باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئۆزىڭىز DLNA مۇلازىمىتىرى قۇرۇش

    ۋاقىت:2012-11-07 | تۈرى:يانفۇن بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/224449891.html

     

    قايسى كۈنى بىلىك تورىدا، DLNA غا مۇناسىۋەتلىك تېمىنى كۆرۈپ، بۇرۇن كاللامدا غۇۋا تۇرغان ئۇقۇم ئېنىق بولغان بولدى. (DLNA ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئۈچۈن نەزىرىڭىز بىلىكتىكى مەنبەدە بولسۇن: http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=25274 ) شۇنىڭ بىلەن يانفۇنۇمنىڭ  دەسلەپكى ئۆز رومىدا ئاشۇنداق DLNA دىگەن بىر ئېقتىدار بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ، ھەجەپ سىناپ باقماپتىكەنمەن دەپ ئويلاپ، دەرھال توردىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ باقتىم. ئاخىرى DLNA تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كومپىيۇتۇرۇمدىكى مېدىيا ھۆججەتلىرىنى يانفۇنۇمدا كۆرەلىدىم. بەلكىم بەزىلەر بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى يانفۇنغا كۆچۈرۈپلا كۆرسە بولمىدىمۇ دىيشى مۇمكىن، ئەمما سىز ھەر قانداق نەرسىنى يانفۇنغا كۆچىرىۋالىمەن دەپ يۈرمەيسىزدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفۇننىڭ سىغىمىمۇ كومپىيۇتېرغا قارىغاندا كۆپ كىچىك. شۇڭا يانفۇن سىغىمىنى تىجەشمۇ بەزىدە زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.  بۇ ئىقتىدار مانا مۇشۇنداق يەر دە ئەسقاتىدۇ.

       بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىزدە بىر تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېر، سىمسىز تور سىگنالى تارقىتالايدىغان روتىر، ھەمدە بىر دانە ئاندىرويد سىسىتىمىلىق يانفۇن بولسىلا كۇپايە.(مېنىڭ ئىشلەتكىنىم: ئادەتتىكى ئۈستەل كومپىيۇتېرى، موتورولا mb525+  يانفۇن، 迅捷 FW300R تېپلىق سىمسىز روتىر)

      ئالدى بىلەن توردىن  PS3 Media Server دىگەن دىتالنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلايمىز. بۇ دىتالنىڭ رولى كومپىيۇتېرىڭىزنى DLNA مۇلازىمىتىرىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.(ئەلۋەتتە بۇ خىل دىتاللارمۇ ناھايىتى كۆپكەن، ئۆزىڭىز باشقا دىتاللارنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.) دىتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىتىلغاندىكى دىتالنىڭ كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.


    بۇنىڭدىن« دائىملىق تەڭشەك » (常用配置) دىگەن بەتكۈچنى تاللاپ، ئاددىغىنە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك:


    رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تىل دىگەن يەرگە خەنزۇچىنى تاللاپ قويساق بولىدۇ. ئەگەر دىتال تىلى دەرھال ئۆزگەرمىسە، دىتالنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىۋەتسەك بولىدۇ. تور ئۇلاش ئېغىزى دىگەن يەرگە كومپىيۇتۇرىڭىزدىكى تور كارتىسىنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يانفۇنىڭىز نورمال تونىيالمىسا (安装为windows 服务 ) دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چىكىپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.باشقا يەرلەرگە چىقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


    ئاندىن يەنە ھەمبەھىر تەڭشىكى دىگەن بەتكۈچكە كىرىپ، ئىھتىياجىمىز بويىچە ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارساقلا بولىدۇ. يەنى بۇ يەردىكى تۆۋەندىكى قوشۇش بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق ھەمبەھىر قىلىدىغان دىسكىلارنى تاللاشقا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە بارلىق دىسكىلارنى تاللاپ قويدۇم.

    ئەمدى يانفۇنىمىزغا گوگول بازىرىدىن ياكى يېشىل پۇرچاق دىگەندەك دىتاللاردىن پايدىلىنىپ MirageDLNA دىگەن دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. (ئەلۋەتتە بۇ خىل دىتاللار ناھايىتى كۆپكەن. ئەمما مەن مۇشۇ دىتالدا ناھايىتى ئاسانلا تونۇتتۇم. ئەمما باشقا ئىككى دىتالدا تونىتالمىدىم.)

    يانفۇن بىلەن كومپىيۇتېر ئۇلانغاندىن كېيىن، دىتال يۈزىدە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش بولىدۇ.


    يەنى قېزىل رەڭلىك خاتا بەلگىسى يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېردىكى كىنو دىگەندەك مىدىيا ھۆججەتلىرىنى يانفۇندا ئاچساق، شۇ ھۆججەتنىڭ  بۇففىردا ئىگەللىگەن سىغىم ئۆزگىرىشى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

    ئەمدى يانفۇنغا قاچىلىغان دىتالنى كۆرۈپ باقايلى.

    دىتالنى يانفۇنغا قاچىلىغاندىن كېيىن يانفۇندىكى  MirageDLNA  دىگەن سىنبەلگىنى چەكسەك دىتال قوزغىلىدۇ ھەمدە ئازراق ۋاقت مۇلازىمىتىر ئىزدەش ئېلىپ بارىدۇ. مۇلازىمىتىرنى تاپقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.


    PS3 Media Server دىگەننى بىر چەكسەك كومپىيۇتېرىمىزدىكى ئۆزىمىز ھەمبەھىر قىلىپ قويغان دىسكا رايۇنلىرىنى كۆرەلەيمىز.تۆۋەندىكىدەك


    قايسى دىسكا رايۇنىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاچماقچى بولساق شۇنىلا چەكسەك بولىدۇ. ئەگەر تور سۈرئىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا، يۈكلەش مەغلۇپ بولدى دىگەندەك ئۇچۇر چىقىدۇ.

    ئەگەر مۇۋەپىقىيەتلىك بولسا، شۇ دىسكا ئىچىدىكى مۇندەرىجە ۋە مىدىيا ھۆججەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


    يۇقارقى رەسىملەردىن خالىغان بىرىنى ئېچىپ كۆرەيلى.


    ئىككى بارماق بىلەن چوڭايتىشقا ۋە كىچىكلىتىشكە بولىدۇ. پىرۇيىكسىيە شەكلىدە قويۇشقا بولىدۇ. ئالدى كەينى ئۆتكۈزۈپ كۆرۈشكە بولىدۇئەمدى فىلىمدىن بىرنى قويۇپ باقايلى.


    ئەمما ماۋۇ ناخشىنى قويۇش ئۈچۈن 2-3 مىنۇت ساقلاشقا توغرا كەلدى. قارىغاندا ئاۋال بۇففىر رايۇنىغا يېزىۋىلىپ ئاندىن قويۇپ بەرسە كېرەك. ۋە بەلكىم يەنە تور سۈپىتىنىڭ ياخشى- ناچار بولىشى، يانفۇننىڭ ئۆزىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىز- ئاستا بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

    قالغىنىنى تورداشلار ئۆزلىرى توردىن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !