خەۋەر( }8 Z7 N+ I3 K
( B) E! m( ]& H* t2 Z- s0 @
دىلبەر يۇنۇس 1958- يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئاكاردىيۇن چېلىشتىكى ماھىرلىقى ۋە ئاھاڭنىڭ ياخشىلىقى بىلەن 1976- يىلى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان . 1980- يىلى ئۇ مەركىزى مۇزىكا ئىنىستۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ناخشا- مۇزىكا تەربىيىچىسى چېن شىياڭنىڭ يېتەكلەپ تەربىيىلىشىدە بولغان . دىلبەر يۇنۇس ئۇستازىنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناخشا تۇرى، مۇزىكا، ئۇسلۇب، چەتئەل تىلى قاتارلىق جەھەتلەردە يەتتە يىل ئەتراپلىق بىلىم ئېگىلىپ ، 1987- يىلى جۇڭگودىكى تۇنجى ناخشىلىق مۇزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
: D1 s* b" }' ?# B" m$ ?# v1984- يىلى 8- ئايدا فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىريام ھايلىن ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان . دىلبەر يۇنۇس فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا ئۆمىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ تۇرغان بەش يىل ئىچىدە، گوللاندىيە،دانىيە، شۋېتسىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە ، ئىسپانىيە ، نورۋېگىيە شۋېتسارىيە، تۈركىيە ، ئامېرىكا، كانادا، ياپۇنيە ، سىنگاپور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە 150 مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ، دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.
( D( j- E4 ^, l1 i. kدىلبەر يۇنۇس بېيجىڭدا ئوقۇپ ، بېيجىڭدا ئىشلەپ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ 1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە گېرمانىيىنىڭ بونن دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىلىقىغا تەكىلىپ قىلىنغان. 1997- يىلى ۋە 1998- يىلى ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا بويچە مەشھۇر يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى بىرىگىت نېلسۇن مۇكاپاتى- شۋېتسىيە ئەڭ ياخشى ئوپېرا ئاتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا تىياتىرخانسسنىڭ ئۆمۈرلۈك ناخشىچىسى بولۇپ، فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئۇنىڭغا « دۆلەت گۆھىرى » دەپ نام بەرگەن.
9 ~# z8 W, s4 L4 f3 j+ \دىلبەر يۇنۇسنىڭ تور بېكىتى: http://www.dilber.se
. x- n9 ]5 }7 E: x# d3 }شىنلاڭ مىكرو بلوگى: http://weibo.com/dilber
2 A1 Y, C9 V. ]- @9 ^1 G/ }; E4 M. N. O
نۇر تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |