
La Liga نىڭ كۈچلۈك كوماندىلىرىدىن بىرى بولغان Real Madrid دا توپ
تىپىدىغان تىگى تۈرك بولغان گىرمانىيە پوتپولچىسى مەسۇت ئۆزئىل
ئىسپانىيەدىن شەخسى ئايرۇپىلان بىلەن ئالدىنقى كۈنى يۇرتى
بولغان تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق شەھرىگە كەلدى.
Real Madrid دا توپ تىپىدىغان تىگى تۈرك بولغان گىرمانىيە پوتپولچىسى
مەسۇت ئۆزئىل زۇڭگۇلداقنىڭ دەۋرىك ناھىيسىدىكى دادىسىنىڭ ئۈيىگە
كەلدى.ئۇ:''ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىم،بۇۋامنىڭ ۋە مۇمامنىڭ قەۋرىسىنى
يوقلايمەن''دېدى.
مەسۇت ئۆزئىل زوڭگۇلداقتىكى ئۈيىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان
مۇخبىرلارغا:ئىككى كۈنلۈك ئۈچۈن تۇققانلىرىنى كۆرۈشكە دادىسىنىڭ ئانا
يۇرتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دادىسنىڭ يۇرتىغا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بىر يىل ئىلگىرى كەلگەنلىكىنى تىلغا
ئالغان مەسۇت ئۆزئىل:''بۇ يەردە دوستلۇرۇم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بىلەن
كۆرىشىمەن.ئاپام بىلەن داداممۇ يىقىندا كەلمەكچى.بالىلىقىمدا بۇ يەرلەردە
دوستلۇرۇم بىلەن ئوينايتتىم.بۇ يەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.''دېدى.
بىر مۇخبىرنىڭ:''كوماندىدىكى سەبدىشىڭىز نۇرى شاھىن ۋە خامىت ئالتىنتوپلار
بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز قانداق؟''دىگەن سۇئالىغا مەسۇت ئۆزئىل:''ئۇلار
مىنىڭ يىقىن دوستلىرىم.بىز گىرمانىيەدىكى ۋاقىتتىلام تۇنۇشاتتۇق.ھازىر بىر
كوماندىدا توپ تىپىۋاتىمىز.ئۇلار بىلەن بىرلىكتە real madrid دا توپ
تەپكىنىمدە خۇشالمەن''.دېدى.
مەسۇت ئۆزئىل Liverpool غا يۆتكىلىشى توغۇرلۇق گەپ-سۆزلەرگە قارىتا
سورالغان سۇئالغا جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدى.ئۆزىنىڭ real madrid دا
ئويناۋاتقىنىنى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇخبىرنىڭ:''Real Madrid نىڭ تىخنىكا تېرىنىرى Jose Mourinho بىلەن
ئوتتۇرۇڭلاردىكى مەسىلە ھەل بولدىمۇ؟''دىگەن سۇئالىغا ئۆزئىل:''مەن دەم
ئىلىشكە كەلدىم دوستلار شۇڭا جاۋاپ بەگىم يوق.چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت
قىلىمەن''دىدى.