رەسىمسىز
|
ئوڭ سول كۆرسىتىش
» سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
ياردەم
مۇلازىمەتلەر
银行
朋友圈
勋章中心
道具中心
搜索工具
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
»
ئۆزىگە قايتىدىغان ئادەم: تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ شېئىرلىرىدا تەۋەلىك تۇيغۇسى
«
1
2
»
Pages: ( 1/2 total )
سودا تېما
راي سىناش
بۇ بەتتىكى تېما:
ئۆزىگە قايتىدىغان ئادەم: تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ شېئىرلىرىدا تەۋەلىك تۇيغۇسى
پرىنتلاش
|
IE دا ساقلىۋېلىش
|
تېما ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
(
سىز بۇ تېمىنىڭ 951 - كۆرەرمىنى
)
ijadiyet
دەرىجە:
باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
1
يازما سانى:
29
شۆھرەت:
1096 نۇمۇر
پۇل:
542 سوم
تۆھپە:
2 نۇمۇر
ياخشى باھا:
155 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
ئۆزىگە قايتىدىغان ئادەم: تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ شېئىرلىرىدا تەۋەلىك تۇيغۇسى
بۇ يازما ilterish تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-11-16)
(ئىلاۋە: بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە تۇنجى نۇسخىسى بۇرۇن« ئىزدىنىش» مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغانىدى،كېيىن ئاپتور مەمتىمىن ئەلا قايتىدىن تولۇقلاپ پىششىقلاپ ئىشلىدى. بىز ماقالىنىڭ بۇ تولۇق نۇسخىسىنى ئۈلگىلىك نادىر ئەسەر سۈپىتىدە مۇنبىرىمىزگە يوللىدۇق.)
'b:Ne,<
%hT4qzJj
مەمتىمىن ئەلا
[EHrIn
sM\&.
مېنىڭ ماكانىم ماكانسىزلىقتۇر.
heD,&OX
ــ مەۋلانا جالالىددىن رۇمى
7S2C /f
P0\eBS
ماقالىمىزدا شائىر تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە «قەشقەرگە قايتىش» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ قاتلاملىرى نۇقتىلىق تەﻫلىل قىلىنىدۇ. ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بۇ تۇيغۇنىڭ تاﻫىرنىڭ شېىرلىرىدا بىر كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا تەۋە موتىف (ئەسلى تىپ) ﻫالىتىدە ئىپادىلىنىشى بىزنى شېئىرنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەﻫەتتىن يېقىن ئوقۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە تەﻫلىلىمىز بىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق تۇيغۇ بولۇشىغا قارىماي سەنئەت ۋە پەلسەپە نەزەرىيىلىرىدە كەمدىنكەم سۆزلىنىدىغان ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئۇقۇملاشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇق ﻫالىتىنى چۈشىنىشىمىزدىكى مۇﻫىم ئامىل بولغان بۇ ﻫادىسىنى ﻫېسسىي تۇيۇشتىن نەزەرىيىۋى بىلىشنىڭ ئوبيېكتىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر قەدەر سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىمىز. شۇنىڭدەك بۇ خىل تەتقىقات مېتودى ئۆز نۆۋىتىدە ماقالىمىزنىڭ ئومۇمىي نەزەرىيىۋى دائىرىسىنى ۋە مۇمكىنچىلىكلىرىنى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بىز ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان تەبىرلەر ۋە نەزەرىيىۋى قاراشلار بويىچە تەكشۈرۈپ چىقىمىز. بۇنىڭدا مۇﻫىم قىلىپ تەﻫلىل قىلىدىغىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئالغاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، تار مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تەجرىبىلىرىدىن بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ قاتلاملۈق تەركىبلىرىنىڭ تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. ئۈچىنچى قەدەمدە تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ بىزنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان نەزەرىيىۋى جاﻫازىمىزغا سىغمايدىغان قىسمى كۆرسىتىلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەﻫلىلىمىز «تەۋەلىك تۇيغۇسى شېئىردا قانداق ئىپادىلەنگەن؟» دېگەن سوئالدىن باشلانغان ئىزدىنىشتىن «شائىر زادى نەگە تەۋە؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا يۆتكىلىش ياسايدۇ. ماقالىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شائىرنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ تېكىستىگە تەۋە بولۇشىنىڭ ئۇنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ﻫەم ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولۇشىدىكى يېڭى مۇمكىنچىلىك ئىكەنلىكىگە قىسقىچە قاراپ چىقىمىز.
ehO:')XF
_GbE^
ئا. تەۋەلىك تۇيغۇسى: تەبىرلەش
m7 XjP2
O<,r>b,
شائىرلار سەرسانلىق ۋە ماكانسىزلىقنى تراگېدىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ﻫېس قىلغۇچىلار ۋە ئىپادىلىگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئىنساننىڭ ماﻫىيەتلىك ياشاش تەجرىبىسى بولغان سەرسانلىق ۋە ماكانسىزلىقنى چوڭقۇر خەيرىخاﻫلىققا ۋە ئىزتىراپقا تولغان ئاۋازدا بايان قىلىدۇ. لېكىن، شائىرلار سەرسانلىقتا قالسا، ماكانسىزلىقتا لەيلەپ يۈرسە، ئۇلارنىڭ سەرسانلىقى ۋە ماكانسىزلىقىنى ﻫېچكىم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدەك سۆزلىيەلمەيدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ سەرسانلىقى شائىرنىڭ سەرسانلىقىغا، ئادەمنىڭ قۇتۇلغۇسىز تەقدىرى شائىرنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ تراگېدىيىسىگە، ئادەمنىڭ تۇراقسىزلىققا ۋە نىشانسىزلىققا تولغان مەۋجۇتلۇق ﻫالىتى شائىرنىڭ شېئىردا سەرسانلىق ۋە ماكانسىزلىقتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق شارائىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ يولىغا ئايلىنىدۇ.
rpU/s@%L
شائىرلارنىڭ سەرسانلىقى ۋە ماكانسىزلىقى ئۇلارنىڭ قەدىمدە ئىنسانلار قۇرۇشنى خىيال قىلغان ئىرەمباغسىمان جەمئىيەتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى بىلەن باشلانغان. بۇنىڭدا ئەپلاتون تۇنجى قېتىم شائىرلارنى ئوتوپىيىلىك ئىرەمباغدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىدى: شائىرلار قانداقتۇر مۇستەبىت شاﻫلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى دەل پەيلاسوپلار تەرىپىدىن ئۇتوپىيىدىن ①--غايىۋى دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روﻫىي سەرسانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىلدى.
-gKpL\
ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، شائىرلار سەزگۈ ئەزالىرىمىزدىن ﻫالقىغان ئىدىيىلەر ﻫەققىدە ئىزدەنگۈچىلەر بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ پانىي سەزگۈلەر ئالىمىدىكى كۆلەڭگۈسىگە تەقلىد قىلغۇچىلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ئىدىيىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ماﻫىيىتىنى ئىزدىگۈچىلەردىن بولغان پەيلاسوپلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.② ئۇلارنىڭ ﻫەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ ﻫامىيلىرىدىن بولالمايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ سەرسانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسىدۇر-يەنى ئۇلارنىڭ سەرسانلىقى تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ﻫەقىقەتنى ئىزدەشتىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەرسانلىق ئىدى. ﻫەتتا گرېكلارنىڭ شاﻫانە شائىرى خومېرمۇ ئەپلاتون تەرىپىدىن غايىۋى دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدى. ئىنساننىڭ پانىيلىقتىكى ئالاﻫىدە ياشاش شارائىتى بولغان ماكانسىزلىقنى ئۆز قەﻫرىمانى ئۇلىسىسنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ قىسمەتلىرىدە ئايان قىلغان بۇ شائىرمۇ ئوتوپىيىلىك دۇنياغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلارنىڭ قاتارىدا سانالغانىدى. لېكىن، ئەپلاتون بىلەن خومېر ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا قانچىلىك پەرقنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ﻫەر ئىككىسى گرېك ئىدىيە كۇلتۇرىدىكى مۇنداق بىر چۈشىنىشنى ئوخشاش بولمىغان يول بىلەن ئورتاق ئىپادە قىلغانىدى: ئەسلىلىككە قايتىشقا بولغان زۆرۈرىيەت. بۇ زۆرۈرىيەت ئەسلى ماكان، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا قايتىشتىن ئىبارەت چەمبەرسىمان ۋە قايتىلانما ﻫەرىكەت داۋامىدا ئەمەلگە ئاشاتتى. ئۆزىدىن چىقىپ ئاخىرىدا ئۆزىگە قايتىلىنىدىغان چەمبەرسىمان ﻫەرىكەت گرېك ئىدېئالىدىكى مۇكەممەللىك ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى ئىدى، چۈنكى بۇنىڭدا ئوخشاشلىق (ۋە ياكى ئۆزگەرمەس كىملىك( پەرقكە يۈزلىنىش ۋە ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىگە قايتىش ئارقىلىق ساقلاپ قېلىناتتى. ③ يەنى، خومېر ئۇلىسىسنىڭ ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشى ۋە ئاخىرىدا ئۆيىگە سالامەت قايتىشى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىسە، ئەپلاتون ئادەمنىڭ ئالۋۇنغا، ﻫېسسىي بىلىشكە ۋە تاسادىپىيلىققا تولغان سەزگۈلەر دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ روﻫىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىگە، يەنى مۇتلەقلىك، زۆرۈرلۈك ﻫەم ئەسلىلىك ئالىمىغا قايتىشنى زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە ئىستىشىنى ﻫەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولى دەپ قارىغانىدى. ئەگەر خومېرچە ئادەم پەقەت ئۆيىگە قايتىش ئارقىلىقلا ئۆزى ئەسلىدە ئىگە بولغان خاتىرجەملىككە، غەمسىزلىككە ۋە ناتىۋانلىققا ئېرىشىشنى ئىستىسە، ئەپلاتونچە ئادەم ئۆزىنىڭ ﻫەقىقەتكە ئاتىلىشى كېرەك بولغان قەلبىنى ﻫەر ۋاقىت ئارامسىزلاندۇرىدىغان سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ، ﻫەقىقىي بىلىمنىڭ نىشانى بولغان ﻫەم ئۆزىنىڭ ئەقلىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ كېتىشنى ئىستەيدۇ.④ ماقالىمىز ئەپلاتوننىڭ يۇقىرىقى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەﻫلىل قىلىشنىڭ ئورنىغا دىققىتىنى ماكاننىڭ ئىنسان مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىغا ﻫەم ئۇنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەﻫمىيىتىگە بۇرايدۇ.
-ID!pT vW
ماكان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى جايلىشىشغا بولغان تۇيغۇسىنىڭ، ئېڭىنىڭ ﻫەم بىلىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئادەمنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئادەم دۇنياغا ئەسلى ماكانىدىن چىقىپ تۇرۇپ يۈزلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆز ماكانىغا (دۇنيادىن( قايتىشنى ئىستەيدۇ. ئادەم قايتىشنى ئىستەيدىغان ئەسلىدىكى ماكان كۆپ ﻫاللاردا ئەسلىلىك، تەۋەلىك ﻫەم ﻫەقىقىيلىقنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ باشقا ماكانلار بىلەن پەرقلىنىدىغان يېگانە ماكانغا ئەسلىدىن تەۋە ئىكەنلىكىدەك ئۆزگەرمەس پاكىتچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇئەييەن ماكانغا تەۋە بولۇش ئادەمنىڭ ئۆز ماكانى ۋە ئۇنىڭدىكى باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدەك تۇيغۇسۈنۈڭ يېتىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر؛ ئەنە شۇ تۇيغۇ ئادەمدە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى دېگەن نېمە؟ تەۋەلىك تۇيغۇسى ماﻫىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ۋە ئەسلىدىن نەگە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى ئادەمگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئېنىقلىق تۈسى بېرىدۇ. ئۇ مەلۇم ماكان تەرىپىدىن قوبۇل ۋە ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق ﻫالىتىنى كۆرسەتكەچكە، شەخسنىڭ ئىشەنجكە ﻫەم ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىدىكى مۇﻫىم ئامىلدۇر.⑤ تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۆزلۈك-ئىززەت-ﻫۆرمىتى (ئۆزىنى قەدىرلەش پسىخىكىسى(نىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل بولۇپلا قالماستىن، ئۆزلۈك-كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇﻫىم تەركىبتۇر. پۈتۈنلەي پەرقلىق ماكاندىن كېلىشتىن ئىبارەت بۇ پاكىتچانلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كىملىككە ئىگە بولۇشىنىڭ ﻫەمدە مەلۇم جايغا مەنبەلەنگەنلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىدۇر.
_p4 }
تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ مەركىزىدە تۇرغان ئادەم ئۆزىنى خاتىرجەم سېزىدۇ. تەۋەلىك ئادەمنى تولۇپ تاشقان خۇشلۇق، ئۆزى بىلەنلا بولىدىغان پەرۋاسىزلىق ۋە شادىمان ئۇنتۇشنىڭ ۋەدىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەۋەلىكنىڭ قورشالغان بوشلۇقىدا، ئادەم ئۆزىنى تامام ئۇنتۇيدۇ ۋە ﻫېچقانداق ئايرىلىپ تۇرۇش، پەرق ۋە ئازابنى ﻫېس قىلمايدۇ--بۇ نىچې « ئىپتىدا بىرلىك» دەپ ئاتىغان ۋە كۇللى مەۋجۇدات بىلەن بىرلىشىپ كېتىشتىكى كۈچلۈك شادىمانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىپتىدائىي «مەستخۇشلۇق» تۇر. شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، نىچې ئېيتقان «ئىپتىدا بىرلىك» ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدىن شەكىللەنگەن ناﻫايىتى كەڭ مەنىدىكى ئۇنىۋېرسال ۋە مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق ﻫالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە توختىلىۋاتقىنىمىز بىر قەدەر تار دائىرىدىكى، يەنى مۇئەييەن ماكانغا ۋە شەخسكە مەركەزلەشكەن تەۋەلىك تۇيغۇسى بولسىمۇ، نىچېنىڭ قارىشى بىزنىڭ بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىشىمىزنى يەنىلا ئىلگىرى سۈرىدۇ. نىچېنىڭ قارىشىدا بىزنىڭ نوۋەتتىكى تەﻫلىلىمىزنى ئىلﻬاملاندۇرىغان مۇنداق بىر ﻫالەت بار، يەنى تەۋەلىك تۇيغۇسى چوڭقۇرلاشقاندا ﻫەم كۈچەيگەندە ئادەم ئۆزىنى ﻫەممىدە كۆرىدۇ، ئۆزىنى ﻫەممىگە يۇغۇرىۋېتىدۇ ۋە ﻫەممىدە بىللە تۇرۇۋاتقاندەك ﻫېس قىلىدۇ.⑥ ۋەﻫالەنكى مەلۇم ماكانغا تەۋە بولغان ئادەم بەزىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ سەرسانلىققا قەدەم قويىدۇ. سەرسانلىق ئادەم ئۆزىنى ئۆزى تەۋە ماكاننىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقاندەك، ﻫەتتا ﻫېچبىر ماكانغا تەۋە ئەمەستەك ﻫېس قىلدۇرىدۇ. ئەسلىدىكى بىرلىككە تەۋە بولۇشنىڭ بىغۇبارلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئادەمدە ۋەﻫىمە، ئېنىقسىزلىق ۋە ئۆيىنى سېغىنىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
F2oJ]th.3
نىچې ئېيتقان «ئىپتىدا بىرلىك» نىڭ ئونتولوگىيىلىك، يەنى مەۋجۇتلۇق، مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەۋەلىك ئادەمگە ئەسلىلىكتىكى ﻫەممە نەرسە بىلەن بىرلىشىپ كېتىشتەك مەۋجۇتلۇق بىرلىكىدە ئۇنىڭ نەگە تەۋە ﻫەم كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ﻫەممە نەرسە بىر بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىپتىدائىي مەنبەگە كىرىش ئارقىلىق ﻫېس قىلىدۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئايرىملىقى ۋە پەرقلىقلىقىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن، ئانىنىڭ باغرىدىكى بوۋاق كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىنى ئانىسى بىلەن بىردەك ﻫېس قىلىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇ ئانىسى بىلەن بولغان كىملىك پەرقىنى ﻫېس قىلالمايدۇ. لېكىن، بوۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىملىك تۇيغۇسى زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مانا مۇشۇ «ئىپتىدا بىرلىك» تە ئورتاق بىر كىملىككە بىرلىشىپ كېتىپ، ئۆزىدە ئىندىۋىدۇئال كىملىكنىڭ بولماسلىقىنى، يەنى «كىملىكسىز» لىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىق كىملىك ئېڭى مانا مۇشۇ «كىملىكسىز»، «پەرقسىز» ۋە «بىرلىشىپ كەتكەن» ﻫالەتتىن ئايرىلىپ چىقىشتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ﻫالقىلىق بىر قەدەم دەل بوۋاقنىڭ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماسلىقىدىن ﻫەم ئانىسى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاڭقىرىشىدىن، يەنى ئانىسىدىن ئايرىلىشىدىن باشلىنىدۇ. دېمەك، ئېنىق كىملىككە ئېرىشىشنىڭ شەرتى دەل كىملىكنىڭ ئېنىقسىز ﻫالىتى بولغان ئەسلىلىكتىن ئايرىلىشتۇر. ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئەسلىدىكى بىر پۈتۈنلۈك ۋە ئوخشاشلىق سۈپىتىدىكى ئەسلىلىكتىن ئايرىلىپ چىقىش ئارقىلىقلا ئىگە بولالايدۇ. بۇ يەردە ئېنىق كىملىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل ناﻫايىتى ئېنىقتۇر: ئادەمنى پەرق، ياتۋاشلىق ۋە ئۆزگىلىك بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان ئايرىلىش كىملىككە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئايرىلىش دېمەك ئەسلىلىكتىن ياكى ئايرىلىپ قېلىش ياكى، تراگېدىيىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى يىتتۈرۈپ قويۇشتۇر. دەل مانا مۇشۇ تراگېدىيىلىك يوقىتىش بىزنى تاﻫىرنىڭ ۋەﻫىمە، ئۆيىنى سېغىنىش ۋە ياتلىشىشقا تولغان دۇنياسىغا باشلايدۇ.
+J40wFI:y
ic~Z_?p
ب. شېئىرغا كىرىش: ئەسلى تەۋەلىك ئىچىدىكى تەۋەسىزلىك
OJ[rj`wrW^
w#{l4{X|
ئۆزىنىڭ «ئانالىتىكال پسىخولوگىيىنىڭ شېئىرىيەت سەنئىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ﻫەققىدە» دېگەن ماقالىسىدا دوكتور س.گ. يۇڭ (C. G. Jung)شېئىرنىڭ پسىخولوگىيىلىك مۇﻫىملىقى ﻫەققىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بەزى شېئىرلاردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىنى غىدىقلايدىغان ﻫەمدە ئۇلارنىڭ ئاڭلىق ئىنكاسىنى قوزغايدىغان ئاڭسىز كۈچلەر بولۇپ، بۇلارنى ئۇ «ئىپتىدائىي ئوبرازلار» ياكى «ئەسلى تىپلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە بۇ ئەسلى تىپلار «ئەسلى تىپ شەكلىدىكى ساناقسىز تەجرىبىلەرنىڭ پسىخىكىلىق قالدۇقى بولۇپ»، ئۇلار يەككە ئىندىۋىدۇئال شەخسلەرگە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا يۈز بەرگەن. شۇنىڭدەك، بۇ تەجرىبىلەر شەخسنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگۈچىسىدۇر.
jyjQzt >\
نۆۋەتتىكى ماقالىمىزدا يۇڭنىڭ يۇقىرىقى نەزەرىيىۋى قارىشى بويىچە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بىر خىل ئەسلى تىپ شەكلىدىكى ئىپتىدائىي تەجرىبە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە دىققىتىمىزنى بېرىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ مەخپىيىتىنىڭ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خۇددى يۇڭ ئۆزىنىڭ «پسىخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات» دېگەن ماقالىسىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، مىستىكىلىققا قاتنىشىش ﻫالىتىگە قايتىشتا-يەنى يەككە شەخسنىڭ تەجرىبىسىگە ئەمەس بەلكى ئىنسان تەجرىبىسىگە قايتىشتا-ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز. بۇنىڭدا تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۇنىۋېرىسال ئىنسانلىق تەجرىبىسى ۋە يەرلىك كولتۇرلۇق تەجرىبە بولۇشتىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. شۇنداقلا تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن بۇ «ئىپتىدائىي» ﻫەم «شەخسسىز» تۇيغۇنىڭ يەككە شائىرنىڭ تەجرىبىسىدىن ﻫالقىغان چوڭقۇر كۇلتۇرلۇق قاتلاملىرىنى تەﻫلىل قىلىش ئارقىلىق ماقالىمىزنىڭ مۇﻫىم نىشانىنىڭ بىرى بولغان مۇنۇ كوزقاراش نەزەرىيىۋى ﻫەم ئەمەلىي ئاساس بىلەن تەمىنلىنىدۇ: ئۇتۇقلۇق چىققان ﻫەرقانداق سەنئەت ئەسىرىدە ئىپادىلىنىدىغىنى شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي (ﻫېسسىيات) تەجرىبىسى بولغاندىن كۆرە كۆپ ﻫاللاردا شەخسسىز ۋە ئىجادىي جەرياننىڭ ئۆزىنى مەلۇم شائىرنىڭ شەخسىي تەجرىبىسى قىياپىتىدە ئاشكارىلىشىدۇر. مانا بۇ ﻫەرقانداق سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىپادىلىنىدىغان قارىمۇ قارشى يۈزلىنىشنىڭ بىردەكلىشىشىدۇر (سىنتىزلىشىشىدۇر: (سەنئەتكار يەككە شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال تەجرىبىلەرگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەخسىز ۋە ئىجادىي جەرياننىڭ ﻫاسىلاتىدۇر-ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغىنى ئەجدادى باشتىن كەچۈرگەن ئىپتىدائىي تەجرىبىلەرنىڭ قالدۇقىنىڭ سەنئەت يولى ئارقىلىق ئاڭسىز ئىپادىلىنىشىدۇر. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ ئاڭلىق ۋە مەقسەتلىك تاللىشى ئەمەس. بەلكى بۇ ﻫۆكۈمنىڭ ئەكسى توغرا-سەنئەتكار سەنئەتنى ئەمەس، بەلكى سەنئەت سەنئەتكارنى يارىتىدۇ. بۇ ﻫەقتە يۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «سەنئەت ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئىچكى قوزغىلىش شەكلى بولۇپ، ئىنسان ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىدىكى ۋاسىتىدۇر. سەنئەتكار ﻫەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىزدەيدىغان ۋە ئەركىن ئىرادىگە ئىگە شەخس ئەمەس، بەلكى ئۇ سەنئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئۆزى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويىدىغان شەخستۇر. ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كەيپىياتقا، ئىرادىلەرگە ۋە شەخسىي مەقسەت-نىشانلارغا ئىگىدۇر، لېكىن سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىراق مەنىدىكى ئادەمدۇر-ئۇ> كوللېكتىپ ئادەم< دۇر، يەنى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭسىز ۋە پسىخىك ﻫاياتىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان ۋە خىلمۇ خىل شەكىللەيدىغان ئادەمدۇر.» ⑦ يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالىمىزدا ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭسىز ﻫاياتى ۋە تەجرىبىسى سۈپىتىدىكى تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئەگەشمە مەسىلىلەرنىڭ تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى-تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى-تەﻫلىل قىلىمىز.
4_< nQ9K
يەنە بىر جەﻫەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شۇنى ئالدىنئالا ئېيتىپ قويماقچىمەنكى، مېنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تەۋەلىك تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ شەرﻫلىشىم ﻫەرگىزمۇ نوقۇل ﻫالدىلا بۇ ﻫادىسىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ مۇﻫىمى، ئۇنىڭ شېئىرىي تېكىستىنى ئامال بار ئۆزىگە يۈزلەندۈرۈپ سۆزلىتىش ۋە شائىرنىڭ شېئىردىكى تەۋەلىكىنى تېپىپ چىقىشتۇر. شۇنىڭدەك، بىر شەرﻫلىگۈچى سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردە پەقەت تۆۋەندىكى رولنىلا، يەنى تاﻫىر بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە تېخىمۇ تىرەن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تاﻫىر بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان رولنىلا، ئېلىشنى خالايمەن. مۇشۇ مەقسەتنى بويلىغان ﻫالدا، مەن بۇ ماقالىدە تاﻫىرنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە «قەشقەرگە قايتىش» دېگەن ئىككى شېئىرىنى بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىر بىرىگە ئەركىن ئۆتىشىدىغان بىر قەدەر كەڭرى كونتېكىستكە قويىمەن.
Qu_EfmN|
بۇ ئىككى شېئىردا دىققىتىمىزنى ئالدى بىلەن چېكىدىغىنى جەنۇبقا ياكى قەشقەرگە ئازابلىق سەپەر قىلىشتۇر. «جەنۇبقا سەپەر» ياققاللا قارىماققا شائىرنىڭ جەنۇب سەپىرىدە كۆرۈش سەزگۈسىگە ئېتىلىپ كىرىۋاتقان تۇيغۇلىرىنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسىدەكلا بىلىنىدۇ. ۋەﻫالەنكى، تېخىمۇ دىققەت بىلەن ئوقۇساق، شائىرنىڭ ئۆزى تەۋە ماكانغا بولغان ئاستا لېكىن ئەلەملىك كىرىشىنىڭ ياتلىشىشقا تولغان رىتىمىنى ﻫېس قىلالايمىز.
4hNwKe"Ki
H0tF
مەغلۇپ بولغان قاتار يېزىلار
e-!?[Ujv*%
ئۈمدنى ئۈزگەن يالغۇز شەﻫەرلەر
j1F w U
تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ.
A5+5J_)*
...
u[mY!(>nQ
ئادەم ئادەم ئۆلتۈرىدۇ،
%L cH>sV
ئادەم ﻫەم ئۆلتۈرىلىدۇ،
gD5P!}s[u0
بىراق، جەنۇب ئوخشىمايدۇ.
^hysC c
~1d!hq?/q
--»جەنۇبقا سەپەر»
8vO;IK]9b^
4[(?L{
جەنۇبقا ئىچكىرىلەپ كىرىش شائىرنىڭ ئۆزى تەۋە بوشلۇققا ئەمەس بەلكى ئۆزىگە تەدرىجىي ناتونۇشلىشىۋاتقان بوشلۇققا كىرىشىدۇر. سەپەر جەريانىدا ئېچىلىپ ماڭىدىغان ناتونۇش ئىماگلار سەۋەبىدىن تەدرىجىي كۈچىيىدىغان كۆڭۈلسىز ۋە ئەرۋاﻫسىمان تەسىراتلار چىداپ بولغۇسىز ۋەﻫىمىنى ۋە ئازابنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ﻫەم ئاستا ﻫەم ئۈمىدسىز سەپەرنى يەنە بىر نۇقتىدىن ئاداققى پارلاشقا يېقىنلىشىۋاتقان روﻫنىڭ تەدرىجىي ساپلىشىشىغا تەققاس قىلىشقىمۇ بولىدۇ (مانا مۇشۇ يەردە ئۆلۈم ئۇقۇمى دىققىتىمىزگە بۆسۈپ كىرىدۇ، چۈنكى روﻫنىڭ ﻫەرقانداق شەكىلدىكى مۇكەممەللىككە يېتىشى مانا مۇشۇ بوسۇغىدىن ئۆتۈشكە بۇيرۇلىدۇ. بۇنى تۆۋەندە سۆزلەيمىز). ۋەﻫالەنكى، پۈتكۈل سەپەرنىڭ يۆنىلىشى ئادەمگە تەتۈرگە يېنىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، خۇددى تاﻫىر جەنۇبقا بارماستىن ئەكسىچە ئۇنىڭغا بېرىش يولىدا ئۇنىڭدىن ﻫېچكىمگە تۇيدۇرماي قايتىۋاتقاندەك.
To^# 0
سەرسانلىقتىن قايتماقچى بولغان شائىر سەرسانلىقىدىن ﻫەرگىز قايتالمايدىغانلىقىنى ﻫېس قىلىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىدىن ئايرىلغان ۋە دىلى «ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ﻫىجران ئازابى» دا يارىلانغان شائىر سەرسانلىقىدىن قايتماقچى بولغىنىدا، ئۆزىنى يېڭى سەرسانلىق ئىچىدە كۆرىدۇ ۋە سەرسانلىقتىن قايتىشنىڭ ئەمدى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ﻫېس قىلىدۇ. تېخىمۇ تراگېدىيىلىكى شۇكى، سەرسانلىقتىن ئايرىلىپ ئەسلىدىكى شادىمانلىققا، ئۇنتۇشقا ۋە پەرۋاسىزلىققا قايتىشقا بولغان ناتىۋان ئىستەك ئۆزىنى زوراۋانلىقنىڭ سايىسى ئاستىدا كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك، شائىرنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئەسلىلىك بىلەن ئۇ قايتىشنى ئىستەۋاتقان ئەسلىلىكنىڭ بىر بىرىدىن تەدرىجىي شۇنداقلا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز تەرىزدە ياتلىشىشى ئۆلۈمنىڭ سوغۇق تەﻫلىكىسىدە تراگېدىيىلىك يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ.
,$PFI(Whk
»ئۆلۈم» شېئىرنىڭ مەنە بوشلۇقىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدۇر.ئۆلۈم ئىنسانلار سەنئەتتە ئىپادىلىگەن تېماتىكىلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي شۇنداقلا ئەڭ مۇرەككەپلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇڭ ئېيتقان «ئەسلى تىپ» لىق تەجرىبىگە كىرىدۇ. مەزكۇر شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم ﻫادىسىسى دەل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان «ئەسلى تىپ» لىق تەجرىبىدۇر. شائىرنىڭ بۇ شېئىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەشنى ئىزدەۋاتقان ۋە قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلىلىك سۈپىتىدىكى تەجرىبىسىنىڭ شولىسىنى كۆرەلەيمىز. ئادەم ئۆزى ئەسلى تەۋە بولغان يەردە ئۆزىنى بىخەتەر ۋە غەم-غۇسسىسىز ﻫېس قىلىدۇ-لېكىن بۇ پەقەت بالىياتقۇدىكى بوۋاقتىلا ﻫەقىقىي مەۋجۇتتۇر. بالىياتقۇ خاتىرجەم ماكاننىڭ ئەسلى تىپلىق سىمۋولىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ پىسخولوگىيىلىك يىلتىزىنى دەل ئادەمنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدا بەﻫرىمەن بولغان خاتىرجەملىكى ۋە بىغۇبارلىقىغا سۈرۈش كېرەك. مانا بۇ تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ تىرەن پسىخولوگىيىلىك مەنبەسىدۇر. شۇڭلاشقا ئادەمنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە ئۆزىنى خاتىرجەملىك ﻫېس قىلىشىنى ئۇنىڭ بالىياتقۇدىكى خاتىرجەملىكىنىڭ ئاڭسىز ﻫېس قىلىنىشى دېيىش مۇمكىن. ئادەمنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان جاي بىلەن ئانىسىنى ئاڭسىز ﻫالدا باغلىۋېلىشىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزى ئەسلىدىن تەۋە بولغان جايغا-ئانىنىڭ ئىللىق باغرىغا-يەنى بالىياتقۇغا-قايتىشقا بولغان ناتىۋان ئىستىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ ئەسلى تەۋە يېرىگە قايتىپ، شادىمانلىققا ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشكە بولغان ئاڭسىز ئىستىكى ماﻫىيەتتە ئۇنىڭ بالىياتقۇدىكى ئەسلى خاتىرجەملىككە قايتىشقا بولغان ئاڭسىز ئىنتىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ﻫەم ئىنكاسىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئادەمنىڭ بالىياتقۇغا قايتىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، ئۇ كۈچلۈك ئىزتىراپلىق تۇيغۇسىدا قىينىلىدۇ ۋە ئۇنى فىزىكىلىق تەۋەلىك بوشلۇقىغا چىڭ يېپىشىش ۋە ئۇنىڭغا قايتىشقا قارىتا كۈچلۈك ئىستەكنى ئىپادىلەش ئارقىلىق يوقاتماقچى، تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، تولۇقلىماقچى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ﻫەم فۇندامېنتال ئىستىكى بولغان بالىياتقۇغا قايتىشنى ئۆزى تەۋە بولغان فىزىكىلىق بوشلۇققا تەۋە بولۇش ئىستىكى بىلەن ئالماشتۇرۇۋېلىشقا مايىل كېلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى تەۋە فىزىكىلىق ماكانغا قايتىشقا بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستەك ماﻫىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆزى بىر ۋاقىتلاردا ياتقان بالىياتقۇغا قايتىشقا بولغان مۇمكىنسىز ئىستىكىنىڭ ئاڭسىز قاندۇرۇلۇشىدۇر.
~ ;XYwQ"
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ﻫەر ئىككى خىل ئىستەك، يەنى ئىنساندىكى ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز ئىستەك بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى تەۋە فىزىكىلىق بوشلۇققا قايتىشقا بولغان توسۇۋالغۇسىز ئىستەك، تېگى تېگىدىن ئالغاندا مۇنۇ ئورتاق پسىخىك خاﻫىش ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدىغان تەشۋىشتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش. يۇقىرىقى ئىككى ئىستەك ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئانىسىغا ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدا خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەۋە بولۇشىدىن ئايرىلىپ تۇغۇلۇشى، يەنى مەلۇم فىزىكىلىق بوشلۇققا تەۋەللۇت بولۇشىدىن كېلىپ چىققان مەنبەدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە پانىي دۇنيادا ياشاپ قېلىشتەك ﻫالەتنى ئىنكار قىلىشقا بولغان يوشۇرۇن ئىستەكنىڭ ئىنكاسىدۇر. چۈنكى تۇغۇلۇش ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى بولغاچقا، يۇقىرىقى ئىككى ئىستەك ماﻫىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ ۋەﻫىمىسىدىن قېچىش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان پسىخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتچانلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە ئەمەس بەلكى ئۆتمەشكە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى ئېچىپ بېرىدۇ، چۈنكى كەلگۈسىنىڭ ئۇپۇقلىرىغا ئۆلۈم ۋە ئۇنتۇلۇش يوشۇرۇنغان بولغان، ئۆتمۈشنىڭ قىرغاقلىرىدا تۇغۇم ۋە ئەسلىمە سويلاپ ياتىدۇ-ئالدىنقىسى تەشۋىشنى ئېلىپ كەلسە، كېيىنكىسى ئارامبەخشلىك ۋە خاتىرجەملىكىنى ئاتا قىلىدۇ. بالىياتقۇغا قايتىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش ئىستىكى دەل كەلگۈسىدىن يىراقلىشپ-كەلگۈسىدە ساقلاپ تۇرغان ئۆلۈمدىن يىراقلىشىپ-ئۆتمۈشنىڭ تىمتاس قوينىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز ئىستەكلەردۇر.
&!OGIYC(
تاﻫىرنىڭ شېئىرىدا كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم ﻫادىسىسىنى يۇقىرىقى تەﻫلىلىمىزگە كۆرە شائىرنىڭ تۇغۇلۇش ئېلىپ كەلگەن تىرەن ۋە يوقالماس ۋەﻫىمىگە بولغان ئىزتىراپلىق تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى دېيىش مۇمكىن. ئۇ بىر بىرىگە باغلانغان شۇنداقلا مەلۇم نۇقتىدا بىر بىرى بىلەن كېسىشىپ كېتىدىغان قوش يونىلىشلىك سەپەردە يوشۇرۇن شۇڭا ئاڭسىز ئىپادە قىلىنغان: ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن سەپىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش سەپىرى. ئالدىنقىسىنى ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ساقلانغۇسىز ئاقىۋىتى دېسەك، كېيىنكىسىنى سەرسانلىق ئېلىپ كەلگەن ۋەﻫىمىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەۋەلىك سۈپىتىدىكى فىزىكىلىق بوشلۇققا قېچىش دېيىش مۇمكىن.
dWjx"7^
ئۆلۈم قەدىمدىن بۇيان ﻫەرقايسى كۇلتۇرلاردا ئادەتتە ئىنسان مۇتلەق يوسۇندا يۈزلىنىشى كېرەك بولغان لېكىن ئىنسان ئۆز پانىيلىقىدا مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان سەپەر-ﻫاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن ئېﻬتىمال ئاللىقاياقلارغىدۇر باشلىنىدىغان سەپەر-سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. ئۆلۈم ئىنسان ﻫاياتىدىكى بارلىق سەپەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئەڭ سىرلىق سەپەردۇر. بۇ ﻫادىسە ئۇيغۇر كۇلتۇرىدا»ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يۇسۇپ خاس ﻫاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» دېگەن ئەسىرىدە ئۆلۈم مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
u'=(&><
>KKeV(Ur
كارۋانغا ئوخشار بۇ ئادەم ئوغلانى،
#_{0Ndp2
تۇرالمايدۇ مەنزىلدە، مەنزىل قېنى؟ (قۇتادغۇ بىلىك، 1386-بىيىت(
=9fEv,Jk
6SV7\,2M
كۈنى بىر مېڭىم ئۇ، تۈنى بىر مېڭىم،
]79~:m[C
ئۆلۈمگە ئاپىرار قۇرۇتۇپ ئوڭىم. (قۇتادغۇ بىلىك، 1389-بىيىت(
Y>G*'[U
&0JK38(
جاﻫان بىر قونالغۇ، گورۇڭ بىر توشۇن،
Rnzqw,q
قوپساڭ بۇ توشۇندىن توشۇن ئۇ ئاجۇن. (قۇتادغۇ بىلىك، 1390-بىيىت(
qP&byEs"
)`mbf|,&t{
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئۆلۈمنى ئىنساننىڭ بىلىشىدىن ﻫالقىغان مېتافىزىكىلىق ﻫادىسە سۈپىتىدە قارىغان. بۇنىڭدا ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەن قارارسىز لېكىن مۇقەررەر ﻫادىسە بولغان ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ﻫايات جەريانىدا سەپەر قىلىشقا قالغان-بۇ دەل ئۆلۈمگە قىلىنىدىغان سەپەردۇر. ﻫاياتنىڭ قارارسىزلىقى ماﻫىيەتتە ئۆلۈمنىڭ قارارسىزلىقىنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. ئۆلۈم ئۆزىدە بىر خىل تەقدىرچىلىك نوپۇزىنى يوشۇرۇش ئالاﻫىدىلىكى بىلەن ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېگىز-پەسلىككە ۋە خېيىم-خەتەرگە تولغان ﻫاياتىنى بىر نىشانسىز سەيياﻫنىڭ سەپىرىگە ئايلاندۇرغان: بۇ پانىي دۇنيادا ياشاشنىڭ قارارى)ئىرادىسى) دەل پۈتكۈل قارارلارنىڭ يوقىلىشىغا يۈزلىنىشنى ئاللىبۇرۇن قارار قىلغان. پۈتكۈل سەپەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارگاﻫى دەل ئۆلۈمدۇر. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا بىر خىل نىشانسىزلىق ۋە ﻫەتتا تاركىيدۇنياچىلىق تەركىبلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئۆلۈملا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىق نىشانغا ۋە تەۋەلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆلۈم بىر خىل يوشۇرۇن، سىرلىق ﻫەم ئاداققى تەۋەلىكتىن دالالەت بېرىدۇ. تاﻫىرنىڭ شېئىرىدا ئىپادىلەنگىنى دەل يۇقىرىقى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق سۈپىتىدىكى ئۆلۈم ﻫادىسىسىنىڭ ئۇيغۇر كۇلتۇرىغا تەۋە بولغان قىسىملىرىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز لېكىن سېزىلەرلىك تۈستە ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇنىڭدا تاﻫىر ئەسلى تەۋەلىكنى فىزىكىلىق بوشلۇق سۈپىتىدە قاراشتەك ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق بىلەن ئۇنى ئۇيغۇر كۇلتۇرىنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىدىكى بىر خىل ﻫەم ئەسلى ﻫەم ﻫەقىقىي بولغان تەۋەلىك دەپ قاراشتىن ئىبارەت مەرەككەپ بىرىكىش ﻫەم ئايرىلىپ تۇرۇش ﻫالىتىدە يوشۇرۇن ﻫالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرت ۋاقىتتا ئۇ يۇقىرىقى ئىككى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق قاتلىمى ئالدىدا چوڭقۇر تېڭىرقاش ﻫېس قىلىدۇ: بۇ تېڭىرقاش ئۆز كۇلتۇرىنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىىدا ئەكس ئېتىدىغان ئۆلۈمنى مۇتلەق مېتافىزىكىلىق زۆرۈرىيەت سۈپىتىدىكى ئەسلى تەۋەلىك سۈپىتىدە تاللاش بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك بولغان پانىيلىقتىكى (فىزىكىلىق بوشلۇق سۈپىتىدىكى) ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەﻫىمىنى يېڭىش-ئۆلۈمنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇش-ئوتتۇرىسىدىكى تېڭىرقاشتۇر. بۇنىڭدا تاﻫىر ئۆزىنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشكە كۆپرەك مايىللىقىنى ئىشارە قىلىدۇ.
u0s'6=
خۇددى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بالىياتقۇغا قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئاڭسىز ﻫېس قىلىقلىق شائىر بۇ يەردە تۇغۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈمگە سەپەر قىلىشنى ئۆز تەۋەلىكىگە قايتىش ئارقىلىق ئاڭسىز ئىنكار قىلماقچى، ياكى ﻫېچ بولمىشغاندا ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان ۋەﻫىمىنى يەڭگىللەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەسلىلىككە قايتىش شۇڭا ئادەمنىڭ ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىشقا بولغان ئاڭسىز ئىنتىلىشىدۇر. شېئىردا يېزىلغانى دەل بۇ خىل ئىنتىلىشنىڭ ئاڭلىقلاشتۇرۇلۇشى-يەنى شېئىرلاشتۇرۇلۇشىدۇر.
AvyQ4xim+
ئۆلۈمنىڭ شېئىرنىڭ رېتىمىغا تۇيۇقسىز قىستۇرۇلۇشىدەك زىلزىلىسى شېئىرغا يېڭى تەرتىپ ئېلىپ كېلىدۇ ياكى تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا شېئىرنىڭ ئەسلىدىكى تەرتىپىنى بۇزۇۋېتىپ، تەرتىپسىزلىشىشنىڭ ئىچكى تەرتىپىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ شېئىرغا سىغدىلىپ كىرىشى شائىر ئىزدەۋاتقان ئەسلىلىككە-ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش سەپىرىنىڭ روي بېرىشىنى يوقلۇققا يۈزلەندۈرىدۇ: ئۆلۈم بۇ يەردە مەۋجۇداتنىڭ ئاددىيلا ﻫالدا يوقلۇققا ئايلىنىشىنى كۆرسەتمەستىن بەلكى يوقلۇق ئېلىپ ئېلىدىغان ياكى ئۇ تەرىپىدىن بېشارەتلىنىدىغان ئاياغلىشىشنىڭ كۆز ئالدىمىزدىن يوقالماي تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەپلاتون ئۈچۈن ئۆلۈم پانىي ﻫەم سەزگۈلۈك ئالەمدىن ئەسلىلىك ئالىمىغا ﻫالقىشتىكى زۆرۈر باسقۇچتۇر. ئۇ ئادەمنى تەننىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلىپ مەڭگۈلۈككە قايتۇرىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئىپادە قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم ئەسلىلىك بىلەن ئۇنىڭغا قايتقۇچى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان نامسىز، ۋەيران قىلغۇچ ۋە تەرتىپسىزلىگۈچى كۈچنىڭ يۈز بېرىشىدۇر. دەل مانا مۇشۇ كۈچ شائىر ئۆز ئەسلىگە قايتىشىدا تايانماقچى بولغان ﻫەممە مۇمكىنچىلىكلەرنى مۇمكىنسىز قىلىدۇ.
Q js2hj-$
ئۆلۈم خۇددى گېرمان پەيلاسوپى مارتىن ﻫايدېگگېر ئېيتقاندەك ئىنسان ﻫاياتىدىكى پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ مۇمكىنسىزلىككە ئايلىنىشىدۇر. ئەنە شۇ ئۆلۈمنىڭ شەپىسىنى تۇيۇش مىنۇتلىرىدا شائىر ئۆزىنىڭ ئۇتوپىيىسىگە، يەنى «مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر» ى بولغان ئەسلى ماكانىغا، قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ﻫېس قىلىشقا قالىدۇ. «بىراق»، شائىر بۇ يەردە يەنە ئۆلۈمنىڭ ئۇ قېتىدا ئۆزىنى غىل-پال ئايان قىلىپ تۇرىدىغان «غۇۋا» بوشلۇقنى تۇيغۇسىدىن قاچۇرىۋەتمەيدۇ: بۇ بوشلۇق «غۇۋا چىراي بىلەن مېﻬمانلارنى كۈتۈۋېلىپ» يەنە «ئۇزىتىپ» قويىدىغان «جەنۇب» تۇر:
VccM=w%*
...
|xp$OL"a
بىراق جەنۇب ئوخشىمايدۇ.
]7v81G5E
ئۇ غۇۋا چىراي بىلەن مېﻬمانلارنى كۈتۈۋېلىپ،
;CA ?eI
ئاندىن ئۇزىتىپ قويىدۇ.
l6V%"Lo/)
%)8d{1at
--»جەنۇبقا سەپەر«
xIM8
IY V-*/ |
مەزكۇر كونتېكىستتە دىققىتىمىزنى ئالاﻫىدە تارتىدىغىنى «بىراق» سۆزىدۇر. گرامماتىكىلىق فۇنكسىيە نۇقتىسىدىن چىقىپ ئويلىغىنىمىزدا، «بىراق» سۆزى ئادەتتە ئالدىنقى بۆلەك بىلەن كېيىنكى بۆلەكنىڭ مەنە جەﻫەتتىن بىر بىرى بىلەن قارىمۇ قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. ئۇشبۇ سۆز شېئىردا قارىماققا ئۆلۈم تۇيغۇسى بىلەن «جەنۇب» ئىماگى ئوتتۇرىسىدىكى سۇ بۆلگۈچ نۇقتىدەك بىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا شائىر ئۆلۈمنىڭ ئۇ قېتىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ﻫاياتلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ۋەﻫالەنكى، تېكىستنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوقۇساق شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، شائىرنىڭ ئۆلۈمنىڭ سىرلىق بېشارىتى بىلەن ئاستا-ئاستا ياتلىشىۋاتقان ئەسلىلىك ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قېلىشىدەك بىر بىرى بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ﻫالىتى مانا مۇشۇ سۆزنىڭ قوللىنىلىشىدا يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن. ئۆلۈمنىڭ سىرتىدىكى سەرسانلىق ۋە ئەسلىلىك ئىچىدىكى ناتونۇشلۇق ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغان شائىر دەل مانا مۇشۇ سۆزدە ئۆزىنىڭ ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش يولىدا ئەڭ ئاخىرىدا تەۋەسىز قېلىشىنى ئايان قىلىدۇ.
qe[
ئەمدى «قەشقەرگە قايتىش» شېئىرىغا قايتايلى. بۇ شېئىر ئالدىنقى شېئىرغا قارىغاندا تۇيغۇ قاتلاملىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىپادىلەش رېتىمىدىكى دەللىك ۋە تېزلىك، ئىماگلارنىڭ ئەركىن مۇناسۈۋەتلۈشۈشۈدە بارلىققا كېلىدىغان مەنە جەﻫەتتىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن، تېخىمۇ مۇرەككەپ شېئىرىي بوشلۇقنى ئۆزىدە نامايان قىلغان. بولۇپمۇ شېئىردىكى تۇيغۇ رىتىمىنىڭ تېزلىكى خۇددى تەشۋىشتە قالغان ئادەمنىڭ نەپىسىدەك ئۈزۈك-ئۈزۈك ۋە تېز-تېز چىققان. شېئىر شائىرنىڭ تەشۋىشكە تولغان نەپىسىنىڭ خاتىرىلىنىشىگە ئايلانغان. شۇنداقلا، ئەگەر ئالدىنقى شېئىر شائىرنىڭ ئەسلىلىك بىلەن ياتلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەۋەسىزلىنىشىنى سۆزلىسە، كېيىنكىسى شائىرنىڭ ئەسلى تەۋەلىكتىكى تەۋەسىزلىكىنى سۆزلەيدۇ. لېكىن، ﻫەر ئىككى شېئىر قارىماققا بىزنىڭ ئەسلى تەۋەلىكتىن چىقىش، سەرسانلىق ۋە ئاخىرىدا ئەسلى تەۋەلىككە قايتىشتىن ئىبارەت بىز ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان مودېلىمىزنى قوللايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ خىل مودېلنىڭ ياكى ئىپتىدائىي موتىفنىڭ بىزگە ئايان قىلىدىغىنى مەنبەگە، ئوخشاشلىققا (ېوخشاش كۈملۈككە) ۋە ئىپتىدا بىرلىككە قايتىپ، ئەسلىدىكى شادىمانلىققا، خاتىرجەملىككە ۋە نىجادلىققا ئېرىشىشتۇر. لېكىن،«قەشقەرگە قايتىش» شېئىرىدىن بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز ئەسلىلىكتە يېڭىۋاشتىن باشلانغان تېخىمۇ تىرەن سەرسانلىق ۋە ئەسلىلىككە قايتىشنىڭ ئەسلىلىك ئىچىدىكى مۇمكىنسىزلىكىدۇر.
m{vT_ei
5LO4P>fq
قەشقەرنىڭ سىرلىق ۋە ناتونۇش تۇرقىغا قاراپ
3aEt>x
ئۈلۇغۋار ئاخشاملارنىڭ ۋەﻫىمىسىدىن تېنىم شۈركىنەر.
y>@v>S
MhHr*!N"}
--»قەشقەرگە قايتىش«
ooomi"u
B"7$!C o
شېئىردىن شۇ نەرسە ئايانكى، قەشقەر تارىخنىڭ سىمۋوللاشقان گەۋدىسى: شائىر مانا مۇشۇ ئېزىتقۇ قەسىردەك شەﻫەردە لەيلەپ يۈرىدۇ ۋە يوقاتقان چۈشلىرىنى ئىزدەيدۇ. قەشقەر تارىخ سۆزلەيدۇ ۋە تارىختا سۆزلىنىدۇ. قەشقەردە شائىر بىر ۋاقىتلاردا ئۆزىگە تەۋە ۋە ئۆزى تەۋە بولغان نەرسىلەر بىلەن قايتىدىن بىرلىشىشنى جان جەﻫلى بىلەن ئىزدەيدۇ. لېكىن، ئۇ شۇنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بايقايدۇكى، نىچې ئېيتقان «ئىپتىدا بىرلىك» ئۇ يەردە يوقالغانىدى. تاﻫىر ئۆزىنىڭ ياقا يۇرتلاردىكى سەرسانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇتوپىيىسىدە سەرسانلىقتا كۆرىدۇ . ئۇ سەرسانلىقتىن سەرسانلىققا سوزۇلغان قاينامدا قالىدۇ، خۇددى نىچې ئېيتقان «مەۋجۇتلۇقنىڭ قاينىمى» دا قالغاندەك:
qnabw F
B1x'5S;Bq
كۆك كۆۋرۈك ۋە كۆكتات بازىرى خىرە يادىمدا،
se~ *<5
سۆڭەكسىز مەخلۇقتەك ياتتىم سوزۇلۇپ،
nwY2BIB
قورسىقىم ئاچ، چىرايىم قارا، قەلبىم قۇپقۇرۇق!
WA<H
"B3iX@C
--»قەشقەرگە قايتىش«
-X`~;=m>U
d8xk &za
ئەمدى بىز قەشقەرنىڭ "پاكار ئاسمانلىرى" دىن ئۆتۈپ، تېكىستنىڭ مەركىزىگە --شائىرنىڭ بىزنىڭ تەكەللۇپسىز بۆسۈپ كىرىشىمىزنى توسالمايدىغان قەلبىگە --بارىمىز. شائىر ئەڭ ئاخىرىدا، ئېﻬتىمال خۇددى توماس ئېلىئوت ئىپادە قىلغان جەزىرىدە، چىدىغۇسىز تەنﻬالىق ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ياتلىشىشتا ئۆزىگە يالغۇز قالىدۇ، ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىدۇ.
Iu)L3_+
zzulVj*
قەشقەر-قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى دەقىقە،
L@C >-F|p
قۇياش يۈزىگە چاپلانغان قەغەز، مەڭگۈلۈك قارا سىياﻫ،
2AdX)iF@
كونىرىغان، شەلۋەرىگەن يارا، بىچارە مۇﻫەببەت.
0|WOReskK
^JYF1
--»قەشقەرگە قايتىش«
~J8cS
OU0xZ=G
شائىرغا ئېﻬتىمال ئۇنىڭ ئۆزى ئەسلىلىكتە ياتلىشىپلا قالماستىن ئەسلىلىكمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىلىكىدە ياتلاشقاندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەسلىلىكنىڭ ئىچكى ياتلىشىشى شېئىرنىڭ تراگېدىيىلىك قاتلىمىنى تېخىمۇ تېرەنلىككە يۈزلەندۈرىدۇ. ئەپلاتون ئۆز پەلسەپىسىدە ئىپادە قىلغان مۇكەممەللىكنىڭ سىمۋولى بولغان چەمبەرسىمان قايتىش ئۆزىدە ياتلاشقان شەﻫەردە ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىپ ئۆزىدىن ياتلاشقان شائىردا بۇزۇپ تاشلىنىدۇ: بۇ يەردە نە ئەسلىلىككە قايتىش، نە مۇكەممەللىك ئەمەس، بەلكى كېسەلمەنلىكنىڭ ئىزناسى بولغان «شەلۋەرەش» لا قالىدۇ. زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسلىلىك ئىچىدە تۇرۇپ ئەسلىلىككە يېقىنلىشالماسلىق بىزنىڭ ئادەتتە «شەلۋەرىگەن» يارىغا بولغان پوزىتسىيىمىزدە ﻫەم بىزنىڭ كېسەلمەنلىككە بولغان چوڭقۇر سەزگۈرچانلىقىمىزدا ئىپادە قىلىنغان.
~ @b9
«قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان دەقىقە» دە شائىر يىراقلىشىش بىلەن نىشانسىزلىققا تولغان ﻫېسسىياتنىڭ قىينىشىدا تىپىرلايدۇ. بىر بىرى بىلەن قارىماققا ﻫېچقانداق لوگىكىلىق باغلىنىش ياسىمايدىغان «قەشقەر»، «قۇياش»، «قارا سىياﻫ»، «يارا» قاتارلىق ئىماگلارنىڭ ئىنتايىن ئېﻬتىياتچانلىق بىلەن بىر بىرىگە يانمۇ يان چاپلىنىشى شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا جىددىي تەۋرىنىۋاتقان ئەسلىلىكنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ ﻫەمدە شائىرنى قاپساپ كېلىۋاتقان يېگانىلىق تۇيغۇسىنىڭ شېئىردىكى ئىچكى رىتىملىشىشىنى ئايان قىلىدۇ. لېكىن، بۇ ئىماگلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىلىككە قارىتا ئەمدى بىر يەرگە ئەكىلىش ﻫەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ﻫەم تەدرىجىي يوسۇندا پارە-پارە بولۇۋاتقان تۇيغۇنى، سېغىنىشنى ۋە ﻫېسسىياتنى ئاشكارا قىلىدۇ. ﻫەممە نەرسە ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە ئۆزگەرگەن ﻫەم ئاخىرلاشقان مىنۇتتا شائىر خۇددى مۇﻫىم بىر نەرسىنى دەپ قويۇشنى لايىق تاپقاندەك يەنە بىر قېتىم «بىراق» دەيدۇ:
I T*fjUY&
27h/6i3
بىراق، سىز
a(Gk~vD;"
شامالنى پوملاپ ئاسمانغا ئېتىپ،
S+` !%hJ
ئاندىن ماڭا قاراپ قويدىڭىز،
y)N.LS
خىيالىمىزدا تەڭگىدەك تۆشۈكتىن يامغۇر تامچىلار.
[8V(N2
2:smt)f
--»قەشقەرگە قايتىش«
t[H _6)
'W
«بىراق» تۇيغۇمىزنى ئىككىنجى قېتىم چېكىدۇ، ﻫەمدە بىز كۈتمىگەن ) يېڭى) بوشلۇقنى ئاچىدۇ. ئۇشبۇ سۆز شېئىردىن زوقلىنىشىمىزغا بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدۇ ۋە بىزنى ﻫەيرانلىقنىڭ سېﻬرىگە چۆمۈلدۈرىدۇ. تېخىمۇ مۇﻫىمى، ئۇ شېئىرنى ئىجادىي ئوقۇشىمىزنى كۆپ خىل مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، گەرچە ئۇلار بەزىدە بىر بىرى بىلەن قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ. ئەگەر «جەنۇبقا سەپەر» دە ئۇشبۇ سۆز شائىر ئەڭ ئاخىرىدا تەۋە بولالىشى مۇمكىن بولغان بوشلۇقنى، يەنى ئۆلۈمدىن يىراق بولغان ﻫەم تەۋەلىككە تەۋە بولالمىغان زىددىيەتلىك بوشلۇقنى، ئىشارە قىلسا، بۇ يەردە ﻫەممە نەرسە ئاخىرلاشقاندا قېپ قالىدىغان قۇپقۇرۇقلۇقتا ئادەم تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالىدىغان ئۆزگە «سىز» بىلەن بولىدىغان خىيالىي تونۇشلۇقنى ۋە بىر بىرىگە تىكىلگىنىچە بىر بىرىدىن يوشۇرۇن ۋە جىممىدە ئىسەدەشنى ئايان قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا، ئۇشبۇ سۆز شائىرغا باشپاناﻫ بولالايدىغان ئاخىرقى مۇمكىنچىلىكنى بىزگە بايان قىلىدۇ. بۇ مۇمكىنچىلىك شائىرنىڭ قەشقەرگە-ئۆزىنىڭ قالغانلىقىنىڭ ئەسلىلىكىگە-- قايتىشتىن ئۆزىنىڭ ئەسلىلىكىگە-قەلبىگە-قايتىشقا ئىقرارنامىسىدۇر. ئۇنداقتا شائىر زادى قەيەرگە تەۋە؟
@&a m!+z
L!G9O]WB
(HTk;vbZm
س. ئەسلىلىكتىن تېكىستنىڭ ئەسلىلىكىگىچە: شائىرنىڭ تەۋەلىكى
?kT~)k
} (GQDJp
ماقالىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىزنىڭ شەرﻫ خىزمىتىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى شائىرنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتۇر. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تاﻫىرنىڭ بۇ ئىككى شېئىرىدا ئەسلىلىكتىن چىقىش، سەرسانلىق ۋە ئەسلىگە قايتىشقا بولغان جەرياننىڭ ﻫېسسىيات تارىخى سۆزلىنىدۇ. لېكىن، بۇ شېئىرلاردا ئەسلىگە قايتىش ﻫەزگىزمۇ ئىلگىرى يىتتۈرگەن شادىمانلىققا قايتا ئېرىشىشنى ئەمەس بەلكى يېڭى يوقىتىشنى، يەنى ئۆزى تەۋە بولغان ﻫەم ئۆزىگە تەۋە بولغان ئەسلىلىكتە ياتلىشىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى يوقىتىشنى، كۆرسىتىدۇ. ئەمدىلىكتە ئەسلىلىكنى ئىزدەش جەريانىدا يېڭىۋاشتىن ماكانسىزلىشىشقا قالغان شائىرنىڭ قەيەرگە تەۋەلىكى نۆۋەتتىكى تەﻫلىلىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىدۇر.
i?P]}JENM
«قەشقەرگە قايتىش» تا شائىر ئۆزىنىڭ چۈشكە ئوخشايدىغان ئۇتوپىيىسى، يەنى قەشقەر، بىلەن بولغان رومانتىك يېقىنلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك يوقالغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. تاﻫىر قەدىمقى گرېك تىلىدا "مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىغان ئۇتوپىيىدىن كەلگەن ۋە يەنە شۇ يەرگە قايتىشنى ئىزدەيدۇ. دېمەك شائىر ﻫېچ يەردىن كەلمىگەن ۋە ﻫېچ يەرگە كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇ «مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر» گە تەۋەدۇر. شۇنى دېيىش مۇمكىنكى، شائىر مەلۇم نەرسىگە، جايغا ﻫەم ئادەمگە تەۋە ئەمەس ﻫەم تەۋە بولالمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىگىلا، ئۆزىنىڭ ئىچكىيلىكىگىلا، يەنى ئادەمنى ئىزتىراپقا سالىدىغان دەرىجىدە قۇپقۇرۇق بولغان ئىچكىلىكىگىلا، تەۋەدۇر. مانا مۇشۇ تەۋەلىكتىن شېئىر دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
d ~Z:$&r
تاﻫىر بۇ شېئىرلىرىدا بىزگە ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ جىددىيلىكنى ناﻫايىتى سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەيدۇ: بۇ بىزگە ئۆزىگە تەۋە بولۇشقا قالغان ئادەمنىڭ يەنە توختاۋسىز يوسۇندا ئۆزى تەۋە ﻫەم ئۆزىگە تەۋە ئەسلىيلىكنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇشتەك مەخپىيىتىنى سۆزلەيدۇ. شائىر تاشلىۋېتىلىش تەقدىرىگە پاتقىنىدا، قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقان قۇپقۇرۇقلۇقنى ﻫېس قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن قالىدۇ: ئۇ قەلبىدە ئۆزىدىن ئۆزىگە سەرسان بولغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن، يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلى "ئىپتىدا بىرلىكى" دە ئۆزى بىلەن شادىمان بىللە بولۇشتىن، ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغان. ئۇنىڭ قەلبى ﻫەر زامان ئارامسىزلىققا تولغان--ئۇنىڭ قەلبى يارىلانغان ۋە قانىغان. ئۇنىڭ قەلبى، پەقەت ئۇنىڭ قەلبىلا ئۇنىڭغا، ئۇ ئەنە شۇ يېگانە قەلبىگىلا تەۋەدۇر.
n WO~v{h3J
تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادە قىلىنغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ماﻫىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەۋجۇتلۇق موتىفىمىز بولغان ئۆيدىن ئايرىلىش-سەرسانلىق-ئۆيگە قايتىشنىڭ بۇگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن تەدرىجىي يىتىشىگە بولغان تەشۋىشكە قايتۇرۇلغان ئاڭسىز ئىنكاسنىڭ مەﻫسۇلى دېيىش مۇمكىن. شائىر شېئىرلىرىدا ئەسلى بىرلىككە، شادىمان تىمتاسلىققا ۋە تارىختىن ئىلگىرى تۇرىدىغان خۇشلۇقنى ئاڭسىز سېغىنىدۇ، ئۇنى ئىزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شائىر ئەسلىلىككە تەۋە بولۇشنى تۇيۇشنى بارغانسېرى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ﻫازىرقى زامان ئادەملىرىدە مەۋجۇت بولغان روﻫىي سەرسانلىقنى شېئىرنىڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا ئايان قىلىدۇ. يەنى شائىر ېەسلۈلۈككە تەۋە بولۇشتىن ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ يېگانە مەۋجۇتلۇقىغا تەۋە بولۇشقا قالغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىشى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دىققىتىنى بېرىدۇ. تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئايان بولىدىغان ئەمدىكى تەۋەلىك دەل ئەسلىلىكتىن ياتلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭى تەۋەلىك، يەنى ئۆزىگە-ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ قەلبىدىلا-تەۋە بولۇشتۇر. شائىرنىڭ تەرەددۇتلىنىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ئەپلاتونچە غايىۋى دۇنيا ياكى ئەسلى ماكانغا قايتىشنى ېۈزدەش ئەمەس، بەلكى باشقا ﻫەممە ئىزدەشلەرنىڭ بىﻬۇدىلىقى ئايان بولغاندىن كېيىنكى ئاخىرقى ۋە ئەجەللىك ئىزدەش: ئۆزىنى ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ تىرەنلىرىدىن ئىزدەش. بۇنىڭدا شائىر قەلبىنىڭ سىرتىدىكى ئەمەس بەلكى قەلبىنىڭ ئىچكىرىدە يوشۇرۇنغان ئەسلى تەۋەلىككە يۈزلىنىدۇ. بۇ يۈزلىنىشتە شېئىر كېلىشتۈرگىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىگە يۈزلىنىشكە قالغان شائىر ئۈچۈن پەقەت بىرلا يول بار، يەنى ئۇ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىقلا يۈزلىنەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئايان قىلالايدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىلا ئۆزى ئىزدەۋاتقان خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيدۇ. شېئىر-شائىر تەۋە بولالايدىغان بوشلۇقتۇر.
f|[5&,2<
BT*K,p
د. خۇلاسە
%]P@G^Bv
W4] 0qp`\
بىزنىڭ مەزكۇر ماقالىدا ئېلىپ بارغان خىزمىتىمىز شائىر تاﻫىر ﻫامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە «قەشقەرگە قايتىش» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرىنى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق شەكلىدىكى موتىف بولغان ئۆيدىن ئايرىلىش-سەرسانلىق-ئۆيگە قايتىش مودېلى بويىچە ئىجادىي ئوقۇپ چىقىشتۇر. گەرچە شائىرنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلما يۇقىرىدىكى مودېلنى قوللىسىمۇ، لېكىن شېئىردىكى ئىچكى يۈزلىنىش ئېلىپ كەلگەن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق بىزگە بىز يۇقىرىدىكى مودېل بىلەنلا ﻫەل قىلالمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگىنى ئىلگىرىكى سەرسانلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ ئەسلى تەرتىپنىڭ، يەنى ئەسلىدىكى خاتىرجەملىكنىڭ ۋە بىغۇبارلىقنىڭ، ئورنىتىلىشى ئەمەس بەلكى يېڭى تەرتىپسىزلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر. جون مىلتون ئۆزىنىڭ «يوقالغان جەننەت» دېگەن ئەسىرىدە ئىپادىلىگەن ﻫازىرقى زامان ئادەملىرىگە ئورتاق بولغان مۇنۇ تراگېدىلىك ئاقىۋەت، يەنى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بولغان ئەسلىلىكىدىن ياتلىشىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تۈرلۈك تەشۋىش، ئىزتىراپ ۋە يېگانىلىق تۇيغۇسى، ئۇشبۇ شېئىرلاردىكى مەنە قاتلاملىرىنى ﻫاسىل قىلغان. تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرى بىزگە مىلتونچە «يوقالغان جەننەت» ﻫېسسىنى سۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەپسانىلەر دەۋرىدىن قالغان ئۇتوپىيە چۈشىمىزگە ۋە كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىمىز بولغان ئەسلى ماكانغا قايتىشقا بولغان ناتىۋانلارچە ئۇرۇنۇشىمىزغا يوشۇرۇن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىدۇ. تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىنى تەﻫلىل قىلىش دەل مۇشۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك زىتلىقتىن خالىي بولالمايدىغانلىقى ئاشكارا قىلىدۇ: ئۆزىنىڭ ئەسلىلىكىگە تەۋە بولۇش تۇيغۇسىدىن، ئۇتوپىيىلىك چۈشىدىن ۋە ئىپتىدائىي سەزگۈسىدىن تەدرىجىي يوسۇندا ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئادەمنىڭ قەلبىنى شېئىرىي تېكىست شەكلىدە چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر ﻫەم ئىشەنجلىك يولى دەل ئۇنى ئەسلىلىك، ئۇتوپىيە ۋە ئىپتىدائىيلىقىغا قايتۇرۇش ﻫەم ئاشۇ كونتېكىستقا قويۇشتۇر. تەﻫلىلىمىز ئاخىرىدا تاﻫىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن مۇنۇ يەكۈن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: خۇددى ﻫازىرقى زامان ئادىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىپتىدائىي ئاڭسىز مودېللىرىغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدەك، ئىپتىدائىي تۇيغۇلارنى ﻫەم مودېللارنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ﻫازىرقى زامان ئادەملىرىنى چۈشىنىشكە مۇراجىئەت قىلىمىز. مانا مۇشۇ قوش ياقىلىمىلىق چۈشىنىشتە، ئىپتىدائىيلىق بىلەن ﻫازىرقى زامانلىقنىڭ پەرقى بارغانسېرى كىچىكلەپ ماڭىدۇ.
Wpg?%+Y
H$($l< G9C
----------
,2:L{8_L
ئىزاﻫاتلار:
9iN!hy[
①ئوتوپىيىنىڭ قەدىمكى گىرىك تىلىدا "مەۋجۇت بولمىغان يەر" ۋە "گۈزەل يەر" دېگەن ئىككى خىل مەنىسى بار بولۇپ، ئۇنى "مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر" دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
7UEy L }N
②قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەپلاتون دۇنيانى سەزگۈلەر دۇنياسى ۋە ئەقلىي (سەزگۈلىرىمىزدىن ﻫالقىغان ئىدىيىلەر) دۇنياسى دەپ ئىككىگە بۆلگەنىدى. ئۇنىڭچە پەيلاسوپلارنىڭ ئىزدىنىدىغىنى مانا مۇشۇ ئەقلىي دۇنيا بولسا، شائىرلارنىڭكى بولسا ئەقلىي دۇنيانىڭ ﻫاسىلاتى، تەقلىدى ﻫەم كۆچۈرۈلمىسى بولغان سەزگۈلەر دۇنياسىلا ئىدى. شۇڭلاشقا، شائىرلارنىڭ يازىدىغىنى ئەسلىلىك سۈپىتىدىكى ئىدىيىلەر دۇنياسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەقلىدى بولغان پانىي دۇنيانى ئۈستىلەپ تەقلىد قىلىش بولغاچقا، ئۇلار ﻫەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتكۈچىلەر ئىدى. ئۇلار زېﻬنىنى پەقەت ئىدىيىلەر دۇنياسىدىنلا تاپقىلى بولىدىغان ﻫەقىقەتنى يېزىشقا ئەمەس، بەلكى پانىيلىقتىكى ئۆتكۈنچى، ماﻫىيەتسىز ۋە ئىككىلەمچى شەيئىلەرنى يېزىشقا سەرپ قىلىدۇ. مانا بۇ شائىرلارنى ﻫەقىقەتنىڭ ﻫامىيلىرى ئەمەس دەپ قاراشنىڭ ئەپلاتونچە شەرﻫلىنىشىدۇر.
"> 4[+'
^Qb!k/$3y
③ فرانسىيە پەيلاسوپى ئېممانۇئېل لېۋىناسنىڭ قارىشىچە پۈتكۈل غەرب پەلسەپىسى ئۇلىسىسنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ سەرسان بولۇشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيىگە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت مانا مۇشۇ چەمبەرسىمان ﻫەرىكەت يۈزلىنىشى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ئىپتىدائىي موتىفلىق پەلسەپە مودېلىنى قوللايدۇ. شۇڭلاشقا غەرب پەلسەپىسى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مۇﻫىم بىر پەلسەپىۋى مەسىلە مانا مۇشۇ تۈپكى قۇرۇلما بويىچە ئويلىنىلغان ۋە ﻫەل قىلىنغان: ئوخشاشلىقنىڭ قايتىلىنىشىلا ئېتىراپ قىلىش، لېكىن ياتلىق، ئۆزگىلىك، باشقىلىق ۋە پەرقنى مانا مۇشۇ ئايلانما تەكرارلىقتا ياكى ئىنكار قىلىش ياكى بېسىپ قويۇش. لېۋىناسنىڭ تەنقىدىنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى شۇكى، پۈتكۈل غەرب پەلسەپىسى تارىختىن بۇيان ئوخشاشلىقنى پەرقتىن، ئۆزلۈكنى ئۆزگىدىن، كىملىكنى كىملىكسىزلىكتىن ئۈستۈن كۆرۈپ كەلدى، شۇنداقلا بۇ خاﻫىش ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ ﻫەممىدە ئۆزنى يەنى "مەن" نى مەركەز قىلىدىغان ﻫالەتنى يېتىشتۈردى. لېۋىناس تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ﻫالدا ياتلىقنى، ئۆزگىلىكنى ۋە پەرقنى ئامال بار ئۆزلۈككە، ئوخشاشلىققا ۋە پەرقسىزلىككە بوي سۇندۇرۇۋېتىشتەك خاﻫىشقا ئىگە دەپ قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. غەربنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى قوللايدىغان ئۇلىسىسنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشى، سەرسانلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائىي ئەندىزىگە قارىتا لېۋىناس قەدىمقى يەﻫۇدىي دىنىي كىتابلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئىبراﻫىم پەيغەمبەرنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ كېتىپ، يىراق-يىراقلاردىكى ناتونۇش جايلارغا سەپەر قىلىشى ۋە مەڭگۈ قايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەندىزىنى قارىمۇ قارشى قويۇش ئارقىلىق، يەﻫۇدىي ئەنئەنىسى ۋە بەزى شەرق مەدەنىيىتى قوللايدىغان چەمبەرسىمان ئەمەس بەلكى تۈز سىزىقسىمان ئىلگىرىلىمە يۈزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۈز سىزىقسىمان سەپەر ﻫەم ئۇنىڭدىكى سەرسانلىقتا ئادەم ياتلىقنى، پەرقنى ۋە ئۆزگىلىكنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇشنى ئىستىمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ﻫەقىقىي رەۋىشتە ئۇچرىشىشنى ئىستەيدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ ۋە جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭچە، ئۆزگىلىك، مەسىلەن يات ئادەم، چەكسىزلىكتىن كېلىدۇ ۋە مېنىڭ ﻫەممىنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇشقا ۋە بوي سۇندۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان نىيىتىمنى ئۆزۈمگە ئايان قىلىپ، مېنى نومۇسقا قويىدۇ. ئۆزلۈكنىڭ ۋە ئوخشاشلىقنىڭ چەمبەرسىمان ئايلىنىشىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ﻫەم ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان ئۆزگىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن، چۈنكى ئەنە شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىگە بوي سۇندۇرغىلى بولمايدىغان يېڭى بوشلۇقنى بايقايمەن ﻫەم ئۇنىڭ ئىلتىجاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمەن: ئۆزگىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۆزگىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر. مانا بۇ لېۋىناسنىڭ غەرب پەلسەپىسىنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن ﻫىقىپ تۇرۇپ تەنقىدلىشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدۇر.
#ui%=ja[:~
شۇڭلاشقا، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە پەيلاسوپلار ئۆلۈۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆلگەندىلا روﻫ سەزگۈ ئەزالار دۇنياسىدا مەنسۇپ بولۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولمىش تەندىن ۋە ئۇنىڭ خىلمۇ خىل ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا-ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ، ﻫەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ نۇرىغا چۆمۈلىدۇ. بۇنىڭدا تەن سەزگۈلەر دۇنياسىدا بولۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنىڭ روﻫلار ماكانى بولغان ئەسلىلىككە قايتىشتىكى توسالغۇدۇر. مانا مۇشۇ توسالغۇنى يەڭگەندىلا ئادەم ئۆز ئەسلىلىكى بولغان ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتالايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ﻫەققىدىكى ﻫادىسىۋى بىلىملەردىن ماﻫىيەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك، ئەپلاتونچە سەرسانلىق ئەسلىدىن ئىدىيىلەر دۇنياسىدىكى تەۋە بولغان روﻫنىڭ سەزگۈلەر دۇنياسىدا بىر تەنگە چۈشۈپ، يەنى ئورنىشىپ، بۇ دۇنيادا سەرسانلىقىنى باشلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى كەلگەن جايغا-ئىدىيىلەر ئالىمىگە-قايتىشى ئارقىلىق بۇ چەمبەرسىمان ئايلىنىشنى تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ.
"N[gMp6U
ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئىنساندا كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ﻫايات قېلىش، بىئىئەتەرلىك، مۇﻫەببەت ﻫەم تەۋەلىك، ﻫۆرمەت ۋە ئۆزلۈكنى رېئاللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تۈپكى تەلەپ بار. بۇلار ماسلوۋ تەرىپىدىن تۆۋەندىن يۇقىرىغا دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆرلەيدىغان پرامىدا شەكلىدە قىياس قىلنغاچقا، ئىنساننىڭ تەلەپلىرىنىڭ دەرىجىلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى تۆت تەلەپ ئورۇندالمىسا ئادەم ۋەﻫىمە ﻫېس قىلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قاندۇرۇلسا ئادەم ئۆزىنى مۇكەممەللەشكەندەك ﻫېس قىلىدۇ. دېمەك، تەۋەلىك تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئۆزلۈك قەدىر قىممىتىنى ﻫېس قىلىشىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ مۇﻫەببىتىگە ئېرىشىشىدىكى ۋە باشقىلارغىمۇ ئۆز مۇﻫەببىتىنى بېرىشىدىكى مۇﻫىم پسىخىك ﻫالەتتۇر.
f@V{}&ZWp
④ شۇڭلاشقا، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە پەيلاسوپلار ئۆلۈۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆلگەندىلا روﻫ سەزگۈ ئەزالار دۇنياسىدا مەنسۇپ بولۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولمىش تەندىن ۋە ئۇنىڭ خىلمۇ خىل ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا-ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ، ﻫەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ نۇرىغا چۆمۈلىدۇ. بۇنىڭدا تەن سەزگۈلەر دۇنياسىدا بولۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنىڭ روﻫلار ماكانى بولغان ئەسلىلىككە قايتىشتىكى توسالغۇدۇر. مانا مۇشۇ توسالغۇنى يەڭگەندىلا ئادەم ئۆز ئەسلىلىكى بولغان ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتالايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ﻫەققىدىكى ﻫادىسىۋى بىلىملەردىن ماﻫىيەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك، ئەپلاتونچە سەرسانلىق ئەسلىدىن ئىدىيىلەر دۇنياسىدىكى تەۋە بولغان روﻫنىڭ سەزگۈلەر دۇنياسىدا بىر تەنگە چۈشۈپ، يەنى ئورنىشىپ، بۇ دۇنيادا سەرسانلىقىنى باشلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى كەلگەن جايغا-ئىدىيىلەر ئالىمىگە-قايتىشى ئارقىلىق بۇ چەمبەرسىمان ئايلىنىشنى تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ.
HpgN$$\@
⑤ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئىنساندا كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ﻫايات قېلىش، بىىەتەرلىك، مۇﻫەببەت ﻫەم تەۋەلىك، ﻫۆرمەت ۋە ئۆزلۈكنى رېئاللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تۈپكى تەلەپ بار. بۇلار ماسلوۋ تەرىپىدىن تۆۋەندىن يۇقىرىغا دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆرلەيدىغان پرامىدا شەكلىدە قىياس قىلنغاچقا، ئىنساننىڭ تەلەپلىرىنىڭ دەرىجىلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى تۆت تەلەپ ئورۇندالمىسا ئادەم ۋەﻫىمە ﻫېس قىلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قاندۇرۇلسا ئادەم ئۆزىنى مۇكەممەللەشكەندەك ﻫېس قىلىدۇ. دېمەك، تەۋەلىك تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئۆزلۈك قەدىر قىممىتىنى ﻫېس قىلىشىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ مۇﻫەببىتىگە ئېرىشىشىدىكى ۋە باشقىلارغىمۇ ئۆز مۇﻫەببىتىنى بېرىشىدىكى مۇﻫىم پسىخىك ﻫالەتتۇر.
=_~'G^`tu
⑥مانا مۇشۇ سەۋەب ماﻫايىتى كۈچلۈك تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۆزىدە پانتېئىزىملىق (خۇدا بىلەن تەبىئەتنى بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن دەپ قارايدىغان تەلىماتنى كۆرسىتىدۇ) يۈزلىنىشنى يوشۇرۇن ساقلىغان بولىدۇ.
ysP/@;jC
⑦ ك.گ. يۇڭ، «پسىخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات») ئىنگلىزچە)، 20"-ئەسىردىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك"دېگەن كىتابتىن ئېلىندى، (لوندون: لوڭمان نەشرىياتى، 1972-يىل نەشرى)، 186-بەت.
y`P7LC
) تۈگىدى(
راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
Posted: 2007-5-24 12:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[باش يازما]
Dilmurat
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
66
شۆھرەت:
120 نۇمۇر
پۇل:
811 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
410 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-10
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-20
مەمتىمىن ئەلانىڭ ماقالىلىرىنى ئۇقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.
Posted: 2007-6-2 19:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[1 -قەۋەت]
Hush_Chiray
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
68
شۆھرەت:
240 نۇمۇر
پۇل:
930 سوم
تۆھپە:
50 نۇمۇر
ياخشى باھا:
290 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-12-10
مىنىڭ تۇنجى ئوقۇشۇم ئاپتۇرنىڭ ماقالىلىرىنى .......يەنە بولسا تەمىن ئەتكەيسىلەر .
Posted: 2007-6-10 11:56 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[2 -قەۋەت]
kutak
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
5
شۆھرەت:
63 نۇمۇر
پۇل:
201 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
25 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى ۋاقىت:2007-06-21
مەمتىمىن ئەلانىڭ ماقالىلىرى شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ ، مىنىڭ تۇنجى ئوقۇشۇم مۇنداق ئۇستا يازغۇچىلارنىڭ ماقالىلىرىنى، شۇڭا كۆپرەك تەمىن ئەتكەيسىلەر.
Posted: 2007-6-10 12:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[3 -قەۋەت]
uyghur
دەرىجە:
مەسئۇل مۇھەررىر
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
68
شۆھرەت:
655 نۇمۇر
پۇل:
930 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
360 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-26
بۇ ماقالىنى بۇگۇن قايتا ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەنمۇ سەۋىيەلىك يىزلغان ،ئوبزور ئىكەن!!
Posted: 2007-12-10 10:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[4 -قەۋەت]
metu
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
9
شۆھرەت:
77 نۇمۇر
پۇل:
240 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
45 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-02-05
مەن كۆرگەن تاھىر ھامۇت شېئىرلىرى توغىرىسدىكى بىردىن -بىر ماقالا ئىكەن . مەمتىمىننىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۇر .
يېزىقچىلىقنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پەيتى-- بىر خىل غېرىبلىق ھاياتىدىن ئىبارەت.ھىمىۋاي
Posted: 2007-12-10 11:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[5 -قەۋەت]
sawutjan
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
45
شۆھرەت:
114 نۇمۇر
پۇل:
600 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
225 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-14
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-25
خەۋەردار بولۇشۇمچە ،بۇگۇنكى زامان ئۇ يغۇر ئەدەبىياتىدامۇشۇنچىلىك ۋەزىندىكى ئوبزۇر تىخى يىزىلپ ئىلان قىلنمىغان ئىدى.
Posted: 2007-12-11 13:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[6 -قەۋەت]
mubarzi
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
34
شۆھرەت:
80 نۇمۇر
پۇل:
490 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
170 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-02-23
ماقالەياخشى ئىكەن .مەمىتىمىننىڭ ئوقۇشى پۈتكەنمىدۇ؟
Posted: 2007-12-11 13:33 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[7 -قەۋەت]
sawutjan
دەرىجە:
يېڭى ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى:
45
شۆھرەت:
114 نۇمۇر
پۇل:
600 سوم
تۆھپە:
0 نۇمۇر
ياخشى باھا:
225 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-14
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-25
باشقۇرغۇچى؛ تاھىر ھامۇتنىڭ دىيارىم مۇنبىردىكى بلوگىدا ساقلىنىپ تۇرۋاتقان شىېئىرلىرىنى ئاز-ئازدىن مۇشۇ مۇنبەرگە يوتكەپ قويساڭلا بوپتىكەن.
Posted: 2007-12-11 13:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[8 -قەۋەت]
ilterish
دەرىجە:
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر
نادىر تېما:
6
يازما سانى:
141
شۆھرەت:
882 نۇمۇر
پۇل:
1744 سوم
تۆھپە:
50 نۇمۇر
ياخشى باھا:
665 نۇمۇر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-04
ئاخىرقى ۋاقىت:2008-03-20
ئوبدان، لېكىن ئۇ بلوگ ھازىر يوقتەك قىلىدۇ، تاھىر ھامۇت ئەپەندىمۇ مۇنبىرىمىزدە بار، ئۆزى ساقلاپ قويغانلىرى بولسا داۋاملىق يوللىسا بولىدۇ. ياكى بىزگە ئەۋەتىپ بەرسە بىز ۋاكالىتەن يوللىساقمۇ بولىدۇ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ!
Posted: 2007-12-11 13:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس=>
[9 -قەۋەت]
«
1
2
»
Pages: ( 1/2 total )
سەھىپە يۆتكەش
>> ئەدەبىيات
|- پروزا
|- شېئىر
|- چەتئەل ئەدەبىياتى
|- ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى
|- ئوبزور
|- تەرجىمە - تەرمىلەر
|- Uyghur Poetry In Translation
>> مۇلاھىزە
|- بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز
|- چەتئەل تەسىراتلىرى
|- سۆھبەت
|- ھېس - تۇيغۇلار
|- سىرلىرىم
>> تىل - تارىخ - مەدەنىيەت - پەلسەپە
|- ئانا تىل
|- تارىخ
|- مەدەنىيەت
|- پەلسەپە
>> سەنئەت
|- ناخشا - مۇزىكا
|- سەھنە ئەسەرلىرى
|- كىنو - تېلېۋىزىيە
|- فوتو سۈرەتلەر
>> مۇنبەر ئىشخانىسى
|- ئۇقتۇرۇش، ئېلان، ئۇچۇر، تەكلىپ - پىكىر
|- ئەخلەتخانا
|- باشقۇرغۇچىلار رايونى
ئىجادىيەت مۇنبىرى
»
ئوبزور
مۇنبەر باياناتى
مۇھەررىرلەر سەمىگە
تورداشلار سەمىگە
جىددىي ئەسكەرتمە
تېما يوللىغۇچىلار سەمىگە
Total 0.033320(s) query 7, Time now is:03-27 10:36, Gzip enabled
新ICP备07000889号
Powered by
PHPWind
v5.3
for Uighur by
Kroran
Code © 2007-03