مائارىپ
غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «خەنزۇ بازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەنئەنىۋى بازارنىڭ بارلىقى ئىلى جامائىتىگە ئۇزاق زامانلاردىن بەش قولدەك مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن يەر نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي مەنبە ۋە سەۋەب ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە ئېھتىمال كۆپىنچە كىشىلەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە سىز «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ زەڭ قويۇپ كۈزەتسىڭىز، گەرچە، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىق قىياپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى يەنىلا روشەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، مەيلى كۈندۈلۈك بازار ئىشتىراكچىلىرى بولغان سودا–سېتىقچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىن بولسۇن ۋە مەيلى بازاردا كۈندۈلۈك ئوبورۇت قىلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بولسۇن، مەزكۈر يەر نامىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مىللەت ئېنىقلىمىسى روشەن نامايەن بولمايدۇ. «خەنزۇ بازىرى» ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك–تۈمەن تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر تالاي ئېتنوگرافىك ۋە گۇمانىتارلىق خىسلەتلەرگە باي سېھىرلىك ماكان.
, G/ E" e% [* @- Dمەن كىچىكىمدىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان سېھرىگە قىزىقىپ كەلدىم. بۇ خىل قىزىقىش مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئىلى تارىخى ھەققىدە ئانچە–مۇنچە ماقالىلەرنى يېزىپ يۈرگەندىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى مېنى بۇ ھەقتە خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن، ھەرقانچە ئۇرۇنساممۇ، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىن مۇكەممەل ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدىم. دەل مۇشۇنداق ئىزدىنىش باسقۇچىدا باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمىدە، خەنزۇچە «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2003–يىللىق 12–سېنتەبر سانىغا لى جەننىڭ («خەنزۇ بازىرى»—ئىلىنىڭ كۆزى) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 13–سېنتەبر سانىغا چى پىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى»— قىممەتلىك تارىخىي مىراس) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 21–سېنتەبر سانىغا جياڭ چيۇشىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى ۋە مەن») ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 2005–يىلى 15–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («ياڭ ليۇچىڭ ۋە خەنزۇ بازىرى»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 29–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش بىر ئۇزۇن تارىخىي سىمفونىيە»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئارقا–ئارقىدىن بېسىلدى. بۇ ماقالىلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە مېنى خېلى تولۇق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قىزىقىۋاتقان كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە، شۇنداقلا يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلارغا ئاز–تولا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى رەتلەپ نەشرگە بېرىشكە تۇتۇندىم. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ماقالە ئاپتورلىرى گەرچە خېلىلا جاپالاردا بۇ ماقالىلارنى ھۇجۇدقا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزكۇر تارىخنىڭ بىۋاسىتە شاھىدى بولمىغاچقا، ئىزدەپ سوراپ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن نۇقسانلارغا يول قويغان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، زىيارەت ئوبيېكتلىرىنى قايتا ئېنىقلاپ ئادەم ئىسمى، يەر ناملىرى ۋە ۋاقىت جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش مەزمۇنلارنى كېڭەيتىپ يېزىپ، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا يوچۇن جايلىرىنى قىسقارتىپ قايتىدىن تۈزۈپ چىقتىم.* K; v6 e0 i* @' b5 d
1. «خەنزۇ بازىرى» ۋە تىيەنجىنلىكلەر
' @# N! ]2 g% A) n5 }$ r, oھازىرقى كۈندە ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان، ئادەتتە ئۆزىنى «يەرلىك» دەپ ئاتايدىغان خەنزۇلاردىن سۈرۈشتۈرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكى يا «خەنزۇ بازىرى»دا تۇغۇلغان ياكى «خەنزۇ بازىرى»دا چوڭ بولغان بولۇپ چىقىدۇ. دەل مۇشۇ «يەرلىك» خەنزۇلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن كەلگەنلەر (杨柳青— يەر نامى، ئۇيغۇرچە سۆگەتلىك، تاللىك، كۆكتال دېگەن مەنىلەردە). تىيەنجىن شەھىرى غەربىي شەھەر رايونى ياڭ ليۇچىڭ بازىرىنىڭ قەدىمكى سودا–سېتىق مەركىزى ۋە «چاغانلىق ئاسما رەسىملەر يۇرتى» دېگەن نامى بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا مەشھۇرلۇقى ھەممىلا كىشىگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ھەربىي قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان ئادىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس (كونا غۇلجا تىلىدا خۇلاڭزىچى — سەييارە تىجارەتچى دېگەن مەنىدە). ئەمەلىيەتتە، تارىخىي تۇرقىدىن قارىغاندا، قوشۇنغا ئەگەشكەن سودىگەرچىلىك ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ياڭ ليۇچىڭدىكى چاغانلىق ئاسما رەسىملەرنىڭمۇ داڭقىنى بېسىپ چۈشىدۇ.( \# K2 M( a* y
* قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش
7 j* P9 N2 k0 _0 B. cچىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىنىڭ تۇنجى يىلىدىن (1875–يىلدىن) 1949–يىلى ئۆلكە ئازادلىقىغا قەدەر 74يىل مابەينىدە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 3000تۈتۈندىن، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 15مىڭدىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭغا چىقىپ ئولتۇراقلاشتى. بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش جەريانىدا سودىغا ماھىر ياڭ ليۇچىڭلىقلار بوخەي دېڭىز ساھىلىدىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تۇتاشقان بىر يېڭى سودا لىنىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاللىقاچان توپا بېىسپ قالغان قەدىمكى «يىپەك يولى»نىڭ شەرقىي بۆلىكىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.. J" b( U5 E, C- R8 a- t! V
تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ سودا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كەڭ، سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى مول، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئەگرى–توقاي، جاپالىق بولغاچقا، بۇ پائالىيەت باشلىنىش، راۋاجلىنىش، يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋە پەسىيىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ باسقۇچ ئىلىنىڭ سودا–سانائىتىگە مۇئەييەن ئۇل سېلىش باسقۇچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى جاينىڭ ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتى، قول–ھۈنەر مەدەنىيىتى، سودا–سېتىق مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىر قىلىش، تولۇقلاش، سىڭىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايلاردىن ئۆزگىچە بولغان ئىلىنىڭ يەرلىك ئارىلاشما ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.( P- I, T3 B) j. n, Y& x
چىڭ سۇلالىسى تۇڭجى پادىشاھلىقىنىڭ 3–يىلى (1864–يىلى) غەربىي شىمالدا ئارقا–ئارقىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. شەنشى–گەنسۇ رايونىدىكى خۇيزۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدىمۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. لېكىن، قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى شۇ چاغدىكى فېئودال، دىنىي ئىمتىيازلىق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەچكە، ئىلىدا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان ھاكىمىيەت «ئىلى سۇلتانلىقى» مەيدانغا كەلدى. تۇڭجىنىڭ 4–يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا قوقان خانلىقىنىڭ (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) لەشكەر باشلىقى ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاتالمىش «يەتتەشەھەر دۆلىتى»نى قۇردى. تۇڭجىنىڭ 10–يىلى (1871–يىلى) چارروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالدى. چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.: l* c; [5 Q* G4 C0 E
چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، شەنشى–گەنسۇ باش مۇشاۋۋۇرى زوزۇڭتاڭنىڭ غەربكە ئەسكەر چىقىرىپ، توپىلاڭنى تىنجىتىشىنى بۇيرىدى. تۇڭجىنىڭ 12–يىلى (1873–يىلى) شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان ئالدىنقى سەپ قىسمى گەنسۇ جۇۋچۈەننى ئىشغال قىلىپ، 60مىڭ ئەسكەرنى مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوشۇننى دەم ئالدۇرۇشقا باشلىدى. جۇۋچۈەن شەھىرى ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، مۇشۇنچىلا زور قوشۇننىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كۈندۈلۈك جان بېقىشىمۇ زور مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇن قاتناش ۋە ئۇچۇر–ئالاقىنىڭ قالاقلىقىدىن تەييارلىقسىزلا سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي تەمىنات ئۆكسۈپ قالدى. نەتىجىدە شىنجاڭغا چىقىپ جەڭ قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئامان–ئېسەن شىنجاڭغا يېتىۋېلشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى.
2 D8 v8 z/ x U p# S; yئۇدا نەچچە يىللىق قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش–توپىلاڭنىڭ دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار خېلى بۇرۇنلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا تىرىكچىلىك قىلىشقا ئاتلانغان ئىدى. ئۇلار، ئادەتتە ئۇرۇق–تۇغقان، يارۇ–بۇرادەرلەردىن بەش–ئالتەيلەن بىر توپ بولۇپ، قوشۇنغا ئەگىشىپ ئەپكەش كۆتىرىپ، تىجارەت قىلىشنىڭ ئېپىنى ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سېۋىتىدە كۆپىنچە تاماكا–سەرەڭگە، لۆڭگە–سوپۇن، دورا–دەرمەك، يىپ–يىڭنە قاتارلىق مىلىچ ماللار بولاتتى. ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئالدى–ساتتىدا ئادىل، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولغاچقا، چىڭ قوشۇنىنىڭ رازىمەنلىكىگە ئېرىشىۋالغان ئىدى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان زوزۇڭتاڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەر باشلىقى ليۇجىنتاڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭغا مەخسۇس ئەمەلدار ئەۋەتىپ، ياڭ ليۇچىڭلىقلاردىن ئارمىيە شىتاتىدا بولمىغان مەخسۇس «ئارقا سەپ تەمىنات پىدائىي قىسمى» تەشكىللەشكە بۇيرۇدى. ھەربىي ئەمەلدار ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئىچىدىن ياراملىق كىشىلەرنى تاللاپ ئۇلارغا «ئەجدىھار چېكىلگەن ئالاھىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ، ئۇلارنى ئارقا سەپ تەمىنات تۈزۈمى بويىچە بىرلىكتە باشقۇرۇپ، ھەربىي قوشۇننىڭ كۈندۈلۈك لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە ئۇيۇشتۇردى.' H8 _/ \( Y( d# p( b! v1 q8 G
شۇ چاغدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ياڭ ليۇچىڭلىق ئەپكەشچىلەر ئىچىدىن ئەن ۋېجۇڭ دېگەن كىشىنىڭ سودىدا خېلىلا داڭقى بولغاچقا ھەمدە بىرىنچى بولۇپ «ئەجدىھار چېكىلگەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى»غا ئېرىشكەچكە، ئۇنىڭغا «1–خۇلاڭزىچى» نامى تارتۇق قىلىنغان ئىدى. قوشۇن ھەربىي يۈرۈش داۋامىدىكى ئارام ئېلىش نۇقتىلىرىغا يەتكەندە «خۇلاڭزىچى» تىجارەتچىلەر مەخسۇس كۆرسىتىلگەن جايغا يايمىلىرىنى يېيىپ سودىسىنى باشلىۋېتەتتى.* R5 f0 V$ M0 b' H o% @8 P
چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىقىنىڭ 2–يىلى (1876–يىلى) چىڭ قوشۇنلىرى قاشقوۋۇق (جيايۈگۈەن)تىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن قوشۇنغا ئەگىىشپ تىجارەت قىلىدىغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بەش–ئالتە يۈز كىشىگە يەتكەن ئىدى. ئۇندىن باشقا يولدا قوشۇلغان ئاز ساندىكى شەنشى، گەنسۇ، سەنشىلىق تىجارەتچىلەرمۇ ئارىلىشپ سودا قىلاتتى.
5 ^3 N& T) O* k2 r% m0 N! C% Qتوپىلاڭلار تىنچىتىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا ئامانلىقى ۋە ئىگىلىكنىڭ روناق تېپىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىيەنجىنلىك «خۇلاڭزىچى»لارنى سودا تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇچاغلاردا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سودا ئۆتكىلى دىخۇا شەھىرى (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) كەينى–كەينىدىن تۇغۇلغان يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن تاشلاندۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالغاچقا، شەھەرگە كىرگۈچىلەر خالىغان يېرىدىن قورۇق سوقۇپ يەر ئىگەللىۋالالايتتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خۇلاڭزىچىلار باشلىقى ئەن ۋىنجۇڭ تۇنجى بولۇپ «تىيەنجىنلىكلەر يايما كوچىسى»نى تۆت كوچا كۈن چىقىش دوقمۇشىغا سامانلىق لايلەمپە بىلەن ئاددىي دۇكان سېلىپ، نەچچە يىللىق قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، يېڭىدىن مۇقىم دۇكاندارلىق سودا ھاياتىغا قەدەم قويدى. ياڭ ليۇچىڭلىق يۇرتداشلار ئارقا–ئارقىدىن ئۇنىڭغا قوشنا دۇكانلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۈرۈمچى داشىزى (大十字) سودا كوچىسىنى شەكىللەندۈردى.
- v6 H c6 x) \8 k. uبۇ خىل باشلانغۇچ باسقۇچتىكى مۇھىم سودا ئورۇنىدا ئۇرۇق–تۇغقان، يۇرتداشلارنىڭ دۇكانلىرى بىر–بىرىگە يانداش بولغاچقا، سودىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق ئىدى. ئۇلار ئەن ۋىنجۇڭنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم كۈچىنى تەڭشەپ، يېشى چوڭراق، تېنى ئاجىززاق يۇرتداشلىرىنى دۇكانغا قاراشقا قويۇپ، ياش–قاۋۇلراقلىرىنى ئەپكەش كۆتىرىپ، يېقىن–ئوتتۇرىدىكى مەھەللە–يېزىلارغا، ھەربىي گازارمىلارغا مال ئاپىرىپ ساتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ جۇغلاپ، پاي قوشۇپ، پايغا قاراپ تەڭ تەقسىم قىلىپ ئەڭ دەسلەپكى ھەسسىدارلىق سودا شىركەت شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سودا–سېتىقنى جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەپكەش كۆتىرىپ قوشۇنغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا چىققان 3000دىن ئارتۇق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بىر نەچچە يىلدىلا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇھىم شەھەر–بازارلىرىغا تارقىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى غوللۇق سودىگەرلەردىن بولۇپ قالغانىدى. سودا–سېتىقنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارا–بارا كۆلىمى زور، تىجارەت مەبلىغى بىر قەدەر مول بولغان «تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر گۇرۇھى» شەكىللەندى. نەتىجىدە، كېيىنچىرەك شىنجاڭغا كىرگەن بېيجىڭ، سەنشى، خۇبىي، خۇنەن، خېنەن، شەنشى، سچۈەن قاتارلىق سەككىز چوڭ سودا گۇرۇھى ئىچىدە تىجارەت دەسمايىسى ۋە بازار ئىجتىمائىي تەسىرى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، خېلى زامانلارغىچە باشقا يۇرتلۇقلار تاقابىل تۇرالمىغۇدەك ھالەتنى داۋاملاشتۇردى.7 f4 M7 B1 K3 {# F/ C
كېيىنچە، ياڭ ليۇچىڭدا قېپقالغان يۇرتداشلار سودا كارۋانلىرىدىن شىنجاڭدا ئىش–ئوقەتنىڭ راۋان، جان باقماقنىڭ ئاسانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەپكەشلىرىنى كۆتىرىپ، خوتۇن، بالا–چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز شىنجاڭغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىل كۆچمەنلەر دولقۇنى 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرى ئاخىرىغىچە يەنى «لۇگۇچىياۋ ۋەقەسى»دىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، قاتناشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە مال مەنبەسىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن تېزدىن پەسىيىشكە قاراپ يۈز تۇتتى. بۇ پەسىيىش تاكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگىچە داۋاملاشتى. گەرچە، 1945–يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن تارتىپ، 1949–يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئازادلىقىغىچە، يەنە بىر قىسىم ياڭ ليۇچىڭلىقلار شىنجاڭغا تىرىكچىلىك قىلىشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار بۇ خىل 100 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئومومىي كۆچۈشنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالدى. 7 ^1 E% u6 n$ F6 I
تارىخى 100 يىلغا، مۇساپىسى نەچچە ئون مىڭ چاقىرىمغا يېتىدىغان بۇ خىل قاينام–تاشقىنلىق سودا لىنىيىسىدە تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر كارۋانلىرى مۇشەققەتلىك غەربىي شىمال چۆللۈكىدە كولدۇرما ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خىلمۇخىل كۈندۈلۈك لازىمەتلىك تاۋارلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن ئىدى. بازارنىڭ ئاۋات پەسىللىرىدە ھەربىر سودىگەر ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىگەن مېلى 500 تۆگىدىن ئېشىپ كېتەتتى. بەزىلەرنىڭ ھەتتا مىڭ تۆگىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى( ھەبىر تۆگىگە 150–200 كىلوگرامغىچە مال ئارتىلاتتى). شۇ چاغلاردا شىنجاڭغا قىس بولغان پاختا رەخ، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملار، بەش خىل مېتال بۇيۇملار، كىيىم–كېچەك، ئاياق كىيىم، باش كىيىم، چاي–شېكەر،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، فار–فۇر چىنە–قاچىلار، جۇڭگوچە دورا–دەرمەكلەر قاتارلىق 300 خىلدىن ئارتۇق تاۋار شىنجاڭغا توشۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودا تارىخىغا تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئۆز نۆۋىتىدە، تىيەنجىندە ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆكسۈپ قالمايدىغان غايەت زور بازارنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.% p2 Z6 C$ Z8 S8 r B
* كۈرە قەلئەسى ۋە تىيەنجىنلىكلەر بازىرى
. n- Y0 N0 L+ W7 J$ p ^1882–يىلى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مانجۇ گېنېرال جىن شۈننى ئىلىنى چارروسىيە قولىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش، كۈرە قەلئەسىنى ۋە ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەپ ئىلىغا ئەۋەتتى.
. m- [9 N. e* I# S9 e$ Nبۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇزۇن قۇلاق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر دەرھال پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاتا كەسپىنى تاشلىماي، ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ماڭغان چىڭ قوشۇنىغا يېڭىباشتىن ئەگىشىپ ئارقا–ئارقىدىن كۈرە، سۈيدۈڭ، غۇلجا قاتارلىق ئىلى توققۇز قەلئەسىگە ئورۇنلىشىپ، يەر ئىگەللەپ سودا–سېتىققا كىرىشىپ كەتتى.) W) @ U6 t- o
تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئىلىغا كىرگەنلىرى توققۇز قەلئە ئىچىدىكى مەركىزىي قەلئە — ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى جايلاشقان كۈرە قەلئەسىنى تاللىۋالدى. شۇ مەزگىللەردە، ئىلىدىكى كۈرە قەلئەسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەمۇرىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ گېنېرال مەھكىمىسى — «ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى» مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان ئىدى. قەلئەگە 5000دىن ئارتۇق سەككىز تۇغلۇق قوشۇنلۇقلار جايلاشقان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى سۈيدۈڭ قاتارلىق يانداش سەككىز قەلئەدىمۇ نۇرغۇنلىغان چېرىكلەر بارئىدى. كونا كۈرەدە تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر نوپۇسىمۇ بىر قەدەر زىچ ھەم كۆپ بولغاچقا، سودا–سېتىق ئاۋات ئىدى.
_- H# |$ ~4 r( l% V( D3 r5 m- Tتىيەنجىنلىق سودىگەرلەر كۈرەگە كېلىپلا كوچا بويلاپ دۇكان ئېچىپ، كېچە–كۈندۈزلەپ يېڭى مال توشۇپ تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئاز كۈندىلا بازارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتتى ھەمدە يىراق–يېقىنغا مەشھۇر بولغان «تىيەنجىنلىكلەر بازىرى»نى شەكىللەندۈردى. چىڭ سۇلالىسى شۈەنتۇڭنىڭ 3–يىلى (1911–يىلى)دىكى تىيەنجىن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى كۈرە «تىيەنجىن بازىرى»دا چوڭ–كىچىك جەمئىي 480دىن ئارتۇق دۇكان–ساراي بولۇپ، بۇنىڭ %90نى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئاچقان ئىكەن.$ o# S4 \. R2 }7 b+ R
يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن تۇنجى زىيارىتىمنى غۇلجا شەھەرلىك سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، كونا يۇرتى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق ياڭ جۈنجىيا ئاقساقالدىن باشلىدىم.
3 G; S: |; R3 [; `7 a$ p5 @ياڭ جۈنجيانىڭ دادىسى ياڭ ئېنكۈي چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 8–يىلى (1882–يىلى) 5–ئاينىڭ 27–كۈنى، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرى نيەنتۈزۈي مەھەللىسىدە بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياڭ ئېنكۈي ئاكا–ئۇكا ئالتە بالا بولۇپ، ياڭ ئېنكۈي كىچىكىدىنلا ئاتا–ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ، بېلىق تۇتۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. كېيىنچە ئارقا–ئارقىدىن تۇغۇلغان قەھەتچىلىك ۋە يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن جان بېقىش تەسلىشىپ كېتىپتۇ. 1903–يىلىغا كەلگەندە، ئەمدىلا يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان ياڭ ئېنكۈي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنغا ئەگىشىپ، ئەپكەش كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. بىر يىلغا جاپا–مۇشەققەتلىك سەرگۈزەشتىلەردىن كېيىن، ياڭ ئېنكۈي شۇ چاغدىكى نىڭيۈەن (بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى) قەلئەسىگە كېلىپ، مىڭبىر جاپادا بۇرۇن كەلگەن 2–ئاكىسى ياڭ ئېنخەينى ئىزدەپ تېپىپ بىرلىكتە تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن. ياڭ ئېنكۈي ئالدى بىلەن تامچىلىق قىپتۇ. كېيىنچە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق بىر سودىگەر ئاچقان «گوڭچىڭخې»(公庆和)دەپ ئاتىلىدىغان سودا دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلەپتۇ. بىر نەچچە يىللىق تەجرىبە–ساۋاقلارغا ۋە بەلگىلىك دەسمايىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى ياڭ ئېنخەي بىلەن بىرلىشىپ «خەنزۇ بازىرى»نىڭ چوڭ كۆۋرۈك بويىدا «گوڭشىڭخې»(公兴和) ئاكا–ئۇكىلار سودا دۇكىنىنى ئېچىپ تىجارەت باشلاپتۇ. 30–يىللارغا كەلگەندە سودىسى روناق تېپىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپتۇ. ياڭ ئېنكۈي پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنۇتماي، تاپقان پايدىسىنىڭ كۆپرەكىنى خەير–ساخاۋەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ«سەنمىن باشلانغۇچ مەكتىپى»( «سەنمىن»三民— بۇ يەردە سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچ مەسلەك» كۆزدە تۇتۇلىدۇ)نى قۇرۇپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىپتۇ. ئارقىدىنلا باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سەنمىن كىنوخانىسى» (ئازاتلىقتىن كېيىن «ئاممىۋى كىنوخانا» دەپ نام بېرىلگەن. لېكىن شەھەر خەلقى يەنىلا «خەنزۇ بازىرى كىنوخانىسى» دەپ ئاتىغان— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن)نى سېلىپ، پات–پات ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئىلغار كىنولارنى قويۇپ، پۇقرالارغا ۋەتەن سۆيۈش ئىدىيىسىنى تەشىۋىق قىلغان ئىكەن. كېينچە غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ دەسلەپكى پاراژنى ئەترىتى (水龙局) تەشكىل قىلىپ، شەھەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ياڭ ئېنكۈي ئۆز يۇرتداشلىرىغا يار–يۆلەك بولۇشتىن سىرت، «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغىمۇ خەير–ساخاۋەت قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزا–رامزان، ھېيت–ئايەملىرىدە قوشنا مەسچىتلەرنى كىرسىن، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن، كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم–يېسىرلارنى چاي–تۇز، قەن–گېزەكلەر بىلەن تەمىنلەپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدە «ساخاۋەتچى ياڭ مۆتىۋەر» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان ئىكەن. 30–يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدىكى بارلىق سودىگەرلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىكەن.$ K7 Q: y9 T" G1 C# A
1964–يىلى «خەنزۇ بازىرى»دا 60يىلدىن ئارتۇق سودا–سېتىق بىلەن ياشاپ ئۆتكەن بۇ مۆتىۋەر 82 يېشىدا غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
0 N( e2 ?/ b% I, Pياڭ جۈنجىيانىڭ دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20–30–يىللىرىدا كۈرە بازىرى سودا–سېتىقنىڭ ئاۋاتلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر ئىكەن. ھەركۈنى تۆگە كارۋانلىرى، ئات–ئېشەك–خېچىرلىق ھارۋىلار بېيجىڭ، تىيەنجىننىڭ ھەرخىل تاۋارلىرىنى، خاڭجۇ، سۇجۇنىڭ يىپەك دۇردۇن–كىمخاپلىرىنى، خۇنەننىڭ چايلىرىنى، جياڭشىنىڭ جانان چىنە–قاچىلىرىنى توختىماي توشۇپ تۇرىدىكەن. «ۋېنفېڭتەي» (文丰泰) سودا سارىيىنىڭ تاۋارلىرى، «خۈيفاڭيۈەن»(会芳圆) ئاشپۇزۇلىنىڭ بېيجىڭ، تىيەنجىنچە تەملىك قورۇمىلىرى، «شىڭتەيخې» (兴泰和) سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ كىچىك ساپال ئىدىشلارغا قاچىلانغان، تۇز ياكى سىركىگە چىلانغان خامسەيلىرى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىگىمۇ داڭلىق ئىكەن.& H. b' F0 X7 m/ I" h# a! g
ھازىرقى كۈرە بازىرىنىڭ شىمالىي كوچىسى 94–نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق يۈلەنجى ئاقساقالمۇ كونا كۈرەلىكلەرنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بوۋىسى يۈباۋخى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قوشۇنغا ئەگىشپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بارلىق بىساتىنى بىر كونا ئات ھارۋىسىغا تېگىشىپ، خوتۇنى، 6ياشلىق ئوغلى ۋە پۇتى بوغۇلغان ياشانغان ئانىسىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئۆزى پىيادە ئەپكەش كۆتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن يول يۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارچە–پۇرات تىجارەت بىلەن يېرىم يىلدا ئاران كۈرەگە يەتكەن ئىكەن.9 n4 P! w7 U( r' z) W1 H
يۈباۋخى كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئاز ئۆتمەي باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، كۈرە قوڭغۇراق راۋىقى يېنىدا «جاھانكەچتىلەر ئارامگاھى» (四路握) دېگەن كىچىك بىر ئاشپۇزۇلنى ئاچقان. ئۇزاققا قالماي بۇ ئاشخانا ئۆزىنىڭ ھەرخىل تەملىك «تىيەنجىن خوشىڭى» بىلەن يەرلىكلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ھەمدە ئەل ئىچىدە «يۈ ئۇستامنىڭ خوشىڭى» (于锅贴) دېگەن مەخسۇس ئاتاق ئېغىزدىن–ئېغىزغا كۆچۈپ، داڭقى يىراق–يېقىنغا پۇر كەتكەن.
2 d" g0 k+ e; @يۈلەنجىنىڭ دادىسى يۈجىنچۈەن كۈرە شۆتاڭدا باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، سودا سارايغا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئاندىن پۇل جۇغلاپ «باۋ تەيچېڭ» (宝泰成) دېگەن سودا دۇكىنىنى ئېچىپ، تىجارەت باشلىغان. يۈجىنچۈەن يىگىتلىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ياڭ ليۇڭچىڭلىق يۇرتدىشىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، يۈلەنجى ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىل تۆت پەرزەنتلىك بولغان.+ [, q0 {8 S5 K- x$ F- z
يۈلەنجى ئاقساقالنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ خۇلاڭزىچىلىق قىلىش ئادىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئەن ۋېنجۇڭ ئاقساقالنىڭ «ۋېنفېڭتەي» (文丰泰) سودا سارىيى شەرقىي قوۋۇق كوچىسىدا بولغان ئىكەن. شۇ چاغلاردا، ئەن ۋېنجۇڭ ئاقساقالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار شېرىكلىشىپ ئوقەت قىلىپ، سودىدا تۈر ۋە دائىرىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەمىن ۋە پاراۋان بولۇشىغا تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن ئىلى گېنىرالى چاڭ گېڭ تەرىپىدىن «قولىدىن ئىش كېلىدىغان زات» دەپ تونۇلۇپ، پۇل–مۇئامىلە ۋە چاي–تۇزدىن ئېلىنىدىغان مەخسۇس باجنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار قىلىنغان ئىكەن. دەرھەقىقەت، ئۇ چاغلاردا ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇنداق ئەڭ ئالىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ھەممىلا سودىگەرگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە./ m0 {7 c- `, r* h( w
جاپا–مۇشەققەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش2 @! b6 G( N$ R2 E8 z/ ]- N, \# f
يېشى 80دىن ھالقىغان سۈيدۈڭلۈك ليۇ ئىلىڭ موماينىڭ بوۋىسى ليۇتيەنچىڭ تىيەنجىن «دېشىنتاڭ» (德心堂) دورىخانىسى تەرىپىدىن شىنجاڭغا شۆبە دۇكان ئېچىشقا ئەۋەتىلگەن سودىگەر ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدا، بۇ كىشى جاڭ شۈۋېينىڭ بوۋىسى جاڭ جىنچۈەن بىلەن بىللە شىنجاڭغا چىقىپ، ئۈرۈمچى، كۈرە، سۈيدۈڭلەرنى ئارىلاپ كۈزىتىپ ئەڭ ئاخىرى كۈرە قەلئەسىنى تاللاپ، گېنىرال مەھكىمىسىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى ئاچقان. ئۇلار، سابىق ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي دوختۇرى شاۋبېيچىننى دورىخانىدا ئولتۇرۇپ كېسەل كۆرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نىڭ تەسىرى ۋە ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەتنى جانلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆكەن مۈڭگۈزى، قار لەيلىسى، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئېسىل دورىلىق قىممىتىگە ئىگە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىلەرگە يۆتكەپ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق دورىخانىلارنىڭ ئېسىل دورىلىرىنى توپ ئەكلىپ سېتىپ، يىراق–يېقىنغا داڭ چىقارغان ئىكەن. ھەتتا ئۈرۈمچىلىكلەرمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۈرەگە دورىغا كەلگەن ئىكەن. ئىلىنىڭ سودا مەركىزى بارا–بارا غۇلجىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇلار «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى ھەربىي ۋىراچ شاۋبېيچىن بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرى «خەنزۇ بازىرى»دىكى چوڭ كۆۋرۈك بويىغا كۆچۈرۈپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن.
" c/ R/ H1 r; R+ ?' N4 }گېنېرال مەھكىمىسى ھەربىي دوختۇرىنىڭ تېببىي تېخنىكىسى ۋە ئىناۋىتى بىلەن «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نىڭ سودىسى كۈندىن–كۈنگە روناق تېپىپ، تىجارەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. ئۇلار يەنە دورا ياساش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، دورا زاۋۇتى بىنا قىلىپ، ئىشچىلارنى كۆپەيتىپ، جۇڭيىچە قاينىتىپ ئىچىدىغان دورىلاردىن باشقا كومىلاچ، تالقان، مەلھەم ۋە چاپلىغۇچ دورىلارنى ياساپ ساتقان. «دېشىنتاڭ» دورا سۈپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، مەيلى قەيەرنىڭ دورا ماتېرىياللىرى بولسۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرگەن. ھەربىر ئىشلەپچىقىرىلغان دورا مەھسۇلاتىغا سۈپەت تەكشۈرۈش پريۇم گۇۋاھلىقىنى چاپلىغان. دورا چۈشەندۈرۈشىگە دورا رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پۇرىقى، تەمى، دورا ئىنكاسى، ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىمارلارنىڭ دورىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىستېمال قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ناچار، ساختا دورىلارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. تېخنىكا يېڭىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز مىقداردىكى كۈندۈلۈك ئىستېمال دورىلىرىنى ئىشلەشتىن تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەييار دورىلارنى، قەغەز بولاقلارغا ئاددىي بولاپ، قاتۇرۇلغان شام ئارىسىغا ئالغان. كورۇپكىلىق كۇمىلاچ دورىلارنى ياساپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن.! a8 q! Z1 [9 v! s9 S I# e; ~
1934–يىلى ئىلىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىگە كۆچكەندىن كېيىن، «دېشىنتاڭ» خەنزۇ بازىرىنىڭ ئاۋات مەركىزىگە يۆتكىلىپ ئۈچ چوڭ دۇكان ئاچقان. شۈي دىمىڭ شاۋبېيچىن دوختۇرنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ئالدى بىلەن «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»دا كېسەل كۆرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن دۆلەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى غۇلجا شەھەر بىرلەشمە دوختۇرخانىغا كىرگەن. ئەينى چاغدىكى بىرلەشمە دوختۇرخانا دەل بۈگۈنكى غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسى.
5 } s) D! ~6 V" m0 w: ^1956–يىلى 2–ئايدا، خۇسۇسىي سودا–سانائەتكە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش باسقۇچىدا «دېشىنتاڭ»نىڭ دېرىكتورى جاڭ پىرۇ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى تەشكىللەپ، بۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ بارلىق جۇڭيىچە دورا–دەرمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپداشلارنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. كېيىنچە، ئوبلاستلىق دورا شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇشۇ ئاساستا ئوبلاستلىق دورا زاۋۇتى قۇرۇلغان.' U" \) w7 l( ?2 F3 N2 d
1959–يىلى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى «دېشىنتاڭ دورىخانىسى» شۇ چاغدىكى غۇلجا شەھەرلىك بىرلەشمە دوختۇرخانىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، بىرلەشمە دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، «دېشىنتاڭ» دېگەن بۇ ئىسىم «تۆت كونا» قاتارىدا يوقىتىلىپ، «ئازات يول دورا ماگىزىنى» ۋە «شىنخۇا يولى دورا ماگىزىنى» («خەنزۇ بازىرى دورا ماگىزىنى») دەپ ئىككىگە ئايرىلغان.
; N- `; e9 v4 V0 ^' oيەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن ياڭ جۈنجىيا، جاڭ شۈۋىي ۋە ليۇ ئېلىڭ ئۈچ پېشقەدەمنىڭ ياردىمىدە سۈيدۈڭ بازىرىدا تىيەنجىن ليۇچىڭلىق يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بۇ يىل 90 ياشقا كىرىپتۇ. چوڭ ئوغلى 70نەچچە ياشتا، ئىككىنچى ئوغلى 60نەچچە ياشلاردا ئىكەن.
; A, }. t( V& ^6 @, w" U9 |& dيەن خۇڭبىڭ ئاقساقالنىڭ ئوغلى يەن خەيفا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، قورغاس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەزكىرە ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن ئىكەن، ھازىر پېنسىيىگە چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ بوۋىسى يەن ۋەندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، يىگىتلىك دەۋرى دەل زوزۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، قوشۇنغا ئەگىشىپ كۈن پېتىشقا يولغا چىقىپتۇ.! u" M: I* m! R+ A5 j* A e! q
يەن ۋەندە گەنسۇنىڭ ئەنشى ۋىلايىتىگە كەلگەندە، كېزىك ئاغرىقى بىلەن بىر دەڭدە ۋاپات بولىدۇ. يۇرتقا قايتقان خۇلاڭزىچىلاردىن ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئوغلى يەن ئىنيۈ ئەنشىگە كېلىپ دادىسىنىڭ يەرلىكىنى تاپالمايدۇ، ئارقىغا قايتاي دېسە پۇلدىن قىسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جان ئاچچىقىدا ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، غەربكە يۈرۈش قىلىۋاتقان قوشۇننى قوغلاپ يېتىپ، داۋاملىق شىنجاڭغا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ چاغدا يەن ئىنيۈ 21 ياشقا تولغان مەزگىلى ئىدى.»
- m3 x- i7 J3 m' V1 q9 I8 q7 Mئاقساقاللارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەڭ دەسلەپكى قوشۇنغا ئەگىشىپ ماڭغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېيىنكىلەر پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا ئۇلار ئۈچۈن «بارسا كەلمەس كويىقاپ» بولۇپ سانالغان بۇ پايانسىز قۇم–باياۋانلىق چۆللۈككە تەۋەككۈل قىلىپ ئاياق باسقان بولۇپ، ئۇلار ئۆمرىدە كۆرۈپ باقىمىغان پىژغىرىم چۆللۈك تومۇزى ۋە غەربىي شىمالنىڭ قەھرىتان شىۋىرغانلىرىدا ئەپكەش كۆتۈرۈپ، مۆدۈرۈپ–چوقۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ شىنجاڭغا يەتكەن ئىكەن.5 l, s, o) R: g3 N2 q+ `
ئۇلار يول ئۈستىدە ھەتتا ئۇدا نەچچە كۈنلەپ ئادەم يۈزى كۆرمىگەن. ئاندا–ساندا ئۇچرىغان خىلۋەت مەھەللىلەرگە يەتكەندە يەرلىك پۇقرالارغا قولىنى جۈپتەكلەپ تازىم بىجا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەيرخاھلىقىنى قوزغىغان. مېھماندۇست شىنجاڭلىق قېرىنداشلار جاپاكەش جاھانكەزدى يولۇچىنىڭ ئىلتىجاسىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئۆيلىرىدە ھەقسىز قوندۇرۇپ، مېھمان قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن. ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ مۇشۇ كۈنكى ئەۋلادلىرى شۇ چاغدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ بۇ خىل ئادەمگەرچىلىك ۋە دوستلىق مېھرىبانلىقىنى تاھازىرغىچە ئۇنۇتماي ئەستە ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.
" ]* T( t$ {& \6 E6 P# g' M& aيەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەن ئىنيۈ 1883–يىلى كۈرەگە كەلگەن ئىكەن. يەن ئىنيۈ كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلارغا چاڭگۇڭ بولۇپ ھەممە ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتۇ. جاپاغا چىداپ يېمەي–ئىچمەي بىر نەچچە يىل پۇل توپلىغاندىن كېيىن،كۈرەدە بىر دۇكان سېتىۋېلىپ، ئۆز تىجارىتىنى گۆرۈخانە ئېچىشتىن باشلاپتۇ. يەن ئىنيۈ گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولغاچقا، گۆرۈگە قويۇلغان ھەرخىل ماللارنى خىلمۇخىل رەسىملەر بىلەن بەلگە قىلىپ ئىپادىلەپ قىلچە خاتالىق سادىر قىلماپتۇ ھەمدە بۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى باشقىلاردىن ئۆزگىچە بولغاچقا، تىجارىتى روناق تېپىپ، دۇكىنى چوڭ–كىچىك 20نەچچىگە كۆپىيىپ، ئىچكىرى–تاشقىرىلىق بىر كاتتا قورۇ–جايلىقمۇ بولۇپ قاپتۇ. كۈرە تازا داڭ چىقىرىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇ يەنە كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ بىساتىنى سېتىپ، غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، «خەنزۇ بازىرى» دا «يۈتەيخې» (玉泰和) دېگەن چوڭ سودا ساراينى ئېچىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. يەن ئىنيۈ پۇل تېپىپ باي بولغاندىمۇ تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئۇنۇتمايدىكەن. دائىم يەيدىغىنى قوناق ئۇنىنىڭ ئۇمىچى ۋە زاغرا ئىكەن. لېكىن دائىم كىچىك چېغىدا يېگەن بوخەي دېڭىزىنىڭ بېلىقلىرى ئۈستىدە ھەۋەس بىلەن پاراڭ قىلىدىكەنۇ، لېكىن تاكى ۋاپات بولغۇچە پۇل خەجلەپ بېلىق يېيىشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»دىن كېيىن، يەن ئىنيۈ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. ۋاپات بولۇش ئالدىدا چوڭ ئوغلى يەن خۇڭبىڭغا چوقۇم كۈرەگە قايتىپ بېرىپ ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپىلاپتۇ. ئازادلىقتىن كېيىن يەن خۇڭبىڭ ئائىلىسى، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئالدى بىلەن كۈرەگە، ئاندىن سۈيدۈڭگە كۆچۈپ كېلىپ باشقىلارنىڭ دورىخانىسىدا ئىشلەپ جان بېقىپتۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يېڭى باشلانغاندا، يەن خۇڭبىڭنىڭ بارلىق بالا–چاقىلىرى يەن ئىنيۈ ئەينى يىللاردا 10سەر ئالتۇنغا سېتىۋالغان كۈرە شىمالىي كوچىسىدىكى 30نەچچە ئېغىز ئۆيى بار، بېيجىڭ پاسونىدا سېلىنغان، تۆت چاسا قورۇ–جاينى سېتىۋېتىشنى ئېيتقاندا يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال: «بۇ قورۇنى ئاتام قان–تەرى بەدىلىگە سېتىۋالغان. بۇنى سېتىۋەتسەك ئەجدادىمغا يۈز كېلەلمەيمەن» دەپ قەتئىي ئۇنىماي تۇرۇۋالغان ھەمدە ئۆزلىرى سۈيدۈڭدە تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا ھەقسىز بەرگەنىكەن. ھەريىل قىشتا يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بالىلىرىنى قار تازىلاشقا كۈرەگە ئەۋەتىدىكەن. «تۆت كونا»نى يوقىتىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال مۇشۇ قورۇسى ئۈچۈن «گومىنداڭ داشقىلى» دېگەن قالپاقنى كىيىپ،قورۇ جايى مۇسادىرە قىلىنغان. كېيىنچە گۇڭشى تەرەپتىن 2700يۈەن پۇل بېرىپلا تارتىۋالغان ئىكەن. قورۇجايدا قالغان نۇرغۇن ئاسار–ئەتىقىلەر، مەسىلەن: چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىلى گېزىتى (بەيخۇا گېزىتى)، كونا كىتاب–ژۇرناللار، خەرىتىلەر، شېئىر–بېغىشلىمىلار ھەممىسى تالان–تاراج قىلىنغان، ھەتتا كونا كىتابلارنىڭ ئۆزىلا لىق بىر بىرىچكا ھارۋا كەلگەن ئىكەن.+ w9 W7 ^( ^+ [. W7 q$ X6 @
«يۈتەيخې» سارىيىنىڭ داڭقىنىڭ كاساپىتىدە يەن خەيفا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا «كاپىتالستنىڭ نەۋرىسى، پارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى قارا گېزەندە» دەپ قارىلىپ، 10نەچچە يىل زىيارەت چەككەن، چەتكە قېقىلغان ئىكەن. 1978–يىلىغا كەلگەندە ئاران خىزمىتى ئەسلىگە كەپتۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 37 ياشقا كىرگەن ئىكەن. يەن خەيفا مۇنداق دېدى: گەرچە ئاتا–بوۋىمىزدىن بىزگە ھېچقانداق مال–مۈلۈك قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادىمىزنىڭ ئاقكۆڭۈل، راستچىل، كۆيۈمچان، ۋاپادار، تىرىشچان–ئىقتىسادچان روھى بىزگە كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلىغان ئىدى.
: t; a# ]: w& ?3 E" tيەن خۇڭبىڭ ئاتا ئىزىنى بېسىپ، تىجارەتكە كىرىشىپ ئالدى بىلەن كۈرەدە، ئاندىن سۈيدۈڭدە دورا ساتقۇچى ۋە تېۋىپ بولغان. 1957–يىلى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش باسقۇچىدا، سۈيدۈڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1960–يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن يېزىغا تارقاقلاشتۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن. 3–ئومومىي يىغىندىن كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ پېنسىيىگە چىقىرىلغان.
0 S7 u8 c7 [" n. i«خەنزۇ بازىرى»دىكى ھېكايىلەر$ M7 b5 K, b- L. j G
ئىلى تەۋەسىدە «خەنزۇ بازىرى»نى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، «خەنزۇ بازىرى»نىڭ داڭقى پۈتۈن شىنجاڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تونۇش، ئۇ يەر غۇلجا شەھىرىگىلا ئەمەس، بەلكى، پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكىنى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى غۇلجىغا مېھمان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىچكى–تاشقى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى پەتىلىمەي قويمايدۇ.) p6 [$ P$ K2 W$ K
«خەنزۇ بازىرى»دا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياڭ ليۇچىڭلىق لياڭ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ بۇرۇنقى قىياپىتى ئەسلىدە لەڭزە بېشىدىن جەنۇبقا —تاشكۆۋرۈك، كۆنچى تەرەپلەرگە قاراپ ئاققان تەبىئىي ئۆستەڭنى بويلاپ، ئالاھىزەل ئىككى كىلومېتىرچە سوزۇلغان ئەگىر–بۈگىر تار كوچا ئىكەن.
3 H9 ], w+ F+ ` T0 Z«چىڭ ئوردىسى ئورانزىپنى 1766–يىلى 9–ئايدا، ئىلىنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىدى»، «ئورانزىپ گۇڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى جىرغىلاڭ سۈيى قۇيۇلۇشىدىن ھازىرقى ناغرىچى مەھەللىسىگىچە بولغان كەڭ، مۇنبەت يەرلەرنى ئىلى دەرياسىنىڭ لېۋىگىچە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە لەڭزە بېشى سۈيىدىن ئىككى ئۆستەڭ ئېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ بىرى لەڭزە بېشى سۈيىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئېگىز ئاق توپىلىق يار بويىنى ئايلاندۇرۇپ قارادۆڭ قاپتىلى ئارقىلىق گۈلشەنباغ تەرەپكە ئاققان ئۆستەڭ بولۇپ، بۇ ئۆستەڭ «ھېكىم ئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى، لەڭزە بېشى سۈيىنىڭ غەرب تەرىپى بىلەن ئېقىپ، «خەنزۇ بازىرى»دىن ئۆتكۈچە بىر قوشۇلۇپ ئېقىپ، ئايدۆڭ، تاشكۆۋرۈك، ناغرىچى تەرەپلەرگە بارغاندا تارماق بولۇپ ئاقىدىغان ئۆستەڭ بولۇپ، «شاغلىق ئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان». «بۇ ئۆستەڭلەرنىڭ چېپىلىشى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشتە سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغانلىقتىن، غۇلجا شەھىرىدە ئاھالىلەر (ئاساسەن ئۇيغۇرلار) كۆپەيگەن. شەھەرنىڭ سىرتىدا لەڭزە بېشى ئەتراپىغا مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن خۇلاڭزىچىلىق قىلىپ چىققان تىيەنجىنلىك خەنزۇلار بىلەن تۇنگان مەسچىتى ئەتراپىدىكى خۇيزۇلار مەھەللىلىرى بارلىققا كەلگەن.» (تېيىپجان ھادى «ئىلى گۇڭ–بەگلىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»، ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 1984–يىل 1–سان، 75–76–بەتلەر)- X' J1 _' ]* g' d; S
«قارا دۆڭگە قاراپ ماڭغان يول، ئۇچاغلاردا تەختىيۇن مەھەللە مەسچىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ، ھازىرقى نان بازىرى كوچىسى بىلەن چوڭ كوچىغا تۇتىشاتتى. كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قارا دۆڭگە كەتكەن كوچىنىڭ ياقىلىرىدىكى دۇكانلاردا ئاساسەن تىيەنجىنلىك خەنزۇ سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار تاۋار–دۇردۇن، يىپەك يىپ، يىپەك گەز ماللار ۋە ئاز بىرقىسىملىرى ئەپيۇن قاتارلىق سودىلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. خەلق تەرىپىدىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ بازار ئۆز زامانىسىدا غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى ئىدى. ھازىرمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاۋات بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» (توختاخۇن ناسىرى، «تاشلەپكە ۋە ئۇچدەرۋازا ھەققىدە» ، ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2002–يىل 5–سان 91–بەت)
! M: Y# N2 e/ R: \1937–يىلى «لۇگۇچياۋ ۋەقەسى»دىن كېيىن، كۈرە تۇرۇشلۇق ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى چيۇزۇڭجۈن (شېڭ شىسەينىڭ قېيناتىسى) ئىلى ھەربىي گارنىزونى ۋە دوتەي يامۇلىنى غۇلجىغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، كۈرەنىڭ بۇرۇنقى ئاۋات قىياپىتى بارغانسېرى سۇسلاشقاچقا، بۇرۇندىن كۈرە ئوقەت قىلىۋاتقان ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر ئارقا–ئارقىدىن غۇلجا «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىغا كۆچۈپ كىرگەن.) c" t3 U0 Y: J; w1 H
قورغاس ناھىيىلىك يەرلىك تەزكىزە ئىشخانىسىدىن يولداش يەن خەيفانىڭ ئېيتىشىچە، ئىلىنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنى، كۈرە شەھىرىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەھەر ئىچىدە سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن كۈرە شەھىرى ئەزەلدىن تايىنىپ كەلگەن ساربۇلاق غولىنىڭ سۈيى سۈيدۈڭنى ئايلىنىپ كۈرەگە كەلگۈچە، كىچىككىنە ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان. ئەينى چاغلاردا پۇقرالارنىڭ ئىچىملىك سۈيىمۇ خېلىلا تەسكە توختىغان. شۇنىڭ بىلەن ئالدىن كۆرەر كىشىلەر ئارقا–ئارقىدىن بۇلاق سۈيى ئەلۋەك بولغان نىڭيۈەن (غۇلجا شەھىرى) قەلئەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن كۈرە قەلئەسى بارغانسېرى خارابىيلاشقان. تارىختا دۇنياغا مەشھۇر كروران شەھىرىنىڭ سۇ قەھەتچىلىكى تۈپەيلىدىن يەر شارىدىن يوقىلىپ كېتىشى دەل مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.* q& W" w; F( g
نىڭيۈەن قەلئەسى ھاكىمبەگلەر جەمەتى ئىلكىدىكى شەھەر بولۇپ، 1762–يىلى قەلئە بىنا بولغان كۈندىن تاھازىرغىچە زورىيىپ بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى قىياپىتىگە كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە خەنزۇ ئاھالىسى كۆپىيىپ، «خەنزۇ بازىرى» شەكىللىنىپ، سودا–سېتىق ئاۋاتلىشىپ بارا–بارا كۈرەدىن ئېشىپ كەتكەن ( بۇ دېگەنلىك چاغاتايدىن كېيىنكى جۇڭغارلار دەۋرىدە ھازىرقى قارادۆڭ تەۋەسىدە «ئالتۇن سۇممە» دەپ ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانا ۋە ئېردەنى باتۇر قۇنتەيجى پادىشاھنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردىسى بولغانلىقىنى، ئوردا ئاستىدىكى ھازىرقى «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىدا ئاۋات بازار شەكىللەنگەنلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ– مۇھەررىردىن ئىزاھات). تىيانشاننىڭ شىمالىي تارمىقى بولغان بۇلۇكنۇر تېغىدىن دادامتۇ ئارقىلىق پىلىچى غولىدىن كەلگەن تاغ سۈيى ۋە غۇلجا قەلئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تاغ ئېتەكلىرىدىكى سانسىزلىغان بۇلاقلاردىن يىغىلغان قاراسۇ نىڭيۈەن قەلئەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلغاچقا، شەھەرنى مول سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. بوخەي دېڭىز ساھىلىدىن كەلگەن سۇغا ھېرىسمەن ياڭ ليۇچىڭلىقلار غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلى دوتەي يامۇلى قارمىقىدىكى سۈيدۈڭ، جىڭ، داخىيەنزە، بورتالالارغا مەركەزلەشكەن». # b Y3 _8 P/ H
«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1930–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە بۇ يەردىكى تىيەنجىنلىكلەر 3000 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلار ئاچقان ھەرخىل دۇكان–سارايلار 400دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرۇن بۇ يەردىكى خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ قورا–جايلىرى ھەممىسى بېيجىڭ پاسۇنىدا سېلىنغان تۆت چاسىلىق قورالار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭيىشى، شەھەر ئىقتىسادىي مەركىزىنىڭ «ستالىن كوچىسى»، «ئازات يول» قاتارلىق غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى تۈپەيلىدىن، «خەنزۇ بازىرى»دا ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئارقا–ئارقىدىن كۆچۈپ كەتكەچكە، بازار ئاھالىسىنىڭ مىللەت نىسبىتىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام پەقەت كونا يەرنامىنىلا ئىپادىلىگەن». گەرچە، ئىسىم بىلەن ھازىرقى كۆرۈنۈش ئانچە ماسلاشمىسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى بىز ئېيتىۋاتقان «خەنزۇ بازىرى» شىنخۇا شەرقىي يولىنىڭ قايناق كوچا بازىرى ھالىتىنى يەنىلا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز شىنخۇا شەرقىي يولىنى بويلاپ كۈن چىقىشقا قاراپ ماڭسىڭىز، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا قايناق كوچا بازىرى روشەن نامايەن بولىدۇ. قەدەملىرىڭىز سىزنى ئەنئەنىۋى بازار ئۇسلۇبى گەۋدىلەنگەن تىپىك ئۇيغۇرلار سودا–سېتىق سورۇنىغا باشلاپ كىرىدۇ. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تىزىلغان يايما–بوتكا، قول ھارۋا، تەنزىلەردىكى رەڭگارەڭ قوغۇن–تاۋۇز، قاق–ياڭاق، كىشمىش–ئۈزۈم، ئەنجۈر، گىلاس، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، شاپتۇل ھىدى بۇرنىڭىزنى غىدىقلايدۇ. ئالدى تەرەپتىن كۈنچقىش مەيىن شامىلى بىلەن بىللە كېلىۋاتقان سامسا، كاۋاپ، پولۇ، گۆشنانلارنىڭ مېزىلىك پۇرىقى سىزنى ئالدىرىتىدۇ. ئالدىغا ماڭغانسېرى ئادەم قويۇقلىشىدۇ. قاتار رەسىتىلەردە زىبۇ–زىننەت،زىلچا گىلەم، پىچاق–بەكە، ئۆتۈك–پوپۇش دېگەندەك تىپىك ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىن «توخۇنىڭ سۈتى»دىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان تاۋارلىدىن تارتىپ، قەشقەرنىڭ ماتالىرى، خوتەننىڭ ئەتلەسلىرى، كۇچارنىڭ يەرلىك سوپۇنلىرىغىچە ھەممە تەرسە تەلتۆكۈس، ئۇندىن باشقا خىلمۇخىل رەڭدار كىيىملەرنى كىيگەن، ھەرقايسى يۇرت–يۇرتلاردىن كەلگەن ئوقەتچىلەر خىلمۇخىل شىۋە، تەلەپپۇزدا توۋلاپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. پۈتۈن بازار ئاسمىنىدا ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان ھەرخىل ئۇن ناخشا–مۇزىكا سادالىرى ياڭرايدۇ................
$ E# I6 G1 h% |) ^' Mيەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «لياڭ گاڭ مېنى غۇلجا شەھەر چوڭكۆۋرۈك ئىش باشقارمىسى قىزىل بايراق ئاھالىلەر كومىتېتى تۇرۇشلۇق قورۇغا باشلاپ كىردى. بۇ قورۇ ئەينى چاغلاردا تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتى قورۇسى بولۇپ، شۇ چاغلاردا دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھەرئاينىڭ 1– ۋە 15–كۈنلىرى تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار مۇشۇ يەرگە جەم بولۇپ، سودا ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىدىكەن. كېيىنچە غۇلجىغا قېپقالغان تىيەنجىنلىك يۇرتداشلارمۇ مۇشۇ ئورۇننى تېپىۋالسىلا بەئەينى ئۆز ئۆيىنى تاپقاندەك جاتىرجەم بولاتتىكەن. سودىگەرلەر جەمئىيىتى كەلگەنلىكى تىيەنجىنلىك مۇساپىرلارنى ئۆز پاناھىغا ئېلىپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە ئۇلارنى ياتاق، تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ تۇرىدىكەن، ھەتتا بۇرادەرلەردىن ئىئانە پۇل جۇغلاپ دۇكان ئېچىپ بېرىدىكەن. s) Q0 @8 [) D4 M; j W
لياڭ گاڭ ئىككىمىز خېلى ھەرەج تارتىپ چۈشكە يېقىن كونا قورۇ جايدىن بىرنى تاساددىپىي تېپىۋالدۇق. بۇ تەخمىنەن 120يىللىق تارىخقا ئىگە كونا قورۇجاي بولۇپ، بۇ قورۇدا تۆت ئەۋلاد كىشىلەر ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن. قورۇجاي ئىنتايىن كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، بېيجىڭ ئۇسلۇبىدىكى بىر–بىرىگە روبىرو قارىشىپ تۇرغان تۆت تەرەپلىك ھۇجرىلاردىن، قاغجىراپ كەتكەن چوڭ قارا دەرۋازىنىڭ نەقىش ئىزنالىرىدىن، تۆكۈلۈپ تۇرغان تاملار ئارىسىدىكى گۈللۈك كاھىش پارچىلىرىدىن مەزكۇر قورۇجاينىڭ ئەينى چاغدىكى ھەيۋەتلىك سالاپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئىدى." L1 R' b/ V3 x2 I) w3 l
ھازىرقى قورۇجاي ئىگىسى 51ياشقا كىرگەن ۋاڭ جىگاڭ ئىسىملىك بىر ئەرجۈەنزە (پېرۇتكا) بولۇپ، رۇسچە ئىسمى بارس ئىكەن. ۋاڭ جىگاڭنىڭ بوۋىسى ۋاڭ گوئىن قوشۇنغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا چىققان ياڭ ليۇچىڭلىق بولۇپ، غۇلجىغا كەلگەن دەسلەپكى يىللىرى كۆنچىلىك (تېرە ئەيلەش)بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە خەنزۇلارنىڭ دەپنە ئىشلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭ چىقارغان. تىجارىتى كۈندىن–كۈنگە روناق تېپىپ، بىرنەچچە يىلغا قالمايلا «خەنزۇبازىرى»دا «گۈەنسەي» (مېيت ساندۇقى) كوچىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»دىكى تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار ئارىسىدا «ئۆلۈم–يېتىم بولسا گۈەن مازا گۆر كولىسۇن، ياۋ بايىنىڭ مەپىسى مېيىت يۆتكىسۇن، ئاخىرەتلىك ئىشلارغا ۋاڭ گوئىن باش بولسۇن» دېگەن مەخسۇس قائىدە–يوسۇن پەيدا بولغان ئىكەن.8 M8 ]7 O7 v* I
ۋاڭ جىگاڭنىڭ دادىسى غۇلجىدا بىر رۇس قىزىغا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. ۋاڭ جىگاڭنىڭ رۇس ئانىسى 1976–يىلى ۋاڭ جىگاڭنىڭ ھەدىسىنى ئېلىپ ئاۋستىرالىيىگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەريىلى دېگۈدەك غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا كېلىپ تۇرىدىكەن.
# H' N: r6 i( {* fدەي گوجىنىڭ ھايات مۇساپىسىمۇ ۋاڭ جىگاڭنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ رۇسچە ئىسمى ماراسۇۋ ليۇتىن ئىكەن. دەي گوجىنىڭ بوۋىسى دەي يۈتۇڭ 20نەچچە ياش چاغلىرىدا ئەپكەش كۆتىرىپ كىچىك ئوغلىنى يېتىلەپ تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭدىن ئىلىغا كەلگەن ئىكەن. غۇلجىغاكەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن زەرگەرلىك دۇكىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان. بىر نەچچە يىل مەبلەغ جۇغلىغاندىن كېيىن، موڭغۇلكۈرەگە چىقىپ چارۋا فېرما قۇرغان. كېيىنچە چارۋا–مال، سۈت پاراشۇكى زاۋۇتىغا ئىگە چارۋىدار كاپىتالىستقا ئايلانغان. دەي گوجىنىڭ ئىلىدا چوڭ بولغان دادىسى چىرايلىق رۇس قىزىغا ئۆيلەنگەن. دەي گوجىنىڭ دادىسى 1946–يىلى كېزىك ئاغرىقى بىلەن ۋاپات بولغان. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دەي گوجىنىڭ ئائىلىسى ئالدى بىلەن «خەنزۇ بازىرى»غا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىل كۆۋرۈك ئەتراپىغا (بۈگۈنكى غۇلجا شەھەرلىك 1–باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىغا) كۆچۈپ كەلگەن. بىر ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى بېشىغا چۈشكەن رۇس ئانا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا قاراخىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى باققان. كېيىنچە كونسۇلخانىنىڭ بىر رۇس خىزمەتچىسىگە توي قىلىپ، 1962–يىلى ئېرىگە ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولغان.»
( C! ^5 M8 F! w: Q% k nچوڭكۆۋرۈك — ئەينى چاغدىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ مەركىزى بولۇپ، كەڭلىكى 5–6مېتىر كېلىدىغان لەڭزە بېشى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، مۇشۇ يەردىن شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ھازىر بۇ ئۇلۇغ سۇ تارتىلىپ كىچىككىنە ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، چۆڭكۆۋرۈك دېگەن ئۇقۇمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان. لياڭ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كۈندۈزىلا ئەمەس، كېچىسىمۇ بەك ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. «سەنمىن كىنوخانىسى»دا كۈنىگە ھەرخىل كىنو–فىلىملەر، چاڭچىلىخانىدا كلاسسىك دراممىلار قويۇلۇپ تۇرىدىكەن. بالىخانلىق «شىنخۇا ئاشپۇزۇلى»نى چۆرىدىگەن كەچلىك بازاردا 50–60 چە دۇكان، بوتكا ۋە يايمىكەشلەر كەچ مەنزىرىسىنى جانلاندۇرۇۋېتىدىكەن. ئەينى چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قويۇق تىيەنجىن پۇرىقى بازار دائىرىسى ئىچىدە بەئەينى ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردەك بىر مۇئەييەن بىر جۇغراپىيلىك رايوننى شەكىللەندۈرگەچكە، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىجتىمائىي كىلمات مەزكۈر رايون تەۋەسىدىكى خولۇم–قوشنا ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن. مەسىلەن، «خەنزۇ بازىرى»لىق ئۇيغۇر بالىلار تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ تەلەپپۇزىدا خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىغان، چوڭراق ياشتىكى ئۇيغۇرلار دائىم چاڭچىلىخانىلارغا كىرىپ، خەنزۇ كلاسسىك دراممىلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ھەتتا بەزىلىرى بىر نەچچە پەدىگە غىڭشىپ ئېيتالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى (دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ھاكىمبەگ غوجامنىڭ كىچىك ئوغلى ئەكرەمخان غوجا، ئاتاقلىق ئەلنەغمىچى، مەشھۇر مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتالارمۇ «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ كلاسسىك چاڭچىلە كۆرۈشكە ئامراقلاردىن ئىكەن. كونا غۇلجىلىقلارنىڭ تىلىدا چاڭچىلە «ئەرخاڭ» دېيىلىدىكەن. كىچىكىمىزدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن «پالانچى ئەرخاڭ توۋلاشقا بەك ئۇستا» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق. دېمەك، بۇنىڭدىن ئەينى زاماندىكى چاڭچىلە تىياتىرىنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت تاماشىبىنلىرىغىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن).6 V' U/ U5 R! e. C
«چۈش مەزگىلى بىر كىچىك ئاشخانىغا چۈشلۈك تاماققا كىرىۋېدۇق. بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى دەل تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق بولۇپ چىقتى. خوجايىننىڭ ئىسمى گاۋشۇشىن بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشقا كىرىپتۇ. مۇشۇ ئاشخانىنى ئېچىۋاتقىنىغا 10نەچچە يىل بوپتۇ. گاۋ شۇشۇەننىڭ بوۋىسى ئەپكەش كۆتىرىپ قوشۇنغا ئەگىشىپ كۈرەگە كەلگگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن گەزمال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار–دۇردۇنلىرىنى ئىلىغا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ھەرخىل چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇپ تىجارىتىنى كېڭەيتكەن ئىكەن. كېيىنچە ئۇ تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئەينى چاغدىكى «گاۋ، يۈ، سۈي، جاڭ »دىن ئىبارەت تۆت چوڭ سودا جەمەتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن ئىكەن. 40–يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا گاۋشۈشىن ئائىلىسى كۈرەدىن غۇلجىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، گاۋشۈشىننىڭ دادىسى تىيەنجىنلىكلەر ئاچقان لەڭزە بېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. ھازىرقى غۇلجا شەھەر قىزىليۇلتۇز كوچا 1–كوچىدىكى تاركوچا ئەينى چاغدىكى لەڭزە بېشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەسلى ئورنى ئىكەن.
8 A2 l% v) C- d" l8 tگاۋشۈشىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر گەرچە دېڭىز بويلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن ئىنتايىن يىراق بولغان خىلۋەت چىگرا رايونىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆز يۇرتىنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ئەدەب–ئەخلاقىغا، قائىدە–يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ چوڭ سودا–سارايلار ياكى داڭلىق دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان دۇكاندارلار ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن. يۈرۈش–تۇرۇش، كېيىم–كېچەك، گەپ–سۆز، مۇئامىلە جەھەتلەردە ياقا–يۇرتتىكى خېرىدارلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئويلىشىدىكەن. تىجارەت سورۇنىدا، سودا–سېتىق ئۈستىدە ياكى خېرىدارلار ئالدىدا ھاراق ئىچكەن، بىئەدەپ سۆزلەرنى قىلغان، قالايمىقان ۋارقىراپ–جارقىرىغان ياكى ئورۇنسىز قاتتىق كۈلگەنلەر، كىيىنىشى رەتلىك، پاكىز بولمىغانلار، ئۆز مەيلىچە مەيدىسى، دۈمبىسىنى يالىڭاچ ئوچۇق قويغانلار سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىپ ئەدەب–يوسۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جازاغا تارتىلىپ بەلگىلىك بەدەل تۆلەيدىكەن. تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر تىجارەتتە ئىناقلىق، سەمىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا، خۇشخۇي، سىلىق–مۇلايىملىق بىلەن خېرىدارلارنى كۈتۈپ، سېتىۋالغان ماللارنى ھەقسىز كۆركەم زىننەتلەپ ئوراپ–قاچىلاپ بېرىپ، دۇكانغا كىرگەنلىكى خېرىدارلارغا مەيلى مال ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن بىردەك چاي قۇيۇپ، تاماكا تۇتۇپ، ھاردۇق ئالىدىغان ئورۇندۇقلارنى ھازىرلاپ ھەممىدە خېرىدارلارغا قولايلىق بولۇشنى ئويلاپ تىجارىتىنى جانلاندۇرغان ئىكەن. سودا ئەدەب–ئەخلاقىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىپ، ئالدى–ساتتىدا ئادىل بولۇپ، گەز–تارازىلارنى توغرا تۇتۇپ، پۇل ئېلىش، پۇل قايتۇرۇشتا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇرۇپ مەلۇم قىلىپ، پۇل ئېلىش بىلەن مال بېرىشنى بىر قوللۇق ئىشلەپ، سودا–سېتىقتا ئوشۇق–كەم بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن.- H, U, L9 {6 l: E/ T% } m2 o* j/ C
تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر دۇكان–سارايلارنىڭ تاشقى كۆرۈنشىگىمۇ بەك ئېتىبار بېرىدىكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئارزۇ–تىلەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەردىن دۇكان ساراي نامى تۈزۈپ، ئاندىن ئۇنى داڭلىق خۇشخەتچىلەر ياكى ئاتاقلىق مۆتىۋەرلەر ئۆز قولى بىلەن يازغان ھۆسىنخەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ۋىۋىسكا ياسىتىپ دۇكان سىرتىغا ئاسقاندىن سىرت، ئېلان–سەنئەت پۇرىقى قويۇق بولغان رەڭدار ئاسما رەسىملەر ۋە گۈل پانۇسلارنى ئېسىپ زىننەتلەيدىكەن. بەزى يىلىكى توم سودىگەرلەر دۇكان–سارايلىرىنىڭ مەخسۇس ئەجدىھار چېكىلگەن تۈۋرۈكلىرىگە سودا–سېتىقنىڭ ئاۋات، پۇقرالارنىڭ پاراۋان بولۇشىنى تىلەيدىغان مەسنىۋى بېيتلارنى نەقىشلەپ سودا مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلغان ئىكەن.
' V9 h, t- g" z# p" w+ sگۆدەك چاغلاردىن ئەسلىمە
+ i5 P' R2 C6 A* E+ A6 e; y«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
' ~7 h: ?0 t! {; oيەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.) A7 e i+ O# H3 Y" K1 D3 C
ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن. + t' R9 U/ Q2 Z) S. ~& o
20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.
# b, z5 ^' T2 `) g* b+ z- ?يازنىڭ سالقىن سەھەرلىرىدە ئاستىغا سەھرانىڭ يۇمران ياۋا گۈل–گىياھلىرى سېلىنغان سېۋەتلىك ئەپكەشلەرنى كۆتۈرگەن تارانچى باققال يىگىتلىرى پۈتۈن كوچىنى ئوتقاشتەك قىزىرىپ پىشقان ئىستىلۋوي، ئالتۇن مەڭزىلىك يازلىق لىموننىڭ ھىدىگە تولدۇرۇپ، خانلەيلۇننى غىڭشىغان پېتى چوڭ كۆۋرۈككە ئۆتۈپ كېتەتتى....., |, h6 l* k! e1 U: i$ C
«ئاممىۋى كىنوخانا» (بۇرۇنقى سەنمىن كىنوخانىسى)نىڭ كۈنپېتىش بۈرجىگىدە پۈتۈن ئەتراپقا دورا–دەرمەك پۇرىقىنى تارقىتىپ «دېشىنتاڭ» دورىخانىسى تىجارەت قىلاتتى. مەزكۈر دورىخانىنىڭ بېقىنىدا تاڭشىرچىلىك (قىيامچىلىق) قىلىدىغان بوۋاينىڭ دۇكىنى خەنزۇ بازىرىلىق ئۇششاق بالىلارنىڭ كۆڭلىنى بەئەينى ماگىنتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان بىر جاي ئىدى. دۇكاندا تام سائىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ بىر دۈگىلەك پىرقىراتما تەخسە بولۇپ، 12لىك رەقەملەر ئورنىغا 12مۆچەلدىكى ھايۋانلارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىدى. ئاتا–ئانىسىدىن ئانچە–مۇنچە پارچە پۇلغا ئېرىشكەن ئۆسمۈر بالىلار ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ دۇكانغا چاپاتتى. بالىلار ئالدى بىلەن سترىلىكىنى تالىشىپ پىرقىرىتاتتى. سىترىلكا ئەڭ ئاخىرى توختاپ قايسى ھايۋانغا توغرىلانسا، تاڭشىرچى بوۋاي بىر پەستىلا ھېلىقى ھايۋاننىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تاڭشىر قەندىلىنى ياساپ بېرەتتى. قەندەلگە ئېرىشكەن بالىلار تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كەچكىچە ئاۋايلاپ شۈمەپ يۈرەتتى. بۇ قەندەللەر مەيلى تەم ۋە شەكىل جەھەتتىن بەكمۇ ئۆزگىچە بولغاچقا، تا ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇششاق بالىلار ئامراق يەنە بىر بوۋاي — چىغقا ئۆتكۈزۈپ پارقىراق تاڭشىر يالىتىلغان تاڭسۇق تەملىك تاشئالما ساتىدىغان چى فامىلىلىك ئورۇق دارازا بوۋاي بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئۇنى «چى بوۋام» دەپ ئاتايتتۇق. چى بوۋامنىڭ «تاڭخۇلۇ»سىنى بىر يېگەن ئادەم خۇمار بولۇپ قالاتتى. چى بوۋاي بۇھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ،تاشئالمىدىن باشقا ئۈزۈم، قارائۆرۈك، ئەينۇلا، گىلاس قاتارلىق مېۋىلەردىنمۇ ھەرخىل شەكىللىك «تاڭخۇلۇ»(قەندالات)لارنى ياساپ ساتاتتى. ئۇزۇن چەڭزە بېشىغا ئېسىلغان كاۋا، لوبۇلارغا سانجىلغان ھەرخىل مېۋە «تاڭخۇلۇ»لار قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ چاقناپ، كۆزنىڭ يېغىنى يەپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ھەرقېتىم ئۇنىڭ ساپ قويۇق تىيەنجىن شىۋىسىدە سوزۇپ: «تاڭخۇلۇ ئەرزان!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى «خەنزۇ بازىرى» ئاسمىنىدا ياڭرىغاندا بىر توپ ئۇششاق بالىلار چۇرقىرىشپ بوۋايغا تەڭ ئەگىشىپ بىللە بازار چۆگىلەيتتى. ئۇششاق بالىلار بىللە ئوينايدىغان ئاغىنىلىرىنى مۇشۇ ئاۋازغا قاراپ ئىزدەپ تېپىۋالاتتى.
P6 X3 b* e Iكەچكى شەپەق نۇرى بازارغا سېپىلگەندە بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكتىن چارچىغان چوڭلار ۋە دەرستىن قولى بوشىغان بالىلار ئۈچۈن شۇ كۈنكى ئەڭ خۇشاللىق ئىككى ئىش باشلىناتتى. ئۇنىڭ بىرى چاڭچىلىخانىغا بېرىپ ئويۇن كۆرۈش، يەنە بىرى «خەنزۇ بازىرى» يازلىق كىنوخانىسىدا كىنو كۆرۈش. ئۇ چاغلاردا چاڭچىلىخانىنىڭ ئالدى رەتنىڭ بېلىتى 60تىيىن، ئارقا رەت 50تىيىن ئىدى. شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى چاڭچىلە كۆرۈشكە بارسا بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى پۇقرالار كۆپىنچە بەش تىيىن، ئون تىيىنلىق يازلىق كىنوخانىنى تاللىۋالاتتى. يازلىق كىنوخانىدا كىنو كۆرۈشتىن كۆرە، بىزدەك ئۇششاق بالىلار ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن ئالدىنئالا بېرىپ «ئورۇن ئىگەللەش» بەكمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. بەزى كەپسىز شوخ بالىلار «كىم قانچە ئۇزۇن بەندىڭدىن سەكرەپ ئۆتەلەيدۇ؟» دېيىشىپ بىر–بىرى بىلەن بەسلىشەتتى. بۇ خىل ئالامان تاكى كىنو رەسمىي باشلانغۇچە داۋاملىشاتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كېچىلىك پائالىيىتى باشلىناتتى. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى قاسنىقى نەچچە يۈزلىگەن پانار، دىڭخۇلۇ ۋە جىن چىراقلار بىلەن يورۇيتتى. بۇ يەردىن ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. كۈز كۈنلىرى چاپچالنىڭ كۆك تاۋۇز، قوزىۋاي تاۋۇزلىرى، توغراق، ھېزۋەكتام، ئارائۆستەڭلەرنىڭ شېكەرسۈيى، ئابىناۋات، بېسىۋالدى قوغۇنلىرى، نوغايتۇنىڭ كۆكچىلىرى تىلنى ياراتتى. قولىدىكى يەلپۈگۈچىنى پىرقىرىتىپ ۋارقىراۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كاۋاپدانىدىن كۆتۈرۈلگەن مېزىلىك زىرە پۇرىقى دىماقنى غىدىقلايتتى. بىز خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل نەرسىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ياسىغان ماروژنىسى ئىدى. قول ھارۋىسىغا ئورنىتىلغان ھەمدە ھەممە تەرىپىگە ھەرخىل مېۋە–چىۋە، گۈل–گىياھ، تاغ–ئورمانلارنىڭ سۈرىتى سىزىلغان سوزۇنچاق ياغاچ ساندۇققا ئاغزى يېپىقلىق ئىككى مىس تۇڭ ئورنىتىلغان بولاتتى. يان تەرىپىگە قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان چوڭ ئورنىتىلغان بولۇپ، قولنىڭ ئايلاندۇرۇشى بىلەن چىشلىق چاقلار ھەرىكەتكە كېلىپ مىس تۇڭنى چۆرگىلىتەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۇستام مىس تۇڭنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۇزۇن ساپلىق ياغاچ قوشۇق بىلەن تۇڭ ئىچىنى ئاز–تولا ئارىلاشتۇرغاندەك قىلاتتىدە، ئاندىن بەزىدە ساپسېرىق، بەزىدە ھالرەڭ كەلگەن ماروژنىنى ئىككى دۆگىلەك نېپىز پىرەنىكنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قولىمىزغا تۇتقۇزاتتى. پۈتۈن ئەتراپنى سۈت قايماقنىڭ شېرىن ھىدى قاپلايتتى. ئۇزاقتىن تەلمۇرۇپ تاپقان بۇ ماروژنىمىزنى بىراقلا يەۋېتىشىكە كۆزىمىز قىيماي خېلى ئۇزۇنغىچە بەكمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن شۈمەپ كوچا چۆگىلەپ ئوينايتتۇق. ; U- u) {# g2 y5 F
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |