ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1504|ئىنكاس: 2

سېرىق ئاخىرقى بىر مىنۇتmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ئۇيغۇر
ئاخىرقى بىر مىنۇت

8 T' `* l8 @3 I
6 b7 p# x4 N0 i5 o* P% w
ئاينۇر مۇھەممەدجان ( ئوقۇغۇچى )

/ x2 I" J2 G  g( F$ |; Q6 ?! w9 ?% Y% I: |& K, G' T
   خۇشاللىق بىلەن قايغۇنىڭ ئارىسىدا بىر دەريا ئاقىدۇ. ئىنسان ئەنە شۇ دەريادا گاھى دولقۇنلارغا مىنگىشىپ، شادلىنىپ ئۆتسە، گاھى ئوپقانلارغا دۇچ كېلىپ ھەسرەت چېكىدۇ، گاھى ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىدىن شادلىنىپ كۈلسە، گاھى پۇرسەتنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقتىن ھاياتىنى ئاچچىق يۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا ئاخىرقى بىر مىنۇتنى قولدىن بېرىپ قويغانلارنىڭ ھەسرەتلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.0 _- r3 c8 r8 K2 p
   بىز، ئادەتتە، بىر مىنۇت ئەمەس، قانچە – قانچە سائەتلەرگىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمىز. بۇ سائەتلەردە قانچىلىك بايلىقنى يوقىتىۋاتقىنىمىزغا پىسەنت قىلمايمىز. بۇ ۋاقىت قارىشى جەھەتتىكى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھال. مىنۇتنىڭ قىممىتىنى مۇنداق مىساللاردىن كۆزىتىپ باقايلى: جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغانلار بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇزاقراق ياشاش ئۈچۈن تىركىشىدۇ. دوختۇرلار ئاغرىقنى بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇرراق ئازابتىن قۇتقۇزۇشنى ئويلايدۇ، ئىمتىھان بېرىۋاتقانلار ۋاقىتنىڭ بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇزاقراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ؛ بىر ئۆمۈر تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەتقىقاتى ئوڭۇشلۇق بولغان ياكى يازغان ئەسىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئاخىرقى بىر مىنۇتتا شادلىنىپ كۈلسە، بەلگىلەنگەن مۇددەتكە كېچىكىپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلار ھەسرەت چېكىشىدۇ... چۈنكى ئۇلارنىڭ يېڭىش – يېڭىلىشى شۇ بىر مىنۇتقا باغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن بىز نېمىشقا تۇرمۇش، خىزمىتىمىزدىكى شۇنداق بىر مىنۇتلارنى قەدىرلىمەيمىز؟
! ^0 w! M& E; n$ `" ~' r4 ^   1950 – يىلى فىرولدىس چاۋدىك ئىنگلىز بوغۇزىنى توغرىسىغا ئۈزۈپ ئۆتكەن تۇنجى ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ كاترىنا ئارىلىدىن كالىفورنىيە ساھىلىغا قاراپ ئۈزۈپ، يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتماقچى بولغان. ئۇ كۈنى دېڭىز يۈزىنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ، دېڭىز سۈيىنىڭ سوغۇقلۇقى جاندىن ئۆتەتتى. ئۇ دېڭىزدا 16 سائەت ئۈزگەندىن كېيىن كالپۇكلىرى كۆكىرىپ، پۇت – قولىدا جان قالماي تىترەشكە باشلاپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا قاراپ ھېچنەرسىنى كۆرەلمەپتۇ. ئۇنىڭغا قىرغاق تولىمۇ يىراقتەك بىلىنىپتۇ. نىھايەت:
( y; n1 A: D* ~8 `; L+ R   — مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، – دەپ توۋلاپتۇ ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتقان كاتېردىكىلەرگە., `% ^) }4 G8 R- j
   — غەيرەت قىلىڭ، پەقەت بىر مىللا ئارىلىق قالدى، – دەپتۇ كاتېردىكىلەر.- D& D/ t) f2 m
   — مېنى ئالدىماڭلار، بىر مىل ئارىلىق قالغان بولسا قىرغاقنى كۆرمەسمىدىم، مېنى چىقىرىۋېلىڭلار، – دەپتۇ ئۇ.
9 V; n* S) G4 Z* ?% T1 h    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى كاتېرغا چىقىرىۋاپتۇ. ئۇ كاتېردا يۇڭ ئەدىيالغا ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ بىر چىنە قىزىق شورپا ئىچكەچ تۇمان ئارىسىدىن قوڭۇر رەڭلىك قىرغاقنى، قىرغاقتا ئۇنى كۈتۈپ ئالقىشلاشقا يىغىلغان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، كاتېردىكىلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، ئاخىرقى بىر مىلدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا بەكمۇ ئۆكۈنۈپتۇ.
+ e) G$ |" }  R+ Z# \( [   بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھايات مۇساپىمىزدىكى مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى بىر مىنۇتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت. ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى كىشىلەرگە تىرىشچانلىقى، چېچەنلىكىگە يارىشا ئاجايىپ پۇرسەتلەرنى بېرىدۇ. بۇنى ھېس قىلالىغان، ئاڭقىرالىغانلار، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغانلار، غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىغىچە ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرمىغانلار ھەقىقىي غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەكسىچە بولغانلار پۇشايماندا قالىدۇ.7 L2 p$ ^  j+ K) W( `$ ?
   ھاياتنىڭ سىرلىرى نۇرغۇن. ئۇلارنى يېشىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ۋاقىت غەنىيمەت. سىز ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇشىڭىز ھەم ئۆتكۈزۈۋەتكەن پۇرسەتلىرىڭىز ئۈچۈن ئازاب چەككەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ھاياتلىقتىن يەنىلا ئۈمىدىڭىز بار ئىكەن، ئىرادىڭىزنى بوشاشتۇرماڭ، قىممىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. ھايات سەپىرىڭىزدە ئۈمىدتىن ئىبارەت ‹‹پالاق››نى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلسىڭىز، قىممەتلىك ھاياتىڭىزنىڭ ھەربىر مىنۇت – سېكۇنتىنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئۆمرىڭىزنىڭ ھەربىر پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشسىڭىزلا، ھەر بىر قەدىمىڭىزدە قۇتلۇق مېۋىگە ئېرىشەلەيسىز.% Q3 b0 H9 J: s- p* _# X" E1 k

+ d: _" `. u/ t/ p. m8 d4 [7 T' oنۇر تورىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

3

تېما

8

يازما

127

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
19 سەر
تۆھپە
18 سەر
تىللا
64 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-10 08:57:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!

0

تېما

7

يازما

154

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
123 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-25 23:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗