ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 1

داڭلىق رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا توغرىس ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ئۇيغۇر 201208311311368997.jpg
2 b) R- B: E! c) G$ i- eشەمسىيە ئەبەيدۇللا 1979 – يىلى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بىر مەرىپەتپەرۋەر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 14 – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقىغان. 2003 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئۇدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئىلغار سىنىپ كادىرى»، «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»، «ئىجادىيەت مۇكاپاتى». دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، شياۋداۋكاڭيۈ ئوقۇش مۇكاپاتى...غا ئېرىشكەن، 2002 – يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى» شەرىپىگە، 2000 – يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ياش پىدائىي» شەرپىگە، 2003 – يىلى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرپى_ «4 – ماي ئوقۇش مۇكاپاتى» (مۇكاپات سوممىسى ئون مىڭ يۈەن) غا ۋە «جيەنخاۋ لوڭقىسى»غا ئېرىشكەن. ئالىي مەكتەپتە ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى، فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكالىتەن تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجىن، گۇاڭجۇ، خەينەن، جۇخەي، شىئەن، لەنجۇ... قاتارلىق جايلارغا بېرىپ،ھەر خىل يىغىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە شىنجاڭ ستودىنتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلغان& i( X4 W8 t6 ?1 G
شەمسىيە ئەبەيدۇللا يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى ئېغىر ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئىككى قېتىم «مېھىرلىك قەلبلەر ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئەبەيدۇللا تۇردى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، دىلنار ئابدۇللا، تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان، ئەسقەر رېقىپ، مەۋلان نىياز، ئەكبەر قەھرىمان، پولات تۇرسۇن قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر سەنئەتكارلارنىڭ ۋە مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك كارخانىچىلارنىڭ خالىس ياردىمىدە، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، فىلولوگىيە ئىىستېوتىدا تۇنجى بولۇپ «ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى» تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ستودىنتنىڭ غەيرەت – جاسارىتى ۋە مېھرى – مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ پائالىيىتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.* G/ ?9 u3 O: C/ G) Q  b3 J
2003 – يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا خىزمەتكە چۈشتى. خىزمەتكە چىققاندىن بويان، ئۇ يەنىلا مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» (بۇرۇنقى ئالتۇن كۆزنەك) پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، «مائارىپ گۈلزارى» (ھازىرقى پەن – مائارىپ)، «پەن – تېخنىكا دۇنياسى»، «مۇنبەت تۇپراق»، «كۆڭۈلدىكى سۆز» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ پىلانلاش، مۇخبىرلىق قىلىش، ئاپتورلۇق، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلەپ، رەھبەرلىك ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.  t* C  h0 m+ D1 O  P6 Q' ?5 M2 o  O: {
ئۇ خىزمەت قاتناشقاندىن بويان، «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگراممىسى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى نادىر رادىئو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا ئۇ «بىرىنچى دەرىجىلىك رىياسەتچى» مۇكاپاتىغا، ئۇ مۇخبىرلىق، ئاپتورلۇق، كىرىشتۈرۈش ۋە رىيەسەتچىلىك ۋەزىپىلىرىنى بىراق ئۈستىگە ئالغان «كىنوچىنىڭ ھېكايىسى» فىلىمى ئىجتىمائىي تەربىيە تۈرىدىكى پروگراممىلار بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2007 – يىلى جۇڭگو «ئالتۇن مىكروفۇن» يۈرۈشلۈك باھالاش پائالىيىتىدە «مېھرى – مۇھەببەت تارقاتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۇ ئىشلىگەن بىر يۈرۈش تەسىرلىك فىلىملەر كەڭ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ تيۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ! a: e3 {8 O( g0 @' D5 E
ئۇ ئىدارىدىمۇ «ئىلغار خىزمەتچى»، «ئىلغار ئىتتىپاق خىزمەتچىسى» شەرەپلىرىگە ئېرىشىپ تىرىشىپ ئىشلىمەكتە. ! z' C& `! h' J4 P1 x5 v
ئۇ ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋىرسال قانىلى ( XJTV_2 ) «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» «كۆڭۈلدىكى سۆز»پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، 2- قانال ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.6 _  Y0 b5 T# O3 w: U4 T: T5 d& X8 N
ئىسىم - فامىلىسى : شەمسىيە ئەبەيدۇللا
  R$ T& F% v( U  I% ~' o! Nمەدىنىيەت سەۋىيسى : تۇللۇق كۇرۇس
/ q8 x/ W( D: Q, r4 e+ f  Qقان تىپى :A
' ^6 u  c# ^% b/ p4 }1 ]ئېگىزلىكى : 1.65
* J% M: H& y5 o3 V" Yئېغىرلىقى : 50kg $ ~; a; P3 V9 k: E
ياخشى كۆردىغان ئىشى : ناخشا ئېيتىش ، كىتاپ ئوقۇش ، ئۇسۇل ئويناش ، رىياسەتچىلىك * e4 K, {- H% w4 q
ياخشى كۆردىغان رەڭ : قارا رەڭ ، كۈلرەڭ رەڭ.
3 d) q# `: [, d5 C; b, W: M% @ياخشى كۆردىغان رىياسەتچى : ۋاڭ شىياۋيا ، مۇنىرە غۇپۇر
, X1 l+ f; C( x6 xپۆتتۈرگەن مەكتىپى : شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇرتىلى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى. # i" K) }9 \6 z3 ?" x
خىزمەت ئورنى:شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى« ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»«كۈڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7622 سەر
تۆھپە
4883 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-9-23 22:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تۇنۇشۇشنى خالايتتىم بۇ ئاچام بىلەن....3 |" C$ H2 J# D! k
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗