باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Passolo6.0 نى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرش

    ۋاقىت:2008-08-03 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/26843103.html

    بۇ يازما ئېنتىل سەيناسىدىكى مۇڭلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈنمە دەرسلىك (سىن ھۆججىتى)نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەندى.


           Passolo دېتالىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش كۆزنىكى  كۆرۈنىدۇ.

     بۇ كۆزنەكتىكى ئىشلەتكۈچى(ئابونت) دېگەن ئورۇندا ئادەتتە سىز قايسى ئىشلەتكۈچى نامىدا كىرسىڭىز شۇ ئىشلەتكۈچى نامى كۆرۈنىدۇ. مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان XP نىڭ خەنزۇ تىلى ئىشلەتكۈچىسى بويىچە كىرگەنلىكىم ئۈچۈن، يۇقىرىقى كۆزنەكتە 中文  دېگەن خەت كۆرۈندى. مۇڭلان ئەپەندىمنىڭ دەرسلىكىدە بۇ جايدا كۆرۈنگىنى administrator ئىدى. بىز باشقا جايلارغا تەگمەي بىۋاسىتە «جەزم »(确定) كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئازراق ۋاقىت تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئىلىپ بېرىپ، كەينىدىنلا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

    بۇ لايىھە كۆزنىكى بولۇپ، ئەڭ مۇھىم باسقۇچلارنىڭ بىرىدۇر.
    بۇ كۆزنەكتىكى «نامى» (名称) دېگەن ئورۇنغا سىز ئۆزىڭىزنىڭ لايىھەرىڭىزگە بىر نام قويسىز. بۇ نامنى خالىغانچە قويسىڭىز بولىدۇ. بىراق كېيىنكى قېتىم باشقا لايىھەلىرىڭىز بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى سىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ ئىسمىنى لايىھە نامى قىلىپ قوللانسىڭىز ياخشىراق بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاستىدىكى «ئورنى» (位置) دېگەن جايغا بۇ لايىھىنى ساقلايدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ بېرىسىز. يەنى «ئورنى» دېگەن خەتنىڭ يېنىدىكى خەت يېزىش ئورنىغا بىۋاسىتە يازسىڭىزمۇ ياكى خەت يېزىش ئورنىنىڭ يېنىدىكى «مۇندەرىجە كۆرۈش» (浏览文件夹) دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق باشقا مۇندەرىجىلەرنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    ئاستىدىكى«مەنبە» (来源) دېگەن ئورۇندىكى «مەنبە ھۆججەتنى قوشۇش» (添加源文件) دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك يەنە بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك  ئارقىلىق ئۆزىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللايمىز.

    يەنى بۇ كۆزنەكتىكى «ھۆججەت قىسقۇچ»(浏览文件夹) دېگەن جايغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ھۆججەت بار بولغان مۇندەرىجىنى بىۋاسىتە كىرگۈزسەك ياكى خەت كىرگۈزۈش ئورنىنىڭ يېنىدىكى «مۇندەرىجە كۆرۈش» كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىساق بولىدۇ. مۇندەرىجىنى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، ئاشۇ مۇندەرىجىدە بار بولغان، بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتلەر كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز ئاشۇ ھۆججەتلەر ئىچىدىن ئۆزىمىز نۆۋەتتە ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ، جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسساق، يەنە بىر تەڭشەشكە تېگىشلىك كۆزنەك ئىچىلىدۇ.

    بۇ كۆزنەكنى تەڭشەش ئەڭ مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تەڭشىلىدۇ. «ھۆججەت يولى» بۇ جايدا ئەگەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى باشقا ھۆججەتكە ئالماشتۇرماقچى بولساق خەت يېزىش ئورنىغا بىۋاسىتە ھۆججەت بار ئورۇن بىلەن ھۆججەت نامىنى يېزىپ ياكى «ھۆججەت كۆرۈش»(浏览文件) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق باشقا ھۆججەتلەرنى تاللىساق بولىدۇ. ئەگەر ئۆزگەرتمەيمىز دېسەك بۇ ئورۇنغا تەگمىسەكلا بولدى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى«ماۋزۇ» دېگەن جايغا خالىغانچە ماۋزۇ قويساقمۇ ياكى دېتال ئۆزى قويغان ماۋزۇنى ئىشلەتسەكمۇ بولاۋېرىدۇ. «شەرھلىگۈچى»(解释器) دېگەن قۇردىكى  كىچىك ئوڭغا قاراپ تۇرغان ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى چەكسەك بىر قانچە تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. بىز ئەگەر  ئۆزىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتالنىڭ قايسى پروگرامما تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ياكى قايسى رامكا ئاستىدا تۈزۈلگەنلىكىنى بىلسەك، مەسىلەن: بىز بىر دېتالنىڭBorland Delphi  بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلسەك، بۇ تىزىملىك ئارىسىدىن Borland Delphi دېگەن تۈرنى تاللىساق بولىدۇ. بولمىسا ئادەتتە بۇ ئورۇنغىمۇ چىقىلمىساق بولىدۇ.
    «ئالماقچى بولغان تىل» (要提取的语言) دېگەن ئورۇنغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھاجەتسىز. «كود بېتى»(代码页) دېگەن ئورۇنغا تاللاش ئارقىلىق ئەرەپ يېزىقى دېگەن تۈرنى تاللايمىز.

    ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق يېرى دېتالنى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلنى تاللايمىز. بىز بۇ تىل تاللاش تۈرلىرى ئىچىدىن ھەرقانچە ئىزدەپ ئۇيغۇرچە ياكى جۇڭگۇ-ئۇيغۇر دېگەن خەتلەرنى تاپالمايمىز. شۇڭا بۇ يەردە بىز ئەڭ ئاستىدىكى «باشقىلار» (其他) دېگەن تۈرنى تاللاپ قويىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئاساسىID (ID) دېگەن ئورۇنغا 1دېگەن ساننى، قوشۇمچەID(ID) دېگەن ئورۇنغا 17 دېگەن ساننى كىرگۈزىمىز. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىز قوشۇمچە ID غا 17-36 گىچە بولغان سانلاردىن خالىغان ساننى  كىرگۈزسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياكى كىچىك بولسا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى 1 ئادەتتە ئەرەب يېزىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەپ يېزىقىغا ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يىزىلىدىغان يېزىق بولغاچقا بىز بۇيەردە ئەرەپ تىلىنى تاللىغان بولىمىز.17 نى تاللاشتىكى سەۋەب، 1-16گىچە بولغان سانلار باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا بۆلۈپ بېرىلىپ بولغان،17-36گىچە بولغان سانلار تېخى بۆلۈپ بېرىلمىگەن بولغاچقا بىز ئاشۇ 17-36گىچە بولغان سانلاردىن بىرنى تاللىۋالساق بولىدۇ.
    ئۇنىڭ ئاستىدىكى «خەت نۇسخىسى»(字体) دېگەن جايدىن تەرجىمە قىلىنىدىغان دېتال ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنى ھەمدە خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تاللايمىز. بىز بۇيەردە UKIJ TUZ TOM دېگەن خەت نۇسخىسىنى تاللايمىز. ھەمدە خەتنىڭ چوڭلۇقىنى 9 قىلىپ بەلگىلەيمىز.

    قالغان جايلارنى ئۆزگەرتمەيمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    يۇقىرىقى تەڭشەشلەرنى تۈگەتكەندىن كىيىن «جەزم» كۇنۇپكىسنى باسساق لايىھە كۆزنىكىگە قايتىدۇ.

    ئادەتتە بىر دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىزىملىكى ،دىئالوگ رامكىسى ھەمدە كۆزنەكلەردە كۆرۈنىدىغان خەتلىرىنى تەرجىمە قىلساقلا،بولىدۇ .بىراق نورغۇن يۇمشاق دىتاللار بولۇپمۇ سەل چوڭراق دىتاللارنىڭ تىزىملىك، دىئالوگ رامكىسى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا ھۆججەتتە بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئالدىنئالا تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇنلارنىڭ قايسى ھۆججەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشىمىز زۆرۈر. بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەنresource hacker ،exescope دىگەندەك دىتاللاردىن پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇنلارنىڭ قايسى ھۆججەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى بۇ دىتاللار   Passoloقارىغاندا  سىغىمى كىچىك،قوزغىلىشى تىز، چۈشىنىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،ناھايىتى تىز ئىگەللەپ ئالغىلى بولىدۇ.
    ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك،لايىھە كۆزنىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەگەر يەنە باشقا تەرجىمە قىلدىغان ھۆججەتلەر بولسا، يەنە داۋاملىق «مەنبە ھۆججەتنى قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق باشقا ھۆججەتلەرنى سۆرەپ كىرىپ،يۇقارقىدەك تەڭشەشلەرنى ئىلىپ بارىمىز. ئەگەر بولمىسا ئاستىدىكى «تىل» (语言)دىگەن ئورۇندىن «تىل قوشۇش» (添加语言) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
    ھەمدە تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.

    يەنى «تىل» دىگەن ئورۇنغا بايام بىز بەلگىلىگەن ئەرەپ تىلى 11 دىگەننى تاللايمىز،ئۇنىڭ ئاستى بايامقىدەك ئاساسى ID 1،قوشۇمچەID 17 بولىدۇ.«كود بېتى» ئەرەپ تىلى بولىدۇ.خەت نۇسقىسى بولسا بايامقىدەك  ukij tuz tomبولۇپ، چوڭلىقى 9 بولىدۇ.ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى «نىشان ھۆججىتىنىڭ دىئالوگ رامكىلىرىدا ئوخشاشلا مۇشۇ خەت نۇسقىسىنى ئىشلىتىش»(在目标文件的对话框中同样使用该字体) دىگەن تۈر ئالدىغان تاللاش بەلگىسى قويۇپ قويىمىز.ئاندىن« جەزىم» كۇنۇپكسىنى باسساق يەنە بايامقى لايىھە كۆزنىكىگە قايتىمىز. بىز بۇ جايدا يەنە تەڭشەشكە تىگىشلىك نۇقتىلار بولسا مۇشۇ ۋاقىتتا تەڭشىۋىلىش كىرەك. بولمىسا «جەزىم» كۇنۇپكسىنى بىسىش ئارقىلىق ،رەسمى تەرجىمە قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كىتىمىز.يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    بىز بۇ كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك كۆزنەكتىكى نىشان دىگەن خەت ئاستىدىكى ئەرەپ تىلى 11 دىگەن تۈرنى بىر چىكىۋىتىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىكى ئۆزىمىز تەرجىمە قىلىمىز دەپ تاللىغان دىتال ئىسمىنى ئىككى چەكسەك، بىر دىئالوگ رامكىسى ئىچىلىدۇ. «ھەئە»() دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ،جەزىملەشتۈرسەك رەسمى تەرجىمىنى باشلاش ھالىتىگە كىلىدۇ.يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    قارىساق بۇ دىتالنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى جەمئى 4 كۆزنەككە بۆلۈنگەن بولۇپ،سول تەرەپ ئۈستىدىكى كۆزنەكتىكى  تىزىملىك دىگەن خەتنى ئىككى چەكسەك ئوڭ تەرەپتە بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان دىتالنىڭ تىزىملىك ھالىتى كۆرۈنىدۇ.  بىز بۇ تىزىملىكتىن خەتلەرنى بىرمۇ-بىر تاللاپ تۇرۇپ ياكى ھازىرقى ھالەتتە تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ (تىزىملىك ھالىتىگە ئەكەلمەي تۇرۇپ)بىۋاستە تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ . بىراق ئەڭ ياخشىسى   ئۆز تەرجىمىزنىڭ قانداق ھالەتتە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراي دىسىڭىز،يەنىلا تىزىملىك ھالىتىنى ئىچىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىڭ.يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    بىز بۇ باسقۇچتا رەسمى تەرجىمىنى باشلايمىز. يەنى مائۇس سىترىلكىسى ئارقىلىق تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىزىملىك بۇيرۇقىنى تاللاپ قويۇپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ھەرپ-بەلگە تەرجىمە قىلىش كۆزنىگىگە قارىساق،ھازىر بىز تاللىغان تىزىملىك بۇيرۇقىنىڭ ئاستى-ئۈستى ئىككى قۇردا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.بىز ئۈستىدىكى قۇرغا چىقىلماي،ئاستىدىكى قۇردىكى خەتنى ئۆچۈرىۋىتىپ،ئورنىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يىزىپ قويىمىز. مەسىلەن يۇقۇردىكى رەسىمدىكى 游戏  دىگەن خەتنى ئۆچۈرىۋىتىپ، ئورنىغا «ئويۇن» دەپ يىزىپ قويىمىز،باشقىلىرىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل-تەرتىپ بويىچە  ماڭىدۇ.بۇلارنىڭ ئاستىدىكى ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق ئاستى ئۈستى يۆتكىسەكمۇ بولىدۇ،بۇلارنىڭ رولىنى تورداشلار ئۆزلىرى ئىشلتىش جەريانىدا تەپسىلى ئۈگىنىۋالسا بولىدۇ.
    ئەمدى تىزىملىك بۇيرۇقلىرىنى  تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۈرەتنى كۆرۈپ باقايلى.

    تىزىملىك بۇيرۇقلىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن،يۇقارقىغا ئوخشاش دىئالوگ رامكىسى دىگەن خەتنى بىرچىكىپ،ئۇنىڭ ئاستىدا كۆرۈنگەن دىئالوگ رامكىلىرىدىن تەرجىمە قىلماقچى بولغاننى تاللاپ ئىككى چەكسەك،بىز  تەرجىمە قىلماقچى بولغان دىئالوگ رامكىسى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى كۆزنەكتە كۆرۈنىدۇ.بىز بۇ دىئالوگ رامكىسدىكى خەتلەرنى بىردىن-بىردىن تاللاپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىمىز.ئەگەر تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىز تەرجىمە قىلغان سۆز بىرقانچە يەردە بولسا،يۇمشاق دىتال ئاپتۇماتىك ھالدا،بىزگە بىر كۆرسەتمە چىقىرىپ،باشقا يەردىكى مۇشۇ سۆزگە ئوخشاش سۆزلەرنىمۇ مۇشۇنداق تەرجىمە  قىلامسىز دەپ سورايدۇ. بىز «ياق» دىگەن تۈرنى تاللاپ قويىمىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    (بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى نىمە دىسەك،باشقا يەردىكى جۈملە ئىچىدىكى سۆزلەرنىمۇ مۇشۇنداق بىرخىل تەرجىمە قىلىپ قويۇپ،تەرجىمىنى ئۆلۈك قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.)
    دىئالوگ رامكىسىدىكى سۆزلەرنى بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلىپ،بولغاندىن كىيىن (ياكى تەرجىمە قىلىش ئالدىدا بولسىمۇ بولىدۇ)،ئەگەر دىئالوگ رامكىسىدا مەزمۇنلارنى ئوڭدىن سولغا يۆلىنىشتە كۆرسەتمەكچى بولساق،ھەر بىر ئوبىكىتنى بىردىن تاللاپ تۇرۇپ ياكى ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق بىرقانچە ئوبىكىتنى تاللاپ،ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كۆزنەكتىن «باشقىلار» (其他) دىگەن تاللانمىنى تاللاپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئوڭدىن سولغا» دىگەن تۈرنىڭ تاللاشلىرىدىن 2-سى «تەسۋىر»(镜像) تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.(ئەگەر ئۇيغۇرچىدا بەزى مەزمۇنلار تولۇق كۆرۈنمىسە دىئالوگ رامكىسى ياكى ئاشۇ ئوبىكىتنى تۆت ئەتراپىدىكى نۇقتىلارغا مائۇس سىتىرىلكىسىنى  توغۇرلىساق سىتىرىلكا        ھالىتىگە  كىلىدۇ. ئۇنى ئازراق تارتساق،ئوبىكىتنى كىڭەيتىشكە بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئوبىكىتنى تولۇق كۆرسەتكىلى بولىدۇ.ھەتتا بەزى دىئالوگ رامكىلىرىنىڭ كۆرۈنۈش شەكىللىرىنى ئۆزىمىز ياخشى دەپ قارىغان شەكىلگە ئالماشتۇرىۋەتسەكمۇ بولىۋىرىدۇ.)تۆۋەندىكى رەسىمدىكدەك.

    دىئالوگ رامكىسىنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ھەرپ تىزمىسى جەدىۋىلى(字串表)تىزلىتىش كۇنۇپكىسى جەدىۋىلى(加速键表)ۋە نەشىرى(版本)دىگەن تۈرلەرنى چىكىپ بۇلارنىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىمىز. ھەممە تەرجىمە تۈگىگەندىن كىيىن،تىزىملىكتىن ھەرپ تىزمىسى تىزىملىكى (字串列表)←نىشان ھۆججەتنى چىقىرىش(生成目标文件) دىگەن بۇيرۇقنى ياكى قورال سىتونىدىن( ئودىن سولغا قاراپ سانىغاندا 3- كۇنۇپكا) نىشاننى چىقىرىش(生成目标) كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، نىشان ھۆججەتنى چىقىرىش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

    بۇ كۆزنەكتىن بىز «جەزىم» كۇنۇپكىسىنى باسساقلا تەرجىمە قىلغان ھۆججەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ.يەنى ئەسلى ھۆججەت بار مۇندەرىجە ئىچىگە ara11 دىگەن مۇندەرىجىدىن بىرنى قۇرىدۇ ھەمدە تەرجىمە قىلغان ھۆججەتنى شۇ ئورۇنغا چىقىرىدۇ. ئەگەر بىز تەرجىمە قىلغان ھۆججەت بىرقانچە ھۆججەت بولسا، ھەمدە يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى بولسا،بۇ تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ،ئەسلى ئورنىغا چاپلاپ،ئاندىن ئىجرا قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.ئەگەر قەرت ئويۇنىغا ئوخشاش يالغۇز ھۆججەت بولسا، شۇ جايىدا تۇرغۇزۇپلا ئىجرا قىلسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن دىتال تەرجىمە قىلىش ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
    بەزى دىتاللار يۇنىكود نى قوللىماسلىقى مۇمكىن،شۇ سەۋەپتىن تەرجىمە قىلغاندىن كىيىنمۇ، تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلار ؟ بەلگىسى شەكلىدە چىقىۋىلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەلۇم بىر دىتالنى تەرجىمە قىلىشتىن ئاۋال ئەشۇ دىتالنىڭ يۇنىكودنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكشۇرۈپ بىقىش كىرەك.بىز ئۈچۈن ئەڭ ئاددى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىمىز بولسا ئالدى بىلەن تىزىملىكتىن 2-3 قۇر خەتنى تەرجىمە قىلىپ،ئاندىن نىشان ھۆججەتنى چىقىرىپ،ئىجرا قىلىپ كۆرۈش.يەنى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈلسە،؟ بەلگىلىرى چىقىۋالمىسا، بۇ دىتالنىڭ يۇنىكودنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،داۋاملىق تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆرۈنمەي،ساپلا ؟  بەلگىسى ياكى باشقا نەرسىلەر چىقىۋالسا ئۇ دىتالنى تەرجىمە قىلىشنى توختىتىش ياكى شۇ دىتالنىڭ يۇنىكودنى قوللايدىغان نەشىرىنى تىپىپ ئاندىن تەرجىمە قىلىش كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن تەرجىمە قىلىمەن دەپ كۈچەپ يۈرمەسلىك كىرەك.
    دىتال تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بىر قىتىم ئىجرا قىلىپ بىر قۇر تەپسىلى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن،خاتا تەرجىمە قىلىنغان جايلىرىنى، دىئالوگ رامكىلىرىدىكى خەتلەرنىڭ پاتماي قالغان،  يىرىمى چىقىپ يىرىمى چىقماي قالغان قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلىۋىلىپ، ئاندىن يەنە بىر قىتىم ئەشۇ جايلارنى تۈزىتىپ مۈكەممەل بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلان قىلىش كىرەك.ئالدىراقسانلىق قىلىپ چالا-پۇچۇق ھالدىلا ئىلان قىلىۋىتىشتىن ساقلىنىش؛ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جانلىق،قسقا تەرجىمە قىلىش؛ بەزىبىر بىرلىككە كىلىپ قالغان سۆزلەرنى مۈمكىن بار ئاشۇ بىرلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش؛ دىتال تەرجىمە قىلدىم دەپ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن يىڭى قالايمىقانچىلىق تىپىپ بىرىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !