3d
داخې تورى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كەنخې رايونى جىنشيۇ يەسلىسى چوڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى توپلىشىۋالغان بولۇپ ئەسلىدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇ يەسلىنىڭ ئاشخانىسى ئىشلەتكەن كۆكتات-گۆشلەردە مەسىلە باردەپ قارىغان.بۇ يەسلىدىكى بالىلارنىڭ قورسىقى ئاغرىش،ئىچى سۈرۈش ،بەزى بالىلاردا ئىچى قېتىپ قېلىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئىكەن.
* H+ K. D2 C- E& [8 J6 n 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر بىلەن بۇ يەرگە 100نەچچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىىسى يىغىلغان بولۇپ ئاتا-ئانىلارئالدىغا ئىككى چوڭ تاختايغا بالىلارنىڭ يەۋاتقان يىمەكلىكىدە مەسىلە بارلىقىنى ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئولىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى يازغان بولۇپ بۇ ئىككى تاختاينىڭ يېنىغا مۇشۇ يەسلىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەتكەن گۆش،ئۇن،مور،سېسىپ كەتكەن پېدىگەن قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى.
. F4 f: X( b5 Q; g# Q3 q8 o4 X پېڭ فامىلىلىك بىر ئەر كىشىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىر بالىنىڭ ئائىلىسىدىكەر بالىسىنى ئادەتتىكى كۈنلەردىن يېرىم سائەت كېيىن ئەكەلگەن ھەم مۇشۇ يەسلىنىڭ ئاشخانىسى يېنىدىكى يولدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا بالىلارغا تاماق ئېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان پۇرچاق،ئۈندۈرمە قاتارلىقلارنىڭ تۇرغانلىقىنى،بىراق يەسلىنىڭ ئالدىدىكى ئېلان تاختىسىدا بۈگۈن بالىلارغا باشقا بىر خىل سەي قورۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى يازغانلىقىنى بايقاپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ تازىلىقىنىڭ بەكمۇ ناچارلىقىنى،بىر قىسىم سەيلەرنىڭ ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالغان.
$ a# F$ I8 V% Y% J6 A! C# ^ كېيىن بۇ بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر باشقا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىلىرىنىڭ تاماق شارائىتى ۋە تازىلىقىنىڭ بەك ناچارلىقىنى ئاشكارلىېۋەتكەن،شۇنىڭ بىلەن غەزەپلەنگەن ئاتا-.ئانىلار يەسلىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ مەسئولىيەتنى سۈرۈشتە قىلغان.1 t% ?. x& H" P
تەنخې رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يەسلى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن يەسلىنىڭ تاماق تازىلىقىنى چوقۇم ياخشىلاپ بېرىدىغانلىقىنى ،بۇندىن كېيىن بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان،بىراق بۇ يەسلىنىڭ مەسئولى قانداق بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.ئۆز بالىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق سېسىپ قالغان سەي-كۆكتاتلارنى يىگەنلىكىنى بىلگەن ئاتا-ئانىلار مەنپەتى ئۈچۈن بالىلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ئويناشقان مەسئول خادىملارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.) l% e: o% P. q
شۇ كۈنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولماي تۇرۇپ يەنە باشقا جىددىي ئىشى بارلىقىنى باھانە قىلىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان،يەسلىنىڭ باشلىقى بولسا ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن.
1 w' ~7 ^6 e+ l4 r1 e$ z) l7 Nنۇر تورىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |