باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئاساسى تاختىدىكى PCIEx1 ئوقۇرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى

    ۋاقىت:2011-03-24 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/110892168.html

    ئاساسى تاختىدىكى PCIEx1 ئوقۇرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى

    ئالدى تۆۋەندىكى ئاساسى تاختىدىكى ئاۋۇ ئەڭ كېچىك ئوقۇرغا  قاراڭ.

    ئېلگىرى نۇرغۇن دوسلۇرۇمغا كومپىيۇتۇر ئېلىشىپ بەرگەندە، ئۇلار تولىسى مەندىن ئاساسى تاختا ئۈستىدىكى ھەر خىل ئوقۇرلارغا قانداق ئۈسكىنىلەرنى چىتىشقا بولىدىغانلىقىنى سورايتتى. باشقا ئوقۇرلارغا چىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈپ باققان بولساممۇ ئەمما ھازىرغىچە بۇ ئەڭ كىچىك ئوقۇرغا چاتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭا قىياسەنلا يەنە بىر خىل كۆرسىتىش كارتىسى دەپلا قوياتتىم.

    بۈگۈن يەنە بىرەيلەن بۇ كىچىك ئوقۇرغا نىمە سالىمىز دەپ سورىۋىدى. ئۇنىڭغىمۇ «ئادەتتىكى كۆرسىتىش كارتىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل كۆرسىتىش كارتىسى بار، شۇنى سالىدۇ »دەپلا قويدۇم. ئەمما ئىچىمدە ئۆزۈممۇ بۇ ئوقۇرغا قانداق ئۈسكىنە چېتىلىدىكىنا دەپ ئويلاپ، كەچتە ئۆيگە كېلىپ بەيدۇ دىن ئىزلەشنى باشلىدىم.ئىزدەپ كۆرۈپ بۇ ئوقۇرغا چېتىشقا بولىدىغان ئۈسكىنىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

    مېنىڭچە بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى بۇ ئوقۇرغا قانداق ئۈسكىنىلەر چىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغۇ دەيمەن.ئەگەر سىزمۇ بۇرۇن بۇ ئوقۇرغا دىققەت قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ يازمىدا بولسۇن.

    ئالدى بۇ ئوقۇرغا چېتىشقا بولىدىغان ئۈسكىنە ھەقىقەتەن كۆرسىتىش كارتىسى بولۇپ، دوسلۇرۇمغا بەرگەن جاۋابىمنىڭ خاتا چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەر ھالدا خاتا تەشىۋىقات قىلماپتىمەن دەپ ئويلىدۇم. قېنى ئۇنداق بولسا، PCIEx1 ئوقۇرىغا چېتىلىدىغان كۆرسىتىش كارتىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

    يۇقارقىسى ئۈچ زاۋۇتنىڭ ئۈچ خىل تىپتىكى PCIEx1 ئۆلچىمىدىكى كۆرسىتىش كارتىىسى.

    يۇقارقى رەسىمدىكى ئۈسكىنىنىڭ نىمىگە ئىشلىتىدىلىدىغانلىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟ بۇ  ئۈسكىنە ئارقىلىق كومپىيۇتۇرغا SATA ئېغىزىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۆپ قاتتىق دىسكىلارنى چىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    بۇ سۈرەتتىكىسى بولسا Theater 550 Pro تىپلىق تىلىۋىزۇر كارتىسى. بۇنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىسىز.

    بۇ بولسا DeckLink Extreme تىپلىق سىن تۇتۇش كارتىسى ئىكەن. (视频采集卡) .

    يۇقارقىلار بولسا 1394 كارتىسى .

    يۇقارقى رەسىمدىكى ئۈسكۈنە ئارقىلىق PCI ئوقۇرى يېتىشمەي قالغاندا بۇ ئارقىلىق يەنە ئىككى دانە PCI ئوقۇرىنى كۆپەيتىكى بولىدۇ.

     

    بۇ بولسا سىمىسز تور كارتىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۈستەل كومپىيۇتېرىنىمۇ لەپتوپقا ئوخشاش سىمسىز تورغا ئۇلىيالايسىز.ئاۋۇ سىم بىلەن تۇرغىنى ئانتىنىسى ئىكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى  升技abit AirPace Wi-Fi  PCIEx1无线网卡

    بۇ ئوقۇرغا بۇلاردىن باشقا يەنە تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى قاتارلىق ئۈسكىنىلەرمۇ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئادەتتىكى كومپىيۇتېرغا چاتقىلى بولىدىغان ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەر قاندىقى بۇ ئوقۇر ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئىشلىنىپتۇ. چۈنكى بۇ ئوقۇرنىڭ تىزلىكى PCI ئوقۇرىغا قارىغاندا خېلىلا تىز ئىكەن. ئەمما ھازىرچە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى سەل قىممەت ئىكەن.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !