رەسىمسىز
|
ئوڭ سول كۆرسىتىش
» سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
ياردەم
مۇلازىمەتلەر
银行
朋友圈
勋章中心
道具中心
搜索工具
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
»
تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
«
1
2
»
Pages: ( 1/2 total )
سودا تېما
راي سىناش
بۇ بەتتىكى تېما:
تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
پرىنتلاش
|
IE دا ساقلىۋېلىش
|
تېما ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
(
سىز بۇ تېمىنىڭ 1023 - كۆرەرمىنى
)
ilterish
دەرىجە:
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
6
يازما سانى:
141
شۆھرەت:
882 نۇمۇر
پۇل:
1744 سوم
تۆھپە:
50 نۇمۇر
ياخشى باھا:
665 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-20
تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
بۇ يازما ilterish تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-16)
[align=justify]ئى
لاۋە:
njc-=o
مەزكۇر ئوبزرنى مۇئەللىپ بۇرۇن ئىزدىنىشتە بىر قېتىم ئېلان قىلغانىدى، يېقىندا بىز ئاپتور بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ مۇنبىرىمىزدە قايتا ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتۇق.
Sv_Nb >
_______ مۇھەررىردىن
-.Blj<2ah
mqj-/DN6*
تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار
%.m+6 zaF
f14^VTzP/#
ئاپتورى: سالام ھايات (Hello Life)
8t3m$<7
مەن "ئىزدىنىش"نى كۆرگەندىن بېرى پات-پات تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ گېپى بولۇپ قالاتتى. كېيىن ئۆزى كىردى، شېئىرلار يوللىدى. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ زادى كىملىكىنى ئانچە بىلمەيدۇ، مەنمۇ تولۇق بىلمەيمەن ﻫەم بىلسەممۇ بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمايمەن. لېكىن ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ كىتابى ﻫەققىدە بىر نېمە دېگۈم بار ئىدى، دېيەلمىدىم، "ئىزدىنىش"تە بولسىمۇ دېگۈم بار ئىدى. دېيەلمىدىم. تاﻫىر ﻫامۇت، مەمتىمىن ئەلا، داۋۇت ئوبۇلقاسىم ... قاتارلىق بىر نەچچەيلەننىڭ ئەسەرلىرى ﻫەققىدە توختالغۇم بارتى، لېكىن قىلالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرى، سەۋىيەم يەتمەيدۇ. يەنە بىرى، مەن ئوبزور خاراكتېرلىك ماقالىلارنىڭ قېلىپىغا ماسلىشالمايمەن. كىچىكىمدىن "تارىم"ژۇرنىلىدىكى "مۇﻫاكىمە ۋە تەقرىز"نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەچكە، چوقۇم شۇنىڭدەك بولۇش كېرەكتەك تۇيۇلىدىكەن. ئۈچىنچى بىر سەۋەب، مەن كىتاب ئوقۇسام تەسىرى قالىدۇ، لېكىن ﻫېچقانداق بىر كونكىرىت مەزمۇن، جۈملە يادىمدا قالمايدۇ، شۇڭا ماقالىلاردا ئۇنى نەقىل ئالالمايدىكەنمەن، كەمبەغەل بولغاچقا نەقىلگە لازىم بولغۇدەك بىرمۇنچە كىتابلىرىم يوق. شۇڭا نەچچە يىلدىن بېرى يازىمەن دېگەنى يازالماي كەلدىم.
j U $G<G
بۈگۈن "ئىزدىنىش"تىن تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ شېئىرلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئۆيدە كۆردۈم. ئۇنىڭدىكى بەزى ئىنكاسلار مېنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم "بىلىمسىز بولساڭمۇ، باشقىلارنىڭ ئەجرىگە بولغان لىللا بىر باﻫايىڭ، ﻫۆرمىتىڭنىمۇ بىلدۈرەلمەمسەن؟".
&s(J:P$!
تاﻫىر ﻫامۇتنى مەن ئۈرۈمچىدە كۆرگەن. مەن بىرەيلەنگە قويۇلۇپ كەتكەن، پۇلۇمنى ئېلىش كويىدا ئىدىم. تاﻫىر ﻫامۇت بۇ ئىشقا غەزەبلەندى، پات-پات ئەﻫۋال سوراپ تۇردى. ئۇ چاغدا ئۇ بىر خالتا كۆتۈرۈۋاپتىكەن. ئىچىدە مىڭ بەتلىك ئارگىنال باركەن. كېيىن ئۇ مەندىن: "ئۇكام، بىرەر نەشرىيات سودىگىرىنى تونۇمسىز؟" دەپ سورىدى. مەن :"بىرەيلەننى تونۇيمەن، لېكىن ئۇ دىنىي كىتابقىلا مەبلەغ سالىدۇ" دېدىم. "باشقا ئامالىنى قىلارمەن" دېدى. بۇ ئىشقا ياردەم بېرەلمىگىنىمدىن سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى. كېيىن قويمىچىدىن پۇلۇمنى ئالدىم ۋە بىر كومپيۇتېر سېتىۋالدىم ۋە ئۇنىڭغا "كىتابىڭىزنى مەن ئۇرۇپ بېرەي" دېدىم. ئۇ رەﻫمەت ئېيتىپ رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇ چاغدا كومپيۇتېرنى تۇنجى قېتىم بەش مىنۇتتىن ئارتۇق تۇتۇپ بېقىشىم ئىدى. مەن خەتنى قانداق ئۇرىدىغانلىقى، نېمىدە ئۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، پەقەت شۇنداق بىر قىزغىنلىقلا بارتى.
-@e2/6Oi
كېيىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەﻫۋالىنى سورىدىم. قەرىز ئېلىپ نەشر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. كىتاب نەشردىن چىقتى. مەمتىمىن ئەلا تەﻫرىرلىك قىپتۇ. تەﻫرىرلىك، كوررىكتورلۇقمۇ بەك پاكىز بولغانىدى.
f4 qVUU
كېيىن تاﻫىر ﻫامۇتنى كەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ئالدىغا چىقتۇق. قىزغىنلىق ئىچىدە ئۇنى بىر قېتىملىق لېكسىيە، سۆﻫبەتكە تەكلىپ قىلدۇق. باشقا بىر مەكتەپنىڭ سىنىپىدا لېكسىيە بولدى. دەرۋازا بېقىۋاتقان ئايال "ئەدەبىيات ﻫەققىدە سۆﻫبەتمۇ؟ ۋاي ئېسىت، مەنمۇ قاتنىشاتتىم، ئەدەبىياتقا ئامراقتىم، لېكىن مەن بۈگۈن نۆۋەتچىكەنمەن" دەپ قالدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ گەپ ﻫازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە.
?!K6")SE
لېكسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. بەزى سۇئاللار سورالدى. مەيداندىكىلەر نېشىنى كۆپ چېكىۋەتكەن ياكى كەندىر يېغىدا سالغان قۇيماقنى جىق يەۋەتكەندەك خارامۇش ئولتۇراتتۇق. كۆپ قىسىملارنىڭ كاللىسىدا تاﻫىر ﻫامۇت سۆزلەۋاتقان مەزمۇنلارغا نىسبەتەن بىرەر ئىدىيىۋي تەييارلىق يوق ئىدى. سۇئالمۇ يوق ئىدى. ﻫەر ﻫالدا سۇئال قوزغاتقانمۇ بولدۇم. لېكىن ﻫەممەيلەن خۇشال قايتتۇق. ئاخىرىدا مەن تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابىنى ساتتىم، ئۇ ئىمزا قويۇپ بەردى. ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان كىتابقا "ﻫۆرمەتلىك ئىنىم، سىزنى قاتتىق جەلپ قىلغان گەپ-سۆزلەرگە ئېﻬتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ" دەپ يېزىپ بەردى. شۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ﻫېلىقى قويمىچى پۇلنىلا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئىدىيىنىمۇ قاتتىق زەﻫەرلىگەنىدى. تاﻫىر ﻫامۇت مانا موشۇ بىر مەزگىللىك ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا شۇنداق يازغان بولسا كېرەك.
{l)$9!
مەنمۇ كىتاب تۈزۈپ باققان. بۇ تەس ئىش. تۈزۈلگەن كىتابلاردا كىشىنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلە - كىتابنىڭ سىستېمىسىنى قانداق تۇرغۇزۇش. يەنى، نېمىنى باشتا دېيىش، نېمىنى ئۇنىڭدىن كېيىن دېيىش... دېگەندەك. بۇنىڭ تەييار قېلىپى دائىملا ئۇچراپ تۇرمايدۇ. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مانچە تىلدىكى مانچە ئون پارچە كىتاب بار، يەنە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ ئۇچۇر كاللىدا قاچىلاغلىق. مانا موشۇلارنى قانداق قىلىپ بىر كىتابقا رەتلىك سىغداشنىڭ ئۆزى بەك تەس ئىش! ئەڭ مۇﻫىمى بىر ئادەم "ماۋۇنى باشتا ، ماۋۇنى ئۇنىڭدىن كېيىن يازاي" دېگەن بىر ﻫۆكۈمگە كەلگۈچە بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت- ئۇنىڭ پۈتكۈل تەربىيىلىنىش، ئىزدىنىش مۇساپىلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر مەندىن "خىزمىتىڭ تەسمۇ؟" دەپ سورايدۇ. نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەيمەن. چۈنكى بۇ خىزمەت ئەسلى تەس، لېكىن ماڭا نىسبەتەن پەقەت تەس ئەمەس، لېكىن موشۇ "تەس ئەمەس" دېگەن گەپنى قىلىش ئۈچۈن مەن 17 يىل تىرىشتىم، مېنىڭ بۇنداق ئاسان قىلالىشىم مېنىڭ 17 يىللىق جاپالىق -جاپاسىز تىرىشىشلىرىمدىن كەلگەن. مانا بۇنىڭ ئۆزى- كەسىپ. بۇنى خەققە چۈشەندۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
.L+XV y
قىسقىسى، مەن تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ﻫەر قانچە ئويلاپمۇ موشۇنداق بىر كىتابنىڭ بىرەر بابىنىمۇ تۈزەلەيدىغىنىمغا زادىلا ئىشىنەلمىدىم. يەنە كېلىپ "غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى" دېگەن ئۇقۇمنىڭ بىر سىستېمىسى ئەمەس، شۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىمۇ كاللامدا ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ كىتاب ئاز دېگەندىمۇ 4-5 يۈز پارچە ئەسەرگە چېتىلاتتى، موشۇلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئوقۇمىغان تەقدىردىمۇ ئاز دېگەندە بىرەر يۈز پارچە ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بىلەن بولسىمۇ تونۇشقاندا ئاندىن بىر نېمە دەپ تىل چاينىغىلى بولاتتى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرچە ئەمەس.
4EHrd;|
مانا موشۇنداق جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە تۈزۈلگەن كىتاب ئەدەبىياتخۇمار ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا 3 مىڭ پارچە سېتىلماپتۇ. بىر نەچچە يىل بۇرۇن سورىسام "ئۆيگە بېسىپ قويدۇم، قەرىز تېخى گەدەندە" دېگەنىدى ئۇ. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆزﻫالدىن سورىسام "يەنە مىڭ پارچە باركەن" دېدى.
3 3|t5Ia
بۇ ﻫەممەيلەن چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر كىتابمۇ ئەمەس، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئەدەبىيات سېپىدىكى ﻫەر بىر كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك بىر كىتاب ئىدى. بىزدە ئاز دېگەندە 5 مىڭ كىشى مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ﻫەممىسى ئۆزىنى ئەدەبىياتچى، ﻫېچ بولمىسا ئەدەبىيات ﻫەۋەسكارى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئارىدا ﻫېچكىممۇ "ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەيلى" دېگەن گەپنى قىلمايدۇ. دۇنياغا يۈزلىنىش دېگەن بەك چوڭ گەپ! بۇ گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، دۇنيانى، دۇنيا ئەدەبىياتىنى چۈشىنىش ﻫەققىدىلا ئېغىز ئاچساقمۇ، بىر ئەدەبىياتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غەرب ئەدەبياتى بىز بىلىشكە تېگىشلىك بىر ئەدەبىيات ئىدى. ئەگەر بىز غەربنى، غەرب ئەدەبىياتنى بىر دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرگەن تەقدىردىمۇ، دۈشمەننىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى، ﻫىيلە-مىكىرلىرىنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابىغا مۇراجەت قىلىشنىڭ ئورنى يوق، لېكىن ئۇيغۇرلاردا تېخى بۇ ساﻫەدە ئۇنىڭ كىتابىدىن باشقا كىتابمۇ يوق!
.%s U)$bH
تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ "ئۆيگە بېسىغلىق تۇرىدۇ" دېگەندىكى ﻫالىتى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ﻫارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆز ئەجرىگە لايىق بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكىسچە بىرمۇنچە يۈكنى يۈكلىۋالغانىدى. دەرۋەقە، داۋۇت ئوبۇلقاسىممۇ بىر مۇنچە ئىلمىي ئەمگەكلەردىن كېيىن قاتتىق ﻫارغىنلىق ئىچىدە "قانداق قىلىش كېرەك" دېدى، لېكىن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى. كىتابلىرىمۇ تۈزۈك سېتىلمىدى. داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەييارلىغان، ﻫەممەيلەن ئېغىزىغا لىققىدە ئالىدىغان ئىبىن سىنانىڭ "ئەلقانۇن فىت تىب"مۇ كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ يېتىپتۇ. تاﻫىر ﻫامۇتمۇ كىتابىنى "1-قىسىم" دەپ ئاتىغانىدى، كېيىنكى قىسىملىرى يوق. بەزىلەر مەندىن "2- قىسمىنى قاچان يازىدۇ؟" دەپ سورىدى. مەن "يازمايدۇ، پۇل يوق" دەپلا جاۋاب بەردىم.
<)p.GAZ
مەيلى بۇ ئەمگەكلەر قانچلىك قىممەتكە ئىگە بولمىسۇن، ئىشقىلىپ ئەجىرلەر تېگىشلىك جاۋابلارغا ئېرىشەلمىدى.
59O-"Sc[
مانا بۇ- بىزنىڭ ئىزدىنىشچان زىيالىيلىرىمىزنى ﻫارغۇزۇۋەتكەن، ئۈمىدسىز قىلىۋەتكەن، سەپرا قىلىۋەتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
'Y /0:)
يەنىلا موشۇ ساﻫەدىكىلەر بولسىمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىنى، ﻫۆرمىتىنى قىلىشمىساق بولمايدىكەن.
g_1#if&
v,S5C
شۇنىڭ بىلەن قەلەم تۇتقانلار يەنىلا جان بېقىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي مەسىلىنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ قالدى. بەزىلەر يا كەسىپ ئۆزگەرتتى، يا يېزىقچىلىقنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىمايدىغان بولدى. تاﻫىر ﻫامۇتمۇ شۇنداق.
8ix_<$%
مەنغۇ ئېغى بىلەن بېغىنىڭ تايىنى يوق بىر ئادەم، لېكىن مەن جېنىمدا نۇرغۇن ئىشلارغا قورساق كۆپۈكى بولۇپ يۈرۈيمەن، بەلكىم باشقا نۇرغۇنلارمۇ شۇنداقتۇ.
$8)XN-%(
"ئىزدىنىش" تىكىلەرنىڭ نەسىﻬىتى بىلەن مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتتىم. بۇ نەسىﻬەتلەر ئارىسىدا مېنى ئەڭ قايىل قىلغىنى نىجات قاتارلىقلارنىڭ "ئاداش، قەلەم ﻫەققىنى بولسىمۇ ئالغىن" دېگەن گېپى بولدى. مەن قانداقتۇر مىللەت ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمەن. سەۋەب بەك ئاددىي: بىرى،بۇ- مېنىڭ كەسپىم؛ ئىككىنچىسى، مېنىڭ ﻫازىرچە موشۇنىڭدىن باشقا قىلالايدىغان ئىشىممۇ يوق؛ ئۈچىنچىسى، مەن بۇ ئارقىلىق مەنپەئەتكە، خۇشاللىققا ئېرىشىشىم مۇمكىن.
F?|Efpzow?
چوڭ گەپنى باسمىدى، سەۋەب بىرلا- "باسالمايمىز". تەرجىمىگە چۈشتۈم، چوڭراق مەزمۇننى يەنا باسمىدى. بىر نەرسىنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتسەم ئۇنى باسماي، باشقا بىركىمنىڭ نۇسخىسىنى بېسىپتۇ، يەنە كېلىپ جىق يەرلىرى خاتا. بىر ئاغىنەمدىن "نېمىشقا باسمايدىكەن، سوراپ باق" دېسەم، ئۇلار "بىز ئەسەرلەرنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ بولغان، ﻫېلىقى ئاغىنىڭىزنىڭ تەرجىمىسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىز باشقىلارغا بېرىۋەتكەچكە شۇڭا ئۇنى ئىشلەتمىدۇق" دەپتۇ. "كىملەرگە ئۇيۇشتۇرىدىكەن؟" دېسەم، "ئۆزىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىگە" دەيدۇ. ئاچچىقىمدا ۋارقىرىۋەتتىم: "خەلقتىن ئالغان باجغا چىقىرىۋاتقان ژۇرنالنى ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەن بۆلۈشىۋالىدىغانغا ئانىسىنىڭ ﻫەققى بارمىكەن ئۇ نېمىلەرنىڭ! ؟"
FDQ=$w}'>
بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇلار ئاڭلىمايدۇ. بۇ تار كوچا تېخىمۇ تارلىشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى تۈكى يوق ئۇششاق-چۈششەك گەپلەر، پەن-تېخنىكا ساۋاتلىرى، دېﻬقانچىلىق ئۇچۇرلىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەۋەتتىم، ناﻫايىتى ئوبدان باسىدىغانلار باركەن. لېكىن يەنە ﻫېلىقى ئاغىنەم بىركۈنى مەست ﻫالدا: "ئاداش، پوبلىستىك ئەسەرلەرنى يازمىغىن، ئەدەبىي ئەسەر ياز، تەرجىمە قىل" دەپ نەسىﻬەت قىلىپ تېلېفون قىپتۇ. "تەرجىمىنى نەگە بېرىمەن؟ ئىش ﻫېلىقىدەك تۇرسا" دېسەم، "ئۇغۇ شۇ" دېدى ۋە "يىگانە ئادەم" دەك يازغىن، دېدى. بۇ ساﻫەدە ناﻫايىتى كۆپ ئۇچۇر توپلىغان بۇ دوستۇم ئابېرىت كامۇدىن كۈتكەن تەلەپنى قويۇۋاتاتتى. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئانچە ئىشەنمىسەممۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە رەﻫمەت ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرى ﻫەققدە ئويلىنىپ قالدىم. لېكىن يىلان چاققان كىشى ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ "ئەل-ئاغىنىلەرنى ئىزدە، ئاز دېگەندە تۆت-بەشى ژۇرنالدا ئىشلەۋاتىدىغۇ" دەپ "ئەقىل" ئۆگەتتى. ﻫەيييييييي، ئەمدى بىزمۇ پاخاللاشتۇرامدۇق؟
755,=U8'wi
بۇرۇن مەن تاﻫىر ﻫامۇت بىلەن كۆرۈشمەستە باشقىلاردىن "تاﻫىر ﻫامۇت ئىچكىرىدە خەنزۇچە شېئىر يېزىپ 100 مەشﻬۇر شائىرنىڭ بىرى بوپ باﻫالىنىپتۇ" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ راستمۇ؟ راست بولسا قايسى ئورگان باﻫالىغان؟ قانچىلىك دائىرىدە؟ مەن بۇلارنى بىلمەيمەن.
,\s`T O
كىشىلەر تور بەتلىرىگە ئامراق. بۇ يەردە ئەسەر ئېلان قىلغىلى بولىدۇ، قەلەم ﻫەققى يوق، لېكىن توك، تور ﻫەققى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە زىيان بولىدۇ. لېكىن بۇ بىر خۇماركەن.
`UTPX'Vz
بۈگۈن تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ "ئىككى ئادەمنىڭ ئەپسانىسى" دېگەن شېئىرىنى ئوقۇدۇم. كاللامدا "چۈشىنىش" دېگەن ئۇقۇم ئېنىق ئەمەس، لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئانچە قىينىلىپمۇ كەتمىدىم، ئۆزۈمنى دۆتلۈكتە ئېيپلاپمۇ كەتمىدىم. چۈنكى بەزى شېئىرلارغا "چۈشىنىش" دېگەن ئۇقۇم ماس كېلىدۇ، بەزىلىرىگە پەقەت "ﻫېس قىلىش" ماس كېلىدۇ. مەن ﻫېس قىلغانىدىم. ئارقىدىن "يۇلغۇنجان" مۇنداق بىر ئىنكاسنى يېزىپتۇ:
:Ln)j%&
"مەن مۇنداق ئويغا كەپ قالدىم ، بولسا مۇشۇ ئۇسلۇپتا يېزىلىۋاتقان نەرسىلەرنى شېئىر دەپ ئاتىماي يېڭىچە بىر نام بەرسەڭلار بوپتىكەن، ماڭا ئوخشاش سەۋىيىسى تۆۋەنلەر بۇنى شېئىر قىلىپ ئوقۇيالماي، ماقالىدەك ئوقۇپ چۈشۈنەلمەيدىكەنمىز."
hO]F\0+
دەرۋەقە، يۇلغۇنجاننىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكى راست، ئۇ سەمىمىي گەپ قىپتۇ. مېنىڭچە بۇ كىشى بىر ئەمەلىيەتچىل ئادەم. لېكىن بۇنى زادى چۈشىنىش مۇﻫىم ئەمەس. چۈشەنمىسىمۇ بولىدۇ ياكى تاﻫىر ﻫامۇت ئېيتقاندەك :" بۇنداق " نەرسىلەر " نى ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ پەقەتلا زۆرىيىتى يوق". مېنىڭچە بۇ تەنە گەپ ئەمەس.
z_!IA ] v
شۇنداقلا مەن يەنە تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ "پروكايىن ئوكۇلى"، "ﻫېيتكاﻫ ئالدىدا سېتىلىدىغان پارچە نېشە" دېگەن سۆزلەرنى نېمىشقا شېئىر ئىچىدە يازغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. لېكىن مەن تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ بىﻬۇدە قوشۇلغان دەپمۇ قارىمايمەن. مېنىڭچە شېئىرنى بۇخىل يېزىش بىزگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىق بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن، بىز تېخى تۈنۈگۈنلا "ئۇلۇغ پرولىتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"نى ئۇزاتتۇق. تاكى مىڭ يىللارغىچە تەتقىق قىلىشقا، تاشلارغا ئويۇپ يوللارغا قاداپ قويۇشقا تېگىشلىك بۇ ئىنقىلاب بىزگە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ﻫۆرمەت قىلىش، ﻫېچ بولمىسا سۈكۈت قىلىشنى بىر خىل جىنايەت سۈپىتىدە مەجبۇرىي تاڭدى. بۇ خىل تېڭىلىش تاكى كېيىنكى ئەسىرگىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتماسلىقى مۇمكىن.
W;Y^(f
يۇلغۇنجان ﻫەققىدىكى گەپ باياتىن تۈگىدى. خۇلاسسىمىز : ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان زوقىغا ﻫۆرمەت قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئەدىبلەرنىڭ ﻫەرخىل يېزىش ئۇسۇللىرىغىمۇ ﻫۆرمەت قىلىش كېرەك. بۇ ئارىدا كېلىشەلمىگۈدەك ئىش يوق.
=mO5~~"W+v
كىشىلەر نېمىشقا ﻫەرخىل يازدىدۇ؟ نېمىشقا چۈشىنىكسىز سۆز -ئاتالغۇلار دائىملا يولۇقۇپ تۇرىدۇ؟
{^z73Gxt,
بۇ گەپنى ﻫەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن سورىغان ياخشى. چۈنكى ﻫەركىمنىڭ خىيالى ﻫەرخىل. بۇ يەردە بىز بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنى تەﻫلىل قىلالىشىمىز مۇمكىن.
r8s>s6vm
ئۆتكەندە ئەكبەر داۋۇت تەنﻬا تېلېفون قىلىپ "ئۇكا، سىز بىر ئەسەر بار دەپ ئاڭلىدىم، شۇنى بىر نېمە قىلساق" دېدى. بۇ ئىشتىن رايىم قايتقان ئىدى. لېكىن ئويلىسام شۇ كىشى ئەدەبىياتنىڭ ﻫۆرمىتىنى قىلىپ مېنى ئىزدىگەنىدى. تەسىرلەندىم. شۇنىڭ بىلەن 6-قېتىم "قىرقىش"نى باشلىدىم. شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم "ئاكا، دەۋىر بىزنى ماﻫارەت جەﻫەتتىن تاۋلاپ، ئىپادىلەشكە ئۇستا قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ" دېۋىدىم، ئۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇمۇ شۇ خىيالىدىكەن.
u%~'+=
"تەڭرىتاغ"ژۇرنىلى بىر قاتار سۆﻫبەتلەرنى باشلاپتۇ. بۇ قېتىم قۇربان ياسىن بىلەن ئادىل مۇﻫەممەت تۇراننى زىيارەت قىپتۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنقىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېيىنكىسى ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئىككەيلەن شىنجاڭنىڭ ئىدىئولوگىيە ئالدىنقى سېپىدىكى كوماندىرلار ﻫېسابلىنىدۇ. قۇربان ياسىننىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيمەن. ئادىل تۇران تارىخ تەتقىقاتچىسى، تىرىشچان، بىلىم خۇمار ئادەم. بىز نېمىلا بولمىسۇن ئۆز رەﻫبەرلىرىمىزنى كۆزگە ئىلىشىمىز كېرەك! گەپلىرىنى ئىلىك ئېلىشىمىز كېرەك! "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى ياخشى قىلدى. بىز رەﻫبەرلىرىمىز بىلەن سەمىمىي مۇڭدىشالايمىز.
@."K"i'Bl
قۇربان ياسىن پارتىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت فاڭجېىنى تەكىتلەپ، نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىق ﻫەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى دېدى.
2iG+Ek-?"
ئادىل تۇران بۇنى دېيىشتىن سەل نېزىقاپ "بىزنىڭ ئەدبلىرىمىز پارتىيە، ﻫۆكۈمەتنىڭ قەلەم تۇتقانلاردىن زادى نېمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ"، "بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىقنى بەك ئوبدان بىلىدۇ!" دېدى. ئادىل تۇران زادى نېمىنى يازماسلىقنى دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمىنى يېزىش كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇ بەزى سۇئاللارغا خىزمەت ئېﻬتىياجى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى موشۇ ساﻫەنىڭ ئادىمى بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
~HB#7+b
دەرۋەقە، يازغۇچىلىرىمىز بۇ تەلەپلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. كۆرەشچاندەك قاپاقباش مۇﻫەررىرلەرمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى. ئادەملەر بەزىدە ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بەزى ئىشلارنى كېلىشتۈرۈپ قىلغانلىقى تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى دۆتلۈكى تۈپەيلىمۇ خەقنىڭ ئېغىزىدا "ۋاﻫ" بولۇپ قالىدۇ. بىز بىر ئادەمگە باﻫا بېرىشتە يەنىلا ئۇنىڭ ﻫاياتىدىكى بىرەر تاساددىبىيلىقنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئەمگىكىنى تارازىغا سالغىنىمىز ئەۋزەلرەك.
lxyT h'
گەپ دائىم قېيىپ كېتىپ تۇرىدۇ. تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ شېئىرلىرىمۇ قېيىپ تۇرىدۇ. گەپنى بەك ئېنىق يازالايدىغانلار قازا قىلدى. رەﻫمەتلىك روزى سايىتنى ئىسمايىل ئەمەت ياخشى كۆرەتتىكەن، رەﻫمەتلىك زوردۇن سابىر مىجىت ناسىر بىلەن ئاغىنىكەن. بۇنداق كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئامەت ئەلۋەتتە ﻫەممىمىزگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىكەن. گەرچە مەن بۇ يەردە يەنىلا "پروكايىن ئوكۇلى"نىڭ زادى قانداق نېمىلىكىنى بىلمىسەممۇ.....
,VS\ mG/}s
بىز باشلانغۇچتىن تارتىپ "مەركىزى ئىدىيىسى" ئېنىق بولغان ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن شېئىرلارنى ئوقۇپ چوڭ بولغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن "مەجبۇرىي چۈشىنىش" ﻫاسىل قىلمىساق بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل "چۈشىنىش"نىڭ قېلىپى بولاتتى. بىز تەربىيىلەنگەن ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ﻫەرقانداق ئەسەردىن چوقۇم بىر چۈشىنىش ﻫاسىل قىلىش كېرەك ئىدى.
-D~K9u]U_
مەن ئارقىدىن "تىمور"نىڭ بۇ شېئىر ﻫەققىدىكى تەﻫلىلىنى ئوقۇدۇم، مەن بۇخىل "ئوپراتسىيە"نىڭ زادى دەل جايىغا چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىگە ئېنىق بىر ﻫۆكۈم كېسەلمىسەممۇ، لېكىن مېنىڭ 2- ۋە 3- قېتىم بۇ شېئىرنى ئوقۇشۇمغا "تىمور"نىڭ چۈشەنچىسى سايە تاشلىدى. مەن شۇ قېلىپتىراق تۇرۇپ چۈشىنىشكە باشلىدىم. 4- قېتىممۇ كاللامدا تولىمۇ روشەن بىر "چۈشىنىش"ئەكىس ئەتمىدى، لېكىن 1- قېتىمقىدىن ياخشىراق ئىدى. لېكىن مەن ئاساسەن ﻫېس قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم، تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ چۇڭقۇر ﻫېس قىلىشىم، تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىشىم مۇمكىن، ﻫازىر زورۇققىنىم بىلەن ئۇ مەقسەتكە يېتەلىشىم ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۆۋەتتكى ئەڭ جىددى ئىشمۇ ئەمەس.
Kk8wlC
بۇ يەردە ئەدەبىيات ﻫەققىدە پاراڭلىشىپ قالىدىغاندەك قىلىمىز. ئېسىمدە قېلىشىچە، مۇندىن نەچچە ئايلار بۇرۇن" ئەر تۈرك" نىڭ باشلىشى بىلەن "چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى" ناملىق بىر مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يەردە ئەدەبىيات ﻫەققىدە خېلى كەڭ بىر سۆﻫبەت بولغانىدى. ئويلىسام خېلى كۆپ گەپلىرىمنى شۇ يەردە دېگەندەك قىلىۋىدىم، ﻫېلىغىچە شۇنى چاپلاپ قويارمەن. ئاڭغىچە مۇنبەردىكى بىر قىسىم قەلەمكەش دوستلىرىمغا دەيدىغان گەپلىرىمنى دەۋالاي.
6Qkjr
مەن بىرەر كىتاب ياكى ژۇرنالنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن تۈزۈك بىر نېمىنى كۆرەلمەي قالسام ئاچچىقىم كېلىدۇ. چۈنكى ژۇرنالمۇ، يازغۇچىمۇ بىزگە "ياخشى ئەسەر بىلەن تەمىنلەيمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن. لېكىن تور بەتلەر بىزدىن پۇل ئالمايدۇ. ئالىدىغىنى تېلېگراف تارماقلىرى بىلەن ئېلېكتىر شىركەتلىرى. شۇڭا "ئۇنىڭدا ياخشى ئەسەرلەرنى باسمىدىڭ، يازمىدىڭ" دەپ بىرەر كىمدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. "شۇڭىمۇ پالانچىنىڭ ئەسەرلىرى بەك ناچاركەن" دېگەن خۇلاسسىگە كەلسەك، دەرﻫال شۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغان ياخشى. بولسا ئەسەر يازغانلار ماڭا ئوخشاش ماۋزۇسىغىلا توردىكى ئىسمىنى قىستۇرۇپ قويغان ياخشى. مۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرىدىغانلار شۇ ئىسىمغا قاراپلا ئاچىدۇ، ياقتۇرمايدىغانلار شۇ ئىسىمغا قاراپ "ﻫېلىقى بىر نېمىنىڭكەنغۇ" دەپلا يانداپ ئۆتىدۇ، ۋاقتىنى تېجەيدۇ، زېﻬنىنى تېجەيدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر نېمىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىنى ئەسكى قىلىۋالمايدۇ. لېكىن مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بەزى قەلەمكەش دوستلىرىمىزدا، بولۇپمۇ بىر قىسىم شائىر دوستلىرىمىزدا ئىلگىرىلەش كۆپ ئەمەس، ﻫەتتا بەزىلەردە ئىلگىرىلەش پەقەت يوق، يەنە شۇ قېلىپ. مەن بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بەك ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن. ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقى تۇغما تالانت ئارقىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يەردىكى تۇغما تالانت سىز تۇغۇلۇپ تا ﻫازىرغىچە بولغان مۇﻫىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ ﻫۆجەيرە، قان تومۇر... ۋەﻫااكازالىرىڭىزنىڭ باشقا بىرەيلەننىڭكى بىلەن ئوپ-ئوخشاش بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، قاننىڭ ئايلىنىشى ئوخشىمىسا ﻫېسمۇ ئوخشىمايدۇ.
g{V(WyT@
مەن ناﻫايىتى جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق شائىر، يازغۇچى بولغىلى بولىدۇ، دېسە ئانچە ئىشەنمەيمەن . بۇ ﻫۆنەر ئەمەس. شۇڭا كۆپلەپ يېزىش ئارقىلىق تاشقى (تىل) ماﻫارىتى ئۆسۈشى مۇمكىن، لېكىن ئىچكى ماﻫارەتنىڭ ئۆسۈشى ناتايىن. يېقىندا مەلۇم بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ قالدىم. ئەسلىغۇ ئوقۇمايتتىم، لېكىن "بۇ ئادەمدە ئىلگىرىلەش بارمىدۇ؟" دېگەن گۇمان بىلەن ئوقۇدۇم، ئىلگىرىلەش يوق. بارغانسىرى چېكىنگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
gD9CA*
شېئىر- ئۇ بىر تۇيغۇ. مەن شائىرنى پەيغەمبەر ياكى يەنە باشقا بىرەركىملەرگە ئوخشىتىشنى توغرا تاپمايمەن. ئۇنچە سىرلىقلاشتۇرۇشنىڭ، مۇقەددەسلەشتۈرۈشنىڭ ﻫېچبىر ئورنى يوق. شۇنداقلا سادام بىلەن بۇش شېئىر ئوقۇغان بولسىمۇ، ﻫەتتا شائىر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بولىدىغان ئۇرۇش بولىۋېرەتتى. نوبېل مۇكاپاتى سەﻫنىسىدە دېيىلگەن بۇ گەپنىڭ سىياسىيدا ﻫېچقانچە قىممىتى يوق. چۈنكى شېئىرنىڭ ئۇنچىۋالا ئۇلۇغ قۇدرىتى يوق. شۇنداقلا مەن يەنە "خەلق ئۈچۈن شېئىر يازدى" دېگەن باﻫالارغىمۇ ئانچە ئېرەن قىلغۇم كەلمەيدۇ. بۇ بەك چوڭ گەپ! ئۇنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تارىخىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس.
yMN JHiE/
گەپ يەنە قېيىپ كەتتى، مەن بۇ يەردە تىلىمنى چايناپ بىر گەپنى زادىلا دېيەلمەيۋاتىمەن. ئەسلى بۇ گەپنى دوستانە بىر تەكلىپ سۈپىتىدە دەي دېگەنتىم، لېكىن مېنىڭ تىلىم زەﻫەر، پىشانەم شورلۇق بىر ئادەم. گەپ يامىنىغا كېتىپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە ئازراق دەي:
6TW<,SM
بىر قىسىم شائىر دوستلار:
cb^IJA9}
سىلەر جىق گەپ قىلماڭلار، ئېنىرگىيە شۇ گەپلەرگە خۇراپ كېتىدۇ؛ جىق نەرسە يازماڭلار، ئەسەر بارغانسىرى پۈچەكلىشىپ كېتىدۇ؛ بەك جىق تور بەتلىرىگە كىرمەڭلار، كاللا ئېلىشىپ، كىشى شۆﻫرەت تاماسىدا سوكۇلداپ قالىدۇ؛ شېئىرنى ، شېئىرىي تۇيغۇنى قەدىرلەڭلار. ئىلﻬام، مۇقەددەس ﻫېسلار ﻫەرگىزمۇ كۈندە كېلىۋەرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۈندە شېئىر يازىدىكەنسىلەر، بۇ ﻫەرگىزمۇ تازا جىرىڭلاپ تۇرغان، يازمىسا بىر يېرىدىن تېشىپ چىقىدىغان شېئىرىي تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى يېزىش ئۈچۈنلا يېزىلغان نەرسىلەر بوپ قالىدۇ؛ شائىر دېسە "ئەرتۈرك"نىڭ باش سۈرىتىدىكى كىشى ئېسىمگە كېلىدۇ ياكى پاختىلىق چاپىنىغا چىڭ يۆگىنىپ، قايناق بازارغا سوغۇق نەزەر سېلىپ، ئۈنسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر سەرگەردان ئېسىمگە كېلىدۇ. لېكىن بىر قىسىم شائىر دوستلىرىم بۇنداق ئۇلۇغۋار تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ كېتىۋاتقان سەرگەردان ئەمەس، بەلكى شۇ قايناق بازاردىكى مەدداﻫقا، ﻫەتتاكى شۇ بازاردىكى بەگ-بوجاڭغا ئوخشاپ قالدىڭلار ۋە ياكى تازا ئاغزى ئىتتىك ساتارمەنگە ئوخشاپ قالدىڭلار. شائىر سۈرەن-شاۋقۇنلار ئىچىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۇلۇغ ﻫېسلارنى يوقىتىپ قويىدۇ، شېئىرنىڭ مۇقەددەس شىرىلداشلىرىنى ئەرزىمەس غەۋغالار ئارىسىدا يوقۇتۇپ قويىدۇ. قۇرۇق گەپلەر بىزدەك شېئىرىيەت كوچىسىدىن چىقىپ قېلىپ، قايتا كىرەلمىگەنلەرگە قالسۇن، سىلەر چوڭ سۈپەتلىك بىلەن ناﻫايىتى ئاز ۋە ساز يېزىڭلار. ساز يازمىساڭلارمۇ مەيلى، لېكىن چوقۇم زادى يازمىسا بولمايدىغان تۇيغۇلارنى يېزىڭلار. مەن بۇ يەردە مىسال ئالسام بۇنى ئوقۇۋاتقانلار كۈلكىدىن دۇمىلاپ كېتىدۇ، دېمەك، سىلەر مانا موشۇنداق مازاققا تۇتۇرۇق بولىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بازارغا سالدىڭلار. بۇ ﻫەرگىزمۇ ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەت ئەﻫلىگە مۇناسىپ ئىش ئەمەس. ئەمدى چوڭ بولۇڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ چوڭ بولايلى. كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتقا، ئەدىبلەرگە ﻫۆرمىتى ئاشسۇن.
v WXo#
بۇ نەسىﻬەت ئەمەس، قۇرداشلار بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىش، كۆڭلۈمدىن چىققان گەپلەر. زادىلا دېگۈم يوق ئىدى. لېكىن موشۇ مۇنبەردە نەچچەيلەن ماڭا شەخسىي ئۇچۇرلارنى يوللاپ "سەنمۇ بىر ئەدەبىياتچى بولغاندىكىن گەپ قىلمامسەن!" دەپ تولا قىستاپ كەتتى. ئەڭ مۇﻫىمى، "ئىزدىنىش"تە يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلارغا چۇڭقۇر ﻫۆرمىتىم بار. موشۇ ﻫۆرمەت، دوستانە مۇﻫەببەت مېنى ئۇلار بىلەن سىردىشىشقا قىستىدى. دوستانە تەكلىپ شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.
5nx*D"
h>`[p,o
ئەمدى نېمىشقا تاﻫىر ﻫامۇت ۋە باشقىلار ﻫەققىدە گەپ ئاچقىنىمنىڭ سەۋەبى چىقىدۇ.
zIF1A*UH
ئۆتكەندە بىر گېزىتخانىنىڭ باشلىقى "قەشقەر گېزىتنىڭمۇ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ؟" دەپ سوراپ قالدى. مەن دەرﻫاللا "قەشقەردە ئۇيغۇر گېزىت چىقىۋاتقىلى 80 يىلدىن ئاشىتى، ئازادلىقتىن بۇرۇنمۇ بارتى" دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ ئىشقا قاتتىق ﻫەيران قالماي بولمايدۇ!
`j{3|C=
;5/Se"Nd
كېيىن بىر ئاشخانىدا تاماق يېدىم. بۇ ئاشخانىغا نىم شېﻬىت بىلەن لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى. بىرنەچچە خەنزۇلار تاماق ساقلىغاچ رەسىمنى كۆزەتتى. ل.مۇتەللىپنى "ماۋۇسى خەنزۇدەك قىلىدۇ"،" ياق ئۇيغۇردەك قىلىدۇ"، "بۇ كىمدۇ؟" دېيىشىپ قالدى. بىركەمدى بىرى ئۆزى تونۇيالايدىغان بىردىنبىر بەلگە بولغان ئەرەب رەقىمىنى ئوقۇدى. ۋە "بۇ ئادەم 20 نەچچە يېشىدىلا ئۆلۈپ كېتىپتۇ، نېمە دېگەن كىچىك! زادى كىمدۇ؟" دېيىشىپ قالدى. چۈشەندۈرگۈم كەلدى. لېكىن بىز بىر ئۈستەلدە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانا بەك بېسىق ئىدى.
8'Q+%{?1t
تۇرۇپ غېرىبلىق ﻫېس قىلىپ قالدىم. كىشىنى بۇنىڭدىنمۇ غېرىبلىق ﻫېس قىلدۇرىدىغان دىئالوگلار بار.
.4a|^ vT
- ﻫە قېىنى، ماۋۇ سورۇنغا ئاتاپ بىر شئىېر-قوشاق توقۇمامسەن؟
NOTG|\{
- بۇ گەپلەرنى يېزىۋالما جۇمۇ.
X?haHM#]
- "ئەجەبمۇ چىرايلىقكەن يارىم بەرگەن ئىشتانباغ" دەپ يازغاندەك...
j0L%jz
-
xQZOGq
ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن كارى يوق. چوقۇم كارى بولۇشىمۇ زۆرۈر ئەمەس. ﻫەركىمنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بار. قەلەم ﻫەققىنىڭ ئەرزانلىقى، تۈرلۈك بېسىم، يۈرەك كېسىلى، نېرۋا كېلىسى، سەپرالىق....
%`$bQU
مەن تا ﻫازىرغىچە سەپرا ئەمەس زىيالىيدىن بىرەرنىمۇ ئۇچراتماپتىمەن. بىرنەچچىنى ئۇچاراتقانىدىم. كېيىن بىر ئاغىنەم "مانا بۇ تىپىك جۇڭگوچە ماگىستىر" دېدى. دەرۋەقە، ئۇنى مەن بۇنداق ئېنىق تەبىرلىيەلمەي قىينالغانكەنمەن.
0") _%
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەمتىمىن ﻫوشۇرنى يوقلاپ باردىم. ئۇ چاغدا مەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېگەننى بىر ﻫوقۇق دەپ بىلەتتىم. ئۇ كىشى بۇنى چۈشەندۈردى. مەن ئۇنىڭغا "سىز بولمىسىڭىزمۇ باشقا بىركىم رەئىس بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن سىز ماختاشلار ئارىسىدا تۈگىشىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، بىزگە سىزدەك يازغۇچىلار كېرەك" دېگەنىدىم. بىز ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى، نوبېل مۇكاپاتى، ئىزلەنمە ﻫېكايىلەر، يېڭىچە شېئىرلار، ياشلارنىڭ ئىجادىيەت خائىشى... قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق. شۇ ئارىدا زوردۇن سابىرنىڭ گېپى بولدى. مەمتىمىن ﻫوشۇرنى بۇ گەپكە ئانچە قىزىمىدى دەپ ئويلىدىم.
>7WT4l)7!b
كېيىن يەكەندىكى بىر يىغىنغا مەمتىمىن ﻫوشۇرنى بىر شەخسىي ئىش بىلەن ئىزدەپ باردىم. "ياتاق، تامىقىڭ ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن بولىدۇ، تۆت كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىپ كەت" دەپ تۇتتى. مەن ئۇنىماي بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى كەتتىم. شۇ ئارىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق. گەپ قەيۇم تۇردى ئۈستىدە بولدى. مەمتىمىن ﻫوشۇر "زوردۇنىكام رەﻫمەتلىك ئاكىمىز ئىدى، تۈگەپ كەتتى. ئەمدى قەيۇمكامنى ئاكىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ﻫۆرمەتلەيمىز. " دېدى. بۇ گەپ مېنى سەل ﻫەيران قالدۇردى. دەرۋەقە، مەن ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، قان دېگەن قىزىپ تۇرغان چاغ ئىدى.
F7} yt
بۇ ئادەمنىڭ گېپى مېىنى سەل بۇرۇن بىر ئاغىنەمنىڭ قىلغان تېلېفونىنى ئەسلەتتى:
#sU>L=
- ۋاي ئاداش، قەيۇم تۇردى ئۆلۈپتۇ. بىز ﻫاراق ئىچىۋاتىمىز.....
mg*iW55g
مەن قەيۇم تۇردىنىڭ زادى قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىنى چورتلا بىلمەيمەن. ئۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇغانلىقىم زادى ئېسىمدە يوق. لېكىن بۇ يەردە گەپ ﻫېلىقى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن "خەت" ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى.
d*TH$-F!p
دېمەك، شۇ گەپ راست بولسا، ئاخىرىدا ﻫېچكىم ﻫېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. قەيۇم تۇردى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلدى، كەتتى.
S>5w=RK
مەن ئىزچىل تۈردە مەمتىمىن ﻫوشۇرنى يوقلاش، ياشلارنىڭ بولغان سەمىمىي ﻫۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. بۇلتۇر مەمتىمىن ﻫوشۇر جۈدەپ قالغاندەك، نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كوچىدىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق. مەمتىمىن شىپە كىتابىمنى تەﻫرىرلىگەن، ماڭا قارىشى بەكلا ياخشى ئىدى. شۇ ئارىدا بۇ ئىككەيلەن مەن توغرىلىق سۆزلىشىپتۇ. بۇ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى گەپ ئەمەس، بەلكى كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئىزدەنگۈچىلەر ئۈستىدىكى گەپ ئىدى. مەمتىمىن شىپە: "بىز قېرىدۇق، ئۆلۈپ كېتىمىز. ئەدەبىياتىمىز سىلەرگە قالىدۇ. مەن سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە قايىل بولدۇم، تەﻫرىرلىگۈدەكمۇ يېرى يوقكەن. مەن يازسام بۇنداق يېزىشىم ناتايىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن سىلەرنىڭ ئۇسلۇبىڭلارنى چۈشەنمىسەك، يەكلىسەك بولمايدۇ. سىلەر بىزدىن جانلىق..." دېگەنىدى.
# 9bw 'm
مانا بۇ بىزدىن بۇرۇنقى قەلەمكەشلەرنىڭ بىزگە بولغان ئېتىراپى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى. كىتاب چىقمىدى، مەمتىمىن شىپە خىجىل بولدى، مەن جىق زىيان تارتتىم، لېكىن مېنىڭ مەمتىمىن شىپەگە، ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئەدىبلەرگە بولغان تونۇشۇم، ﻫۆرمىتىم ئاشتى.
-qSGa;PJ
رەﻫمەتلىك زۇنۇن قادىرىينى ﻫەممىلا ئادەم ئۇستازىم دەيتتى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتنىڭ يولباشچىسى دەيتتى. مەن بۇنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم. كېيىن زۇنۇن قادىرينىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ﻫېس قىلدىم. زۇنۇن قادىرىي پەقەت "ماغدۇر كەتكەندە" ناملىق ﻫېكايىسى بىلەنمۇ ناﻫايىتى كاتتا بىر ئەدىبكەن. بۇ يەردە يەنە تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ "ئۇلار ئۆتمۈشتە پەقەت ئەسەر يازغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان" دېگەن گېپىنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ قانداق دەۋىر ئىدى؟
iw.F8[})
نېم شېﻬىت يېڭى زامانغا قوشاق توقۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي جەسىدى قىغ دۆۋىسىدە قالدى؛ زۇنۇن قادىرىي ئېغىر ئەمگەك بىلەن قىينالدى، كۆزىگە سىياﻫ تۆكۈلۈپ يەكچەشمە بولدى؛ ئەﻫمەد زىيائىي زىنداندىن چىققاندا پۇت-قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالدى؛ ئابدۇرېﻬىم ئۆتكۈرنىڭ يۈرەك كېسىلى زادىلا ساقايمىدى؛ زوردۇن سابىرنى "ئانا يۇرت" ئەجەلگە سۆرىدى.....
<YCjo[(~
ئويلاپ باقساق بىز تېخى ﻫېچ ئىش قىلمىدۇق. ﻫاپىلا-شاپىلا پەشنى قېقىپلا چوڭلارنى تىللىغۇدەك ﻫالىمىز يوق. ئۆلۈم ۋە كۆرۈم ﻫەققىدە شېئىرلار توقۇلغان بىلەن، ۋاقتى كەلگەندە "ۋاي دات! مەن نېمىشقىمۇ تۇغۇلغان بولغىيتتىم!" دەپ سالىمىز. دەرۋەقە، خۇجا نىياز ﻫاجىدەك پالىۋانلارمۇ مانا شۇ يەردە "مەن ياپون جاﻫانگىرلىكىنىڭ غالچىسى!" دەۋەتكەنىكەن....
g1XpERsSEV
ﻫېيت نامىزىدىن ئەمدىلا چىقىپ تېلېفوننى ئاچسام بىر تەبئىي پەنچى بۇرادەر تېل قىلدى:
~&,S xQT
- سەن نەدە؟
Urw =a$
- ئەمدى مەسچىتتىن چىقتىم.
M\ wCZG
- مەن ئەمدى تېخى قاۋاقتىن چىقتىم. دەرﻫال پالان يەرگە كەل!
{dh@|BzsbH
مەن باردىم. ئۇ مەست، قاپاقلىرى يېرىلغانىدى. "ماڭ، پالانچىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى يوقلايمىز" دېدى ئۇ مېنى سۆرەپ. "بۇ قاق سەﻫەردە بارمايلى، يەنە كېلىپ سەن مەستكەنسەن" دېسەم ئۇنىمىدى. مەن ئۆيگە كەتتىم.
WG3_(mM
كۆڭلۈم يېرىم بولدى. بۇ كىشى ئەينى چاغدا تاﻫىر ﻫامۇتنى يوقلىغانىدى. ئۇ تاﻫىر ﻫامۇتنى كۆرۈپ باقمىغان، پەقەت شېئىرلىرىنىلا ئوقۇغانىدى. پەقەتلا ئەدىبلەرنىڭ ﻫۆرمىتىنى قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغان. ۋەﻫالەنكى، بىز بۈگۈن قانداق قىلىشىمىز ﻫەققىدە تەمتىرەيمىز. چۈنكى جان بېقىش ۋە جان ساقلاش ﻫەلەكچىلىكىدە قالدۇق. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ﻫەر ساﻫەنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ ﻫۆرمىتىنى، قەدرىنى قىلىش كېرەكلىكىنى بارغانسىرى چۇڭقۇر ﻫېس قىلىشىمىز مۇمكىن.........
2n"-~'3\
J^WX^".E
_____
1< b~="
Tahir Hamut
#m{F*(%
,A#gF_8
باشقىلاردىن "تاﻫىر ﻫامۇت ئىچكىرىدە خەنزۇچە شېئىر يېزىپ 100 مەشﻬۇر شائىرنىڭ بىرى بوپ باﻫالىنىپتۇ" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ راستمۇ؟ راست بولسا قايسى ئورگان باﻫالىغان؟ قانچىلىك دائىرىدە؟ مەن بۇلارنى بىلمەيمەن.
t%y i3
------------------------------------
U+ -;(Fh~
مېنىڭ خەنزۇچە يازغان " ياز _ بىر سۈيقەست " ۋە " ئارىلىق " دېگەن ئىككى پارچە شېئىرىم خېيلوڭجىياڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشىر قىلىنغان " ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر " دېگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ، بەلكىم شۇ ئىش بولسا كېرەك. [/align]
[ بۇ يازما kelechek تەرپىدىن 2007-8-15 10:10 دە قايت ]
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
Posted: 2007-8-10 16:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[باش يازما]
rastqil
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
25
شۆھرەت:
76 نۇمۇر
پۇل:
400 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
125 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-24
Re:تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
ئېسىل ماقالە. مەن توردا كۆرگەن ئەڭ ئېسىل ماقالە.
Posted: 2007-8-11 12:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[1 -قەۋەت]
baxbaxtak
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
1
يازما سانى:
83
شۆھرەت:
115 نۇمۇر
پۇل:
1000 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
420 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
Re:تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
ماقالىدە ئاپتۇر ناھايىتى يەڭگىل تىل بىلەن سەمىمىي ھېسىياتتا تاھىر ھامۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەقەلىككە بىر لەشتۈرۈپ . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، نەشىرىياتلىرى ، تور ئەدەبىيياتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۆرىدەپ ، بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ماقالىدىكى سەمىمىيلىك بىزنى داۋاملىق ئوقۇشقا زورلايدۇ . ئەگەر ھەممە ساھە دە سەمىمىيلىك ئوتتۇرىغا چىقسا ئىشلار تۈزۈلۈپ كېتەرئىدى . بىر ژورنالدىن ئوقۇغانىدىم : سەمىمىيلىك ئۇ ئەقىل - پاراسەتكە تەڭ ئەمەس ، بىراق رىئاللىقتا ئۇ ئەقىل - پاراسەتتىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدۇ .
بەخت سېنى جاپا - مۇشەققەتتە كۆپرەك سىنايدۇ .
Posted: 2007-8-14 13:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[2 -قەۋەت]
Hush_Chiray
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
68
شۆھرەت:
240 نۇمۇر
پۇل:
930 سوم
تۆھپە:
50 نۇمۇر
ياخشى باھا:
290 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-10
Re:تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ كىتابى ۋە باشقىلار (Hello Life)
بەكمۇ ئىسىل چىقىپتۇ بەكلا ،مەن بەك ھۇزۇر ئالدىم . بەكمۇ كۆپ تەپسىلاتلاردىن خەۋەردار بولدۇم ،رەخمەت سىزگە .
Posted: 2007-8-15 00:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[3 -قەۋەت]
Pichka
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
6
شۆھرەت:
64 نۇمۇر
پۇل:
210 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
30 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-23
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-08-23
سەمىمىيلىك دېگەن زادى نېمىدۇ؟ سەمىمىيلىك بىلەن شەخس مەنپەئەتى ئوتتۇرىسا بىرەر مۇناسىۋەت بارمىدۇ؟
Posted: 2007-8-23 13:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[4 -قەۋەت]
nargiz906
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
10
شۆھرەت:
73 نۇمۇر
پۇل:
250 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
50 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-19
مەن ئۇستازىم ھەقققىدە بۇنچىلىك جخق نەرسىلەرنى بىلمەيتتم، ئۇستازىمغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئاشتى
Posted: 2007-11-15 23:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[5 -قەۋەت]
Erktekin
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
2
شۆھرەت:
62 نۇمۇر
پۇل:
170 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
10 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-20
ياخشى مۇنبەر ۋە Hello Life نى تېپىۋالغىنىمغا كۆپ خوشالمەن...................
Posted: 2007-12-3 02:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[6 -قەۋەت]
ZamanDaxlar
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
14
شۆھرەت:
8 نۇمۇر
پۇل:
140 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
70 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-23
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-02-24
يۈسۈپجان ھەقىقەتەن سەمىمى گەپلەرنى قىپتۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ ئەھۋال شۇنداق . بەزى ئەسەلەرنى چۈشىنىش نۇقتىسىدا ئوقۇشقا بولىدۇ . بەزى ئەسەرلەرنى ھىس قىلىساقلا بولىدۇ .
Posted: 2008-1-28 13:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[7 -قەۋەت]
crocodile
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
3
شۆھرەت:
2 نۇمۇر
پۇل:
30 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
15 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-02-15
بۇ ماقالىنى ئالدىرىماي ھوزۇرلىنىپ ئوقۇپ چىقتىم . ماقالىنى ئوقۇغانسىرى بىر مۇڭ كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىدىكەن .
Posted: 2008-1-28 22:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[8 -قەۋەت]
sadiqqul
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
17
شۆھرەت:
9 نۇمۇر
پۇل:
170 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
85 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-09
قالتىس يېزىپسز!
Posted: 2008-1-29 17:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[9 -قەۋەت]
«
1
2
»
Pages: ( 1/2 total )
سەھىپە يۆتكەش
>> ئەدەبىيات
|- پروزا
|- شېئىر
|- چەتئەل ئەدەبىياتى
|- ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى
|- ئوبزور
|- تەرجىمە - تەرمىلەر
|- Uyghur Poetry In Translation
>> مۇلاھىزە
|- بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز
|- چەتئەل تەسىراتلىرى
|- سۆھبەت
|- ھېس - تۇيغۇلار
|- سىرلىرىم
>> تىل - تارىخ - مەدەنىيەت - پەلسەپە
|- ئانا تىل
|- تارىخ
|- مەدەنىيەت
|- پەلسەپە
>> سەنئەت
|- ناخشا - مۇزىكا
|- سەھنە ئەسەرلىرى
|- كىنو - تېلېۋىزىيە
|- فوتو سۈرەتلەر
>> مۇنبەر ئىشخانىسى
|- ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تەكلىپ - پىكىر
|- ئەخلەتخانا
|- باشقۇرغۇچىلار رايونى
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
مۇنبەر باياناتى
مۇھەررىرلەر سەمىگە
تورداشلار سەمىگە
جىددىي ئەسكەرتمە
تېما يوللىغۇچىلار سەمىگە
Total 0.048649(s) query 5, Time now is:03-27 10:38, Gzip enabled
新ICP备07000889号
Powered by
PHPWind
v5.3
for Uighur by
Kroran
Code © 2007-03