باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel دا تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش بۇيرۇقىنىڭ رولى

    ۋاقىت:2008-08-05 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27107976.html

    Word,Excel  نى كۆپ ئىشلىتىدىغانلار بىلىدۇكى بۇ يۇمشاق دىتاللارنىڭ تىزىملىكىدىكى تەھرىرلەش دىگەن تىزىملىك بۇيرۇقى ئاستىدا «تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش» (选择性粘贴) دىگەن بىر بۇيرۇق بار. ئەمما كۆپىنچە ئادەملەر بۇ بۇيرۇققا تازا دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىغان. WordۋەExcelنىڭ ھەر قايسىسىدا بۇ بۇيرۇق ئارقىلىق ئىچىلغان كۆزنەكتىكى ئىقتىدارلار ئوخشاش ئەمەس.  تۆۋەندە بىز Excel  دىكى بۇ ئالاھىدە بۇيرۇقنىڭ رولى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

    بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن مەلۇم مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ياكى كېسىپ ئېلىپ ئاندىن تىزىملىكتىن «تەھرىرلەش- تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش» (文件-选择性粘贴) بۇيرۇقى ئارقىلىق «تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش»(选择性粘贴) كۆزنىكىنى ئاچىمىز. بۇ كۆزنەك تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

     

    رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك بۇ كۆزنەك جەمئى 3 بۆلەككە بۆلۈنگەن. 1- بۆلىكى تۈرلۈك تاللاپ تۇرۇپ چاپلاش ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.2- بۆلىكى ھىساپلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن. 3- بۆلىكى جەزىم كۇنۇپكىسى قاتارلىق كۇنۇپكىلار بىلەن بىرگە يەنە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ئىقتىدارلارنى بىر قانچە مىساللار بىلەن كۆرۈپ چىقايلى.

     مىسال. ئەگەر مەلۇم فورمىلا ئارقىلىق ھىساپلاپ چىقىرىلغان كاتەكچە ئىچىدىكى قىممەتنى كۆچۈرۈش.

    ئەگەر فورمىلا ئارقىلىق نەتىجە ھىساپلاپ چىقىرىلغان  بىر مۇنچە كاتەكچە ئىچىدىكى سانلارنى ئەشۇ قىممىتى بويىچە كۆچۈرۈش زۆرۈر بولسا،بىز «تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش» كۆزنىكىدىكى «سانلىق قىممەت»(数值) دىگەن تۈرنى تاللىساقلا بولىدۇ.ئەگەر سىز  بۇ ئۇسۇلنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئاشۇ سانلىق قىممەتلەرنى بىر قۇرۇق قۇر ياكى رەت قۇرۇپ شۇ جايلارغا بىر-بىرلەپ يىزىپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.(مەن ئىلگىرى شۇنداق قىلغان ئىدىم)

    يۇقارقى  مىسال ئارقىلىق بەلكىم قالغانلىرىنىڭمۇ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە يەنە بىر ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى.

    «تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش» كۆزنىكىدىكى چاپلاش بۆلىكىدىكى ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:

    1.      ھەممىسى (全部) بۇ تۈر تاللانسا ئەسلى كاتەكچىگە ئوخشاش قىلىپ كۆچۈرىلىدۇ.

    2.      فورمىلا(公式) بۇ تۈر تاللانسا پەقەت فورمىلانىلا كۆچۈرىدۇ.

    3.      سانلىق قىممەت(数值) بۇ تۈر تاللانسا پەقەت سانلىق قىممەتنىلا كۆچۈرىدۇ.

    4.      فورمات (格式) بۇ تۈر تاللانسا باشقا ھىچقانداق نەرسىنى كۆچۈرمەي، پەقەتلا شۇ كاتەكچە فورماتىنى كۆچۈرىدۇ.

    5.      ئىزاھات(批注) بۇ تۈر تاللانسا پەقەت ئىزاھاتنىلا كۆچۈرىدۇ.

    6.      ئۈنۈملۈك بولۇش تەكشۈرۈشى(有效性验证) بۇ تۈر تاللانسا پەقەت ئۈنۈملۈك بولۇش كۆزنىكىدە بەلگىلەنگەن ھالەتنىلا كۆچۈرىدۇ. ئەگەر بۇنداق بەلگىلەش ئېلىپ بىرىلمىغان بولسا، ھىچنەرسە كۆچۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئىقتىدارنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن مەلۇم كاتەكچىگە «ئۈنۈملۈك بولۇش » ھالىتى قوشۇپ، ئاندىن كۆچۈرۈپ چاپلاپ، سىناپ  كۆرسىڭىز بولىدۇ.

    7.      رامكىدىن باشقىلىرى(边框除外) بۇ تۈر تاللانسا بەلگىلەنگەن جەدىۋەل سىزىقلىرىنى كۆچۈرمەيدۇ. باشقا تۈرلەر كۆچۈرىلىدۇ.

    8.      رەت كەڭلىكى(列宽)  بۇ تۈر تاللانسا، جەدىۋەل كەڭلىكى شۇ پېتى كۆچۈرىلىدۇ.

    9.      فورمىلا ۋە سانلىق قىممەت فورماتى(公式和数字格式) بۇ تۈر تاللانسا فورمىلا بىلەن بىرگە شۇ كاتەكچىدىكى سانلىق قىممەت فورماتىنى كۆچۈرۈپ كېلىدۇ.

    10. سانلىق قىممەت ۋە سانلىق قىممەت فورماتى(值和数字格式) بۇ تۈر تاللانسا شۇ كاتەكچىدىكى سانلىق قىممەت بىلەن بىرگە سانلىق قىممەت فورماتى كۆچۈرىلىدۇ.

    11. ئەگەر يۇقارقى تۈرلەردىن سانلىق قىممەت ۋە سانلىق قىممەت ۋە سانلىق قىممەت فورماتى دىگەن ئىككى تۈر تاللانغان ئەھۋالدا يەنە، 2- بۆلەك بولغان ھىساپلاش بۆلىكىدىن قوشۇش دىگەن تۈر تاللانسا،كۆچۈرۈپ چاپلىغان چاغدا چاپلانغان كاتەكچە ئىچىدە سانلىق قىممەت بولسا، بۇ قىممەتكە كۆچۈرۈلگەن قىممەت قوشۇلۇپ، نەتىجە كۆرۈنىدۇ. ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش قاتارلىقلارمۇ قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.

    12. ئەگەر بىز بىر  جەدىۋەلنى ئۆرۈش مەشغۇلاتى قىلماقچى بولساق، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سىرىق جەدىۋەلنى ھاۋارەڭ جەدىۋەلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «تاللاش خارەكتىرلىك چاپلاش» كۆزنىكى ئىچىدىن ئەڭ ئاستىدىكى «ئايلاندۇرۇپ قويۇش»(转置) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !