رەسىمسىز | ئوڭ سول كۆرسىتىش
» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | ياردەم مۇزىكىلىق بەت
مۇلازىمەتلەر
银行
朋友圈
勋章中心
道具中心
搜索工具

ئىجادىيەت مۇنبىرى » ھېس - تۇيغۇلار » ئۇماچ قازىنى
  • سودا تېما
  • راي سىناش
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇماچ قازىنى پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
(سىز بۇ تېمىنىڭ 583 - كۆرەرمىنى)

hellolife


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 8
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 268 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 305 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-05
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-22
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئۇماچ قازىنى

بۇ يازما ilterish تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-16)
بىزنىڭ ئەڭ توغرا گەپنى دېيىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق ﻫەم ئۇنداق ئىقتىدارىمىزمۇ يوق. تور قىرى يوق بىر ئەركىن دۇنيا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە بۇنداق تەلەپنىمۇ قويمايدۇ. [|~X~AO%  
70- يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار خېلى جىق ئىشلارنى كۆردۇق، كۆرمىگىنىمىزنى چوڭلاردىن ئاڭلىدۇق.  ﻫازىر مۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشقا كېلىپ قالدىم: ئالى مەكتەپ ئىمتىﻬانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋىلىگە "ئەدەبىيات، ماتېىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە" دېگەندەك كەسىپلەرنى تولدۇرغاننىڭ نېمە ئەﻫمىيىتى؟ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىپ نەگە بارىدۇ؟ بۇ ﻫەقتە بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز ناﻫايىتى ئورۇنلۇق بىر سۇئالنى قويغان "بالام سەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرسەڭ نېمە بولىسەن؟" ]4@z.1Mr  
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم قەيسەر تۇردىنى بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى دەپ قارايمەن. ئۇ ﻫەر بىر ئوقۇغۇچىدا ناﻫايىتى مول ﻫاياتىي كۈچ ۋە ئىجادىي ئىقتىدارنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىغا ئىشىنەتتى ﻫەم ﻫېچقاچان باشقا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىنى «ئوقۇغۇچىلاردىن ئالاﻫىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئادەم» دەپ قارىمايتتى. ئۇ بىزگە دائىم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دۇنيادىكى ﻫەرقانداق نوپۇزلۇق قاراشتىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىش» دېگەن مائارىپ ئىدىيىسىنى تەكىتلەپ تۇراتتى ۋە بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ:«مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئاراڭلاردىن چوقۇم مەشﻬۇر ئالىملار، يازغۇچىلار چىقىدۇ. سىلەر پۈتكۈل مىللەتنىڭلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭمۇ بايلىقىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن» دەيتتى. ئۇ بۇلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ﻫەممىدىن مۇﻫىمى قانداقتۇر ئۆلۈك تىرىشچانلىق ئەمەس، بەلكى «ئەستايىدىللىق ۋە پۇرسەتنى بايقاش ﻫەم ئۇنى چىڭ تۇتۇش» دەپ قارايتتى. ئۇ بىزگە يىغىن ئاچقاندا قانداقتۇر ئۆلۈك پرىنسىپلارنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ﻫەپتىلىك يوقلىما، تازىلىقتىن خۇلاسە قىلىپ، ئۇنى - بۇنى قوپۇرۇپ تىللاپ، تاشتەك قېتىپ كەتكەن شوئار ۋە چاقىرىقلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يۈرمەيتتى. بەلكى پەن تارىخى ۋە ئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرلىرى ﻫەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى ئۇنىڭ پلانىك بىلەن ئېينىشتېيننىڭ ﻫاياتى ﻫەققىدىكى ﻫېكايىلىرى. بىر قېتىم ئۇ بۇ ﻫەقتە سۆزلەپ كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا مەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر تەلەپپۇزدا:«... پلانىك ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئەسلىدە ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، لېكىن كېيىن باشقىلارنىڭ تەنقىدلىرىگە زىيادە ئەﻫمىيەت بېرىپ، ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنەلمەي، ئۆز تەلىماتلىرىنىڭ توغرىلىقىدا چىڭ تۇرالماي، تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرمىغانلىقىنى ﻫېس قىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلغان. لېكىن، بۇ چاغدا پىلانىك ياشىنىپ كۈچ - قۇۋۋىتىدىن قالغان، پەننىڭ يۈكسەك چوقىسىغا چىقىش پۇرسىتى ئاللىقاچان ئېينىشتېيىندەك كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياش، جاسارەتلىك ۋە ئىسيانكار ئالىملارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى...» دېگەن. kl[bDb1p  
دەرۋەقە، سىنىپىمىزدا غايىلىك ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىدى. ئاخىرى قانداق بولدى، ئارىمىزدىن تا ﻫازىرغىچە بىرەر ئالىم، يازغۇچى، باي ۋە ياكى ئەمەلدار چىقمىدى. پەقەتلا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بىرەيلەن 3- دۇنيا ئەللىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ. 0-Xpq,0  
مېنىڭ ئەڭ ئېچىنىدىغىنىم، ئەقىللىق، غايىلىك، تىرىشچان ئۈچ نەپەر ساۋاقدىشىم. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تا ﻫازىرغىچە تۈزۈكرەك بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىدى. مۇندىن بىر يىل بۇرۇن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدىكى بىرى ماڭا "مېنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالدى" دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن چۈچۈپ كەتتىم. چۈنكى بۇ قىز باشقىلارنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالغاندا ئۇلارنى روﻫلاندۇرۇپ، ئىلﻬاملاندۇرۇپ تۇرىدىغان، تۇرمۇشى رېتىملىق، ئەستايىدىل، سوغۇققان بىر قىز ئىدى. مەن ئويلاپ قالدىم "ئەگەر ئۇمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا، باشقا ئادەملەرگە بىر نېمە دېمەك تەس". بۇ ئۈچەيلەننى ئويلىساملا "جەمئىيەت ياشلارغا ﻫەقىقەتەن ئادالەتسىز، رەزىل مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ" دېگەن خۇلاسسىگە كېلىمەن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن بۇ قارىشىمنى قەيسەر تۇردىغا دېدىم، ئۇ ماڭا:" توغراا دەيسەن، بىزنىڭ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىز، بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر پروگراممىسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتە ناﻫايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىرى بالىلارنى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە چوقۇنىدىغان قىلىپ يېتەكلەش، يەنە بىرى، بالىلارنىڭ كاللىسىغا <تىرىشىپ ئۆگەنسە ياخشى ئادەم بولغىلى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ> دېگەن خاتا قاراشنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. بالىلارغا راست گەپنى قىلىش كېرەك، تىرىشچانلىق ﻫەممە مەسىلىنى ﻫەل قىلالمايدۇ، بىر ئوقۇغۇچى ﻫەر قانچە تىرىشىپ ئۆگەنسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ناﻫايىتى يامان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قانۇنىيەتلىك دۇنيا، بالىلارغا بۇنى ئېنىق دېيىش، <تىرىشىپ ئۆگەنسە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تىرىشىش ئارقىلىقلا ﻫەممە مەسىلىنى ﻫەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ....> دېيىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە XJTV  دە شۇ ﻫۆكۈم خاراكتېرلىك گەپنى دەۋاتقانلار، ئاقىۋەتتە ﻫېچكىمنىڭ تەقدىرىگە، تىرىشىپ يامان كۈنگە قالغانلارنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولالمايدۇ" دېدى. KM (U-< 
ئۇ يەنە چاقچاق ﻫېسابىدا بىر گەپنى قىلدى: "ئۇكام، بەزىلەر قاچىسىغا گۆشنىڭ جىقراق چىقمايۋاتقانلىقى، تەڭ چىقمايۋاتقانلىقىدىن زارلاۋاتىدۇ، لېكىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانساق، ئەگەر چۆمۈچنىڭ سېپى سەن-بىزنىڭ قولىمىزدا بولسا، گۆش تۈگۈل قاچىمۇ تېگەرمىدى بىراۋغا؟..." >fo &H_a  
تۈنۈگۈن بىرەيلەن "ئەينى دەۋىردە كىچىك ﻫوقۇقدار ۋاقتىمدا تاماقنىڭ سۈيى ئۇسسۇلۇپ قالسا، ئۇ ئىشتاننى سېلىپ كاسىسىدىكى تارتۇقنى كۆرسىتىپ <كۆردۈڭمۇ ماۋۇنى، ئېشەك! مانا بۇ غوجاكاڭ چاڭجاڭنى كېسىپ ئۆتكەندە ئوق تەگكەن يەر، ئاشنىڭ قويۇقىنى ئىچەرمىزمىكىن دەپ، جاننى تىكىپ قويۇپ، ماۋۇ دۆلەتنى مىڭ بىر جاپادا ئازات قىلساق، مانا ئەمدى سەن سېرىق تۈك چۆمۈچ تۇتۇۋېلىپ ئاشنىڭ سۇيۇقىنى ئۇسسۇۋاتىسەن، ئاناڭنىڭ ﻫەققى بارمۇ بۇ قازاندا؟!>؟ دەيتتى" دەپ بىر ئۇزۇن ﻫېكايىنى بايان قىلدى. (JFa  
بىر نەچچە يىل بۇرۇن چوڭلاردىن تارىخ ئاڭلىغىنىمدا ئۇلار ماڭا "20 نەچچە ياشلىرىمدا تۇڭگان يېغىلىقى بولدى. <تۇڭگان كەپتۇ> دېگەن بىر گەپ بىلەن مەﻫەللىدىكى ﻫەممەيلەن قاچتۇق، جاڭگالغا چىقىپ بىر گەمە كولاپ شۇ يەردە كۈن-كۈنلەپ چىقماي ياتتۇق. بەزىلىرىمىز يۇلغۇنلۇققا مۆكۈنىۋالدۇق، تۇڭگانلار كېلىپ ئۆيدىكى ئاشلىق، چارۋا-ماللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەتتى. <تۇڭگان كەتتى> دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاستا-ئاستا يۇرتقا قايتتۇق" دېگەن ئىدى. بۇ گەپنى يېقىندا يەنە ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بۇ تارىخنى سۆزلىگەن چاغدىكى روﻫىي ﻫالىتى، چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلدىم. "ئەمەتنىڭ ئۆيدە بىر موزايلىق ئىنەك باركەن، بىر كەمدە ئىنەك بوشىنىپ كېتىپ كېگىز ئورنى يەرنىڭ قونىقىنى يەپ كېتىپتۇ" دېگەن بىر ۋەقەنى بايان قىلغانغا ئوخشاشلا بىر كەيپىيات بار ئىدى. ئۇنىڭدا نە خۇرسىنىش، نە غەزەپ، نە خۇشاللىق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ تارىخقا ئۇلىنىپ، ئوسمان قىرغىزنىڭ ئازغىنە ئادەم بىلەن قەشقەر خوتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقى، ما نىڭ بىر نەچچە يۈز  ئەسكەر بىلەن يېڭىشەﻫەر سېپىلىگە بېكىنىۋېلىپ، پۈتۈن سۈرۈك بىر يۇرتنى ئوڭىچە سورىغانلىقى.... دەك تارىخلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ?"AcK" v  
"ئۇ جامائەتنىڭ ئالدىدىلا مېنى تىللاپ، ئىشتىنىنى سېلىپ كاسىسىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى، ئۇ كەتمەننىڭ چۇلدىسى تەككەن يەرمۇ، يا يۇلغۇننىڭ پۇتىمىقى كىرگەن يەرمۇ، بىز بىلمىدۇق ئۇكام، ئۇ ئوق يېگەن يەر دېدى، ئوق يېسىمۇ يېگەندۇ، ئۇنىڭ ئوق يېگەن يېرىدە بىز يوق." دېدى ﻫېلىقى ئادەم. y)U8\  
ئاتا-بۇۋىلىرىمىز بىزگە زادى نېمىلەرنى قالدۇردى؟ يىراق تارىخ- ﻫۇنلار، ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ياكى مۇ قۇرۇقلۇقى ﻫەققىدىكى رىۋايەتلەرگە زادىلا قىزىقماس بولۇپ قالدىم. بىز خۇددى كلاسسىكلىرىمىزنىڭ خەلق تۈركۈملەپ قىرىلىپ، ئاچ-زارلىقتا يۈرگەن ئاشۇ دەۋرلەردە خوتۇنلارنىڭ يورغىلىشى، يار ۋەسلىگە يېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ﻫەققىدە يازغان توقام-توقام شېئىرلاردىن قانداقتۇر "زۇلمەتلىك دەۋرگە بولغان غەزەپ، يار دېگىنى ئاللاﻫ دېگىنى" دېگەندەك يوق نەرسىلەرنى قېزىپ، سەلتەنەتسىز ئۆتمۈشنى سەلتەنەتكە، خۇنۇك قەلەمكەشنى قەﻫرىمانغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقىنىمىزدەك، يېقىنقى، ﻫازىرقى زامان تارىخمىزدىكى خۇنۇك سەﻫىپىلەرنىمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە يالتىرىتىشقا تىرىشىمىز. L~ V 63K  
بىر دېﻬقان "ئۇكام، موشۇ يېزىنىڭ جاپاسىنى، ئۆزۈم كۆرۈۋاتقان ئىتتىن بەتەر كۈنلەرنى ئويلىسام، ئانام مېنى شەﻫەرنىڭ بىر ﻫاجەتخانىسىغا بولسىمۇ تۇغۇپ قويغان بولسىچۇ، دەپ قالىمەن" دېگەنىدى. {NE;z<,*:  
خۇددى شۇنىڭدەك، 20 نەچچە ياشلىق ئاتىلىرىمىز تۇڭگاندىن قېچىپ يۇلغۇنلۇققا مۆكۈنىۋالغانىكەن، تېزەك تېرىپ كىرىپ بىر يەرگە دۆۋلەپ قويسا، خۇش بولۇپ يىغلاپ كەتكەنىكەن، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوماچ قازىنى ئالدىدا ئۇنى-بۇنى دەپ زاكۇنلىشىشقا تىلىمىز بارارمۇ؟ ~;m~)D  
بەزى ئادەملەر كىشىنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرىدۇ. ئەمەت ﻫەققىدە تازا تاتلىق غەيۋەت بولۇۋاتقان چاغدا "ﻫەي، بۇرادەرلەر، موشۇ گەپنى ئەمەتنىڭ ئالدىدا دېسەڭلار بولمامدۇ؟" دەپ سالىدۇ، غەيۋەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ پەيزى ئۇچىدۇ. -<&"geJA  
قە؛ەمدارلارنىڭ بىر سورۇنىدا، بىر مۆتىۋەر: "پالانچى يازغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش خاتا بوپتۇ" دېگەن پىكىرنى دەپتىمىش. مەن دېدىم "شۇ مۆتىۋەر نېمىشقا بۇ گەپنى تىرناقچىلىق ﻫوقۇقى يوق يازغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا دېگەندۇ؟ نېمىشقا بىر تەرەپ قىلغانلارغا دېمەيدىغاندۇ؟ ئۇ مۆتىۋەرنىڭ دوبەن بەرگەن تەمتىكى تۇرسا، شۇ تەمتەكنى كۆرسەتسە ﻫەر قانداق بەگ-بوجاڭ بىلەن كۆرۈشەلەيتتى، ئۇدۇل كىرىپلا: "بۇ ئىش خاتا بوپتۇ، جانابلىرى ماڭا بۇ تەمتەكنى مانا موشۇنداق خاتالار ﻫەققىدە ئەقىل كۆرسىتەمتىكىن دەپ بەرگەن ئىدىلە، پېقىر ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ﻫوزۇرلىرىدىن ئادالەت تىلىگىلى كەلدىم" دېسە بولماسمىدى؟ ika{>hbH  
"غىت قىسىڭ، بىز سىياسىينى ئويناپ بولالمايمىز، ئۇكام" دېگەنىدى تاﻫىر ﻫامۇت بۇلتۇر بىر ئىش ﻫەققىدە. SVXey?A;CJ  
يېقىندىن بۇيان، بەگ-بوجاڭ ۋە بايلارنىڭ غەيۋىتى قۇلاققا تېتىمايدىغان بوپ كەتتى. بۇ مۇنداق ئاددىي بىر لوگىكىدىن كەلگەن: ئۇلار زىيادە كۆپ جاپا ۋە بەدەل ئارقىلىق غەلبە قىلغان. مۇنداق زىيادە جاپا ۋە بەدەلنى تۆلىمىگەنلەر ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا ئاڭلىماسلىق كېرەك. Q+G=f  
ﻫېلىقى ﻫېكايىچى:"بىزمۇ يالۇجاڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ﻫىندىلارنى تېرى-پېرەن قىلغان، ئۇكام، لېكىن كېيىن ئاتلىق پولك يوق بولدى، قولىمىزدا لىن بياۋنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر كېنىشكە قالدى...." e5fJN )+a  
- يېقىندىن بۇيان داۋۇت ﻫاشىم رەﻫبەرلىكىدە چۇڭقۇرچاق دېﻬقانلىرىنىڭ كۈنى زىيادە ياخشىلىنىپ كېتىپتىمىش دەپ ئاڭلىدۇق يا ئاكا؟ - دەپ سورىدى بىرەيلەن گەپ ئارىلاپ. L6$,<}l  
- شۇنداق ئۇكام، جىق ياخشى بوپ كەتتى، كەمبەغەل، تۆۋەن، ئوتتۇرا دېﻬقانلارمۇ كاستيۇم كىيىپ، گالىستۇك تاقايدىغان سەۋىيىگە يەتتى.....


[ بۇ يازما hellolife تەرپىدىن 2007-12-4 10:17 دە قاي ]

چوققا Posted: 2007-11-15 19:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [باش يازما]
hellolife


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 8
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 268 نۇمۇر
پۇل: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 305 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-05
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-22
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

بۈگۈن ئەتىگەن ئىدارىغا يېقىن يەردىكى بىر يايمىنىڭ ئالدىدا ناشتا قىلدىم. يېنىمدا ئىككى كىشى سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنىڭ يامان ئەمەس كېتىۋاتقانلىقى ﻫەققىدە سۆزلەشتى. بىرەيلەننىڭ "بازارغا ئىش قىلمىغىلى ئۇزۇن بولدى" دېگەن گېپىدىن تامچى، ياغاچچى ياكى شۇنىڭدەك بىرەر كەسىپ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. يەنە بىرەيلەن بىر ناﻫىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقتا بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى دېدى، يەنە بىرسى سەل يىراق كۆرۈۋىدى، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ئوبدانلىقىنى دېدى. ئاندىن ئۇلار يەنە ئەﻫۋال سوراشتى. بىرسى ئۆزىنىڭ بىر تائىپىدىن 10 يىلدىن بېرى پۇلىنى ئالالماي سوتلاشقانلىقى، سوتتا تېنىۋالغانلىقى، سوتچىنىڭ تېنىۋالغۇچىنى تىللىغانلىقى، كېيىن مۇرەسسەگە كەلگەنلىكى، لېكىن ئۇلارنىڭ قەرىز قايتۇرۇش ۋاقتىنى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىگە توغرىلاپ قويغانلىقىنى دېدى. قارىغاندا ئۇ سوتتىن ئانچە نارازى ئەمەس ئىدى. !J6k\$r  
بۇ گەپتىن كېيىنلا سوت ۋەقەسىنى سۆزلىگۈچى قارشى تەرەپنىڭ ئانىسىنىڭ ئەﻫۋالىنى سورىدى. قارشى تەرەپ "يامان ئەمەس تۇردى، لېكىن ياشىنىپ قالدى" دېدى. قارشى تەرەپ "ياشىنىپ قالدى" دەپ تەكرارلىدى. ئەﻫۋال سورىغۇچى ئاللاﻫنىڭ ئانىنى رازى قىلىش ﻫەققىدىكى كالامىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: #D}NT*w/  
- ئاداش، بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىزنى يىغسا بىر-ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، لېكىن بىز ئۇ پۇللارنى تۇتالماي قالدۇق، ﻫېلىمۇ خۇداغا شۈكرى پۇل دېگەننى تاپىدىكەنمىز، تېپىۋاتىمىز. ئەڭ مۇﻫىمى بىز ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلساق بولىدىكەن، بىزنىمۇ خۇدا ئۆز دەرگاﻫىغا ئېلىپ كېتىدۇ، بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ بىلمەيمىز، ئۇ دۇنيادا خۇدانىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولۇش ئۈچۈن ئانىمىزنىڭ بەك ﻫۆرمىتىنى قىلساق بولىدىكەن، كۈندە بىر قېتىم يوقلايلى، ﻫەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ يوقلاپ تۇرايلى، سىلىنىڭ ئاناڭلىنى مەن بىلىمەن، ئاچچىقى يامانراق، لېكىن ئاداش، ﻫەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ ئۇ ئانا، سىلە ﻫەرگىز گەپ ياندۇرماي كۈندە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرۇڭلا.... 12rr:(#%s  
بۇ چاغدا ئابدۇللانىڭ "ئانا" دېگەن ناخشىسىنىڭ ئارلىقىدىكى بىر جۈملە سۆزى ئېسىمگە كەلدى. مەن مارالبېشىدا يەر تەۋرىگەن چاغدا باشقىلاردىن ئابدۇللانىڭ موشۇ يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئانىلارغا بېغىشلاپ بىر ناخشا ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئابدۇللانىڭ بۇ ئىشىدىن تەسىرلەنگەنىدىم، كېيىن بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ مۇزىكىسى، تېكىستىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاتتىق ﻫەيران قالغانىدىم. بىر چاغلاردا مەن بۇ ناخشىنى كۈندە ئىشتىن قايتقاندا ئاڭلاشنى ئادەت قىلغانىدىم، ناخشا ئارلىقىدا ئابدۇللا قىستۇرغان سۆزلەر ماڭا زىيادە تەسىرلىك، كاتتا بىر نۇتۇقتەك تۇيۇلاتتى. "ئەسسالامۇ ئەيكۇم، ناۋا ئۈن-سىن مەركىزى بىز ئۈچۈن ﻫازىرلىغان مانا موشۇ مەشرەپ سورۇنى ئارقىلىق، كەڭ سورۇن ئەﻫلى بىلەن بىرلىكتە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى بارلىق ئانىلاردىن قىزغىن ﻫال سورايمىز ۋە ئەڭ ئالىي سالامىمىزنى يوللايمىز!" #FeM.k6  
ﻫۈنەرۋەننىڭ مۇﻫتاجسىز ﻫالدا ئۆز كۈنىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى، بىرمۇنچە پۇل تاپقانلىقى، ئانىسىنى ئويلىغانلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى. 2#py>rF(  
دەرۋەقە بۇ بىر ئاددىي ئىش. لېكىن ﻫەممىلا تەرەپتە نەس باسقاندەك تۇيۇلىدىغان موشۇ كۈندە كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئادەمنى ﻫاياجانغا سالىدىكەن. ئادەملەر بىر كىشلىك خىزمەت ئۈچۈن بەك جاپا تارتىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ خىزمەتكە ئېرىشكەنلەر گۆشنى يېگەنسىرى رەڭگى تاتىرىپ، غەم-ئەندىشىدىن قۇتۇلالماي ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئاتىلار بىزگە "بالام ﻫۆنىرىمنى ئۆگىنىۋال، مەندىن كېيىن قالساڭ، خارلىقتا، مۇﻫتاجلىقتا قالمايسەن" دېگەن ئىدى. مانا بۇ گەپلەرنى بىز شۇ چاغلاردا چۈشەنمىگەن ئىدۇق. چۈنكى بىز مۇﻫتاجلىق، خارلىق دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتۇق. بىز مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىمىز ئەۋەتكەن پۇلغا چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، قولتۇقىمىزنى كىتابنى قىستۇرۇۋېلىپ قىزلار بىلەن كۈلكە-چاقچاق بىلەن ماڭساق، ئۆزىمىزنى جاﻫاندىكى جىمى ئىشلارنى بىلىدىغاندەك ﻫېس قىلاتتۇق. لېكىن بىز 17 يىل ئۆگەنگەن نەرسىلەر بىلەن پەقەت ﻫۆكۈمەتكە ياللىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق جان باققىلىلا بولاتتى، ئۇنىڭسىز بىز بىر پاي ئاياغنى ياماپ بەش موچەن ئالغۇدەك ﻫۈنەر يوق ئىدى. ئاتىلار بىزدىن بالاپ "بۇ مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن نېمە بولىسەن؟" دەيتتى. بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيتتۇق، شۇنىڭ بىلەن يا ئۇلارنى نادانغا چىقىرىدىغان يا ئۆزىمىزنى نادانغا چىقىرىدىغان جاۋابتىن بىرنى بېرەتتۇق. ئويلىسام ئۇلارغا ماتېماتىكا، خىمىيە، ئەدەبىيات، فىزىكا... دېگەندەك پەنلەر ﻫەققىدە چۈشەنچە بېرىشلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئۇچىغا چىققان نادانلىق ئىدى. چۈنكى ئاتىلار بۇنداق قۇرۇق گەپلەرنىڭ زادىلا ئاقمايدىغانلىقىنى بىلەتتى! ئۇلار پەقەت بۇ پەنلەرنىڭ قايسى ﻫۈنەر تۈرىگە كىرىدىغانلىقى، بۇ ﻫۈنەر بىلەن كەلگۈسىدە مۇﻫتاجلىق ۋە خارلىقتىن يىراق ياشىيالايدىغان-ياشىيالمايدىغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەتتى. بىز فىزىكىدا ئوقۇغان بىلەن ئۆيدىكى رادىئونى ئوڭشىيالمايتتۇق، بىئولوگىيەدە  ئوقۇغان بىلەن پاتقاق گازى ياسىيالمايتتۇق، جىن چىراغقا پىلىكمۇ ياسىيالمايتتۇق. بىز بۇ ﻫالىمىزنى كۆرگەن ئاتىلار بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئارتۇق گەپ قىلمايتتى، بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز تەقدىرىمىزنى ﻫۆكۈمەتكە تاپشۇراتتۇق.... fC81(5   
تۈنۈگۈن كەچ بىرەيلەن بىلەن مەنىۋىي بايلىق ﻫەققىدە سۆزلىشىپ قالدۇق. بۇنىڭ زادى نېمىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى زادىلا بىلەلمىدىم، ئۇمۇ شۇنداقراق كەيپىياتقا كەپ قالغانلىقىنى دېدى. چۈنكى بىزدە ئۇ ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان، لېكىن ئۇنى يا ئىشلەتكىلى، ﻫېچ بولمىغاندا جېنىمىزنى بېقىشقا سەرپ قىلغىلى بولمايۋاتاتتى. توغرا، ﻫامىنى بىركۈنى ئەسقاتىدۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مەنىۋىي بايلىق بىلەنلا ياشىغان كىشىلەر ئىت ئۆلۈمىدە قىينىلىپ ئۆلدى. ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن قاغىش ئالدى. چۈنكى قورسىقىدا لىق پوق بىلەن بىلىم قاچىلىغان بۇ زىيالىيلار، ئالىملارنى دوختۇرخانىنىڭ پۇل ئېلىش تۆشۈكلىرى تونۇمىدى، يەرلىك بېرىدىغان گۆركارمۇ تونۇمىدى. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلۈكى يات يۇرتتا قالدى، ئۇنى ئىشلەتكەن تەشكىل بىزدىن ئىئانە يىغىپ ئاران دېگەندە ئەكەلدى. بىر بىلىملىك ئوقۇتقۇچى بار ئىدى، ئۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، بىز ئىئانە يىغدۇق. كۈلكىلىك يېرى ئۇنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالدى، نېمىشقا دېگەن سۇئالغا، "سىز خىزمەتكە چىقمىسىڭىز قانداق مائاش بەرگىلى بولىدۇ؟" دېگەن جاۋابنى ئالدى، ئۇ ئاخىر ئۆلەمىجان تېىنىنى سۆرەپ خىزمەتكە چىقتى.... 7qnw.7p  
ئەينى چاغدا مەن بۇ ئىشلاردىن قاتتىق چۆچىدىم دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن كېينكى رېئاللىق مېنى راستىنلا چۆچۈتتى. گەرچە بېشىمغا ئۇنچە ئېغىر كۈنلەر كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق بىر كۈن كەلسە ئۆزۈمنىڭ ﻫەقىقەتەن خارلىق ۋە مۇﻫاجلىق ئىلكىدە قىينىلىپ كېتىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. مەسىلە بايان بىلەن ﻫەل بولمايدۇ. موشۇ كۈنلەردە مەن بايلار ۋە كومپارتىيىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماس بوپ كەتتىم، چۈنكى ﻫەر ئىككىلىسى پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن ئىتنىڭ جاپاسىنى تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنىدى، قاخشىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئاتا-بۇۋىسى ئۇنداق بەدەل تۆلەشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، گېپى گەپ بولماي قالغاندا قاخشاش بىلەن ئۆزىنى ئاۇۇندۇرۇشىقا مەجبۇر. ئەسىرلەردىن بېرى ﻫۈنەرۋەنلەر ئەتىۋارلاندى، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ﻫۈنىرى، پەمىگە تايىنىپ باشقىلاردىن ياخشى ياشاۋاتىدۇ، كىشىلەر ئۇلاردىن پات-پات قاخشاپ قويىدۇ، قاخشاشقا باﻫانە تاپالىمىسا، ئۇلارنى ﻫاكاۋۇرلۇققا چىقىرىدۇ.  بايلار، ئادۋۇكاتلار، ئىنژىنىرلار، بوغالتىرلار ۋە شۇنىڭدەك ئاقىدىغان ئىشلارنى قىلىپ پۇل ۋە يۈز تېپىۋاتقانلار ﻫاكاۋۇر بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە خارلانماي، ئەتىۋارلىنىپ ياشاش ئۈچۈن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرگەن، جاپا تارتقان، خورلانغان، ئۇلار ئەشۇ يىللاردىكى جاپالىرىنى باشقىلارغا كېرىلىپ- كېكىرىش، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، تەكەببۇرلۇق بىلەن چىقىرىۋالمىسا قانداق چىقىرىدۇ؟ cZHlW|$R  
چوقۇم ياخشى، باياشات ياشاش كېرەك! لېكىن ﻫەرقانداق بىر ئادامنىڭ ئۆزىنى خارلاش ئەركىنلىكىمۇ بار....

چوققا Posted: 2007-11-15 20:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [1 -قەۋەت]
Kuntughdi


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
پۇل: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-11-16
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئىجادىيەت يەنە ئەسلىگە قايتىپتۇ دە، مۇبارەك بولسۇن، سالام ھايات ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدە بارغانچە بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ماۋۇ يازمىنىڭ ئۆزىدە نەق گەپلەر دېيىلىپتۇ. uS<&$J H  
ئاخشام تېلېۋىزوردا مەدەنىيەت بوستانىدا ئۇيغۇرلار ئاقسۆڭەك مىللەت دېگەندەك گەپلەر چىقىپ قالدى، مۇنۇ تېمىنى ئويلاپ ئوقۇپ باقسام، بۇنداق قۇرۇق سۆلەت ئاقسۆڭەكلىكنىڭ نېمىگە پايدىسى. كىمنىڭدۇر بىرسىنىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلار ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئاخىرىدا روھىي چۈشكۈن ۋە سۇلغۇن ھالەتتە تارىختىن بىزار بولىدۇ دېيىلىپتىكەن. |qZ4h7wL  
مېنىڭچىمۇ بۈ كۈنلەردە يەنىلا ئەسقاتىدىغىنى ئەمەلىي ئىش ۋە ئەمەلىي گەپلەر.

چوققا Posted: 2007-11-16 12:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [2 -قەۋەت]
yixildunya


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئەسەر سالماق،سوغۇققان پوزىتسىيەدە  ،ئەمىلىيەتچىل پىكىرلەر بىلەن يورۇتۇلغان .ئوقۇسا ئادەمنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.ئەسلى رىئالىزىم مۇشۇنداق راست گەپلەردىن پۈتسە كىرەك.ھارماڭ قەلەم ساھىبى!

ئۆلۈم  يېتەرلىك.
چوققا Posted: 2007-12-12 16:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [3 -قەۋەت]
sawutjan




دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 45
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
پۇل: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-14
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-25
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

تارىخ. مىختەك تىكلىپ تۇرغان رىېئاللىق. I)n%aTfo8  
چوڭ ياشلىق ساۋاتسىز ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم كىلىپ تۇرىدۇ. بېشىدىن كۆپ ئىشلار ئۆتكەن دەيمىز. fF<~2MiKw  
بىز ياشلاردىن قاتتىق خاپا بولغان پىشىقەدەملەرنىڭ پاراڭلىرىنى ئىشىتكەندىم.ئۆيلايتىم؛ ئۇلار بىزگە مۇشۇنداق بىر دەۋىرنى مىراس قالدۇرغانلىقىدىن، قالدۇرۇپ قالغانلىقىدىن  نۇمۇس قىلىشى، ئۆزنى ئەپۇ قىلىپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سەمىمى ئۆتونۇشى كىرەكتى. &(irri_  
بىر مەزگىل ئۆتتى. ئۇلارنىڭ بارلىق خىياللىرى ئۆتمۇ-تۆشۇك ھالەتتە ئىچىننىشلىق چىىچىلىپ،  ياشلارغازەھەردەك سىېڭىپ كەتتى. Y+lZT4w  
بىز نىېمگە ۋارىسلىق قىلدۇق؟ ئەمدى بىزنىڭ قولمىزدىن نېىمە ، قانداق ئىېشلار كىلىدۇ؟ بىزنىڭ بىزدە بار بولغان ئەقىل- پاراسىتىمىز، تەجىربىلرىمىز،  قىممەت قاراشلىرىمىز ،زامان ۋە كىلاسسىكلار نىڭ((بىز زۆرۇرئۆگۇ گۇنۇشكە تىگىشلىك غەرىپ،جۇڭگۇ))  ئىنىرتىتسىيەسى بىزگە قانداق تەقدىرنى بەخشەندە قىلار؟ wR\%tumk  
بىز ئالدىراپ مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى تاپقاندەك قىلىمىز ،ئەمما، ھەل قىلىش چارىسىنى تىپشىمىز ناھايتى قىيىن، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىى بىزنى جەلىپ قىلىدۇ، بەزىدە ۋەيران قىلىدۇ. تۇرۇپ ھىچىنىمگە ئىرشەلمەي قالمىز. بىزنى ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلدىغىنى--شۇنچە ئارزۇ قىلىپمۇ ، كۇچەپمۇ ھىچنىمگە ئىرشەلمەسلىك.

چوققا Posted: 2007-12-12 18:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [4 -قەۋەت]
yixildunya


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-12
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

ئادەمنىڭ كۆز ئالدى كۈپ-كۈندۈزدىمۇ گاھ-گاھ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدىغان بولدى،بىراق بىز تىخى ئۇ ياشقا بارمىغان ئىدۇق.ئارقىمىزدا يوقلۇق ،ئالدىمىزدا ئاللىقانداق مۇمكىنلىكلەرنى يوشۇرۇپ تۇرغان ئېنىقسىز بوشلۇق.گېزىتلەرنى ئۆرۈپ -چۆرۈيمىز.رادىيو -تېلىۋىزىيەنىڭمۇ چۈمپەل ئىچىدىكى «نازىنىن »ئىكەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلىپ ،توختىماي قانال يۆتكەشتىن زېرىكىپ ئۆچۈرىدىغان بولدۇق.كىتاپنى ئوقۇۋېرىپ «كىتاپ-بىلىم بۇلىقى »دېگەن گەپنىڭ بىريەرلىرىدە يەنە تالاي كاملىقنىڭ بارلىقىنى،بىز «كىتاپ»دەپ كۆتىرىۋالغان نەرسىنىڭ رىئاللىقتىن ئىبارەت ھەقىقى كىتاپنىڭ پەقەت بىر ياكى بىر نەچچە ۋارىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.ئۆزىمىز ۋە دۇنيا ھەققىدە سۇئاللىرىمىز تالاي،چاچلار ۋاقىتسىز شالاڭلاپ تۈگىگىلى تۇردى،بىراق جاۋاپتىن ھېچ ئەسەر يوق.ئەجداتلاردىن ئاغرىنىشقا بولامدۇ؟بۇمۇ بىر مەسىلە.شۇنداق ،مەغلۇبىيەت ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي يىغىلىۋەرگەن  كۆپ مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىىسى.

ئۆلۈم  يېتەرلىك.
چوققا Posted: 2007-12-13 01:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [5 -قەۋەت]
malika1976


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-15
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-01-26
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

مەنمۈ تارىق ۋە بۈگۈن ئۈستىىدە ،ھازىرقى ياشلار نىمە قىلىش كىرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە چۈڭقۈر ئۈيغا پاتىمەن.مىنىڭچە ھەممە ئادەم زارلانماي ،ئاللاھ بەرگەن جاننى قەدىرلىشى،ئاتا_ئانىنى قەدىرلىشى ، بالىلارنى ={B%qq  
جاپاغا چىداملىق ،بىلىملىك،ئەخلاقلىق،تەربىيلەش كىرەك.

چوققا Posted: 2008-1-17 21:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [6 -قەۋەت]
-AYAZ-


دەرىجە: يېڭى ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 315 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش

مەنمۇ يېقىندىن شۇنى ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم، ئەگەر بىز ئامىرىكىدا تۇغۈلۇپ ئۆسۈپ قالغان بولساق قانداق بولار ئىدى؟ بەلكىم بىزمۇ ئۇلاردەك باي باياشاد ياشىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ يەنە نىمە پايدىسى؟ ئايغىمۇ چىقارمىز، مارسقىمۇ چىقارمىز، بەلكىم بىز ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىغان پىلانىتلارغىمۇ چىقارمىز، (مېنىڭچە ھازىرچە بىزنىڭ بىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئارزۇيىمىز شۇ). ئۇ يەرلەرنى پەقەتلا شۇ كۆرگىلى بولىدۇ، باشقا تەسىرات قالمايدۇ. يا ئۇ پىلانىتنى يەرشارىغا ئەكىلىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكىم ئۇ يەردە تۇرۇپ قالغىلى بولار، لېكىن ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا يەنە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن بىر ۋاقلىق ئۇيغۇنى ئۇخلىماي بولمايدۇ. *%E4 ,(T  
نەچچە يۈز مىليارد، نەچچە يۈز تىرلىيون پۇلىمىزمۇ بولار دەپ ئويلاپ باقتىم. لېكىن مېنىڭ دىگەن مۇنچىلىك پۇلۇم بار دەپ كۈندە ئون ۋاق تاماق، ئۈستى-ئۈستىگە ئېسىل كىيىم كېچەكلەرنى كىيىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. بەلكىم شۇ نەنى خالىساق شۇ يەرگە بارغىلى بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنداق كۈنلەر بىلەن ھازىرقى كۈنلەرنىڭ نىمە پەرقى؟ ~l+2Z4nV  
ئەركىنلىك دىگەندە ئادەمنىڭ روھى جەھەتتىكى ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ئەڭ مۇھىم، ئەگەر سەن روھىڭنى ئازاد قىلالىساڭ ئاندىن ھەقىقىي ياشىيالايسەن. TD!--l*gL  
بەزىلەر ھازىر بىزنىڭ كۈنلىرىمىز بەك تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قاقشىشىدۇ، كۈن ئۆتكۈزۈش  ئاسانلىشىپ كەتكەن بولسا ئۇلار بىكار ئولتۇرۇپ پۇل تاپالايدىغان بولغىيمىتى،؟ ھەتتا ئاتالمىش كوممۇنىزىم دەۋرىدىمۇ ھەركىم قابىليىتىگە يارىشا ئىشلىشى كېرەك ئىكەنغۇ؟ UQ c!"D  
دىمەك ئادەم مەيلى قايسى دەۋردە ياشىسۇن، يەنىلا شۇ ئۈچ ۋاق تاماق بىر قۇر كىيىم ئۈچۈن ياشايدۇ. C.].HQ  
شۇڭلاشقا ئۆز روھىمىز ئازاد بولماي تۇرۇپ بۇ چۈشنىڭ ئىچىدىكى چۈشتەك بىلىنىدىغان دۇنيادا تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشىماي ئامال يوق!

كىملىكمنى سورىما مەندىن!
چوققا Posted: 2008-3-15 12:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=> [7 -قەۋەت]
ئىجادىيەت مۇنبىرى » ھېس - تۇيغۇلار

مۇنبەر باياناتى   مۇھەررىرلەر سەمىگە    تورداشلار سەمىگە    جىددىي ئەسكەرتمە    تېما يوللىغۇچىلار سەمىگە

 


Total 0.021436(s) query 5, Time now is:03-27 10:36, Gzip enabled 新ICP备07000889号
Powered by PHPWind v5.3 for Uighur by Kroran Code © 2007-03

Contact us | Wap | Top