ئۇيغۇر
ئۇيغۇر سايرانى8 d- L H# q5 ]* K; A- y, {
ئۇيغۇر سايرانى 1918– يىلى 12– ئاينىڭ 18– كۈنى تۇرپان ئاستانىدا ئوقۇتقۇچى ھەيدەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تۇرپان، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇيدۇ. 1933– يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1934– يىلدىن 1938– يىلىغىچە موسكۋادا رۇسچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ۋە شۇ يىلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىراق دادىسى قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتكە چىقالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچى نەنلىياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 4 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، «دادىسى قامالغان»، «سىياسەتتە ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىپ، ساۋەنگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1938– يىلىدىن 1941– يىلىغىچە سۈرگۈندە بولغان كۈنلەردە رۇسچىدىن پەلسەپە، تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىدۇ. 1941– يىلى10– ئايدىن باشلاپ شىڭ شىسەينىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.1 w" Z" I6 n) {0 Y. _
ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە، 1943– يىلى 4– ئاينىڭ 10– كۈنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن كوچىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى 1– تۈرمىگە قامىلىدۇ. 1945– يىلى6– ئايلاردا تۈرمىدىن چىقىدۇ. بېتىم ئىمزالىنىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1946– يىلى 1– ئايدا ئۇيغۇر سايرانى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئىلى تەرەپ كۆرسەتكەن مەسئۇل خادىمى بولىدۇ., P& d: l* ]$ [! I
گومىنداڭ 11 ماددىلىق بېتىمنى ئىجرا قىلمىغاچقا خەلق ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنىدۇ. ئۇيغۇر سايرانى پاش قىلىش خاراكتېرىدىكى ئەرزلەرنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا چىدىماي ئۇيغۇر سايرانىنى قولغا ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇر سايرانى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ ۋە 1947– يىلى 8– ئاينىڭ 27– كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئاخىرقى تۈركۈم خادىملار بىلەن بىللە غۇلجىغا كېتىدۇ. غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئۇ «ئىلى گېزىتى»دە 1949– يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەيدۇ. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە گېزىتلەر بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇئاۋىن باشلىق بولىدۇ.: A' S/ ]- v0 Z9 C( k6 B
1950– يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسىغا مۇئاۋىن باش كونسۇل بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇ ھەربىي خىزمەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققاندىن كېيىن ئىككى يىل ماركسىزم ئىنستىتۇتى بىلەن قازاقىستان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1956– يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇش تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.0 K2 r L( E8 g3 J9 u8 O
ئۇيغۇر سايرانىغا 50– يىللاردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەرخىل بۆھتانلار چاپلاندى. 3– ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قىلىپ بەلگىلەندى.
\1 |1 a+ t3 k2 ^# a4 Qشۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 4– نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ پەن – مائارىپ ، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى. 1983– يىلى «تەتقىقاتچى» ئۇنۋانىنى ئالدى.( a/ k D$ X, V. v
ئۇيغۇر سايرانى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كۆپلىگەن ئىلمى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ 1990– يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۆزبېك، تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىشقا قاتناشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقشۇناس ئالىملىرىدىن ئا. گ. مالياۋكىن، س. گ. كىلياشتور، ناسىلوف ۋە بارتولد قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىدار 10 پارچىغا كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇردى.! R6 A% h7 O6 q. Q* }
================================
0 R d1 ~" p3 Y, A مەنبە: شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |