باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Nokia يانفۇنلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2009-02-23 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35592593.html

    Nokia يانفۇنلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
    Nokia
    يانفۇنلىرى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق  بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن. ئەمما دۆلىتىمىزدىكى يانفۇن سودىگەرلىرىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ئالدامچىلار بولۇپ، ئۇلار سىزنى ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ ھەقىقى جۇڭگۇچە يانفۇن (行货 نى شۇنداق دىسەك قانداق بولار.) ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئالماقچى بولغان يانفۇننىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
    1. يانفۇننىڭ  行货 (جۇڭگۇچە يانفۇن) ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش
    سىز مەيلى توردىن ياكى باشقا يانفۇن سودىگەرلىرىدىن يانفۇن سىتىۋىلىڭ چوقۇم بىرىنچى قېتىم تۆۋەندىكى تور بېتىگە كېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
    http://www.tenaa.com.cn/WSFW/FlagValidateImei.aspx
    تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

    مانا بۇ رەسىمدىكى (手机串号) دىگەن ئورۇنغا يانفۇنىڭىزنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزىسىز. يەنى *#06# نى كىرگۈزسىڭىز بىر قاتار نومۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇ نومۇرلارنى كىرگۈزۈپ بېرىسىز.ئەگەر يانفۇنىڭىز جۇڭگۇدا تېزىملانغان بولسىلا سىزگە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.يۇقارقى رەسىمدىكىسى مېنىڭ يانفۇنىمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، بۇ يانفۇن مەزكىزىمىزدە تىزىملانمىغان دىگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ بەردى. دىمەك بۇ يانفۇن行货 مال ئەمەس دىگەن گەپ.
    ئەگەر سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنى باتارىيەسىنى ئېلۋىتىپ قارىسىڭىز تورغا كىرىش ئىجازەت نومۇر بەلگىسى بولسا، شۇ بەلگە نومۇرى بويىچە تەكشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ . يەنى يۇقارقى بەتنىڭ سول تەرىپىدىكى تىزىملىككە قاراڭ.
    تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    بۇنىڭدىكى 标志验证, 证书查询  دىگەن تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ باقسىڭىز. ئەگەر يانفۇنىڭىز بۇنىڭىدىن ئۆتەلمىسە ياكى بۇنداق نومۇرلىرى بولمىسا ئۇ ئېنىقلا行货 ئەمەس .(بۇ بەتتە بارلىق يانفۇنلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.)
    2. Nokia يانفۇنىنىڭ(  水货) ئەتكەس مال ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش
    يانفۇنىڭىز行货 ئەمەس بولغان بىلەنلا يانفۇنىڭىزنى ساختا يانفۇنغا ياكى قۇراشتۇرۇلغان يانفۇنغا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. 水货 يانفۇنلارنىڭ ياۋرۇپا ياكى شىياڭگاڭ نۇسخىلىرىمۇ خېلى بولۇپ قويىدۇ. شۇڭا سىز 2- قەدەمدە تۆۋەندىكى تور بېتىگە كېرىپ تەكشۈرۈڭ.
    http://www.numberingplans.com/?page=analysis&sub=imeinr
    بۇ بەتكە كېرىپ Enter IMEI number below دىگەن خەت ئاستىكىدىكى ئورۇنغا بايامقى تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ. ئاندىن يانكى  analyseدىگەن كۇنۇپكىنى بېسىڭ.
    تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى مېنىڭ يانفۇنىمنىڭ كۆرسەتكەن ئۇچۇرلىرى.

    ئەگەر سىزمۇ يانفۇنىڭىزنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزگەندە يۇقارقىدەك ئۇچۇرلار كۆرۈنسە، يانفۇنىڭىز ھەر ھالدا قۇراشتۇرما ياكى ساختا مال ئەمەس. ئەگەر يۇقارقىدەك ئۇچۇرلانى تاپالمىسا ئۇچۇرلارنىمۇ تاپالمىسا، ئۇ ھالدا بۇ يانفۇننى ھەرگىز ئالماڭ. (ئىنگىلىزچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى، شۇنداقلا باشقا ماركىلىق يانفۇنلارنى سىناپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردىكى تەكشۈرۈش پەقەتلا  Nokia يانفۇنلىرى ئۈستىدە بولدى. تورداشلار  باشقا تىپتىكى يانفۇنلارنى سىناپ باقسا بولىدۇ.)
    3. يانفۇن رىمونت ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرۈش.
    ئەگەر سىزنىڭ Nokia ماركىلىق يانفۇنىڭىز ھەقىقى جۇڭگۇچە يانفۇن بولسا (行货) تۆۋەندىكى بەتكە كېرىپ، يانفۇنىڭىزنىڭ قانچىلىك رىمونت ۋاقتى بارلىقىنى تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە (行货) يانفۇنلارنىڭ بىر يىللىق رىمونت مۈددىتى بولىدۇ.
    http://www.nokia.com.cn/A4630634
    ئەپسۇس مېنىڭ يانفۇنۇم水货 چىقىپ قالغان بولغاچقا بۇ يەردىكى تەكشۈرۈشنى قىلالمىدىم. تورداشلار ئۆزلىرى قېلىپ باقسۇن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]ياخشى بىلىم كەن ئابرال ئاكا............
    ئابرال回复ORKHUN说:
    رەخمەت، داۋاملىق كېلىپ تۇرارسىز
    2011-02-26 23:09:31
  • [avatar:30]پايدىلىق تېمىكەن مەن كۆچۈرىۋالدىم .[defFace:0][defFace:0]

    رەھمەت
  • [avatar:30]رەسىمىنى قايتا يوللاپ قويسىڭىز.

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !