
ئايال بىلەن يولدىشى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»12-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى
2009-يىلى،ئامېرىكىدىكى بىر ئايال توپ مەستانىسى توردا ئېلان چىقىرىپ،
جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئامېرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە دۇنيا
مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان، بۇ ئايال بۇ سەۋەب
پاھىشىلىك قىلىش جىنايىتى دەپ ئەرز قىلىنغان، ئەمدىلىكتە، 2يىل تەكشۈرۈپ
بىر ياقلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايالنى جىنايەتسىز دەپ بېكىتتى.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى an Finkelsteinبولۇپ، 2009-يىلى، توردا ئېلان قىلىپ،
ئۆزىنى ئالتۇن چاچ، فىگۇرى چىرايلىق،بويى ئېگىز ئايال ئىكەنلىكى جىنسىي
مۇناسىۋەتكە كالتەك توپ مۇسابىقىسى كىرىش بېلىتى ئالماشتۇرماقچى
ئىكەنلىكىنى يازغان.
ساقچىلار پۇقراچە كىيىنىپ بۇ ئايال بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر قاۋاققانىغا
دېيىشكەن ھەم ئايالغا ئىككى كىرىش بېلىتى بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان،
2009-يىلى10-ئايدا، ساقچى بۇ ئايال بىلەن كۆرۈشكەن، ھەم قولىدا ئىككى
بېلەت بارلىقىنى ئېيتىپ، ئېلاندا دېيىلگەن بويىچە «مال ئالماشتۇرۇش»نى
تەلەپ قىلغان، لېكىن ئايال ئۇنىمىغان. 2010-يىلى، ئايال سوت قىلىنىپ
مەقسەتلىك پاھىشۋازلىق قىلماقچى بولغان دېيىلگەن، لېكىن پېنسىلۋانىيە
ئىشتاتى ئەڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 22-چىسلا ئايالنى جىنايەتسىز دەپ
ھۆكۈم قىلغان، ئايال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ پەقەت
قوبۇل قىلالايدىغان باھادا بېلەت سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيىتقان،
ئەينى ۋاقىتتا پۇقراچە ياسىنىۋالغان ساقچى ئۇنىڭغا بىر بېلەتنى 2000دوللار،
يەنى 1.3تۈمەن خەلق پۇلى دېگەن.