باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • WindowsXP دا تورغا ئۇلاشتا كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنىڭ مەنىسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2009-02-21 | تۈرى:تور

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35515167.html

    WindowsXP  دا تورغا ئۇلاشتا كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنىڭ مەنىسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى
    تۆۋەندە كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلاش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل خاتالىق كودلىرىنىڭ مەنىسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلدى.بۇ مەسىلىلەرگە يولۇققان تورداشلارغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    تۆۋخاتالىق 678 : يىراقتىكى كومپىيۇتېرغا ئۇلىغىلى بولمىدى (错误678:无法连接到远程计算机)
    مەسىلە: مۇلازىمېتىرغا ئۇلاش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى تور سىم يولىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈڭ. تور كارتىسىنىڭ چىرىقى ياندىمۇ يوق دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ھەممىسى نورمال بولسا، سىز دەرھال تىلىگىراف شىركىتىگە تىلىفۇن قىلىپ، مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىڭ.
    خاتالىق 691 : ئابونت نامى بىلەن مەخپى نومۇرى ئىناۋەتسىز بولغاچقا زىيارەت قىلىش رەت قىلىندى.
     (错误691:输入的用户名和密码不对,无法建立连接
    )
    مەسىلە: ئابونت نامى ياكى مەخپى نومۇرنى خاتا كىرگۈزگەنلىكتىن كېلىپ چىققان مەسىلە.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى : توغرا بولغان ئابونت نامى بىلەن مەخپى نومۇرنى ئىشلىتىپ تورغا ئۇلاڭ. تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى شىركەت بەلگىلىگەن فورمات بويىچە  توغرا ھالدا ئابونت نامى بىلەن مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈڭ.
    خاتالىق 619 : بەلگىلەنگەن مۇلازىمېتىرغا ئۇلىغىلى بولمىدى، ئۇلاش ئېغىزى ئېتىۋىتىلگەن.(
    无法连接到指定的服务器,用于此连接的端口已关闭)
    مەسىلە: ئالدىنقى قېتىملىق تورغا ئۇلاشتىن مەسىلە كېلىپ چىققان بولغاچقا، ھەمدە قايتا ئۇلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولغاچقا، مۇلازىمېتىر سىزنىڭ ئابونت نامىڭىز بىلەن مەخپى نومۇرىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىغانلىقتىن بۇ مەسىلە كىلىپ چىققان.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى : ئەڭ ياخشىسى ئاز بولغاندا 1-2 مىنۇت، كۆپ بولغاندا 4-5 مىنۇت ئارىلىق قويۇپ، قايتا سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    خاتالىق 769 : بەلگىلەنگەن نىشانغا ئۇلىغىلى بولمىدى (无法连接到指定目标
    )
    مەسىلە: بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ تور ئۈسكىنىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كونتىرۇل تاختىسىغا كېرىپ، تورغا ئۇلاش دىگەن تۈرنى ئېچىپ، يەرلىك ئۇلانما چەكلىنىپ قالدىمۇ يوق (本地连接的是否处在
    禁用状态) شۇنى تەكشۈرەيمىز. ئەگەر چەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۇنى قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ. (يەنى已启用  دىگەن ھالەتكە ئەكىلىمىز.)  ئەگەر بۇنىڭدىمۇ مەسىلە يوق بولسا ئۇنداقتا سىزنىڭ تور كارتىڭىزدا چوقۇم مەسىلە بار دىگەن گەپ.  تور كارتىسى ياكى ياخشى قىستۇرۇلمىغان ياكى بۇزۇلغان. شۇڭا بۇ مەسىلىنى تور كارتىڭىزنى ئالماشتۇرۇش ياكى رىمونت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلالايسىز.
    خاتالىق 797 : ADSL
    ئۈسكىنىسىنى تاپالمىدى.( ADSL Modem连接设备没有找到)
    مەسىلە : ADSL
    ئۈسكىنىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەن.
    ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن
    ADSL ئۈسكىنىسىنى توكقا ئۇلاپ ئاچتۇقمۇ يوق شۇنى تەكشۈرەيمىز. ئەگەر ئوچۇق بولسا، ADSL ئۈسكىنىسى بىلەن تور كارتىسى ئارىسىدىكى ئۇلاش سىمى ياكى تور سىمىدا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنىڭدا مەسىلە بولمىسا، «تورغا ئۇلاش» (拨号连接)قۇرغان چاغدا نومۇرلارنى خاتا يېزىۋالغان بولۇشىمىز مۇمكىن. شۇڭا سىز يەنە بىر قېتىم « تورغا ئۇلاش» سىنبەلگىسى ھاسىل قىلىپ كۆرۈڭ. ئەگەر يۇقارقىلارنىڭ ھىچ قايسىدا مەسىلە بولمىسا، تۈرلۈك تور كىلىشىملىرىدا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. يەنى TCP,IP دىگەندەك تور كىلىشىملىرىدا مەسىلە بولۇشى ياكى بۇ كېلىشىملەر تولۇق قاچىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇ كىلىشىملەرنى تولۇق قاچىلاپ ياكى ئالدى بىلەن ئۆچۈرىۋىتىپ ئاندىن قايتا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. بۇنىڭدىمۇ مەسىلە يوق بولۇپ، ھەل قىلالمىسىڭىز يەنىلا تېلىگىراف شىركىتىگە تېلىفۇن بېرىڭ،.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    引用

    下面Blog引用了该文:
  • Blog:ئىقبال بلوگى
    2009-02-28 14:11:15

    评论

  • ياخشىمۇ سىز بلوگىڭىزنىڭ خېتى نورمال ئەمەسكەن ..

    ئوڭشىۋېلىڭ
    eot يوقمۇمۇ يە بولمىسا مەندە بار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ
    422148134

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !