باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Wordدا تامغىنى مۇنداق ياسايسىز

    ۋاقىت:2008-07-02 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23991552.html

     Wordدا تامغا ياساشنى بەزىلەر بىلىشى ۋە بەزىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن . مەن بۇ يازمىنى تامغا ياساشنى بىلىدىغانلارنىڭ پىششىقلىۋىلىشى، بىلمەيدىغانلارنىڭ ئۈگىنىۋىلىشى ئۈچۈن يازدىم.


    1- تامغا ياساش

    ئالدى بىلەن Word نى قوزغىتىپ، يىڭىدىن بىر ھۆججەت قۇرۇپ ، تىزىملىكتىن كۆرۈنمە- قورال سىتونى- رەسىم سىزىش(视图-工具栏-绘图) دىگەن تۈرنى تاللايمىز. بۇ تۈر تاللانغاندىن كىيىن قورال سىتونىدا ياكى Word نىڭ ئاستىنقى ھالەت قۇرى ئۈستىدە ۋە ياكى ئايرىم ھالدا بىر يۈرۈش رەسىم سىزىشقا ئائىت قوراللار كۆرۈنىدۇ.
    بىز بۇ قوراللار ئىچىدىن ئېللىپىس سىزىش قورالىنى تاللاپ،
    Wordنىڭ تەھرىرلەش  رايۇنىدا Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ،مائۇسنى سۆرىسەك دۈپ-دۈگىلەك بىر چەمبەر سىزغىلى بولىدۇ.
    ئىككىنچى قەدەمدە چەمبەرنىڭ رەڭگى ۋە ئۇنىڭ سىزىقلىرىنىڭ قېلىنلىقىنى بەلگىلەيمىز. يەنى ھازىر سىزغان چەمبەرنى تاللاپ تۇرۇپ، مائۇس كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم چەكسەك. ئۆزى سىزغان سۈرەت فورماتىنى بەلگىلەش (
    设置自选图形格式) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنىڭ رەڭ ۋە سىزىقلار (颜色与线条) دىگەن تاللانمىسى ئىچىدىن رەڭ دىگەن تۈرگە « تولدۇرىدىغان رەڭ يوق»(无填充颜色) دىگەن تۈرنى تاللايمىز، «سىزىق» دىگەن تۈر ئاستىدىكى « رەڭ » دىگەن يەردىن قىزىل رەڭنى تاللايمىز.(تامغا ئەلۋەتتە قىزىل بولىدۇ-دە). ئاندىن يەنە سىزىق تۈرلىرى، سىزىقنىڭ ئىنچىكە- توملىقى دىگەن تۈرلەرنى ئۆزىڭىز رازى بولغىچە تاللىسىڭىز بولىدۇ.
    ئۈچىنچى قەدەمدە تامغا ئىچىگە يىزىلىدىغان خەتنى يىزىشنى باشلايمىز. خەتلەرنى« ھۆسنىخەت » (
    艺术字) بىلەن يازىمىز. تىزىملىكتىن كۆرۈنمە- قورال سىتونى ھۆسنىخەت  دىگەن تۈرنى تاللاپ،«ھۆسنىخەت » قورال سىتونىدىكى «ياي شەكىللىك خەت» نى تاللاپ، ياي شەكلىدىكى خەتنى يىزىۋالىمىز. (مەسىلەن: ئابرال ئېلكىتاپ تارقىتىش مەركىزى ). ئاندىن يەنە تۈز خەت شەكلىنى تاللاپ، تۈز يىزىلىدىغان خەتنى يازىمىز.( مەسىلەن : مەخسۇس تامغىسى، مالىيە تامغىسى دىگەندەك)، ئاخىردا يەنە تامغا ئوتتۇرىغا ئېلىنىدىغان بەششۇئار بەلگىسى ئۆزى تاللايدىغان رەسىملەر(自选图形) دىگەن تۈر ئاستىدىكى يۇلتۇز ۋە بايراق 星与旗帜 دىگەن تۈر ئاستىدىن بەششۇئار بەلگىسنى تاللاپ، تەھىرلەش رايۇنىدا بىر دانە بەششۇئار سىزىمىز ھەمدە ئۇنىڭمۇ رەڭگىنى قىزىل قىلىپ قىلىپ بەلگىلەيمىز.
    تۆتىنچى قەدەمدە بۇ سىزىلغان سۈرەتلەرنىڭ ئورنىنى تەڭشەيمىز . يەنى ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۆۋەندىكدىكى رەسىمدىكىدەك قىلساق بولىدۇ. ياكى ئۆزىڭىز باشقا شەكىلدە قىلماقچى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     

    ئاخىردا ئۇلارنىڭ ئورنىنى يۇقارقىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، تامغىنى تەشكىل قىلغان بارلىق بۆلەكلەرنى بىر- بىرلەپ تاللايمىز ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، ئىچىلغان تىزىملىكتىن «بىرلەشتۈرۈش- بىرلەشتۈرۈش» (组合-组合)دىگەن تۈرنى بىسىپ، تامغىنى تەشكىل قىلغان بارلىق بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر تامغا پۈتكەن بولىدۇ.


    2- تامغىنى رەسىم شەكلىدە ساقلاش

    تامغا ياساش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇنى تەڭشەپ ئىشلتىش بىر ئاز قولايسىز، شۇڭا بۇنى ئەڭ ياخشىسى رەسىم ھالىتىدە ساقلاپ قويۇش لازىم. بەلكىم بەزىلەر مەخسۇس رەسىم قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشى مۇمكىن ئەمىليەتتە رەسىمگە ئايلاندۇرۇشنى Word ئۆزىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنى بايامقى تامغا ياسالغان ھۆججەتنى ساقلىغان چاغدا ئۇنى تور بەت ھۆججەت شەكلى بىلەن ساقلاپ قويساقلا بولدى.يەنى تىزىملىكتىن ھۆججەت- باشقا نامدا ساقلاش بۇيرۇقىنى ئىچىپ، ھۆججەت ساقلاش كۆزنىكىدىن ساقلاش تۈرلىرى ئىچىدىن تور بەت ھۆججىتى (网页) دىگەن تۈرنى تاللىساقلا بولدى.ئاندىن بايامقى ھۆججەت ساقلانغان مۇندەرىجە ئىچىگە كىرسەك ئاشۇ ھۆججەت نامى بىلەن ئوخشاش بولغان ئەمما كەينىدە .files دىگەن خەت ئەگىشىپ كەلگەن بىر مۇندەرىجە كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، بۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كىرسەك بايام بىز ياسىغان تامغىنىڭ gif ھۆججەت شەكلىدە بىر رەسىم ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز قاچان بۇ تامغىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، دەرھاللا تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش-رەسىم- ھۆججەتتىن» دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ، بايامقى رەسىمنى تىپىپ خالىغان جايغا قىستۇرساقلا بولىدۇ.


    3- تامغىنى قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈش

    ئەگەر تامغىنى ساقلاپ قويغان جايدىن ئىزدەپ تىپىپ قسىتۇرۇشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز ، سىز بۇ رەسىمنى «قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرىغا»  (剪贴画) كىرگۈزىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.يەنى ئالدى بىلەن تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش- رەسىم- قىستۇرما رەسىم » دىگەن بۇيرۇقنى تاللىساق، Word نىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىستۇرما رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر كۆرۈنىدۇ. بىز بۇنىڭدىن قىستۇرما رەسىم باشقۇرۇش(管理剪辑) دىگەن تۈرنى چەكسەك «قسىتۇرما رەسىم باشقۇرۇش» كۆزنىكى ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنىڭ «ھۆججەت- قىستۇرمىنى باشقۇرغۇچقا قوشۇش- مېنىڭ مۇندەرىجەمدىن» (文件-将剪辑添加到管理器- 在我自己的目录) دىگەن بۇيرۇقنى چىكىپ، ئىچىلغان كۆزنەكتىن بايام ئۆزىمىز ساقلاپ قويغان تامغا بار مۇندەرىجىنى ئىچىپ، بايامقى تامغىنى تاللاپ، قوشۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولدى. كىيىنچە بۇ تامغىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، قىستۇرما رەسىملەر ئامبىرى ئىچىدىن ئىزدەپ تىپىپ قىستۇرۇپ قويساقلا بولدى.

    4- تامغىنى ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمىغا قوشۇش

    تامغىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى ھەر قېتىم ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇنى ئىزدەپ تىپىپ ھۆججەتكە قىستۇرۇپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىقكەن دەپ ئويلىسىڭىز ئۇنى ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىق توپلىمىغا(自动图文集) قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن تامغىنىڭ رەسىمىنى تاللاپ، تىزىملىكتىن «قىستۇرۇش- ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمى- ئاپتۇماتىك سۈرەت - يىزىق توپلىمى» نى ياكى تىزىملىكتىن « قورال- ئاپتۇماتىك تۈزىتىش تەڭشىكى» دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق، بىز ياسىغان تامغىنىڭ ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىقلار قاتارىغا قىتىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەمدى بىز پەقەت ئۇنىڭغا بىر ئىسىم قويۇپ(مەسىلەن ، تامغا)، ئاندىن قوشۇش كۇنۇپكسىنى باسساقلا ئىش پۈتىدۇ. تامغا ئىشلىتىش كىرەك بولسا پەقەتلا تىزىملىكتىن « قىستۇرۇش- ئاپتۇماتىك سۈرەت- يىزىق توپلىمى- تېكىست- تامغا» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەكلا تامغىنى Word ھۆججىتىگە قىستۇرالايمىز.


    5- تامغا ناملىق قورال كۇنۇپكىسى قوشۇش

    ئەگەر تامغىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر قورال كۇنۇپكىسى بىكىتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى تىزىملىكتىن «قورال- ئۆزى بەلگىلەش» دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئىچلغان تىزىملىكتىن بۇيرۇق تاللانمىسىنى تاللايمىز. بۇ كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «تۈرلەر» دىگەن تۈر ئاستىدىن « كونتىرۇل قورال ساندۇقى» (控件工具箱) دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى بۇيرۇق دىگەن جايدىن « بۇيرۇق كۇنۇپكىسى»(命令按钮) دىگەن تۈرنى تاللايمىز ھەمدە بۇ بۇيرۇق كۇنۇپكىسىنى، مائۇس كۇنۇپكسىنى بىسىپ تۇرغان ھالدا سۆرەپ، قورال سىتونىدىكى بوش ئورۇنغا قويۇپ قويمىز. ئاندىن بۇ يىڭى كۇنۇپكا ئۈستىگە مائۇ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى توغۇرلاپ بىر چېكىپ، (بايامقى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىنى ئىتىۋىتىشكە بولمايدۇ) ئىچىلغان تىزىملىكتىن «ئۇلانما تەھرىرلەش- رەسىم قىستۇرۇش »(编辑超链接-插入图片) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىمىز. ئاندىن يىڭى ئىچىلغان كۆزنەكتىن بىز بايام ياسىغان تامغىنىڭ ئورنىنى بىكىتىپ بېرىپ، جەزىملەشتۇرسەكلا بولدى.
    ئەمدى سىز يىڭى قوشۇپ كۇنۇپكىنى بىسىپ سىناپ بىقىڭ، تامغا سىز قىستۇرماقچى بولغان جايغا قسىتۇرۇلدىمۇ- يوق؟
    ئەگەر سىز يەنە بۇ كۇنۇپكىنىڭ كۆرۈنۈشى بەكلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى دەپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ شەكلىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنى بايامقى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكى ئىچىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىز يىڭى قوشقان كۇنۇپكىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىر چىكىپ،تىزىملكىتىن « كۇنۇپكا رەسىمىنى ئۆزگەرتىش»،« كۇنۇپكا رەسىمىنى تەھرىرلەش» دىگەندەك بۇيرۇقلار ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى ئۆزىڭىز ياسىغان باشقا ئايكون ياكى بولمىسا ھازىرقى تامغا ئۆزىنىلا كۇنۇپكا ئۈستىگە چىقارماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن
    Word قا چاپلانغان  ئاشۇ تامغا رەسىمىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكسىنى بىسىپ ، كۆچۈرۈش بۇيرۇقى بىلەن كۆچۈرىۋىلىپ،ئاندىن ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكى ئوچۇق ھالەتتە ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بايامقى ئۆزىمىز قۇرغان كۇنۇپكىنى بىر چېكىپ، تىزىملىكتىن «ئايكون رەسىمنى چاپلاش» بۇيرۇقىنى چەكسەكلا بىز قۇرغان بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىم تامغىنىڭ رەسىمىگە ئۆزگىرىدۇ.( بىراق بەك ئېنىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن).


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]مەن سىناب باقسام بولغودەك.ياخشى ماقالىكەن

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !