
مېشىل
خەلقئارا لىنيە تورى خەۋىرى:ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ22-چىسلادىكى
خەۋىرىگە قارىغاندا،بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە،ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى
مېشىلنىڭ چىقىمى بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە ئوباما نەسىھەت قىلىپمۇ
ئۇنىڭ بەتخەجلىك قىلىشىنى توسىيالمىغان.
ئىگىلىنىشىچە،قايسى جايغا بېرىپ روژىستىرو بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار
قىلغاندا ،ئوباما بىلەن مېشىل ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن.ئوباما تېخىمۇ
يېقىنراق بولغان مارىلاند شىتاتىدىكى بىر داۋىد ئىستىراھەت رايونىغا
بېرىشنى خالىغان،ئەمما مېشىل بولسا 4مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ھاۋاي
شىتاتىغا بېرىپ ئويناشتا چىڭ تۇرغان ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ھاۋايغا
بېرىشتىن بۇرۇن تەلۋىلەرچە نەرسە سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
بىر نەپەر تىڭتىڭچى شەخس ‹‹سالام سورىغۇچىلار گېزىتى››سۆزلەپ:‹‹ئوبامانىڭ
مەسلىھەتچىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا مېشىلنىڭ ھازىر پۇل خەجلەشتە كونتىروللۇقىنى
يوقاتقانلىقىنى ئېيتقان،ئوبامامۇ ئايالىنىڭ بۇنداق تەلۋىلەرچە ھەرىكىتىنى
بىلىدۇ،ئەمما مېشىل ئوبامانىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلىمايدۇ.ئۇ دائىم پۇل تېجەش
ئۈچۈن قىزلىرىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمايمەن دەيدۇ››.
ئامېرىكىدىكى‹‹1-ئائىلە››ئاللىقاچان ناھايىتى قىممەت ھاۋاي شىتاتىغا
بېرىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەيىپلەشلەرگە ئۇچرىغان.ئوباما
ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش
مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولغاچقا ،ئۇ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا
ئاندىن بايرام ئۆتكۈزگىلى بارالىشى مۇمكىن.ئەمما مىشىل ئاللىقاچان
ئاندىنئالا ئىككى قىزىنى ئېلىپ ھاۋاي شىتاتىغا قاراپ يولغا چىققان،بۇنداق
بولغاندا ئۇلار ئارتۇقچە 100مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باج تاپشۇرىدىكەن.