» سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
ياردەم
مۇلازىمەتلەر
银行
朋友圈
勋章中心
搜索工具
خۇش كەپسىز!
مۇنبەر باياناتى
v
تېما يوللىغۇچىلار سەمىگە
v
تورداشلار سەمىگە
v
مۇھەررىرلەر سەمىگە
v
جىددىي ئەسكەرتمە
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تەكلىپ - پىكىر
»
جىددىي ئەسكەرتمە
سودا تېما
راي سىناش
بۇ بەتتىكى تېما:
جىددىي ئەسكەرتمە
پرىنتلاش
|
IE دا ساقلىۋېلىش
|
تېما ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
(
سىز بۇ تېمىنىڭ 449 - كۆرەرمىنى
)
ijadiyet
دەرىجە:
باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
1
يازما سانى:
17
شۆھرەت:
772 نۇمۇر
پۇل:
372 سوم
تۆھپە:
2 نۇمۇر
ياخشى باھا:
95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-16
جىددىي ئەسكەرتمە
بۇ يازما ilterish تەرپىدىن چوققىلاندى(2007-06-27)
ئىجادىيەت مۇنبىرى(
www.ijadiyet.com
) قۇرۇلۇش تەييارلىقىدىن تاكى پۈتۈپ چىققۇچە يېرىم يىلچە ۋاقىت كەتتى. بىز بۇ جەرياندا خۇددى باشقا ئەستايىدىل تور بەت قۇرغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ناھايىتى كۆپ جاپا چەكتۇق. تور بەتنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى تەقلەش، مۇھەررىرلەرنى تاللاش، دائىملىق ئاپتورلارنى تەكلىپ قىلىش، تېخنىكىلىق ئىشلار... قاتارلىقلار بىزنىڭ كۆپ زېھنىمىز، ئىقتىسادىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ئىگىلىدى. سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى تەشكىللەش، ئاپتورلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش، قول يازما ھالىتىدىكى ئەسەرلەرنى، باشقا تىل-يېزىقتىكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا بىرەر كىمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلمىقى تەس. قىسقىسى، سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز مۇنبەردىكى سۈپەتلىك، پاكىز ئەسەردىن ئىبارەت، لېكىن ئىجادىيەت مۇنبىرىدىكى مۇھەررىرلەرنىڭ موشۇ ئەسەرلەرنى سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئارقا سەھنىدە چەككەن جاپالىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز!
3ATjsOL
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزگە مۇھەررىرلەرنى تەكلىپ قىلىش، ئەسەر تەستىقلاشتا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ كېلىۋاتىمىز. مەسئۇل مۇھەررىرلىرىمىز ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، تەتقىقات ۋە ئىجاد ئەتكەن كىشىلەر، قانۇن بىلىمى مول، دۆلەت تەرىپىدىن تەھرىرلىك لاياقەتنامىسى بېرىلگەن كىشىلەر، شۇنداقلا ئىملا ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتىلگەن كەسىپ ئىگىلىرى بار. بىز مانا موشۇ قوشۇنغا تايىنىپ سىياسىي ئۆتكەل ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىمىز.
<4mQ*6
بىز مۇنبەر ئېچىلغان ھامان مۇنبەر باياناتىنى، شۇنداقلا تورداشلار بۇ مۇنبەردە مەشغۇلات قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى مۇنبىرىمىزنىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. مانا مۇشۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك يازمىلاردا بىز مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى بىردەك باشقا مۇنبەرلەردە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىمۇ مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى، مۇنبىرىمىزنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بىرىنچى قول ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدۇق، لېكىن قىسمەن تورداشلارنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈشىگە نىسبەتەن ئۆز پىكرىمىزنى يەنە تەكرارلاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بىزنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسەر كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىمىزدىن سەۋەب مۇنداق:
}.{}A(^YR
1- مۇنبىرىمىز بىر تۈركۈم مۇنتىزىم ئاپتورلار قوشۇنىغا ئىگە. بۇ ئاپتورلار بىلەن مۇنبىرىمىز ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن كېلىشىم بار. موشۇ كېلىشىمدە ئاپتورلار بىرىنچى قول ئەسەر بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئۇنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى ئىجادىيەت مۇنبرىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا ئىجادىيەت مۇنبىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇنداق كېلىشىم تۈزمىگەن تورداشلار مۇنبىرىمىزگە ئەسەر يوللىسا، تىزىملاتقاندا كۆرۈنگەن مۇنبەر كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، موشۇ كېلىشىم بويىچە ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. دېمەك، تور بەتلەر ئارا ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئىجادىيەت تورىدىن باشقا مۇنبەرگە ھەرقانداق سەۋەب ۋە چۈشەنچە بىلەن ئەسەر كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت قىسمەن نەقىل ئالسا، نەقىلدىن كېيىن ئاپتور بىلەن ئىجادىيەت مۇنبىرىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ، نەقىلنىڭ ھەجىمى ئەسلى ئەسەر ھەجىمىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.
k/lFRi-i
2- خۇددى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، بىز مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرى ئارقىلىق سىياسىي ئۆتكەل ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىمىز. بىز باشقا مۇنبەرلەرنىڭمۇ موشۇنداق چىڭ تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىغا ھۆددە قىلالمايمىز، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتە شۇنداق. گەرچە مەلۇم بىر ئەسەر ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈلگەندە، ئۇنىڭدىكى مەزمۇندا ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا ئەسلى ئەسەر مۇددىئاسىنى بۇرمىلايدىغان ياكى ئەسەرگە مۇناسىۋەتسىز، خاتا قاراشلارنى ئىنكاس سۈپىتىدە چاپلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئىنكاسلار مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاندا، گەرچە ئەسەرنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولمىسىمۇ، شۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىنكاستىكى خاتالىق تۈپەيلى ئەسەر، ئاپتور ۋە مۇنبىرىمىز بۇ خاتالىققا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئۆز مۇنبىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەن ئەسەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پاكىزلىقىغا ھۆددە قىلالمايمىز، شۇڭا ئەسەر كۆچۈرۈشنى چەكلەش ئارقىلىق بۇ خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
2c:f<>r0y
3- ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ھەرخىل. ئەگەر سىز بىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۇنى باشقا مۇنبەرلەردە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق! سىز شۇ چاپلىماقچى بولغان مۇنبەرگە "ئىجادىيەت مۇنبىرىدە مۇنداق بىر ئەسەر باركەن كۆرۈپ قويۇڭ" دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر بەرسىڭىز، ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا "باشقىلارغا بىلدۈرۈش"تىن ئىبارەت ياخشى نىيىتىڭىزگە تامامەن يېتەلەيسىز. بىزنىڭ مۇنبىرىمىز سىلاۋىيانچە ياكى لاتىنچە ئەمەس، شۇڭا ئۇ مۇنبەردە كۆرسىتىش بىلەن بۇ مۇنبەردە كۆرسىتىشنىڭ كۆرگۈچىگە نىسبەتەن ھېچبىر پەرقى يوق. مۇنبىرىمىز خادىملىرىنىڭ بىرمۇنچە جاپا تارتىپ بىر تالاي كىشىلەر ۋە ئەسەرلەرنى توپلىشى باشقا مۇنبەرلەرنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈپ، ئۆز ئابونتلىرىنى كۆپەيتىۋېلىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش ئەمەس، بەلكى موشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىجادىيەت مۇنبىرىنىڭ ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئەسەر كۆچۈرۈشىڭىز بىزگە زىيانلىق.
N[k<@Q?*a
تورداشلارنىڭ پرىنسىپسىز ئىشلارنى ئازراق قىلىشىنى، ياخشى نىيەت بىلەن قىلدىم دەپ ئويلاپ، يامان ئادەتنى ئاينىتىۋەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز!
4P kfUMX
- ئىجادىيەت مۇنبرى
2p:r`THvS5
2007-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
_P5P(^/
راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
Posted: 2007-6-27 13:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[باش يازما]
yvonne
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
22
شۆھرەت:
62 نۇمۇر
پۇل:
320 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-07-26
مەن جىددى ئەسكەرتمەڭلەرگە دىققەت قىلماي بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى بۇ يەردىن كوچۇرۇپ باشقا مۇنبەلەرگە چاپلاپتىمەن.ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
choghlan.com
Posted: 2007-6-27 16:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[1 -قەۋەت]
ilterish
دەرىجە:
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
5
يازما سانى:
89
شۆھرەت:
639 نۇمۇر
پۇل:
1154 سوم
تۆھپە:
50 نۇمۇر
ياخشى باھا:
400 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-19
مۇنبىرىمىزدە بۇرۇنلا بۇنداق ئەسكەرتمە بېرىلگەنىدى، يەنى مۇنبىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى
4d-q!lR pa
مۇنبەر باياناتى
H ;wR
مۇنبەر قوللانمىسى
+"Ub/[J{G1
تورداشلار سەمىگە
sDAK\#z
مۇھەررىرلەر سەمىگە
en%B>]QI
قاتارلىق تېمىلاردا بۇ ھەقتە ئايرىم - ئايرىم ئەسكەرتمىلەر بېرىلگەنىدى، يېقىندا مۇنبىرىمىزدە ساندان خاتالىقى كۆرۈلۈپ قايتىدىن رەتلەنگەچكە ھەربىر تېما ۋە ئىنكاسلاردا كۆرۈلىدىغان قىزىل خەتلىك «ئاگاھلاندۇرۇش»لار يوقىلىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتىكى يازمىلار يۇقىرىدىكى تېمىلاردا بار ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىگە كەلسەك بىز دەيدىغاننى دەپ بولدۇق، مەن تېخى سىز يوللىغان «چوغلان» مۇنبىرىگە ئىنكاس يازاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆزىڭىز كىرىپسىز. ئەڭ ياخشى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، ئەسلى ئەسەرنىڭ بەشتىن بىرىنى نەقىل ئېلىپ يوللىسىڭىز شۇنداقلا مۇنبىرىمىزدىكى تېما ئورنى ۋە مەنزىلىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
Posted: 2007-6-27 17:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[2 -قەۋەت]
yvonne
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
22
شۆھرەت:
62 نۇمۇر
پۇل:
320 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-07-26
يوقۇرقى جاۋاپ مېنىڭ نارازىلىقىمنى قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن ماقۇل دىيىشنى قارار قىلدىم.سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.
choghlan.com
Posted: 2007-6-28 00:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[3 -قەۋەت]
ijadiyet
دەرىجە:
باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
1
يازما سانى:
17
شۆھرەت:
772 نۇمۇر
پۇل:
372 سوم
تۆھپە:
2 نۇمۇر
ياخشى باھا:
95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-16
yvonne خانقىز :
b?>VPuyBb
سىزنىڭ نارازىلىقىڭىزنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىپكە بۇيرىماسسىز.ئۇيغۇر توربەتلىرىدە بايلىق مەنبەلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان شارائىت تېخى پىشىپ يېتىلمىدى(مەن شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن)،بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز خۇددى جۇڭگوغا ئوخشاشالا تۆۋەن باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ.شۇڭا بىز مۇشۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىلىشقا مەجبۇر.بىزنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ۋە داۋاملىق قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
Posted: 2007-6-28 00:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[4 -قەۋەت]
yawuz
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
4
شۆھرەت:
154 نۇمۇر
پۇل:
240 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-05
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-06-29
ئىجادىيەت مۇنبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ھەققىدىكى بۇ جىددى باياناتىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، ئەگەر تور بېتىمىزدە ئىقادىيەت تورىنىڭ ئۇقتۇرىشىغا خىلاپ ئەسەرلەر بايقالسا، دەرھال ئەسكەرتمە بەرسەڭلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆچۈرۈشكە ياكى تەلەپ بويىچە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.
_1\poAy
2;h+;G
ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى مۇنبىرى
http://www.orkhun.com
Posted: 2007-6-29 03:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[5 -قەۋەت]
akeyik
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
7
شۆھرەت:
58 نۇمۇر
پۇل:
170 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-30
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-14
مەن بۇ باياناتنى قوللايمەن . بىر ئەسەرنى نەچچە مۇنبەرگە يوللاشنى ياقتۇرمايمەن . ئەسىرىمنىڭ تەستىقتىن ئۆتمەي قېلىشىدىن ئەمەس بەلكى تۇترۇقسىز سانىلىپ قېلىشتىن قورقۇمەن ،
مەن اللاھنىڭ قۇلىمەن
Posted: 2007-7-3 19:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[6 -قەۋەت]
سەھىپە يۆتكەش
>> ئەدەبىيات
|- پروزا
|- شېئىر
|- چەتئەل ئەدەبىياتى
|- ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى
|- ئوبزور
|- تەرجىمە - تەرمىلەر
>> مۇلاھىزە
|- بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز
|- چەتئەل تەسىراتلىرى
|- سۆھبەت
|- ھېس - تۇيغۇلار
|- سىرلىرىم
>> تىل - تارىخ - مەدەنىيەت - پەلسەپە
|- ئانا تىل
|- تارىخ
|- مەدەنىيەت
|- پەلسەپە
>> سەنئەت
|- ناخشا - مۇزىكا
|- سەھنە ئەسەرلىرى
|- كىنو - تېلېۋىزىيە
|- گۈزەل سەنئەت
|- فوتو سۈرەتلەر
|- باشقىلار
>> قانۇن ۋە پسىخىك مەسلىھەت
|- پسىخىك مەسلىھەت
|- قانۇندىن مەسلىھەت
>> مۇنبەر ئىشخانىسى
|- ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تەكلىپ - پىكىر
|- ئەخلەتخانا
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تەكلىپ - پىكىر
Total 0.023113(s) query 5, Time now is:12-22 19:18, Gzip enabled
新ICP备07000889号
Powered by
PHPWind
v5.3
for Uighur by
Kroran
Code © 2007-03