باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • گوگۇلنىڭ يىڭى دىتالى

    ۋاقىت:2008-07-02 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23958186.html

    6-ئاينىڭ 30- كۈنى چەتئەل ئاخباراتلىرى گوگۇلنىڭ بىر خىل كومپىيۇتېر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلايدىغان  كۆپ ۋاستە مۇلازىمىتىر يۇمشاق دىتالىنى تۈزۈپ تارقاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.
    بۇ دىتال ئارقىلىق سىفىرلىق تىلىۋىزۇردا كومپىيۇتېردىكى سىن ھۆججىتى، سۈرەت ھۆججەتلىرى ۋە مۇزىكا ھۆججەتلىرىنى قويغىلى بولىدىكەن.
    بۇ دىتال ئارقىلىق يەنە كومپىيۇتېر بىلەن ھەر قانداق دەرھال ئۇلاپ دەرھال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈسكىنىلەرنى ئۇلىغىلى بولدىغان بولۇپ. UPnP كىلىشىمى(دەرھال ئۇلاپ دەرھال ئىشلىتىش كىلىشىمى) ئارقىلىق ھەر قانداق ئۈسكىنە ئائىلە تورىدا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
    بۇ يۇمشاق دىتال ھازىرچە پەقەتلا Windows سىستىمىسىنىلا قوللايدىغان بولۇپ،  ئابونتلار كومپىيۇتېرغا گوگۇلنىڭ بۇ دىتالنى قاچىلاپ ئىشلىتىدىكەن. بۇ دىتال باشقۇرۇش قورالى ۋە ئىزدەش تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، كومپىيۇتېر ۋە توردىن كۆپ ۋاستە ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ.ھەتتا YouTube دىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنىمۇ تاپالايدۇ.
    بۇندىن باشقا بۇ دىتال يەنە سونى PS3 ، مىكروسوفت Xbox 360  قاتارلىق دەرھال ئۇلاپ دەرھال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈسكىنىلەرنىمۇ قوللايدۇ.
    بۇ دىتالنىڭ ئىلان قىلىنىشى گوگۇلنىڭ ئائىلە كۆڭۈل ئىچىش بازىرىغا قەدەم بىسىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھىساپلىنىدۇ. ئىلگىرى  مىكروسوفت بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ كومپىيۇتېر بىلەن تىلىۋىزۇرنى ئۇلايدىغان دىتالى بار ئىدى.
    بۇنىڭ ئىچىدە مىكروسوفتنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا بۇنداق دىتال چىقارغان بولۇپ، سىملىق تىلىۋىزىيە قاناللىرىنى تارقىتىش، سىن ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن. ئالما شىركىتى بولسا تىلىۋىزۇرنى قاتتىق دىتال بىلەن ئۇلاش ئارقىلىق تىلىۋىزۇر بىلەن كومپىيۇتېرنى ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30]的程度

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !