شىنخۇا ئاگنېتلىقى ۋاشىنگىتون 22-دېكابىر تېلېگراممىسى:ئامېرىكا رادىيو
شىركىتى تورى 22-دېكابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى خانىمى مىشىر
بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت مەزمۇنىنى بەردى،سۆھبەت مەزمۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى
ۋە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.بۇ قېتىمقى سۆھبەت كېلەر
يىلى كۈزدە ئوبامانىڭ خانىمى بىلەن توي قىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە
كۈنىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ،ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 شەخسى
مەسىلىگە جاۋاپ بەردى،مۇكەممەل سۆھبەت مەزمۇنى 23-دېكابىر كەچ سائەت 10 دا
قويۇلىدۇ.
ئەگەر قايتا تۆرىلىش بولۇپ قالسا سىز ھەممىدىن نېمىگە ئايلىنىشنى
خالايسىز؟دېگەن سوئالغا قارىتا مېچىل خانىم مۇنداق جاۋاپ بەردى:مەن پىئوغا
ئايلىنىشنى خالايمەن،چۈنكى پىئونىڭ تۇرمۇشى ناھايتى ياخشى،-دېدى،يەنە
ئالاھىدە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى:بولمىسا بىر ئىت بولۇشنى يەنى ئاقساراينىڭ
بىرىنچى ئىتى ۋە پىئوسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.بۇ سوئالغا
قارىتا ئوباما مېشىر خانىمغا ھەمرا بولىدىغان باشقا بىر مەخلۇققا
ئايلىنىشنى تېخى ئويلىنىپ بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ سوئالدىن ئاتلاپ ئۆتۇپ
كېتىشنى تاللىدى.
پىئو بولسا ئوبامانىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى باققان پورتىگالىيە ئىتى
بولۇپ،2009-يىلى 4-ئايدا تەلىيى كېلىپ ئامېرىكىدىكى بىرىنچى ئائىلىنىڭ
ئەزاسىغا ئايلانغان.كېيىن ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا
زۇڭتۇڭ ئائىلىسىدىكى بۇ ئىتنىڭ سۈرىتى بېسىلدى.
ئوباما ئەر-خوتۇن يەنە ئۈچ سۆزنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى تەسۋرلەش تەلەپ
قىلىندى.ئوباما <<گۈزەل، ئەقىللىق ۋە قىزىقارلىق>> دېگەن ئۈچ
سۆزنى ئىشلىتىپ مېشىرنى تەسۋىرلىدى،ئەمما مېشىر خانىم بولسا
<<ئەقىللىق،تەنھەرىكەت ھەۋەسكارى ۋە دادا>>دېگەن ئۈچ سۆز بىلەن
ئوبامانى تەسۋىرلىدى.ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئادەمنىڭ ئەڭ نەپرىتىنى
كەلتۇرىدىغان ئىشى نېمە؟دېگەن سوئالغا ئوباما ئۆزىدە بۇلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ
يوقلۇقىنى ئېيتتى،مېشىر خانىم قىلچىمۇ يۈز خاتىرە قىلماسلىق،-دېدى.
قانداق سورۇندا يالغان گەپ قىلىسىز؟دېگەن سوئالغان ئوباما پەقەت ئائىلە
ئەزالىرى بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا يالغان سۆزلەپ قويىدىغانلىقىنى
ئېيتتى.مەسلەن،قارا ئۇلار بەك ياخشى دېگەندەك،ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەقەت
ياخشى ئەمەس.يەنە مەسلەن،سىزنىڭ مۇراسىم كىيمىڭىز ناھايتى
چىرايلىق،ئەمەلىيەتتە ئۇ ئانچىمۇ چىرايلىق ئەمەس،دېگەندەك.مېشىر خانىم بۇ
سوئالغا يىغىلىپ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان چاغدا يالغان
سۆزلەيمەن،-دېدى.
رىياسەتچى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل بەخىت نېمە؟دەپ سورىغاندا
ئوباما مۇكەممەل بەخىت ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئادىمىنىڭ
خوشاللىقى،ساغلاملىقى،ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ باشقىلارغا خوشاللىق ئېلىپ
كېلەلىشى،-دېدى.مېچىل خانىم بولسا بىر بەختلىك ساغلام ئائىلىنىڭ
بولۇشى،ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئائىلەمدىكىلەر ياخشى تۇرسا مەنمۇ ياخشى
تۇرغان بولىمەن،-دېدى.
مېچىل خانىم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۇردى:ئەگەر پۈرسەت بولسا ئۆزۈمنى
ئۆزگەرتكەن بولاتتىم،ئۇ ئۆزىدە تېخىمۇ كۆپ سەۋىرچانلىقنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد
قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئەمما ئوباما بولسا راۋان ئىسپان تىلىدا بىرخىل
سازنى چېلىش،-دېدى.
ھەر خىل ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان تارىخىي شەخسىلەرگە قارىتا ئوباما
لېىنكولىن بىلەن گەندىنى تاللىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ غايەت زور بېسىم
ئاستىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئەمما ئەزەلدىن
ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقىغا قايىل ئىكەنلىكىنى
ئېيتتى.مېچىل خانىم بولسا قارا تەنلىكلەرنىڭ داڭلىق داھىسى مارتىن لودىنىڭ
ئايالى كېرىتا سىكىتنى تاللىدى.