ ئوقۇغۇچى ۋەھشىيلەرچە چانىۋېتىلدى* ?! V q9 P* n& l+ r
' G4 t7 |' r9 B# \' E9-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت بىرلەر بىلەن،گەنسۇ ئۆلكىسى جەنۇبى بىڭخې يولىغا جايلاشقان گەنسۇ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا،10نەچچە ئوغۇل بالا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوغۇللار ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ،913-ياتاقتىكى ئۈچ ئوقۇغۇچىنى چانىۋەتكەن.ئىگىلىنىشىچە،ئادەم باشلاپ كىرىپ ئادەم يارىلاندۇرغان بالىمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،نۆۋەتتە گۇاڭۋۇ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە.3 R1 {8 ~" U: i7 o$ R
پۈتۈن بىنادىكى ئوقۇغۇچىلار قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى( H" C$ g" l: V2 [* E4 d. M
شۇ كۈنى سەھەر سائەت بىرلەر بىلەن،گەنسۇ راىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوغۇللار ياتاق بىناسى ياتاق چىراغلىرىنى ئۆچۈرگەن بولۇپ،پۈتۈن ياتاق بىناسى جىمجىت ئىدى،ئوقۇغۇچىلارمۇ تاتلىق ئۇيقۇلىرىدا ئىدى.تۇيۇقسىز 9-قەۋەتتىن تولىمۇ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.يېرىم كېچىدە ئۇخلاپ ياتقاندا بۇنداق ئاۋازنىڭ چىقىشى پۈتۈن بىنادىكى ئوقۇغۇچىلارنى تاتلىق ئۇيقۇلىرىدىن ئويغىتىپ ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.«مۇنچە كەچتە نېمە ئىش يۈ زبەرگەندۇ؟بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان زادى كىمدۇر؟»ئوقۇغۇچىلار نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي مانا مۇشۇنداق مۇلاھىزىگە چۈشتى.خېلى يۈرىكى چوڭ بالىلاردىن بىر نەچچىسى ئاۋاز چىققان 9-قەۋەتكە بېرىپ،913-ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى بايقىغان.: [+ P; ~# ]: H5 r
9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشلەر بىلەن سەھەردە يۈز بەرگەننىڭ ئىشنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى.«ئاخشام 10نەچچە ئوغۇل بالا قوللىرىغا چەيدۇلارنى كۆتۈرۈپ 913-ياتاققا باستۇرۇپ كىرگەن ھەم ئۇخلاپ ياتقان ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ۋەھشىيلەرچە چانىۋەتكەن...» c! _7 O# f1 y
9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،مۇخبىر سەنئەي تاڭ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ يارىلانغان ئوقۇغۇچى شياۋياڭنى يوقلىدى.بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە،شۇ كۈنى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ،نۇرغۇنلىغان پىچاق كۆتۈرگەن ئوغۇللار ياتاققا باستۇرۇپ كىرىپ كۆرگەنلا ئوقۇغۇچىنى چانىغان.بۇ ئوغۇللار تولىمۇ قەبىھ بولۇپ،كۆزىگە چېلىققان ئادەم بولسىلا چاناپ ماڭغان.شۇڭا قېچىپ-قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايتتى.كېيىن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىشى بىلەن،بۇ بىر توپ ئوغۇللارمۇ قېچىپ كەتكەن.& l* W3 j ^/ E9 ?+ K* P ?- q3 p
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە،مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكى 10دا تاقىلىدىغان چىرىغى 11دا ئۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ،بۇ بىر توپ ئوغۇل بالىلار مەكتەپ ياتاق بىناسىنىڭ ھەممە تۈزۈملىرىنى پىششىق بىلىدىغان بالىلار ئىكەن.ياتاق باشقۇرغۇچى ئەمدىلا كېتىپ تۇرۇشىغا ئۇلار باستۇرۇپ كىرگەن.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،بۇ بالىلار چوقۇم مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ،يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىغا زومىگەرلىك قىلغىلى كىرگەن.يارىلانغۇچىلار ئۇلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بولۇپ تونۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىكەن.913-ياتاقتا تۇرىدىغان 10ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى يېزىدىن كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،ئۆزلىرىنىڭ بىرەر يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىگەن.
, o3 `: h K/ V [( l5 Dمۇخبىر بۇ مەكتەپكە زىيارەتكە كەلگەندە،ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىققان بولۇپ،باشقا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار يوق ئىدى.مەكتەپ كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىگە مەسئۇل بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە،ئادەم باشلاپ كىرىپ جېدەل چىقارغان ئوقۇغۇچىمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.قالغان ئەھۋاللارنى ئۇلارمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان بولۇپ،نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە.$ H& f4 D+ r9 ?
& i2 i' G8 ?! l( p8 mنۇر تورىدىن ئېلىندىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |