مائارىپ
مۇدىرىمىزنىڭ ئىلغارلىق ماتېرىيالى
) b" y# E* p/ W5 F
6 ?* L$ l/ D4 Q7 P: Q) c(فىليەتون)
# x* A# E9 o2 S1 U
* M6 V, ^2 v" g1 h+ Rئەيساجان تۇردى (ئاچچىق) 2 g9 ]. x. d* ]
* j& r3 o# M! ^. D0 E" q
, [# v9 o9 ^! R7 {4 {9 Rمۇدىرىمىزنىڭ ئىسىمى ماقۇلجان، ئەر، مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇ يىل سوقىۋالغان يېشىنى ھېساپقا ئالمىغاندا 40ياشقا كىرگىلى ئاران تۆت يىل بولدى. ئۇنىڭ ئىلگرىكى لەقىمى «سومكا» بولۇپ ھازىرقى لەقىمى «ئامبار» بۇنىڭدىن باشقا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان بىر مۇنچە ئەركىلەتمە ئىسىملىرى بار تېخى.....
, X7 }5 W+ F5 A, U ئۇنىڭ بويى ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس، پۇقرالار ئارسىدا بىراقلا ئېگىزلەپ كېتىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا يولۇقۇپ قالغىنىدا تۇيۇقسىزلا سۆڭەكلىرى بوشۇشۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى پاكارلاپ كېتىدۇ. ھىيلە-نەيرىڭى ئاقماي «لوقما»غا ئېرىشەلمىگەن كۈنلىرى چىرايلىرى قارىداپ، ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ. ئاز-تولا مەنپەئەتكە ئېرىشكەن كۈنلىرى بولسا چىرايى ئاقىرىپ، بىراقلا سەمىرىپ كېتىدۇ. ئۇ كۈلىۋېتىپ يىغلىيالايدۇ، يىغلاۋېتىپ كۈلەلەيدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ.
- v8 ?3 g6 C& F ئۇنىڭ بەزىدە ئادەملەشكەن ھايۋانغا، بەزىدە ھايۋانلاشقان ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ ئاجايىپ يۇقىرى تالانتى بىلەن ھەق بىلەن ناھەقنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى قالايمىقان رىياكسىيەلەشتۈرۈپ روھىيەت ئېكىلوگىيىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلىشى بەرىبىر ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟3 Y% B# F. M6 T3 P2 i
x4 r' V: o- R6 w3 c& Y+ p+ }8 Z ئادەم دېگەن ئادەم، ئۇ خۇدا ئەمەس، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ سادىر قىلىدۇ. مۇدىرىمىزمۇ ئادەم شۇڭا ئۇنىڭ قىسمەت گۇناھلارنى سادىر قىلىشى ھېچنىمگە ئەرزىمەيدۇ. ئەگەر ئۇ تەكرار گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسا ھازىرغىچە ھەقىقەتنىڭ خەرىتىسىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەن بولاتتى. ھەقىقەتنىڭ خەرىتىسىنى قولغا چۈشۈرۋالدىمۇ ھەقىقەتنى قاچان تاپسا ئۆزىنىڭ ئىشى، ھېچ بولمىغاندا ئۆلۈش ئالدىدا باشقىلارغا ۋەسىيەت قالدۇرسا بولمىدىمۇ؟! مۇدىرىمىز ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۈگۈننىڭ ئالدىدا ئۆتمۈشنىڭ كەينىدە، ئاسماننىڭ ئاستىدا، يەرنىڭ ئۈستىدە، قىش باھاردەك، باھار قىشتەك بىر پەسىلدە....مەلۇم بىر دۇشەنبە كۈنى بايدىن كەمبەغەل، كەمبەغەلدىن باي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىمىش. 7 e- u' c/ J# D( q d
كونا كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە دۇشەنبە كۈنى تۇغۇلغانلارنىڭ راھىتى كۆپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولارمىش...ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك ئانىسى مۇدىرىمىز تۇغۇلغان چاغلاردا «ئوغلۇم چوڭ بولغاندا رەئىس بولىدۇ» دەپتىكەنمىش. مۇدىرىمىز ھەر كېچىسى قاناتلىنىپ ئۇچۇپ چۇش كۆرەرمىش. ھە راسىت ! يېقىندا تەڭ دەرىجىلىك بىر رەھبەر مۇدىرىمىز بىلەن زۇكۇنلىشىپ قېلىپ غەزەپلەنگەن ھالدا «چېھرىڭدىكى مۇشۇ سۈنئىي تەبەسسۇم ئۆچۈپ قالمىسىلا چوقۇم رەئىس بولىسىەن» دەپ تىللاپتىمىش.
; H$ _: m" j2 c L0 }* y* Vبۇ ئەھۋاللارنى ئويلىغىنىمىزدا مۇدىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئورنى ئۇنىڭغا ئىنتايىن تۆۋەنلىك قىلىدۇ. مۇدىرىمىز بۇ مەرتىۋىگە ئانچە ماس كەلمىسىمۇ ئۆز ئورنىنى ئانچە تۆۋەن چاغلىماي ئىشلىگەنلىگىنىڭ ئۆزىلا بىر زور تۆھپە: i0 r# P6 q' H: `
ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقىتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ; a3 q; {& x( d7 l' @0 c% Y! ?" w
1. مۇدىرىمىزنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 50يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بۇ يىل ئاران 40ياشقا كىرىدى. بۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان مۆجىزە. كۆپ ساندىكى كىشلەر بىر يىلدا بىر ياشقا كىرسە، مۇدىرىمىز ھوقۇق سەھنىسىگە چىققاندىن بۇيان ھەر ئىككى ئايدا بىر ياشقا كىرمەكتە. ئىنسان بالىسىدىكى ئىقتىدار بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس. ئەگەر مۇدىرىمىزنىڭ بۇ تېخنىكىسىنى پۈتۈن يەر شارىغا كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە بوۋاي-مومايلارمۇ كۈندىن-كۈنگە ياشىرىپ، ئىنسانلارنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇدىرىمىزنىڭ يۇقارقى تەتقىقات نەتىجىسىگە نوبېل مۇكاپاتى بەرسىمۇ كەملىك قىلىدۇ.
* V5 a$ I/ \5 X l% ~& v2 l7 n2. مۇدىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن. ئەسلىدە كان ئىشىچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ بىراق، مائارىپ سېپىگە دومىلاپ كىرۋالغان 15يىلدىن بېرى بۇ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يات كۆرمەي، ھەر كۈنى يوقلىما قىلىش ۋە يىغىن ئېچىشىنى ئۇنتۇپ قالمىغاچقا ھەر قايسى مەكتەپلەردە پارتىلاش، گازدىن زەھەرلىنىش، مەكتەپ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بالىلارنى بېسىۋېلىشتەك ۋەقە سادىر بولمىدى.
% s6 p) ^* P( r. n% w' X* R 3. مۇدىرىمىز مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا قارىغاندا ئەمگەك پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ پرولتارىيات ئۇستازى ماركىس بوۋىمىز «دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان» دېگەن ئەمەسمۇ؟! بۇ نۇقتىنى ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنگەن مۇدىرىمىز مەكتەپ خىزمەتلىرىدە ئەمگەك بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەپ قاراپ دەرس ئوقۇماي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ھاراق، تاماكا بىلەن پات-پات مۇكاپاتلاپ تۇرىدۇ. مۇدىرىمىزنىڭ بۇ قارشى شۇبھىىسىز توغرا ئەمەسمۇ؟!
3 J' B$ J" ?' L) l8 |9 Gچۈنكى بىرىنچىدىن: دەرس دېگەننى قاچان ئۆتسە بولىۋېرىدۇ، كىتابتىكى بىلىم يىدىپ قالمايدۇ.
8 w8 q" i# {! R. W. g! I+ j; y$ J) O5 m6 C z$ ^2 Y. }
ئىككىنچىدىن: دېھقانچىلىق ۋاقىتچانلىققا ئېگە. بىر كۈن كېيىن قالسا ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ.
& E( Q Q- A- i* c
* J$ d4 {! z @$ {0 ?& n ئۈچىنچىدىن: كىتابتىكى بىلىمىنى قورساق ئاچقاندا يېگىلى بولمايدۇ. يالىڭاچ قالغاندا كىيگىلى بولمايدۇ. تۆتىنچىدىن: ئەمگەك ئادەمنى ياشارتىدۇ، تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
6 z! P' D: y" p! h5 jبەشىنچىدىن: ئوقۇغۇچىلار كىتابنى كۆپ ئوقۇپ كەتسە كىتابىي بىلىمگە قامىلىپ قېلىپ، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدۇڭ «كىتابۋازلىققا قارشى تۇرايلى!» دەپ شۇئار توۋلىغان ئەمەسمۇ؟!
: ]' N: L8 l/ a% i3 g* ] Eدېمەك مۇدىرىمىزنىڭ يۇقارقى خىزمەت ئىجادىيىتىگە قارشى تۇرغانلىق ماركىس، ماۋزېدۇڭ قاتارلىق داھىلارنىڭ قارشىغا تۆۋەن باھا بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. , S8 |' b6 V8 b* q; H5 w
4. مۇدىرىمىزنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مۇدىر تەيىنلەشتىكى ئادىللىقى بارلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ.) z" S/ H( c& D. a
: R8 g8 P! B% y5 P8 w* B9 Q$ ?
چۈنكى :‹1› ئۇ كىم مەكتەپ مۇدىرى بولۇشنى خالىغان بولسا شۇنى مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈردى.
: R, `) w; h8 v* R: d: J5 _7 A" }' m8 z! ^, m4 }! k3 N3 r0 s
‹2› مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئىشقىدا سەۋدايى بولۇپ كەتكەن كىشلەر مۇدىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەرقانداق سوۋغات ئېلىپ كىرسە ئاددىي كۆرمەي ھەم شەرت بەلگىلەپ بەرمەي قۇبۇل قىلىپ، مەخسۇس دۇكان ئېچىپ خېرىدارلارغا كېلىشىم باھادا سېتىپ بەردى. مانا بۇ «ئاممىدىن ئېلىپ، قايتۇرۇش» دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟!# w; P* D( R7 S/ U$ S
‹3› سوۋغاتقا كىرگەن پۇللارنى بانكىغا قويۇشمۇ دۆلەت ئۈچۈن، ئەگەر بۇ پۇللارنى بانكىغا قويماي پوكىنىغا بېسىپ يېتىۋالغان بولسا خەلق پۇلىنىڭ ۋاقىتى-ۋاقتىدا ئوبۇرۇت بولۇپ تۇرىشىغا زور تەسر كۆرسەتكەن بولاتتى.
& s* ~8 f+ f* ?: V‹4› گۆش، تاماكا، مېۋە-چېۋە قاتارلىق بۇيۇملارنى قايتا دۇكانغا سېلىپ خېرىدارلارغا ساتمىغان بولسا سېسىمچىلىق يۈز بېرىپ مۇھىت بۇلغانغان بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى مىللىتىمىزىنىڭ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىگە تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۆزى ئىستېمال قىلىپ بولالىمىغان تاۋارلارنى باشقىلارغا سېتىۋېتىش نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ماسلاشقانلىق ئەمەسمۇ؟!
3 a& ?8 t1 P9 d' B& X! j‹5› مۇدىرىمىزنىڭ قول ئاستىدىكى بۆلۈم خادىملىرىنى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەخسۇس چاقىرىپ، ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن راسخوت ئاجرىتىپ «قارت قىمىرى ئويناش مۇسابىقىسى»، «ھاراق ئىچىش مانىۋېرى» ۋە «ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش كۆرگەزمىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرشى تۆۋەندىكىدەك ئەھمىيەتكە ئېگە. " ^( D* y) A2 {, V5 x" n ~
‹1› ھۆكۈمەت راسخودىنىڭ مەلۇم بىرلا شەخىسنىڭ يانچۇقىغا چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. . # C% J$ K5 r4 ]: z" g, P8 \" t$ b' I
‹2› ھەر قايسى دۇكاندارلارنىڭ ۋە ھاراق زاۋۇتلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق. $ D" A9 }3 P6 p
‹3› مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت جىددىيلىكى تۇپەيلىدىن پەيدا بولغان چارچاش ئالامىتىنى يوققا چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ئىككى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۋېلىشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
% q7 S) ^( W; Z5 M# v9 r. ^‹4› گەدەنكەش، ياغاچ قۇلاق، ئىسيانكار...ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق ئەدەبلەشنىڭ ئۆنۈملۈك لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
* _: [# b+ s+ P0 r) g ‹5› ھۆكۈمەت پۇلىغا گۆش، ياغنى كۆپ يەپ سەمىرىپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرلىرى پات-پات ھاراق ئىچىپ تۇرمىسا قېنىدىكى ياغ ماددىسى ئېشىپ كېتىپ تۇيۇقسىز قازا تاپسا مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن تولدۇرۋالغۇسىز يوقىتىش بولمامدۇ؟
, e, J3 a* N) F+ _& i5 l 5.مۇدىرىمىزنىڭ «ھۆكۈمەت پۇلىغا يېگەن تاماق ۋە شەخسىي پۇلغا يېگەن تاماق ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق تەتقىقات ماقالىسى «دوقمۇش پاراڭلىرى» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يېگەن تاماق بىلەن شەخسىي پۇلغا يېگەن تاماقنىڭ تەسىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جانلىق سېلىشتۇرۇلغان. ماقالىدا قەيىت قىلىنىشچە ھەر قانداق ئادەم ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماق يېگەندە روھىي جەھەتتىن شادلىنىپ ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلماي..تېزلا سەمىرىپ كېتەرمىش. شەخسىي پۇلغا تاماق يېگەندە بولسا ئازاپلىنىش تۇيغۇسىدا راھەتلىنىش ھېس قىلالماي تاماقنىڭ تەمىنى ئالالماسمىش...
9 K2 @. c! d" z/ H/ q$ q9 x 6.بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇنداق دانا پىكىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويماق ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماستىن بەلكى سەمىرىش ئىستىكى كۈچلۈك كىشلەرگە ئەڭ ياخشى رېتسىپ بولالايدۇ. ! h& E( ^8 c" S% B% ^9 c0 O
7. مۇدىرىمىزنىڭ كېچىلىك ماشنا ئالماشتۇرۇش سەنئىتى خېلىلا يۇقىرى. ھازىر مۇدىرىمىزنىڭ تۆۋەنگە بارغاندا مىنىدىغان ماشىنا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يىغىن ھەم سەيلى-ساياھەتكە بارغاندا مىنىدىغان ماشىدىندىن ئىبارەت ئىككىلا ماشىنىسى بار. مۇدىرىمىزنىڭ ئېسىل ماركىلىق ماشىنلارنى تاللاپ مىنىشى تەۋەلىكىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شان-شۆھرىتى. ئەگەر مۇدىرىمىز كونا، ئەرزان باھالىق ماشىنلارنى مىنگەن بولسا قانداقمۇ بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز بولسۇن؟! كىممۇ بىزنى ئوقۇتقۇچى دېسۇن؟! ئەگەر كېچىلىك ماشىنا ھاجەتخانىلارغىمۇ كىرەلىگەن، رېستۇنلاردىكى شىرە ئۈستىگىمۇ بىمالال چىقالىغان بولسا بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەن بولاتتى. . \7 h0 g. g) v, V
8. مۇدىرىمىز ئانا تىلىدا سۆزلەشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. مىللىي مائارىپ بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنى مۇناسىۋەتسىز ئىككى گەۋدە دەپ قارايدۇ. مۇدىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى نۆۋەتتىكى «يەر شارىلىشىش»مۇقامىغا تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.'
' \1 i# V) Y* p' h9 I 9. مۇدىرىمىزنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتمىسە قەتئى بولمايدىغان يەنە بىر تۆھپىسى شۇكى ئۇ قول ئاستىدىكى خانىم-قىزلارنى شۇ قەدەر ئەتىۋارلاپ قالماستىن بەلكى ئايالىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان بۈيۈك يازغۇچى گوركى: « بىر ئادەمنىڭ قىز – ئاياللارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى شۇ كىشىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا مۇدىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ناھايىتى يۇقىرى. يەنە بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلغاندا مۇدىرىمىزنىڭ خانىم-قىزلارغا ئامراقلىقى ۋە ئايالىدىن قورقىدىغانلىقى.... ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ۋە «ئاياللار ئازادلىقى » نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئەمەسمۇ؟3 W+ G- I$ ]9 ]* u
10. مۇدىرىمىز « 3 كە ئەھمىيەت بېرىش » ۋە « 3 كە ۋەكىللىك قىلىش » شۇئارى بىلەن تەڭلا ئەتراپلىق ئويلىنىپ «3نى سورىماسلىق» ۋە «3كە رۇخسەت يوق» تۈزۈمىنى يولغا قويدى. «3نى سورىماسلىق» تۆۋەندىكىچە: " [' @ t4 B4 b; s3 b
‹1› نېمە ئۈچۈن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالمايمىز؟! دەپ سورىماسلىق.% T$ a6 I$ y* P0 c4 ^
‹2› نېمە ئۈچۈن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئارام ئالمايمىز؟! دەپ سورىماسلىق.
8 e+ B' t6 C7 m+ y" o' |2 ~ ‹3› نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشىنى بۇنداق قىلىمىز؟! دەپ سورىماسلىق.
: z' q% ]8 a3 f/ o3 \) B5 V «3كە رۇخسەت يوق» تۆۋەندىكىچە:
& W% h+ ~' h7 a: K5 |‹1› جىددىي پەيتلەردە تۇغۇشقا ۋە ئۆلۈشكە رۇخسەت يوق. - }/ `1 R ~" ^" A- }$ \, Q$ m
‹2› جىددىي پەيتلەردە توي قىلىشقا ۋە نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت يوق. / y0 Z/ ^0 ^' K" @0 r# Q: v6 c
‹3› جىددىي پەيتلەردە رۇخسەت سوراشقا ۋە كېسەل بولۇپ قېلىشقا رۇخسەت يوق. v5 J, ]+ ]9 [' j
دېمەك: مۇدىرىمىزنىڭ يۇقارقىدەك قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىشى نۆۋەتتىكى «ئىككى قولدا تۇتۇش ، ئىككىلا قولىدا قاتتىق تۇتۇش » پىرىنسىپقا ناھىيىتى ھۆرمەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ' f( x! }2 E; \6 K. i8 w3 C# p$ M" V
« چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگىچە ھىچكىم ئۇلۇغ ياكى مۇنەۋۋەر بولالمايدۇ » دېگەن،- فىرىندىرىك زوبېرسۇن . مۇدىرىمىزنىڭ ئاز-تولا خاتالىق سادىر قىلىشى دەل مۇنەۋۋەر بولۇشى ئۈچۈندۇر .
% b8 a. |! K5 q7 W مۇدىرىمىز بولمىغان بولسا قۇياشمۇ بۇ يۇرتقا نۇرىنى سېخىلىق بىلەن سەپمىگەن بولاتتى . مۇدىر كۈلسە زىمىنمۇ تەڭ كۈلىدۇ . مۇدىرىمىزنىڭ قاپىقى تۈرۈلسە ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ . مۇدىرىمىزنىڭ ئويقۇسنى ئاچمىغىچە بوشلۇقتىكى ھاۋامۇ ساپلاشمايدۇ .
) i2 [6 j. X" |# T9 o* M$ hمۇدىرىمىزنىڭ بۇيرۇقىسىز بىرەر قېتىممۇ كۈلەلمەيمىز . مۇدىرىمىزنى تاپماستىن بىرەر تال تېرىقنىمۇ گېلىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز . مۇدىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى دەل بىزنىڭ بەختىمىز .
2 g4 N3 @0 b/ ~7 Z S بىز مۇدىرىمىزنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، « مائارىپ سېپىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تۆھپىكار باغۋەن » دەپ قاراپ ئىلغارلىق ماتېرىيالىنى سىزلەرگە يوللىدۇق . شۇڭا سىزلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغىنىدا كۆرۈپ تەستىقلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز. k T0 o, ^; j5 T# i
# @2 g% m( ~$ u" P
; O3 S% e) ~* k9 v9 L1 mھۆرمەت بىلەن :
/ v8 i5 N# _) A; m" D" Z4 l' Q- nXX XX XX دىن& ~ ^ U/ W$ M
مىلادى 2222 – يىلى 09 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |