مائارىپ
كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېقىمى كومپيۇتېر ئېكرانىغا ئۈزلۈكسىز تەدسىر كۆرسىتىپ ، ئېكران يۈزىدە سىتاتىك زەرەت پەيدا قىلىدۇ . ستاتىك زەرەت ھاۋادىكى چاڭ – توزاننى زەرەتلەپ ، ئۇنى ئۆزىگە تارتىدىغان بولغاچقا ، كۆپ مىقداردىكى چاڭ – توزاننى كومپيۇتېر ئېكرانىغا ۋە ئېكران ئەتراپىغا يىغىۋالىدۇ . ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدىكى ھاۋادا سىتاتىك زەرەت نىسبەتەن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن چاڭ – توزان بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ . كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا ، تېرە بۇ چاڭ – توزانلارنى ئاسانلا سۈمۈرىۋالىدۇ . نەتىجىدە تەر تۆشۈكچىلىرى تېرە سۈمۈرگەن چاڭ – توزانلار تەرىپىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ . چاڭ – توزانلارغا قونۇۋالغان باكتېرىيە ، ۋىرۇسلار تېرە ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ، تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي ، باشقا ئەزالاردىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرغاندا ئادەم ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . كۆز چارچايدۇ ، مۈرىسى تېلىپ ، بېشى ، بېلى ئاغرىيدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ . ئەگەر بۇ ھالەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ، كېسەل پەيدا قىلىدۇ ۋە بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ، يېڭىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . نەتىجىدە تېرىنىڭ نەملىكنى ساقلىشى تەسلىشىدۇ . ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىدۇ . شۇڭا كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا ، مەشغۇلات ۋاقتىغا چەك قويۇش ، ھەر 30–45 مىنۇت ئەتراپىدا بىر دەم ئېلىش ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىش ، يۈزىنى پات – پات يۇيۇش ، كومپيۇتېر قويۇلغان ئورۇننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |