ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1556|ئىنكاس: 2

ناخشا ئۆلۈشتىن بۇرۇن قانداق ياشايسىز؟ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ئۇيغۇر ئىلاۋە: بۇ لىكسىيە تېدقا 2011-يىلى 12-ئايدا يوللانغان بولۇپ تېد بويىچە ئەڭ جىق قويۇلغان لىكسىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.(جەمىي 8163553 قېتىم قويۇلغان). بۇ لىسىيەنى سۆزلىگۈچى بولسا ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، پىكسار كارتون لاھىيلەش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبس.
2 ]6 k2 x$ t& f: G& ~; M- H0 W! ?( ]8 }5 V! V! \, i: Q
  رەھمەت. ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. مەن سىلەر بىلەن دۇنيا بويىچە داڭلىق ئۇنىۋېرىستىتلارنىڭ بىرى بولغان ستانفورد ئۇنىۋرسىتىتىدا بىللە بولالىغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن. راست گەپنى دېسەم مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ باقمىغان. بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا تۇنجى قاتنىشىشىم. بۈگۈن مەن سىلەرگە ھاياتىمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچى، جىقمۇ ئەمەس پەقەتلا ئۈچ ھېكايە.  t/ O6 J. U' W0 E7 G) d6 K2 R1 m
/ [7 \/ }1 C8 ~2 G0 d# w
1. مېنىڭ بىرىنچى ھېكايەم بولسا باشلىنىش نۇقتىسى  M; b8 }# ~& G# ]/ T* G& O+ S
4 I8 M" @: q, i; t5 H% j
مەن ئالىي مەكتەپتە 6 ئاي ئوقۇپلا چىكەتكەن، لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 18 ئايدا بولسا چىكىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. ۋە چىكىتىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ تەييارلىقىم پۈتكەن ئىدى. بۇنى مەن تۇغۇلغان ۋاقىتىمدىن باشلاپ سۆزلىسەم بولىدۇ. مېنىڭ ئاپام مېنى تۇغقان ۋاقتىدا كىچىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، شۇڭلاشقىمىكىم مېنى بالىلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ بەرگەن. ۋە مېنى خەق بېقىۋالغان، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى مېنى بېقىۋالغان ئادەمنىڭ ئەسلىي قىز باققۇسى بار ئىكەنتۇق لېكىن مەن ئوغۇل چىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى قايتۇرۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا بېقىۋېلىش ئورنىدىكىلەر مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامغا يېرىم كېچىدە تېلېفون قىلىپ بىر ئوغۇل بالا قايتۇرۋېتىلىپتۇ سەن ئۇنى ئالامسەن؟ دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانام دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ مېنى بېقىۋاپتۇ.  لېكىن كېيىن مېنى تۇغقان ئاپام مېنى باققان ئاتامنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرمىگەنلىكى، ئاپامنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزمىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىۋېلىش جەدىۋىلىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىپتۇ. لېكىن ئاتا-ئانام بولسا مېنى تۇغقان ئاپامغا مېنى چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇغانلىقى توغۇرلۇق توختام ئىمزالاپ بېرىپ مېنى داۋاملىق باقىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 17 يىلدىن كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە باردىم. لېكىن مەن شۇ ۋاقىتتا ئوقۇش پۇلى سىتانفوردىنمۇ قىممەت بىر مەكتەپنى تاللاپ قالغان ئىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ تاپقان ھەممە پۇلى مېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىمگە كېتەتتى 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئىلگىرلەشنى كۆرەلمىدىم، مەن بىر ئۆمۈر نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايتتىم، غايەم يوق ئىدى. ھەم بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ مېنىڭ ئارزۇيۇمنى تېپىشىمغا ياردىمى بارلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايتتىم. ئۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى بەھۇزۇر خەجلەۋاتاتتىم، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن چىكىتىشنى قارار قىلدىم  ئۇ ۋاقىتلار بەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى لېكىن ھازىر ئارقىمغا قاراپ باقسام شۇ ۋاقىتتىكى قارار مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ توغرا چىقىرىلغان قارار ئىكەن. مەن مەكتەپتىن چىكىتىشنى قارار قىلغان ۋاقتىمدا مېنى قىزىقتۇرالمىغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلىدىم. مەكتەپتىن چىكەتكەندىن كېيىن مەكتەپ ماڭا ياتاق بېرىشنى توختاتتى شۇنىڭ بىلەن مەن پەلەمپەيلەردە دوستلۇرۇمنىڭ ياتاقلىرىدا يېتىپ قوپۇپ يۈردۈم.  ھەم كۈندە 5 سېنت لىق تاماق يېيىشنى باشلىدىم ھەر يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن 7 كىلومىتىر يول يۈرۈپ ياخشى بىر ۋاق ئەرزان تاماق يەيتتىم. ۋە كۆپىنچى ھاللاردا بۇ مېنىڭ ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ خوشال ۋاقتىم بولۇپ ھېساپلىناتتى. مەن مەكتەپتىن چىكەتكەندىن كېيىن نورمال دەرسلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقۇم بولمايتتى شۇنىڭ بىلەن كەچلىك كۇرسلارغا قاتنىشىپ يۈردۈم. ئۇ ۋاقىتتا قاتناشقىنىم بولسا ھۆسىنخەت كۇرسى ئىدى، ئۆگىنىدىغان نەرسىمىز بولسا ھۆسىنخەت يېزىش ۋە لاھىيلەش ئىدى. ئۇ بەك چىرايلىق بولۇپ دەل لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ قورالى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن بۇ نەرسىلەر مەقسەتسىزلا ئۆگەنگەن ئىدىم لېكىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى بىز مەك ئىن تاش نى لاھىيلىگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئىشلەتتىم بۇ تۇنجى چىرايلىق لاھىيلەنگەن كومپىيوتېر ئىدى ئەگەر مەن شۇ ۋاقىتتا ھۆسىنخەت لاھىيلەشنى ئۆگەنمىگەن بولسام ئالما كومپىيوتېرى مەڭگۈ بۇنداق چىرايلىق بولمايتتى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتىن چىكەتكىنىمگە پۇشايمان قىلغان ئىدىم. لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ ئىنتايىن توغرا تاللاش بولۇپتىكەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆگەنگەن ھۆسىنخەتلىرىمنى ئىشلىتىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان لېكىن ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەرمۇ ئۆگىنىۋاتقان نەرسەڭلارغا پۇشايمان قىلماڭلار چۈنكى سىلەر ئۇلارنى ھامان بىر كۈنى ئىشلىتىسىلەر.: ~" J7 t1 i# x/ B6 j
; H! l& G% }/ n6 t! ~& J
2. مېنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم بولسا مۇھەببەت ۋە يوقىتىش
) ^0 W: j1 b- J6 J3 V' [! ?. p5 ~! u& s  s
مەن تەلەيلىك ئىدىم مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى بالدۇر بىلىۋالغان ئىدىم.  مەن ئالما شىركىتىنى ئاتا-ئانامنىڭ ماشىنا قويۇش ئۆيىدە 20 ياش ۋاقتىمدا باشلىدىم. بىز قاتتىق ئىشلىگەن ئىدۇق 10 يىلدىن كېيىن ئالما شىركىتى ئىككى ئادەملىك شىركەتتىن 2 مىرلىيادلىق يۈئەنگە يارايدىغان ۋە 4000 كىشىلىك خىزمەتچىنى ئۆزىگە ھازىرلىغان شىركەتكە ئايلاندى بىز ئالمىنىڭ يەنە بىر قەدىمى بولغان مەك ئىن تاش ناملىق كومپىيوتېرنى بىر يىل بۇرۇن بازارغا سالدۇق ھەم مەنمۇ 30 ياشقا قەدەم قويدۇم، دەل شۇ ۋاقىتتا شىركەتتىن قوغلاندىم. سەن ئۆزۈڭ قۇرغان شىركەتتىن قانداق قوغلىنىسەن؟  لېكىن مەن شۇ ۋاقىتتا قوغلانغان ئىدىم، ئالما تەرەققىي قىلغانسىرى مەن ئۆزۈم ئىنتايىن تالانلىق دەپ قارىغان بىر ئادەمنى شىركەتنى باشقۇرۇشۇمغا ياردەملەشتۈركۈزۈش ئۈچۈن تەكلىپ قىلدىم، بىرىنچى يىلى ئىشلار ئوڭۇشلۇق ماڭدى، لېكىن ئىككىنچى يىلى ئىشلاردا ئۆزگۈرۈرۈش يۈز بېرىپ مەن قوغلاندى قىلىندىم. مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك قىلماقچى بولغان ئىشىم يوقالغان ئىدى. ھەم قاتتىق تۈگىشىپ كەتكەن ئىدىم مەن نەچچە ئايغىچە نېمە قىلىشمنى بىلەلمەي قالدىم ھەم مېنى قوغلىغان نەچچەيلەندىن كەچۈرۈم سورىدىم مەن ئۇ ۋاقىتتا داڭلىق مەغلۇپ بولغۇچى ئىدىم، نەچچە قېتىم ھەممە ئىشنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشنىمۇ ئويلىشىپ باقتىم، لېكىن مېنى ئۇنىڭدىن بىر نەرسىلا توسۇپ تۇراتتى يەنى مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى يەنىلا ياخشى كۆرەتتىم ئالما شۇ ئىزىدا توختاپ قالدى، مەن رەت قىلىناتتىم لېكىن يەنىلا ياخشى كۆرەتتىم شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلدىم، لېكىن ئەمەلىيەتتىن ئالمىدىن قوغلىنىش ھاياتىمدىكى ماڭا يۈز بەرگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى ئىدى. ماڭا يەنىلا جىق ئىشلارغا پۇرسەت بار ئىدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىنكى 5 ئايدا ئايالىم بىلەن ئالغا نامىدىكى يەنە بىر شىركەت قۇردۇم ھەم پىكسار ناملىق شىركەت قۇردۇم. ھازىر پىكسار دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق كارتون شىركىتى بولۇپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا ئالما ئالغا دېگەن شىركەتنى سېتىۋالدى مەن يەنە ئالمىغا قايتىپ كەلدىم ھەم ئايالىم ئىنتايىن بەخىتلىك ئائىلەممۇ بولۇپ قالدى، مەن ئەگەر ئالمىدىم ھەيدىۋىتىلمگەن بولسام بۇ ئىشلارنى ھېچ قايسى ۋۇجۇدقا چىقمايتتى بۇ خۇددى ئىنتايىن سېسق دورا ئوخشايتتى لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىدىم، بەلكىم بەزى چاغدا ھايات سېنى بولقا بىلەن كاللاڭغا سوقىۋېتىشى مۇمكىن لېكىن ئىشەنچەڭنى يوقاتما مېنى ئىزچىل توختاتمىغان بىرلا نەرسە بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلدىم سەن چوقۇم ئۆزەڭنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى تېپىشىڭ كېرەك مانا بۇ تاپقىنىڭ سېنىڭ ھەقىقىي كەسپىڭ بولالايدۇ ۋە كېيىنكى قەدەم بولسا شۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش بولىدۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنىڭ 100% ياخشى كۆرۈپ قىلىش، ئەگەر سەن ھازىرغىچە ئۆزۈڭنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى تاپالمىغان بولساڭ ئىزچىل ئىزدە ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمە.
2 d8 m3 o0 |8 h4 ]: q& Z
7 e6 H3 G; n7 d  y$ U- y6 ^6 Q3. مېنىڭ ئۈچىنچى ھېكايەم بولسا ئۆلۈم# t* ~/ g. O* X: A! G2 K  A

/ s' `& v: ^0 X5 @$ u مەن 17 ياشتىن باشلاپ بۈگۈن مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈم دەپ ياشاپ كەلدىم، شۇنداق بولغاندا بۇ جاۋابىم بىر كۈنى توغرا چىقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن 32 يىلدا مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەگەر بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈم بولسا مەن نېمە قىلىمەن؟ مەن دەل بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشىمنى قىلمەن دەيتتىم. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقاتتىم ھەر بىر كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى مېنى چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشمغا ياردەم بېرەتتى مېنى ئەقىللىق قىلاتتى، چۈنكى ھېچقانداق ئىش ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى، پەقەت يوغان ئىشنىلا ئويلايتتىم كىچىكىگە باش قاتۇرمايتتى. ئۆلۈمنى ئويلاش ماڭا باشقا كۆڭۈل ئاغرىقى ئىشلارنى ئويلاشتىن كۆپ ياخشى تۇيۇلدى. سېنىڭ يۈرىكىڭدىن باشقىغا ئەگىشىش ئەركىنلىكىڭ يوق. پەقەت يۈرىكىڭگىلا ئەگىشەلەيسەن بىر يىل بۇرۇنقى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە مېنىڭ راك كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى. مەن ئۇ ۋاقىتتا بۇ كېسەلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقمايتتىم، دوختۇرلار مېنىڭ بىر خىل داۋالاپ ساقايغۇسىز راك كېلىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتتى، ھەم مېنىڭ ئۈچ ئايدىن ئالتايغىچە ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەم دەرھال مېنىڭ ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ راستلا نەچچە ئاي ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ۋە قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. شۇ كۈنى كەچتە دوختۇرلار مېنى تەكشۈرۋېتىپ تۇيۇقسىز يىغلاپ سالدى مەن نېمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ مەن گىرىپتار بولغان راكنىڭ ئىنتايىن ئاز كۆرىنىدىغان بىر خىلى بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلسا ئوڭشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئايالىم ئىككىم يىغلاپ تاشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن ھايات قالدىم. مانا بۇ مېنىڭ ئۆلۈمگە ئەڭ يېقىن بارغان ۋاقتىم ھېساپلىناتتى. ھېچكىمنىڭ ئۆلگۈسى يوق ھەتتا يۈزدە يۈز جەننەتكە كىرىمەن دېگەن كىشىلەرمۇ ئۆلۈپ ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمايدۇ ئۆلۈم بىز ھەممىز ھامان ئورتاقلىشىدىغان بىر تەغدىر. ھېچكىم بۇنىڭدىن قېچىپ باقمىغان. ئۆلۈم كونىنى ئەپ كېتىدۇ يېڭىغا پۇرسەت بېرىدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئۆلۈپ كېتىسىلەر مېنىڭ بۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقىمنى كەچۈرۈڭلار لېكىن بۇ ئەمەلىي ئەھۋال. سېنىڭ ۋاقتىڭ بەك قىسقا شۇڭا باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىۋەتمە خەقلەرنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن ياشايدىغان ئەخمەقلەردىن بولما. ھەممىڭلار بەزىبىر يېرىڭلاردىن ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ بولدۇڭلار. شۇڭا ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي شۇنىڭ تاللاڭلار چۈنكى ۋاقىت بەك قىس. مەن ئابايدىن بېرى سۆزلىگەن نۇتۇقۇمنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىيالايمەن. يەنى ھەرقاچان دۆت ھالىتىڭنى ھەر قاچان ئاچ ۋاقتىڭنى ساقلا. چۈنكى سەن دۆت ۋاقتىڭدا توختىماي بىر نەرسە ئۆگەنگىڭ كېلىدۇ، ئاچ ۋاقتىڭدا توختىماي بىر نەرسە يېگىڭ كېلىدۇ. مەن شۇ گەپ ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن.  ئاچ تۇر ،دۆت تۇر. ھەممىڭلار رەھمەت!6 |) H" I7 T9 w( Y, Z& W
7 H! D1 u& U* k( A5 V
مەنبەسى : ئۇيغۇر بىز رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

7

يازما

154

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
123 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-10 12:01:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .

0

تېما

3

يازما

88

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
15 سەر
تۆھپە
13 سەر
تىللا
43 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-26 01:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗