ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1211|ئىنكاس: 1

دەرىس تارىخىمىزدىكى «ئاجايىپ» شەخسلەرئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ئۇيغۇر
تارىخىمىزدىكى «ئاجايىپ» شەخسلەر
2 @4 R+ m5 j! J, V
1.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر  - j2 W! @  ^0 J9 [! A0 Q  b
ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583 – يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626 – يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاشىنا شىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى — بوسات تېكىن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.
, {4 i( ^7 @7 H' W% D6 [# Aمىلادى 629 – يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان (都布可汗)دەپ جاكارلىغان. دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628~646 – يىللار) ئىگىلىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى ئازىراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگىلەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.
- V$ _: c4 i, \- N" ^4 `تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635 – يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.7 ~, ~1 z7 g( G( B' F' n
مىلادى 637 – يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ، شەرقىي جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ، غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دېگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن، غەربىي تۈركلەرنى ئاشىنا شىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ. ئاشىنا شىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ، بۇ قېتىم ئاشنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى، ئاندىن قومۇلنى، قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونترۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن، ھەتتا كىنگىت (ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا – ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644 – يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىقىرىپ، كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن، يەنە كېلىپ ئاشىنا شىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648 – يىلىغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىنا شىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ. ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن، بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا – بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان. بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان، بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىنا شىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاشىنا شىر ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.; G5 F' }3 s. Y3 X
ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە – كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش، تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش، چېگرا رايۇنلىرىنى تېنىچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655 – يىلى ئاشنا شىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن.( y, W' J7 ?7 w& \* C3 K0 S
2. قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا, C% h6 {/ G; D6 d* M' f' ^
مىلادى 839 – يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات –ئۇلاغلار، مال – چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قېيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار (قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ. (1)2 \* o( A* ^: c% I+ w
3. موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئاپپاق غوجا* x, D, H8 U) ~8 I( E
ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ، مىلادىيە 1626 – يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 – يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن. ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكېرەملىك مىرسەئىد جېلىل دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ. ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638 – يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دادىسىدىن رەسمي سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان. 1667 – يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپپاق غۇجا ئۈزلۈكسىز مۇرت كۆپەيتىش، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ، ھاكىمىيەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678 – يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كېلىپ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنچى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى.
$ J- S, i$ O  `4 {6 gئاپپاق غوجا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى. ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇ – قات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى.
. ~- [: O6 y$ L- k4 i  B0 eئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ، مىلادىيە 1679 – يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى.ئۇ يەنە، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ، مەسجىد – مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈنەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاب، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى. بۇنىڭغا نارازى بولغان، قارشى چىققان شەرىئەت پېشىۋالىرىنى، دىننىي ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى. (2)
" `# y) \; p: m6 i# S* ~  k; o( iئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر كېچە – كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان»غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى.
2 T( {$ t2 H& I" D% B* u6 Y4. تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ" [) _7 }; D/ V  G5 l2 h* h
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ، مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم – سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ، نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت)نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبچىسىدۇر. نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى، ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ، «ئۆز پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىيلىق قىلىدۇ، ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورنىدا ھاراق ئىچىشكە، ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ 25 كۈن بولدى دېگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان، زەي زىنداندا سېسىپ، يىرىڭلاپ، قۇرتلاپ، بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ، كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن. (3)' d5 F! h- t2 Z( x6 w% ?% _8 f% h
5. ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن
! Q9 N2 P: {& y4 `ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا – قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرىپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كېرەكلىگى، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ .بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل – ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي، ياقا – يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ. روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېيىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ. 1924 – يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى ئۇنىڭ شاگىرتى سابىت داموللامغا مەركەزلىشىدۇ.. \  j$ N3 a2 S9 w% `* D
6. شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ شاپتۇل داموللام
" W% G, x! Z4 `$ ^: Oئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇ كىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر شىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 – يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1935 – يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكە بويىچە ئېچىلغان «ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى»گە قاتناشقان. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم شىڭ شىسەينىڭ «ئالتە بۈيۈك سىياسىتى»نى تەشۋىق قىلغان.9 @' m/ d' ^$ q/ b$ H
1936 – يىلى 5 – ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا – سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىملىقى»نى ئۇقتۇرغان. شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن.
2 U8 s, x4 Y5 o7. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللام
! W/ \1 D9 J$ P7 E" D1933-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە، روزى موللام شىڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى «دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.
+ o* i0 G& K  c$ D, P, f7 E8. لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر
5 _9 a4 X. i- I1 D- [# {6 ]ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دېگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل . مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل . مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
+ T  O( y% y4 H; p8 @                                              ———————————————————————1 R3 b& ^( @5 T8 S! t# x. _4 \
                   ئىزاھات:
/ S: J: r( U/ R$ I$ l; O; [(1) ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، «سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي5 s; U8 t0 E  J, _
(2) ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
% N3 m9 W/ {4 a, s$ X4 B+ l(3) ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان «بەدەۋلەت – ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى.                                                   ================================0 R8 M$ O) U/ `  U
                                                 ئاپتورى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزاترەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

62

تېما

234

يازما

4272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1373 سەر
تۆھپە
518 سەر
تىللا
749 دانە
جەۋھەر
4 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-10-2 23:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىلار ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى.ئەمما ھازىرمۇ شۇلاردەك ساتقىن جوھوتلار خېلىلا بار.... ئۇنداقلارنىڭ جاجىسىنى بەرگۈچى قادىر ئاللادۇر. خۇدا ئۇنداقلارنى لەنىتىلەردىن قىلىۋەتكەي ئامىن! 8 x# f0 b. }4 T% \5 T0 o# I
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗