
شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىل 28- ئاپرىل ئوكرائىنانىڭ خاركوف شەھىرىدە سابىق زۇڭلى تىموشىنكوغا قارشى تۇرغۇچىلار سوت مەھكىمىسى سىرتىدا نامايىش قىلدى.
خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىل 28- ئاپرىل ئوكرائىنانىڭ خاركوف شەھىرىدە سابىق زۇڭلى تىموشىنكونىڭ قىزى يوجنىيا ئادۋۇكات بىلەن سۆھبەتلەشكەن. شۇ كۈنى ئوكرائىنادىكى بىر سوت مەھكىمىسى تىموشىنكو كېسەل سەۋەبىدىن سوتقا چىقالمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ باجدىن قېچىشىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى سوت كىيىنكى ئاينىڭ 21- كۈنىگە ئۇزارتىلدى دەپ جاكارلىغان.
باش سودىيە كومىستانسىن سادوۋفۇشرامىسكۋا مۇنداق دىگەن: تىموشىنكو ئۆزىنىڭ بەل ئاغرىقى سەۋەبىدىن سوتقا چىقالمايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، سوتنىڭ قارىشىچە تىموشىنكونىڭ سىرتىدىن سوت ئېچىشقا بولمايدۇ.
فرانسىيە خەۋەر ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى تىموشىنكونىڭ نەچچە مىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە نەچچە مىڭ قارشى تۇرغۇچىلار خاركوف شەھىرىدىكى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا شۇئار توۋلىغان، بۇ مەنزىرە ئوكرائىنادا تىموشىكو مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاۋىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگە