باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ 12 خىل سەۋەبى

    ۋاقىت:2011-03-31 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/113402695.html

    كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ 12 خىل سەۋەبى

    كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ - خىل بولۇپ،  بەلكىم تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرى  بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەنسەك، ئادەتتە كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىپ، كومپيۇتېر قېتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
    1. كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، cpu ۋە توك مەنبەسىنىڭ ئىسسىقلىقىنى سوۋۇتۇشى ياخشى بولمىغانلىقتىن كومپيۇتېر قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    2. كومپيۇتېرنىڭ ئورنى يۆتكەلگەنلىكتىن، ئاساسى ماشىنا ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەر بوشاپ قىلىشى سەۋەبلىك تېگىشىش ياخشى بولماي، كومپيۇتېر قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    3. بەكلا چاڭ-توزانغا تولۇپ كەتكەنلىكتىن قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.بەزى كومپيۇتېرلار 3-4 يىلغىچە ئىچى تازىلانمايدۇ. نەتىجىدە ئىچى توپا -چاڭغا توشۇپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا cpu شامالدۇرغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ ياكى توختاپ قالىدۇ ،نەتىجىدە cpu نى سوۋۇتۇپ بېرەلمەي قالىدۇ.  ئەگەر ئوپتىك دىسكا ياكى يۇمشاق دىسكىنىڭ ماگنىتلىق بېشىنى چاڭ -توزان قاپلاپ كەتسە، ئوقۇش-يېزىشتا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.  نەتىجىدە كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    4.ئۈسكۈنە بىلەن cpu نىڭ چاستوتىسى ماسلاشماي قالسا، )مەسىلەن:  ئاساسى تاختا ( سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولماي قېلىپ، كومپيۇتېرنىڭ تولا قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    5. يۇمشاق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى ، يەنى يۇمشاق دېتالنى تولۇق قاچىلىيالماسلىق ۋە ياكى يۇمشاق دېتالنى نورمال قوزغىتالماسلىقمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    6. ئىچكى ساقلىغۇچ بوشاپ قىلىش، ئوكسىدلىنىپ قېلىش، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى يېتىشمەسلىك ۋە ئىچكى ساقلىغۇچتا ئەسلىدىلا سۈپەت مەسىلىسى بولۇش قاتارلىقلارمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    7. قاتتىق دىسكا كونىراش ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق سەۋەبلىك قاتتىق دىسكىدا بۇزۇق سېكتور، بۇزۇق يول پەيدا بولۇش سەۋەپلىكمۇ كومپيۇتېر ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ.
    8.بېزىلەر كومپيۇتېر cpu نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كومپيۇتېرنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ.ئەمما  cpu نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش سۈرئىتى ئەسلىدىنلا قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئۇچۇرلارنى ئوقۇشىغا  قارىغاندا تىز بولۇپ، cpu نىڭ  چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا، بۇ خىل زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچتىن كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرنى تاپالماسلىقتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  نەتىجىدە سىستېمىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا پەقەتلا cpu نى ئەسلىدىكى نورمال چاستوتىسىغا قايتۇرساقلا ئوڭشىلىدۇ.
    9. ئاۋاز كارتىسى، كۆرسىتىش كارتىسىنى تەڭشەش توغرا بولماسلىق ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈۋېتىش،  DMA ياكى باشقا ئېغىزلارنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىشى سەۋەبلىكمۇ كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ.
    10. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، كومپيۇتېرنىڭ تولا قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ۋىرۇسخور پروگرامما قاچىلاپ، ۋىرۇس ئامبىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.
    11.  بىيوسنى تەڭشەشتە خاتالىق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: قاتتىق دىسكا پارامېتىرلىرى، ھالەتلىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ پارامېتىرلىرى مۇۋاپىق تەڭشەلمەسلىك سەۋەبىدىنمۇ كومپيۇتېر قېتىپ قالىدۇ.
    12. سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ خاتا ھالدا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى، سۈكۈت ھالەتكە كەلتۈرۈش پروگراممىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلارمۇ كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بۇنىڭ باشقا چۈشۈپ قالغان سەۋەبلەر تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !