ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 2

دەرىس جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتى نېمىگە ھامىلدار:يانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
خەۋەرجوڭگۇنىڭ تەرەققىياتى نېمىگە ھامىلدار: 3 I! M$ m/ ^/ p) t0 }
خاۋچۈن
( j2 D% c! T( }مەنبە:كەڭساي تورى  
/ d! |* e: D0 R! c% I; Q$ dجوڭگۇدىكى تونۇلغان يازغۇچى خاۋ چۈن يېقىندا ۋېيبو تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە جوڭگۇنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر ھاڭلار تەنقىد قىلىنغان«كۈزدىكى سۇ ۋە بىپايان ئاسمان»  بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.(جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتى نىمگە ھاملىدار دىگە تېما يوللۇغۇچى تەرىپىدىن قويۇلغان.)
; z* a% f7 b) Q* ` 5 t7 {" r; x( V: U/ W3 |: z. A1 ?
خاۋ چۈننىڭ تەخەللۇسى مو رۇڭ شۆسۈن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جوڭگۇدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، چىرىكلىك، ھۆكۈمەت ۋە سودا، تىجارەت ئارىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەتلەر، زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ جوڭگۇ جەمئىيىتىدە پەيدا قىلغان ھاڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا يازغان «چېڭدۇ، بۇ كېچە مېنى ئاۋارە قىلما»، «چۈشىدە ئۆلۈش» دېگەندەك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ جوڭگۇدىكى ۋېيبو تور بېتىدە 1 مىليوندىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بار.
: W7 [2 W4 s+ ^
2 T+ g9 ~; o" {/ Y' b: `2 v: A& H# F
1 ]: ?2 D7 h3 bجوڭگۇدا ياشاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى: جوڭگۇدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن ئوڭاي. نەزەرىيىدە بىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىمىز بار. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەۋجۇت ئەمەس. نەزەرىيىدە بىزنىڭ كىرىمىمىز ھەر كۈنى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە تالاغا چىقسىڭىز، ئازراق گۆش ئېلىشقا چىقىش قىلالمايسىز. نەزەرىيىدە بىز بىر قانچە تاغنى ئۆرۈۋەتتۇق، ئەمما ئەمەلىيەتتە بىز چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتىپ بارىمىز. نەزەرىيىدە سىز دۆلەتنىڭ خوجايىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە سىز ..... ; t  N& @3 Q+ r9 f' E" `6 B# b
, D* Z; F+ n" D& a
دەرسلىك كىتابلاردا بىر جەمئىيەت ئىدارە قىلغۇچىلار ۋە قىلىنغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا بۆلىنىدۇ. ھازىر جوڭگۇنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، جوڭگۇدا ئومۇمىي سانى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان كىچىك-چوڭ ئەمەلدارلار بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلغۇچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ خىزمىتى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مائاش ئالىدىغان خىزمەت. بىر ناھىيىنىڭ باشلىقى ئون مىليون يۈەن يىغالايدۇ. بىر ئۆلكە باشلىقى نەچچە يۈز مىليون يۈەن يىغالايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باشلىقلارنىڭ يىغىۋالغان مال-دۇنياسىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق. 0 i& _4 ^( U& s  Z
9 B8 z3 {. ~2 \* f
زامانىۋى جۇڭگو دېگەن ئاجايىپ بىر دۇنيا. ھەر كۈنى يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالىدىغان تراگېدىيە ۋە ئەجەبلىنەرلىك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرى، بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان بوۋاقلار، پويىز ۋەقەلىرى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئۆيلەر، پارىخورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىدۇ. جوڭگۇدا ۋىجدان مەھبۇسلىرى «مۆكۈشمەك ئويناۋېتىپ» ياكى بولمىسا «قايناقسۇنى قىزىق ئىچىۋېتىپ» ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كېيىنكى يىللاردا يۇقىرىدەك ئىشلار تۈگەپ قالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ بىرلا سەۋەبى بار-ئۇ بولسىمۇ، ھەممىگە قادىر، ئەركە، تەڭداشسىز ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتى. ( ?$ H! n& C, g( y0 a$ N& [" y6 n
" M$ }5 W, p' j4 Y9 c+ I' |
جوڭگۇ پۇقرالىرىدىكى ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز:  & ~" m: |6 U$ Z; z9 A; ^
مەن ھەر قېتىم خوڭكوڭغا كەلگەندە، سىياسىي ژۇرناللارنى سېتىۋېلىپ، چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جوڭگۇغا قانداق باھا بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جوڭگۇنىڭ كەلگۈسىنى قانداق پەرەز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن. بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، جوڭگۇ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە كەلگۈسىنى پەرەز قىلغۇچىلار بۇ يەردە ئىنتايىن مۇھىم نۇقتىنى-يەنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يۈكسەك كونترۇللۇق ئاستىدا ياشاپ كەتكەن ۋە جوڭگۇنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاستىدا باشقىچە ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەن جوڭگۇ پۇقرالىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدىكەن. بۇ باشقىچە كىشىلەر پەقەتلا جوڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جوڭگۇ جەمئىيىتىنى ياۋۇز، زومىگەر، ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بىر جايغا ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ جەمئىيەتنى دۆتلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېخىمۇ ئاستىلاشتۇرماقتا.
8 h) G- @: Z7 N! t8 C& Q
1 p) Y. D: t: L* }& w! c/ Tبىرىنچى خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك-ئۇيۇشۇپ، ھېچنېمىنى سەزمەس بوپقېلىش. دەرىجىدىن تاشقىرى كونتىرۇللۇق ئاستىدا پۇقرالارنىڭ نۇرغۇن ھوقۇق-ئىمتىيازلىرى ئاللىقاچان تارتىپ ئېلىنغان. ئېشىپ قالغانلىرى بولسا بىزنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار تەرىپىدىن بىزگە خۇددى زور بىر ئىززەت-ئىكرام، مۇكاپات بېرىۋاتقاندەك تەقدىم قىلىنغان. بۇ دۆلەتتە بىر ۋەقە يۈز بەرسە، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ، قارشىلىق بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇڭا ھەممە كىشى ئاخىرى بېرىپ تەقدىرگە تەن بېرىدۇ. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كىشىلەر ئاخىرى بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ نېمە بولغانلىقى، ئەسلىدە نېمە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىرى ئۇنىڭ تامىقىنى بولۇۋالسا، ئۇ ئاچ ئولتۇرىدۇ. بىرى يۈزىگە بىر شاپىلاق قويسا، ئۇ ئاستا كېتىپ قالىدۇ. ئۆيىنى ئۆرۈۋەتسە قاراپ تۇرىدۇ. ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە، بالىلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتسە، يىغلاپلا قالىدۇ. ئاندىن بۇ ئادالەتسىزلىكلەرنى «شور پېشانىلىك» دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇنى ساڭا قىلغان بىر لۈكچەك بولسا، سەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى ئەپ قاچىسەن. ئەگەر ئۇ بىرلا لۈكچەك بولماي، لۈكچەكلەر بىلەن تولغان پۈتۈن بىر سىستېما بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا يا قاچالمايسەن، يا داۋا قىلالمايسەن. ئۇ ھالدا سېنىڭ شۇ سىستېمىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا چىقىش يولۇڭ يوق. 9 {- }* `+ S' h7 I, ?4 h4 e) R

! K& V7 t3 r& v: V) h/ C9 Tبىر كىشىنىڭ سەزمەس بولۇۋېلىشى كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنىڭ ئازاب چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئۆلچىگىلى بولسىدى، بىز جوڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ بۇ نومۇرىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ئازاب ئىچىدە كۆرگەن بولاتتۇق. بۇ 2 ياشلىق يۆ يۆنى ماشىنا بېسىۋەتكەندە يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن 18 كىشىنىڭ قاراپمۇ قويمىغانلىقىدەك شۇ ۋەقەدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.... 1 a2 a5 n) Z7 k' L, _. X
" ?1 q4 j3 k. p4 `
بۇنداق كىشىلەر ئاخىرى بېرىپ بارلىق ياخشىلىقلاردىن نەپرەت قىلىدىغان، ئىچى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي تۇرۇپ ئۆچ ئالىدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىدىنمۇ بىچارە، تەلەيسىز ۋە ئاجىز كىشىلەردىن ئۆچ ئالىدۇ. 4 W4 V, k* z% P) ^( l

" K( _' N$ @1 ^% Eئىككىنچى خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك بولسا رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشتا قىينىلىش. ئۇزۇن يىل ساۋاتسىز قېلىش ۋە مېڭە يۇيۇش ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. كىشىلەر ھەقىقەتنى، رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايدىغان بوپقالىدۇ. جوڭگۇدا، ھېلىھەم نۇرغۇن كىشىلەر ماۋ زېدۇڭنى «خەلقنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ قاراپ، ئۇنى ھېلىھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى نىجات يۇلتۇزى، ئۇ كىشىلەرنى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇردى، دەپ قارايدۇ. تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى رەسىمىنى ۋە ئۆلۈكىنى تاۋاپ قىلىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ رەسىمىنى تاملىرىغا ئېسىۋالىدۇ. ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى سېغىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا چىرىكلىك يوق، ھەممە كىشى باپباراۋەر ئىدى، دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «چوڭ ئاچارچىلىق» بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. تېخى يېقىندا تور بەتلەردە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن «چوڭ ئاچارچىلىق» يىللىرى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىلىۋېدى، «چوڭ ئاچارچىلىق» دېگەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۇنى پەقەت كىچىكلا بىر رايوندا يۈز بەرگەن، ئازغىنە بىر ۋاقىت يۈز بەرگەن كىچىك بىر ۋەقە، دېگۈچىلەر بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق كۈلكىلىك سوئاللارنى قويۇشتى. ' f) L1 D5 }! p
, E% l5 V% V2 C* c. Q3 H& @) K
ئاچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن مىليونلىغان كىشىنى نەگە كۆمۈپ بولدى؟ بۇنداق چوڭ بىر بالايىئاپەت نېمىشقا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنمىدى؟ شۇنچە جىق ئادەم ئۆلۈپ تۈگىگەن بولسا، يەنە نېمىدەپ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويىمىز؟ مېنىڭ يۇرتۇممۇ شۇنچە كەمبەغەل، نېمىشقا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلىمايمەن؟ بەزىلەر ئاچارچىلىقتا 30 مىليون ئادەم يەنى جوڭگۇ پۇقراسىنىڭ 20 دە بىرى ئۆلدى، دەيدۇ، بۇ مۇمكىنمۇ؟
3 M# C% }7 m& D  w  L2 | 3 C( K9 y/ O7 @. s& J% E3 i
بۇ يەردە كىشىنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر سوئال بار؟ بىرى تېخى «ئەگەر يەيدىغانغا ئاشلىق تاپالمىغان بولسا، گۆش يېسە بولمامتى؟» دەپ سوئال قويغان. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، راستچىللىق، سەمىمىي بولۇش پەقەتلا بىر ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئىقتىدار مەسىلىسى.
) f- i! X6 n, M$ Z, i+ H0 R , o2 Z( M# E) E9 B: P
3-خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك بولسا-قۇللۇق پسىخىكىسى. خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك، جوڭگۇدا پەقەت ئىككىلا دەۋر بولغان. بىرى ئىنسانلار قۇل قىلىنغان دەۋر، ئىككىنچىسى، كىشىلەر قۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئەمما ھازىرقى شارائىت يول قويمايدىغان دەۋر. بۇ كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپ، كوللېكتىپقا، دۆلەتكە، پارتىيىگە سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چوڭ بولغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغان بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن بىر مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ كىشىلەر تىرىشىپ ئوقۇسا، جاپالىق خىزمەت قىلسا دۆلەت ئۈچۈن قىلىدۇ، بەدىنىنى دۆلەت ئۈچۈن چېنىقتۇرىدۇ. ھەتتا مۇھەببەتلەشسىمۇ دۆلەت ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار دەۋاتقان دۆلەت مەنپەئىتى دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئىتى، پارتىيىنىڭ مەنپەئىتى، ھەتتا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىدۇر. بۇ كىشىلەر ئاتالمىش «دۆلەت مەنپەئىتى» ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى كىمنى ئۆچ كۆر دېسە، شۇنى ئۆچ كۆرىدۇ. نورمال بىر دۆلەتتە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئىنتايىن ياخشى ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر. ئەمما جوڭگۇدىكى بۇنداق قۇللار بولسا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمپېرىئالىستلارنىڭ قەستى، دەپ قارايدۇ. چېقىمچىلىقنى، ئاسىيلىقنى، ھەتتا ئۆز تۇغقانلىرىدىن يۈز ئۆرۈشنى مەدھىيىلەيدۇ. 6 g$ K" d4 _% r7 v! c4 G
- j! @) x8 g$ [" `
بۇ خىل كىشىلەر ئۆچ-ئاداۋەت بىلەن تولغان مائارىپ بىلەن تەربىيىلىنىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى جوڭگۇغا قارشى. بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جوڭگۇنىڭ ئورىسىنى كولاش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، بارلىق ئۆكتىچىلەر ھەممىسى غەربكە سېتىلغان خائىن، ساتقىن. جوڭگۇدا ئەگەر بىر ئايال چەتئەللىككە توي قىلسا، ئۇلار بۇنى بىر مىللىي نومۇس دەيدۇ، ئەمما بىر جۇڭگولۇق ئەر چەتئەللىك ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، ئۇ ھالدا بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەللىكلەردىن تارىخى ئۆچىنى ئالغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەتەرلىك قۇللار داۋاملىق ھالدا ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. جوڭگۇ چوقۇم ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك، دەيدۇ. سىز جوڭگۇدا بۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ «ياپونىيىگە بېرىپ بومبا تاشلاپ كېلىمەن، ياپونىيىنى ئۇنداق ۋەيران قىلىپ، تارىخى ئۆچىمىزنى ئالىمەن» دېگىنىنى داۋاملىق ئاڭلايسىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچى نەپرەت بىلەنلا تولغان. بۇ «ۋەتەنپەرۋەرلەر» نىڭ يېرىم ئەسىر ئالدىدىكى «قىزىل قوغدىغۇچىلار» دىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇنداق كۆزى قارىغۇ، ئىچى نەپرەت بىلەن توشقان كىشىلەر نورمال بىر جەمئىيەتتە خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. ئەمما جوڭگۇدا ئۇلار مەدھىيىلىنىدۇ. ئەتىۋارلىنىدۇ.
5 B5 x2 n8 D' k$ [+ y' l) V
1 Q6 S$ ]% x6 F8 ?- A4-خىل كېسەللىك بولسا-كۆمۈپ قويغان بومبا خاراكتېرى. جوڭگۇدا ئادەملەر خۇددى كۆمۈپ قويۇلغان بومبىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن يەرگە دەسسەۋاتقان كىشىلەردەك ياشايدۇ، ھېچكىمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق. چۈنكى، بۇ دۆلەتتە قانۇننىڭ كۈچى يوق. ھۆكۈمەت قانۇننى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ. قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئېنىق چەك-چېگرىسى يوق. مەسىلەن، بىر شەھەردىكى كىچىك دۇكاندارنى مىسالغا ئالايلى، جان بېقىش ھەلەكچىلىكى بىلەن دۇكاندارچىلىق قىلىۋاتقان بىر كىشى ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خالىغاندەك ئىش قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ دۇكىنى ھەرقاچان تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. سودا-سانائەت ئىدارىسى، باج ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ھەتتا سەھىيە پونكىتىنىڭمۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇكىنىنى پېچەتلەش ھوقۇقى بار. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغاچقا، ھېچكىم ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزمەيدۇ. ئۇزاقنى ئويلاپ ئىش قىلمايدۇ. دۇكاندار دۇكىنى ئوچۇق ۋاقىتتا ئۇرۇپ-سوقۇپ پۇل تېپىۋالغىنىغا خوش بولۇپ ئولتۇرىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، جوڭگۇدا ھەممە كىشى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدۇ. ھېچكىم ئىش ئەخلاقى، تۈزۈم-پرىنسىپ دېگەننى نەزەرگە ئىلمايدۇ. قىلىۋالغىنىم قىلىۋالغان دەيدۇ، شۇڭا ئەمەلدارلار ئەمەل تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا جېنىنىڭ بارىچە مال-دۇنيا يىغىدۇ، سودىگەرلەر ئىش ئەخلاقى ۋە ئۆلچەملىك تىجارەت قىلىشنىڭ ئورنىغا پۇل تېپىشنىلا ئويلايدۇ. يەتكۈچە پۇلنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنى باشقا يەرگە يۆتكىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا ھارغۇچە خەجلەيدۇ. ھېچكىمنىڭ كەلگۈسى بىلەن كارى يوق.
5 Z1 w4 _. q( x0 f " n# {: W$ ]% k( z7 ^
مانا مۇشۇنداق خەتەر تۇيغۇسى ئاۋام خەلقنى تېخىمۇ ئالدىراڭغۇ، چېچىلاڭغۇ قىلىۋەتكەن. جوڭگۇدا كىشىلەر ئايروپىلان تېخى يەرگە قونماي تۇرۇپلا، يۈك-تاقىلىرىنى ئېچىشقا باشلايدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە كىچىككىنە بىر ئارىلىق بولسىلا، ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي قىسىلىپ كىرىۋالىدۇ. ئۆچىرەت تۇرىدىغان ئىش بولسىلا چوقۇم ئۆچىرەتتە تۇرماي ئالدىغا كىرىۋالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. كىشىلەر ئۆز-ئارا ئىشەنمەيدۇ. ھەتتا بىر-بىرىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ. جوڭگۇدا كىشىلەرنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، تۈزۈمنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە قۇتراتقۇچىلىقى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قۇللۇق مائارىپى، ئۇلۇغ ھاكىميەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىدىيىلىرى ۋە ئۆچمەنلىكنى مەركەز قىلغان مائارىپنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ھەتتا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان. 0 U( Y2 Y# v# U! \

, r+ |9 M' N- B-جوڭگۇدا كىشىلەر ئازاب چېكىشكە كۆنۈپ قالغان. ئۇلار ئۆزىگە «مەن نېمىشقا ئازاب چېكىمەن» دەپ سوئالمۇ قويمايدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نۇرغۇن ياشلار يېزىلارغا چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى ھەتتا بىر پۈتۈن ئۆمرى ۋەيران بولغان. ئەمما ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئۆزلىرىگە ئازاب تارتقۇزغان كىشىلەرنى مەدھىيىلەيدۇ. % }& P- ~1 N% s

* [* V& s2 b7 M' a! K# _1 c0 P$ t. gجوڭگۇدا «قۇربانلىق بېرىش، پىداكارلىق قىلىش» دېگەن ناھايىتىمۇ ئالىي، ئېسىل بىر سۆز. لېكىن بۇ سۆزنىڭ مەلۇم بىر دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ. جوڭگۇدا كىشىلەرنى خۇددى قۇربانلىق ھايۋانلاردەك قۇربانلىق بېرىشكە، جېنىنى پىدا قىلىشقا چاقىرىدىغان نۇرغۇن ناخشىلارنى، ھېكايە-ماقالىلەرنى، نۇرغۇن قەھرىمانلار خاتىرىلىرىنى داۋاملىق ئاڭلايسىز. «گۇڭشېنىڭ ياغىچى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، قانداق قىلىمىز؟ جېنىمىزنى پىدا قىلىپ، سۇغا چۈشۈپ سۈزۈۋالىمىز. ئەترەتنىڭ قوي-كالىلىرى قار-بوراندا يوقاپ كېتىپتۇ، قانداق قىلىمىز؟ ئۆزىمىزنى پىدا قىلىپ، ئۇلارنى تېپىپ كېلىمىز.» جوڭگۇ پۇقرالىرى ھازىرغىچە «بىرىنچى، ئازابتىن قورقمايمىز، ئىككىنچى، ئۆلۈمدىن قورقمايمىز» دېگەن شوئارنى يادلاپ يۈرىدۇ. بۇ شۇنداق تىنچ-ئامان دەۋر تۇرسا، سەن ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا چاقىرىپ، زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئۇ ئۆلسە، ساڭا نېمە پايدىسى بار؟ دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئاشۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئىنسانلىققا خىلاپ شوئارلارنىڭ ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
4 c/ L  g2 N, X0 @ : Y! q1 Z; |# f4 ]% R, \; A) c
جوڭگۇدا بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان يەنە بىر سۆز بولسا «تۆھپە قوشۇش». ئەگەر ھاكىميەتتىكى پارتىيە سېنى كەچكىچە تۆھپە قوشۇشقا، پىداكارلىق قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بولسا، دېمەك ئۇ سەندىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. سېنىڭ تۆھپەڭ، ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشىدۇ. ئەگەر سەن بىر شىركەتتە ئىشلىسەڭ، شىركەت خوجايىنى كەچكىچە ساڭا «پىداكارلىق قىل» دەۋەرسە، ئۇ نېمە دېگىنى؟ «سەن جىق ئىشلە، لېكىن مەن ساڭا ئاز پۇل بېرەي» دېگىنى. ئەگەر بىر دۆلەت كەچكىچە پۇقرالىرىغا «تۆھپە قوش، ئۆزۈڭنى بېغىشلا» دېسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سېنى يۇلىمەن، دېگىنى. ئۇ ھالدا بىرى چىقىپ سورىشى مۇمكىن: «ئادەم دېگەن جەمئىيەتكە نىسبەتەن پىداكار بولمامدۇ؟» دەپ. ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن بىر جەمئىيەتتە ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بولىدىكەن، پىداكارلىق قىلىشمۇ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدۇ. ئەمما سەن ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى بەرمەي تۇرۇپ، پىداكارلىق تەلەپ قىلساڭ بولمايدۇ‏-دە! $ }# h4 [1 O  K& w
( t  Q9 ]1 J1 z: g
جوڭگۇدا يەنە مۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز تېلېۋىزوردا كەچكىچە دۆلەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئالغان ياكى قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ قويۇلغان بىچارىلەرنىڭ «پارتىيىگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت» دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ كىشىلەرنى ئەيىبكە بۇيرۇساق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، خىجىل بولماي ئاشۇ ھەشقاللىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك. ساڭا باج تۆلەۋاتقان پۇقرا ئاشۇنداق جاپا-مۇشەققەتتە ياشىسا، سېنىڭ يەنە شۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلايدىغانغا يۈزۈڭ قانداق چىدايدۇ؟ ھۆكۈمەت دېگەن خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئۇلۇغ، شەرەپلىك بىر ئورگان ئەمەس. ئۇ ئەسلىدە بىز، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن، دەپ سايلاپ، بىز ھوقۇق بەرگەن بىر ئورگان بولۇشى كېرەك. سەن بىر تازىلىقچىنى پۇل بېرىپ ياللىساڭ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا رەھمەت ئېيتامسەن؟ ئۇ ئىشىنى ياخشى قىلمىسىمۇ ماختامسەن؟ ئۇ ئىشىنى ياخشى قىلماي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سەندىن مەدھىيە كۈتسە قانداق بولىدۇ. ھۆكۈمەت خەجلىگەن ھەربىر تىيىن دېگەن پۇقرانىڭ يانچۇقىدىن چىقىدىغان تۇرسا، سەن ئاچ ئولتۇرغاندا، ئۇ نەچچە مىڭ كويلۇق ھاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە، نەچچە ئون مىڭ كويلۇق سائەت تاقىسا، سەن يەنە ئۇنى ماختامسەن؟
, l( ]8 R  P% V; W$ } $ R* B1 m+ C/ H0 [6 W, T
ھۆكۈمەت دېگەن تەنقىدنى، ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن خىزمەتلەردە خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ. ئادەتتە ئىقتىدارسىز ھۆكۈمەتلەرلا كەچكىچە ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىگە ئارىلىشىۋالىدۇ-يۇ، ھېچنېمىنى ئوڭلاپ باشقا ئەپ چىقالمايدۇ. 30 يىلدىن بۇيان جوڭگۇدا ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى. ئەگەر بۇنىڭدا چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تۆھپىسى بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىقتىسادقا ئاز ئارىلىشىدىغان بوپقالغانلىقىدۇر. 30 يىللىق تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھۆكۈمەت نېمىگە ئاز ئارىلاشسا، شۇ تەرەققىي قىلدى. ئەكسىچە، نېمىگە شۇنچە ئارىلىشىۋالسا، شۇ توپا باسقان پېتى قەپقالدى. جوڭگۇدا نېمىشقا كىنوچىلىق تەرەققىي قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇنى دۆلەت باشقۇرىدۇ. نېمىشقا جوڭگۇدا تېلېۋىزورنىڭ تايىنى يوق؟ چۈنكى ئۇنى دۆلەت باشقۇرىدۇ. نېمىشقا جوڭگۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتچىلىقىدا قولغا چىققۇدەك بىر ئەسەر يوق، چۈنكى ئۇنىڭغا دۆلەت ئارىلىشىۋالىدۇ. نېمىشقا جۇڭگولۇقلار توپ تېپەلمەيدۇ؟ جاۋابى يەنىلا ئوخشاش چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇنى قويۇپ بەرمەيدۇ؟
  q; }& [9 U% h. B
2 {+ G* `/ T" T6 b/ yبۇ ھۆكۈمەت تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدۇ، خۇشامەت قىلمىغانغا غەزەپلىنىدۇ. ئۇلار كەچكىچە مەدھىيىلەرنى ئاڭلاشنىلا خالايدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر رېجىم ئاستىدا ئادەتتە «سەلبىي خەۋەرلەر» يوشۇرۇلىدۇ. چەتئەل ئاخباراتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان خەۋەرلەرنى جوڭگۇنىڭ ئىچىدىكى ئاخباراتلاردا ھەرگىز كۆرمەيسىز. ئەسلىدە «سەلبىي خەۋەرلەر» دېگەن ئۇقۇم ئۆزى بىر خاتا ئۇقۇم. يامان ئىشلارنى خەۋەر قىلىش سەلبىي خەۋەر يازغانلىق بولمايدۇ. ئەسلىدە مانا مۇشۇنداق يۈز بەرگەن يامان ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى تەربىيىلىگىلى، ئۇلارنى ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ تارىخ كىتابلىرىمىزدا جوڭگۇدا يۈز بەرگەن سەلبىي ۋەقەلەر، سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ خاتالىقلىرى، كوللېكتىپنىڭ زىيانكەشلىكلىرى پۈتۈنلەي يوشۇرۇلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىر دۆلەت تارىخىدىكى تەلەيسىزلىكلەر، دەپ قارىلىشى كېرەك. ئەگەر سەن ۋەتەنپەرۋەر بولىدىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ پارلاق تەرەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى، جاراھەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك.
7 j1 u: U+ X+ K! B
2 K0 e$ p7 X/ M# [- S3 ~# Zبىز داۋاملىق ئۆزىمىزنى، بالىلىرىمىزنى زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە يالغان بىلەن، ئۆچمەنلىك ۋە ئىنسانلىققا زىت شوئارلار بىلەن تولغان مائارىپتەك بىزنىڭ مىڭىمىزغا قۇيۇلىدىغان بۇنداق زەھەرلەر تېخىمۇ خەتەرلىك.   F9 e/ d3 y- L  b" c3 V

! V' O( H5 Z2 \3 [$ Uجەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كىشىلەر، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى قولىدىن كېلىشىچە بۇ سىستېمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق زەھەرلەرنى بالىلارغا ئاز ئۆگەتسە، كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى، دۇكىنىنى ئۆرۈيدىغان، قورساقتىكى بالىلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان دۆلەت كادىرلىرى ئۆزىنى ئەنە شۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئاندىن ھەرىكەت قىلسا ئاندىن جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ. 6 B/ }" n( W2 O9 Z
; x0 B& ^5 \% S) O) ~
قەدىمدە بىر كىشى بىر ئاقىلدىن «قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئاقىل «مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندا» دەپتۇ. ئۇ كىشى يەنە سوراپتۇ «قانداق بولغاندا مېھىر شەپقەتلىك، ئوچۇق -ئاشكارا بولغىلى بولىدۇ؟» ئاقىل «خۇددى كۈزدىكى سۈزۈك سۇ ۋە بىپايان ئاسماندەك بولغاندا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مېنىڭ كۆز قارىشىمچە، ياخشى ئادەم بولۇش دېگەنلىك ئىنسانلىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، نومۇسنى بىلىدىغان بولۇش دېگەنلىك، مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش دېگەنلىك دەل، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ ئويلىيالايدىغان، پەزىلەتلىك بولۇش دېگەنلىك. بۇ نەرسىلەر سىزگە مال-دۇنيا ئەكەپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن مانا بۇلار ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدۇ.
4 P* }  |9 v+ N7 P$ Q! ^
/ f, r# G8 B4 n  V0 V' _بىز ھازىر چاڭ-توزانلار كۆك ئاسماننى توسۇۋالغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. سىياسەت مەينەت، ئىقتىساد مەينەت، ھەتتا مەدەنىيەتمۇ چىرىك. بىزنىڭ قەلبىمىز ئەسلىدە خۇددى كۈزدىكى سۇدەك ۋە بىپايان ئاسماندەك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۇ چاڭ ‏-توزان باسقان ئاسماندا ئۇ ئۇنداق ساپ تۇرالمىدى، ئۇ خۇددى ھازىرلا كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر سىز پوچتىدىن ئوت ئالىدىغان نەرسە ئەۋەتسىڭىز، ئۇلار خالتىڭىزغا «كۆيىدىغان ماددا»؛ دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويىدۇ. مەن ئادەملەرگىمۇ چاپلايدىغان ئاشۇنداق بەلگە بولسىدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇ بىزگە يۈرىكىمىزنى، يۈرىكىمىزنىڭ مېھىر-شەپقەتكە، پاكىزلىققا موھتاجلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرغان بولاتتى. بىز يۈرىكىمىزنى چاڭ-توزانغا تولغان ھاۋادىن قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇ خۇددى كۈزدىكى سۇدەك، بىپايان ئاسماندەك بولۇشى كېرەك.

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

76

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
11 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
43 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-11 00:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-26 08:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗