ئۇيغۇر
روبېرت (ئەنگلىيە); I! w# G. t" V9 V7 X
3 _6 k& _" s4 k6 y# {: X% L/ S, i8 R$ o R& ~
بىز بۇ ئاشپۇزۇلغا بالا كۆتۈرۈپ كىرگەن بىردىنبىر خېرىدار ئىدۇق. مەن ئوغلۇمنى بوۋاقلار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇشۇمغىلا، ئۇ گۇڭراپ، چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلۈپ كەتتى. ئەتراپىمغا قاراپ ئۇنى كۈلدۈرۈۋاتقان نىشاننى تاپتىم. ئۇ تامبالدەك كەڭ ئىشتان كىيگەن، پۇتىنىڭ بارماقلىرى يىرتىق ئايىغىدىن چىقىپ قالغان بىر بوۋاي ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىقىمىز يېقىن بولمىسىمۇ، ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنىڭ مەينەتلىكىگە قاراپلا سېسىق پۇرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم.
3 R1 n: S- w: a: n3 T, I9 v: k, u, o' b) g7 ` r0 n$ z
بوۋاي قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ:
* S! ^! ], x) Q/ d. f) P' H9 l
- ھوي، مەن سېنى كۆرۈۋالدىم، بودۇرۇقۇم،- دەپ ۋارقىرىدى. ( X: j, k, N0 F, o- n; T
. w# c6 G Z+ j7 X! b
غىزالىنىۋاتقان باشقا خېرىدارلار بىزگە غەيرىي نەزەردە قارىدى. ئېرىم ئىككىمىز تەڭقىسلىقتا بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق. ئوغلۇم يەنىلا ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە بوۋايغا تەلپۈنەتتى. e5 q' h% k! E9 Z
3 ~8 p7 L z3 M( N1 fبىز بۇيرۇتقان تاماقمۇ چىقتى، بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا:
2 g; Y' _3 j3 s. Y* B) s; f4 X* K( j
) m& y; g8 K9 y ~- سىلەر قىيمىلىق توقاچ بۇيرۇتتىڭلارمۇ؟ سىلەر بالاڭلار بىلەن مۆكۈشمەك ئويناشنى بىلىدىغانسىلەر؟ ۋاي، قاراڭلار، ئۇ مۆكۈۋېلىشنى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ،- دېدى. بوۋاينىڭ بۇ قىلىقلىرى ھېچكىمگە خۇشياقمىدى،چىرايىدىن ئۇنىڭ مەستلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بىز نائىلاج تامىقىمىزنى يەۋەردۇق. ئوغلۇم ھېلى ئۆزىنى ئەپقاچسا، ھېلى ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئويناۋەردى. بوۋاي ئۇنى توختىماي ماختايتتى. . y% e3 c- o2 E; B$ r' P
, h+ W$ @3 a7 T: x' G- بىز غىزالىنىپ بولدۇق. ئېرىم ھېسابات قىلغىلى كەتكەندە ئۇنى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ساقلىماقچى بولدۇم – دە، ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە ماڭدىم. بوۋاي ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى ئىچىمدە «تەڭرىم، ئۇ ئوغلۇمغا گەپ قىلغۇچە چىقىپ كېتىۋالغايمەن»دەپ تىلەيتتىم. بوۋايغا يېقىنلاشقاندا ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىكى بەتبۇيدىن قاچۇرۇپ تەتۈر قاراپ تېزلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئوغلۇم بوۋايغا تەلپۈنۈپ، «مېنى قۇچىقىڭغا ئال» دېگەندەك ئۇنىڭغا قوللىرىنى ئۇزاتتى، مەن ئۇنى توسۇپ بولغۇچە بوۋاينىڭ قۇچىقىغا چىقىپ بولدى.
% P" L( v# L& C/ r' K
4 A" i* `" h K% o# o) rشۇ دەقىقىدە بەدىنىدىن سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان بىر بوۋاي بىلەن سۈت پۇراپ تۇرىدىغان بوۋاق مېھىر – مۇھەببەت قۇچىقىدا مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى.
+ B) ]0 c' ?- I; w; T! s' _
# _ s5 G1 @* W
7 J! l) s: _. ?# R7 V+ X3 Rئوغلۇم ئوماقلىقى بىلەن بېشىنى بوۋاينىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالغانىدى. بوۋاينىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، كىرپىكلىرىدە ياش تامچىسى يالتىراتتى. ئۇ قاسماق قوللىرى بىلەن ئوغلۇمنىڭ دۈمبىسىنى توختىماي سىيلايتتى. دەقىقە ئىچىدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت مېنى تەسىرلەندۈردى. مەن ئىختىيارسىز ھۆرمەت نەزەرىدە ئۇلارغا قارىدىم.
9 c1 U) J6 l& s- Q C2 _( a' J
0 A* q8 J' _: J% B$ B: z+ @5 Y6 ^1 Vبوۋاي ئوغلۇمنى يېنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ، ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا: - C: l4 {' h& S& x3 \0 p( G5 g5 u
. | @1 z* v& Y' S- بۇ بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ جۇمۇ! دېدى.
6 b" ?1 Y5 o6 g* v. z7 P
+ [4 p% }: p' {كانىيىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ ئارانلا«شۇنداق قىلىمەن» دېيەلىدىم. بوۋاي بالامنى قىيمىغان ھالدا ماڭا بەردى. قارىماققا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئوغلۇمنى قۇچىقىمغا ئالغىنىمدا بوۋاي يەنە:
' A# ]& y: y! D2 u' {8 M. R
9 C# N2 ]. O# @. D: T' u, o! X- تەڭرىم سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي خانىم، سىز ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغا بەردىڭىز،- دېدى.
" L7 }- R$ M' D! N( t
% y! L, G8 C: Dمەن پەس ئاۋازدا «رەھمەت» دېدىم – دە، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئالدىرىدىم. ئېرىم ئوغلۇمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئۆزۈم بىلەتتىم. ئوغلۇم بىر ئادەمنىڭ قەلبىنى كۆرەلەپتۇ، ئەمما ئانىسى بولغان مېنىڭ كۆرگىنىم پەقەت ئۇ ئادەمنىڭ كىيىم – كېچىكى ئىدى. بۇ ئىش بوۋىقىمنىڭ ماڭا بەرگەن ساۋىقى بولدى.6 O" r, ~! h+ S1 f" a( w5 o+ s+ V
' d7 a' K# @7 {* Q$ H, V6 S" j
K* y6 ]" O7 ~% m7 |
مەنبەسى:شنجاڭ گىزىتى
+ h% z% R+ G6 }3 cئۇيغۇرچە رادىئوتورىدىن يۆتكەلدى دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |