ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 2

دەرىس ئېينىشتىيىننىڭ ‹‹بىلىمسىزلىكى»ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
خەۋەرجياڭ چىنفېڭ+ ]" p, F2 w! W' m7 z& K

" W- f" p/ \  F2 q
: G2 K0 S, C' J, d5 q  J
8 y8 J# Y0 q$ O1 v$ c2 A9 o     بىر كۈنى تېلېۋىزوردا بىر پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا توغرىسىدىكى پىروگراممىنى كۆرۈپ قالدىم. 11 ياشلاردىكى بىر بالا نەق مەيداندا ‹‹شىنخۇا لۇغىتى››نى يادلاپ بېرىۋاتاتتى. رىياسەتچى بىر نەچچە خەتنى سورىۋېدى، بۇ بالا شۇ ھامان بۇ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. رىياسەتچى گۇمانلانغان ھالد ‹‹شىنخۇا لۇغىتى››نى ئېچىپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ‹‹توپتوغرا!›› دەپ ۋارقىرىۋەتتى. بىر تاماشىبىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىدىكى ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى سورىدى. بالا بۇ ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتتىكى ئورنىنىمۇ قىلچە قىينالماي، توغرا ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. بۇ ئالامەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام جاھاندا بۇنداق ئەقىللىق بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم.$ r5 N& H4 [6 P3 n$ g% g& P
5 Y& }4 Q; ]8 G
     نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار تاماشىبىنلارغا بالىسىنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەر – خوتۇنلاردىن بولۇپ، ئاپىسى بالىسىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغىنىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ كىچىكىدىنلا تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە، بىز ئۇنى لۇغەت يادلاشقا زورلىدۇق، توپتوغرا ئالتە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىر مانا مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتتى.
$ g1 `& B3 Y" t1 o3 t- \2 q, D  r  ~5 S% a3 s' |
     پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا، رىياسەتچى بالىدىن: چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ئويىڭىز بار؟ دەپ سورىغاندا، بالا ساددىلىق بىلەن ‹‹ئالىم بولىمەن، خۇددى ئېينىشتىيىندەك ئۇلۇغ ئالىم بولىمەن›› دېدى. بۇ ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن، يەنە بىر پەس ئالقىش ياڭرىدى. بىراق، تولىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنى ئاڭلىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولار ئىدى.
8 q. b! }/ z; @6 {( @0 R  b1 z) Z' ]: g% `& m2 s
     ئەينى يىللىرى ئېينىشتىيىن ناتسېستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇ چۈشكەن ئايروپىلان ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندە، ئايرودۇرۇم ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇنداق سورۇنلاردا، ئەلۋەتتە، مۇخبىرلارمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇ چاغدا بىر مۇخبىر گەپ تاپالمىغاندەك، ئېينىشتىيىندىن فىزىكا ئىلمىدىكى بىر ساننى سوراپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئېينىشتىيىن ئۇنىڭغا: ‹‹بۇنى بىلمەيدىكەنمەن›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، شۇ مەيداندىكى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئۇنى بىلىدىكەن. راستىنى ئېيتقاندا، 20 – ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بۇنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم، بۇ ئادەتتىكى سوئال بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى چۈشۈرگىسى كەلمەي بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندۇ؟
1 q$ S. J, q% V% O  P3 v# N: ~! @0 @4 q& P
     بۇ ئىش بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر كىشى ئېينىشتىيىندىن بۇ ئىشنى سوراپتىكەن، ئۇ بۇ كىشىگىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن: ‹‹مەن ھەقىقەتەن ئۇ ساننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئېينىشتىيىن قارشى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مۇنداق دەپتۇ: ‹‹بۇنىڭغا قىممەتلىك زېھنىي كۈچۈمنى خورىتىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لۇغەتنى ۋاراقلاپلا تاپقىلى بولىدىغان سانلارنى مەن ئەزەلدىن ئېسىمدە تۇتۇپ باقمىدىم».7 n) |: i4 {" r) J( h% g

' k" Y' a) {0 }1 ^4 H8 F     ھەقىقەتەن، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يادلاشتىن كەلمىگەنىدى.
" @9 G6 f2 ?# d' H7 m4 j9 ~! k) x8 |" m
     پىروگراممىنى كۆرۈپ بولۇپ، تۇيۇقسىز قوزغالغان بىر قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، تورغا چىقىپ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن يەنە شۇنداق چۆچۈپ كەتتىم. ئېلىمىزدە ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلار كەينى – كەينىدىن مەيدانغا چىقىۋېتىپتۇ. لۇغەت يادلىغاندىن باشقا، چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى ساننى 350 – خانىسىغىچە يادلىيالايدىغان تۆت ياشلىق قىزچاق، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ 1000 پارچە شېئىرىنى يادلىيالايدىغان بەش ياشلىق ئوغۇل بالا، ھەتتا چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى سانلارنى تەتۈرىسىگە يادلىيالايدىغانلار…
$ }6 |, K0 d+ \$ u, I( p$ T2 R8 O9 v% g* |' I* `7 t( t
     ئەجەبا، ئادەم بىرەر لۇغەتنى يادلىۋالسا تىلشۇناس بولۇپ كېتەرمۇ؟ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى 1000 پارچە شېئىرنى يادلىۋالغانلار شائىر بولۇپ كېتەرمۇ؟ چەمبەر تۇراقلىقىدىكى سانلارنى يادلىۋالغانلار ماتېماتىك بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇنداق پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلارنىڭ نېمىگە كېرىكى بار؟
4 Q8 e" x6 l6 u& r) c% B! N1 o8 x  S8 q. F8 C8 A1 @* }! @
     ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بۇنداق ئىشلارغا قاتتىق بېرىلىدۇ؟ بۇ، ئېھتىمال بالىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بولمىسا كېرەك، بەلكى بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىدىن بولۇۋاتقان ئىش. ئۇلار بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن يادلاش ماشىنىلىرىنىلا بارلىققا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ قىممەتلىك بالىلىقى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ يادلاش ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ.
# u- O; ]1 Y$ z) O7 J/ p6 ]$ v
) X7 t6 a" k" D  J: y& g     قانداقلا بولمىسۇن، بالىلار ‹‹ئوكيانۇس››نى يادلىۋالغان، يەنە ‹‹ئىنگلىزچە چوڭ لۇغەت››نى يادلىۋالغان تەقدىردىمۇ، يادلاش بىلەن ‹‹نىسپىيلىك نەزەرىيەسى›› دەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، سىزنىڭچىچۇ؟
* G; v1 I  i# X0 j9 I* [1 H
  r% U9 m. k) y8 z. [مەنبەسى : ئالىم بىز بىلوگىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

62

تېما

234

يازما

4272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1373 سەر
تۆھپە
518 سەر
تىللا
749 دانە
جەۋھەر
4 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-8-31 15:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇنداق...

0

تېما

5

يازما

202

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
40 سەر
تۆھپە
37 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-18 00:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗