9- بۇ - ئىلمىي سورۇن. يازما يازغۇچىلار ۋە پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار مەسىلىلەرگە ئىلمىي پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشى، ئىلىمىي ئەمگەكلەرگە ئىلمىي ئاساسلار ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرۇشى كېرەك. خۇسۇسىي خام خىيالغا ئاساسەن ئىلمگە مۇئامىلە قىلماسلىقى، ئىنكار قىلماسلىقى، خاتا نۇقتىنەزەرلەرگە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تۈزىتىش بېرىشى كېرەك. rAH!%~ 10- تور بېتىمىزنىڭ تېخنىكىلىق ﻫالقىلىرىدا يۇچۇقلار كۆرۈلسە، بىر ئىلىم ئىگىسىگە خاس پەزىلەت بىلەن يۇشۇرۇن ﻫالدا، مۇناسىۋەتلىك تۈزگۈچىلەرگە ئەسكەرتىپ قويۇشىنى، بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. tVAi0`DV 11- يازما يازغۇچىلارنىڭ ئىملاغا تولىمۇ دىققەت قىلىشىنى، موشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ سۈپىتىنى قوغداش بىلەن بىرگە، باشقا تور بەتلىرى ۋە تورداشلارغا ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈلۈك سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىنى تولۇق ئىگىلەپ كېتىش بىر قەدەر قىيىن، شۇنداقتىمۇ بىر كىشى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆگەنسە ۋە سەللا دىققەت قىلسا كۆپلىگەن ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىز ئىملا قېلىپى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان "ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى" (1997-يىل نەشرى) ياكى مەزكور كومىتېت بېكىتكەن موشۇ ﻫەقتىكى ئەڭ يېڭى قورال كىتابلاردىن ئىبارەت. تور بېتىمىز تورداشلارنىڭ ئىملادا پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى. v>8C}d^ 12- تورداشلارنىڭ بىردەك مىللەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى جەۋلان قىلىپ، بىر-بىرىنى ﻫۆرمەتلىشى، ئابروي - ئىناۋەت قوغلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكىنى، زېﻬنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىزدىنىشى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ خالىس تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. >h\y1IrAaG ______________________ _K^Q]V[nZ ئىجادىيەت مۇنبەر ئىشخانىسى
مۇنبەر باياناتى مۇھەررىرلەر سەمىگە تورداشلار سەمىگە جىددىي ئەسكەرتمە تېما يوللىغۇچىلار سەمىگە