
مۇھىم مەزمۇنى: 16- ئاپرېل، ياپونىيەدىكى ئوڭچىل سىياسىئون، توكيو ئاستانىسىنىڭ ئامبىلى شىنتارو ئىشىخارا مۇنداق بىلدۈردى: توكيو ئاستانىسى ھۆكۈمىتى شەخسىينىڭ قولىدىن دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. دياۋيۈ ئارىلى يەنە دياۋيۈ سۇپىسى تاقىم ئارىلى (ياپونىيە بۇ ئارالنى «جيەنگې ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لوڭگاڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 190 كىلومېتىر، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن بولغان ئارىلىقى 420 كىلومېتىر كېلىدۇ.

سۈرەتتە: بېلەت تاشلاشتىن كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيەدىكى تور ئەھلىنىڭ %92 تى توكيو ئاستانىسىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋېلىشىنى قوللىغان
CNTVنىڭ ئۇچۇرى (تور بىرلەشمە خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرى لى تاۋ خەۋىرى): ياپونىيەنىڭ ياخۇ تور پونكىتى 17- ئاپرېل «ياپونىيە توكيو ئاستانىسىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋېلىشىنى قوللامسىز؟» دېگەن تېمىدا بىر تۈرلۈك بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. 27- ئاپرېلغا قەدەر، بۇ تور پونكىتى 250 مىڭ بېلەت تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %92 تىدە بۇ ئىشقا قوشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، %7 تىدە قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ئىشقا بېلەت تاشلىغان تورداشلار قالدۇرغان سۆز خاتىرىسىنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ توكيو ئاستانىسى ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.16- ئاپرېل، ياپونىيەدىكى ئوڭچىل سىياسىئون، توكيو ئاستانىسىنىڭ ئامبىلى شىنتارو ئىشىخارا: توكيو ئاستانىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىينىڭ قولىدىن دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 27- ئاپرېل، توكيو ئاستانىسىنىڭ ئامبىلى شىنتارو ئىشىخارا يەنە توكيو ئاستانىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ دياۋيۈ ئارىلى «سېتىۋېلىش» ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، رەسمىي يوسۇندا ئىئانە قىلىش سچوتى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە «نۇرغۇن كىشى ئىئانە قىلماقچى» دېدى.دياۋيۈ ئارىلى يەنە دياۋيۈ سۇپىسى تاقىم ئارىلى (ياپونىيە بۇ ئارالنى «جيەنگې ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لوڭگاڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 190 كىلومېتىر، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن بولغان ئارىلىقى 420 كىلومېتىر كېلىدۇ. دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى بەش كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئارالنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ بەش ھەسسىچىلىك كېلىدۇ.جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئاراللارنى ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ مۇقىم زىمىنى دېگەن تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 17- ئاپرېل ۋە 18- ئاپرېل، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن ئۇدا ئىككى كۈن «توكيو ئاستانىسىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىق» ئىشىغا ئىنكاس قايتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە تەرەپنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئاراللارغا قارىتا قوللانغان ھەر قانداق يەككە تەدبىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز، بۇنىڭ ھەممىسى بۇ ئاراللارنىڭ جۇڭگوغا تەۋەلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.