ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2227|ئىنكاس: 5

سېرىق ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ قەبرىسىيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

42

يازما

601

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
155 سەر
تۆھپە
131 سەر
تىللا
113 دانە
جەۋھەر
1 دانە
خەۋەرئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى+ _6 ^1 L" v0 _+ r% S8 A
! Y1 x9 c4 Y1 }# T8 [  Y: o  ]
ھاكىم جاپپار  t' b/ D% {# T8 W. ]9 a. ?
' w- v& C$ U, }7 i9 U

& ~) l$ q6 [2 r* X9 G0 D2 fئۇچ ۋىلايەت مىللى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە يەنى 1944-يىلدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە (ئۇچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسدا 11 ماددىلىق بېتىم تۇزۇلۇپ بىرلەشمە ھۆكۇمەت قۇرۇلغانغىچە) ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتىگە ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. نۇرغۇن كىشى ئېلىخان تورىنىڭ كىملىكىنى، قانداق ئىش پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇنلانغانلىقىنى ئانچە بىلمىسە كېرەك. مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزۇم بىلگەن ۋە ئىگلىگەن بەزى ماتىرياللارغا ئاساسەن ئېلىخان تۆرىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.4 D; K; b8 H' A7 A8 A- @
ئېلىخان تۆرە (ئەدىبى تەخەللۇسى ساغۇنى، ئۇ بالاساغۇندا تۇغۇلغاچقا، ساغۇنى دەپ تەخەللۇس قويغان)، ئۆزبىك، ئۇ 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سابىق تۇركىستان ئۆلكىسىنىڭ توقماق (بالاساغۇن) شەھرىدە (ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە) ھاللىق دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تورە توت پەرزەنت كورگەن. ئېلىخان تورە ئۇلانىڭ ئىككىنچىسى. شاكىرخان تورە ئۆز زامانىسغا نىسبەتەن تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن بولغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۇل بۆلگەن ھەمدە ئېلىخان تورىنى چوڭ ئوغلى ئالىمخان تورە بىلەن ئەرەبىستانغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ئوغلى ئالىمخان تورە ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ، بۇخارا مەدىرسىدە داۋاملىق ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئېلىخان تورە ئوقۇش مەزگىللىرىدە، بىر تەرەپتىن ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ھەم بىر قاتار تۇركى تىللارنى پۇختا ئۆگىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تىبابەتچىلىككە ئىشىياق باغلاپ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا قاتارلىق تىبابەت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۆز زامانىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇستا تېۋىپ بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
, h+ S8 R5 h' G# X1 Gئېلىخان تورىنىڭ بىلىم ئىگىلەۋتقان ۋاقتى دەل چار پادىشاھ ھۆكۇمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا نى ئىستىلا قىلغان، يەرلىك خەلىقلەرنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۇمىتىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. 1916-يىلى توقماق تەۋەسىدىكى قىرغىز ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى بىرلىكتە چار روسىيە ھۆكۇمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۇرىدۇ. ئېلىخان تۆرىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ چارروسيە ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلدۇ. قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرى ھەر تەرەپكە قاچىدۇ. جۇملىدىن ئېلىخان تۆرىمۇ مۇھاجىر بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلىشدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېلىخان تۆرە ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ 1920-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەج-تاۋاپ قىلغىلى ئەرەبىستانغا بارماقچى بولىدۇ. بىراق، بۇ چاغلاردا سوۋىت ئارقىلىق ئەرەبىستانغا بېرىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، شىنجاڭ ئارقىلىق بېرىش ئۇچۇن غۇلجا شەھرىگە كېلىدۇ. بىراق شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت تۇپەيلىدىن، ئۇ ھەج_تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە چىقالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا مۇقىم ماكانلىشپ قالىدۇ. يەنى غولجا شەھرىدىكى ئۆزبىك مەكتەپ (ھازىرقى 5-ئوتتۇرامەكتەپ) نىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەھەلىگە ئورۇنلىشدۇ. كېينچە بۇ مەھەللە «تۆرەم مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
! @8 u7 Y3 Z# D$ uئېلىخان تۆرە دىننى ئولىما ۋە ئۇستا تېۋىپ بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا جامائەتچىلككە تونۇلىدۇ ھەمدە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيدۇ.
0 C2 j& o# n* y: W; r5 g5 N7 p1937- يىلى جاللات شىڭ سىسەي قانلىق قېلىچىنى كۆتۇرۇپ ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدىكى مۆتىۋەر، تەرەققىپەرۋەر كىشلەرنى ھەم ئىلغار زىيالىلارنى كوپلەپ قولغا ئالىدۇ. شۇ قاتاردا ئېلىخان تورىمۇ قولغا ئېلىنىپ تۇرمىگە تاشلىنىدۇ ھەم مال-مۇلكى مۇسادىرە قىلىندۇ. ئېلىخان تۆرە 1941-يىلى شېڭ سىسەي تۇرمىسدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇ ئۇرۇمچىدىن غولجىغا قايتىپ كېلىدۇ.- M: B5 ]# Y. D" Z9 @+ U
ئېلىخان تۆرە غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە جامائەت بىلەن ئارىلىشىپ تېۋىپلىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ھېسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىنلىپ،  مەسچىت، مەدرسلەردە ۋە جامائەت توپلانغان سورۇنلاردا ئاشكارا ۋە مەخپى ھالدا گومنىداڭ ھاكىميىتىنىڭ ئەكسيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان خەلق ئېلىخان تورىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاش ئۇچۇن ئۇ بارىدىغان، جۇمە نامىزى ئوقۇلدىغان جامالەرگە تېخمۇ كۆپلەپ يېغىلدۇ. 1944-يىلى غۇلجا يەر ئاستى «ئازادلىق جەمىيىتى» قۇرۇلىدۇ. ئېلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشدۇ ۋە بۇ تەشكىلاتقا رەئىس بولۇپ تەيىنلىندۇ. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۇش لازىمكى، 1944-يىلنىڭ بېشىدا ئۇرۇمچىدىكى سابىق سوۋىت باش كونسۇلى يېۋسىيىف غۇلجىغا كېلىپ، غۇلجىدىكى سوۋىت كونسولى ئارقىلىق غۇلجىدىكى سالىخ جانباي قاتارلىق يۇرت موتىۋەرلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى «ئازادلىق جەمىيىتى» دەپ ئاتاشقا كېلىشكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەمىلى پائالىيەتلىرىگە تەشكىلات قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غولجىدىكى سوۋىت دوختۇرخانىسىنىنىڭ باشلىقى ھاكىم جاپپاروۋىچ يارۇللابېكوف دېگەن ئۇيغۇر كىشى مەسئۇل بولغان. ئازادلىق جەميىتى تەشكىلاتىغا ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئىلغار زىيالىلار، تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ۋە ئاز ساندىكى دىنى زاتلار قاتنىشىدۇ. بولاردىن رەھىمجان سابىر ھاجىيوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سالىخ جانباي باباجان، زۇنۇن تېيىپ، ھەبىب يۇنىچى، مۇھەممەتجان مەخسۇم، ئابدۇرۇف مەخدۇم، جانى يولداشوف، مۇختەر ئاخۇن خەلپەت، نۇردۇنبەك، ئۆمەرجان پىر مۇھەممەت، مۇھىددىن ئەخمىدىلەر بار ئىدى.
9 N3 h$ T4 k$ g) {( H5 G«ئازادلىق جەمىيىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئېلىخان تورە ئۇچ ۋىلايەت ۋاقتىلىق ھۆكۇمىتىگە رەئىس، ئابدۇرۇف مەخدۇم باش كاتىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف تەشۋىقات بۆلۇم باشلىقى، قاسىمجان قەمبىرى كادىرلار بولۇم باشلىقى، ھەبىب يۇنىچى مائارىپ نازىرى (ھەبىپ يۇنچى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى نازىز بولغان)، سالىخ جانباي يېزا ئىگلىك نازىرى،مۇھەممەتجان مەخدۇم ئالىي سوت باشلىقى، جانى يولداشوف باش پروكورور، زۇنۇن تىيىپ مىللى ئارمىيىگە مۇئاۋىن قوماندان بولغان.
, P- _2 h* o$ hئېلخان تۆرە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۇمىتىگە رەئىس بولۇپ تەيىنلىندۇ. 1945-يىلنىڭ بېشىدا شۇچاغدىكى ۋاقىتلىق ھوكۇمەتنىڭ قارارى بىلەن ئېلىخان تۆرىگە مارشاللىق ئۇنىۋانى بېرىلدۇ. ئۇچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدا 11 ماددىلىق بېتىم تۇزۇلۇپ، بىرلەشمە ھۆكۇمەت قۇرۇلغاندا، ئېلىخان تورە ھۆكۇمەتكە ھەيئەت ئەزا قىلىپ كىرگۇزۇلدۇ. بىراق ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى ئېلىخان تۆرە غۇلجدىن مەخپى يوسۇندا سوۋىتكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدۇ.! N- z" O  W! ]( y- [2 j) ^9 p
ئېلىخان تۆرە مەخپى يوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن خەلق ئىچىدە ھەرخىل گەپلەر پەيدا بولىدۇ. بەزىلەر ئېلىخان تۆرە قورغاسقا كېتىپتۇ دېسە، بەزىلەر ئارشاڭغا كېتىپتۇ دېيىشتى، شۇ چاغدا ئېلىخان تورىگە مۇھاپىزەتچى بولغانلادىن ئالائىدىن ئىمىر بىلەن سونۇر مۇنىر مۇنداق دەيدۇ: «……بىز ئاشۇ 12-ئىيۇن كۇنى ئېلىخان تۆرە بىلەن بىللە 2-نومۇرلۇق قورو (روسچە 2-دوم دېيىلەتتى، ئۇ سوۋىت ھۆكۇمىتىنىڭ غولجىدىكى مەخسۇس تاپشۇرۇقىنى ئۇرۇندايدىغان مەھكىمىسى ئىدى) غا باردۇق، قورو ئىشىكى ئېچىلدى، ئېلىخان تورىنى قورو ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى، بىر ئازدىن كېيىن قورۇدىن بىر كىشى چىقىپ، سىلەر قايتىپ كېتىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز قايتىپ كەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلخان تورىنى كۆرمىدۇق، نەگە كەتكىنىنىمۇ بىلمىدۇق».
+ p+ r0 G* ]0 q2 L$ ?مېنىڭ ئىگەللىشمچە 1946-بىلى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى غولجىدا قۇرغان 2-ئۆيدىكى سوۋىت رازۋىتچىكلىرىدىن ئۆزىنى ئىسكەندەر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان پولكوۋنىك ئىۋان ئىۋانوف، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوشتىن ئاقسۇغا كېلىپ بىر مەزگىل «قارىلىق بىلىمىنى ئالغان ۋە شۇ يەردە ئۆيلىنىپ ئىككى ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا غۇلجىغا كېلىپ تېكەس ئاتلىق پوللىكتا، كېيىن ئۇچ ۋىلايەت ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە مەخسۇس رازۋېتكىغا مەسئۇل بولغان ۋە مەخسۇس تەربىيلەنگەن پولكوۋنىك ئەلى ئەپەندى ھامىدوف ھەمدە ئوزىنى زاكىر ئەپەندى دەپ ئاتىۋالغان 2-ئوي رازۋېتكىچى زاخاز كوز نېتىسوفتىن ئىبارەت ئۇچ كىشى ئېلىخان تورىنى «قورغاستىكى ئوسمان يۇسۇپوف (ئوزبىكستان 1-سېكىرتارى) سىز بىلەن كۆرۇشمەكچى» دەپ زىس ماشىندا سوۋىتكە ئېلىپ كەتكەن.
! h  N! T6 I% m4 i( kئېلىخان تۆرە سوۋىتكە بارغاندىن كېيىن تاشكەنتتە ئوزى ئۇچۇن تەييارلانغان قورودا 30يىل نەزەربەنت ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇدەسلەپكى مەزگىللەردە سىرتتىن كەلگەنلەردىن مەخپى تۇتۇلسىمۇ، كېيىنچە سىرتتىن يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۇشۇشكە رۇخسەت قىلىندۇ. ئېلىخان تورە تاشكەنتتە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرغان 30 يىل داۋامىدا بەزى ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىندۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئەخمەت دانشىنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، دەرۋىش ئەلى چانگىنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۇر تۇزۇكلىرى» گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدۇ.«تارىخى مۇھەممىدى» (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى) دىگەن ئەسەرنى 1959-يىلى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دىۋانى ساغۇنى» دىگەن شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم.
+ k2 O  u0 u! ^ئېلىخان تورىنىڭ ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئىشلىگەن غاپپارخان، ئاسارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئازادلىقتىن كېيىن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ سابىق سوۋىت ئىتتپاقىغا كەتكەن.' T3 F* G: `" r/ U2 B

6 v" W$ D' U) x' @: O" B- U8 Wئېلىخان تورە 1976-يىلى 91-يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
7 ?7 Q/ |) ~; g: X. F 56526591201205262156471294584982546_000.jpg 56526591201205262331383126407361298_000.jpg 56526591201205262331383126407361298_001.jpg 56526591201205262331383126407361298_002.jpg 56526591201205262331383126407361298_003.jpg 56526591201205262331383126407361298_004.jpg 56526591201205262331383126407361298_005.jpg 56526591201205262331383126407361298_006.jpg 56526591201205262331383126407361298_010.jpg 56526591201205262331383126407361298_009.jpg 56526591201205262331383126407361298_008.jpg 56526591201205262331383126407361298_007.jpg 56526591201205262331383126407361298_013.jpg 56526591201205262331383126407361298_012.jpg 56526591201205262331383126407361298_011.jpg
# @( g4 K1 I: P; @3 A3 q: b$ |' I/ N; B2 c$ |
مەنبەسى: ئەجدات تارىخ تورى % O; d4 k0 V$ p1 j8 @6 O
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10 تىللا +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
سرداش + 10 + 10 + 10 يارايسىز!ئاپىرىن

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-9-18 21:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى مۇھىم ماتىريالدىن بىرنى يوللاپسىز ،ئارىمىزدائىلىخان تۆرە ھەققىدە بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى .

62

تېما

234

يازما

4272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1373 سەر
تۆھپە
518 سەر
تىللا
749 دانە
جەۋھەر
4 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-9-19 12:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىمىزنىڭ ھاياتى يۇرۇڭقاش دەرياسىدەك ھاياتكەنغۇ.... سوۋىتكە ئېلىپ چىقىپ كىتىلگىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتىكەن.بولمىغاندا ئەينى دەۋىردىكى رۇيۇنىمىزنىڭ جەمىيەت ئەھۋالىغا قاراسا بەلكىم خەخلەرنىڭ قارا قۇلى تۆرىمىزگىمۇ سۇزۇلىشى مۇمكىنتى..........

24

تېما

42

يازما

601

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
155 سەر
تۆھپە
131 سەر
تىللا
113 دانە
جەۋھەر
1 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-9 11:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارال يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 12:43- f' p4 U/ J& z5 U+ A/ ~  @6 C
تۆرىمىزنىڭ ھاياتى يۇرۇڭقاش دەرياسىدەك ھاياتكەنغۇ.... س ...
! v6 t$ c1 L- m
توغىرا دەيسىز ،تۇلۇمۇ توغىرا قاراشلىق ئادەم ئىدى .

1

تېما

15

يازما

152

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
50 سەر
تۆھپە
21 سەر
تىللا
16 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-11-30 01:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ............

1

تېما

19

يازما

340

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
110 سەر
تۆھپە
78 سەر
تىللا
23 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-12-27 22:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كورۇپ ئۇ كىشىگە ھورمىتىم كەلدى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗