كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى

ۋاقتى: 2013-06-23 / تۈر: مەن ياقتۇرغان ئەسەرلەر/ كۆرۈش: 943 قېتىم / 0 باھا باھا يوللاش

 

kozqiray

كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى

ئاپتورى: ئەرتۈرك

 

 

كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، گۈزەل قەلب كۆزدە ئەكس ئېتىدۇ، قەلب قاساۋەتلەشسە كۆزدىن ئىمان نۇرى، ئۈمىد نۇرى، شادلىق نۇرى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.
كۆز چىراينىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىدۇر، كۆزدە ئەكس ئەتكەن خاتىرجەملىك، خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق چىراينى ئاپتاپتەك يورۇق قىلىدۇ؛ ئەمما بۇنداق پەيتلەر قىشنىڭ ئاپتىپىدەك تولىمۇ قىسقا بولىدۇ.
كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ تۇنجى ئىشىكى كۆزدىن باشلىنىدۇ، كۆزلەر بىر-بىرىدىن يۈز تۇرانە سىناق ئالىدۇ، ناتونۇش ئىنساننىڭ كۆزىدىكى ئىشارەتلەرنى بىلمەك ئېلىپبە ئۆگەندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بىلىشنىڭ كەينىدىن چۈشىنىش كېلىدۇ.
ئادەمگە خاتىرجەملىك، بېغىشلايدىغان كۆزنىڭ كەينىدە كۆزىمىزنى غەلەت قىلىدىغان پەردىلەر تارتىلغان بولىدۇ، ئۇنى مەجبۇرىي تارتىپ ئاچقىلى بولمايدۇ، پەيتى كەلگەندە ئۆزى ئېچىلىدۇ.
ھاياتىمىزدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز كۆزلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن، ئەڭ گۈزەل يۇلتۇز ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىمىز، قەۋم قېرىنداشلىرىمىز، يېقىنلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدۇر، بۇ كۆزلەردە ئاللاھنىڭ چەكسىز مەرھەمەتىنىڭ تەجەللىيسى چاقناپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئۇلار كۆز يۇمۇپ ئارىمىزدىن كەتكەندىمۇ بىزگە ئەسلىمە قالغان كۆز نۇرلىرى ئۆچمەيدۇ، بەلكى ئۆلمەس ھەقىقەتلەرنى سۆزلەپ، گاھىدا چاقماقتەك چاقناپ قەلب قاراڭغۇلىقىمىزنى يېرىپ ئۆتىدۇ.
ئاددىيلىق ئىچىدىن گۈزەللىك ئىزدەيدىغانلار كۆزلەرنى چەشمىگە ئوخشىتىدۇ، گۈزەللىك ئىچىدىن مەنە ئىزدەيدىغانلار كۆزلەرنى تېگى يوق كۆلگە ئوخشىتىدۇ.
رەڭدار دۇنيا كۆزلەرگە مەھكۇمدۇر، گۈزەللىككە تويمايمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ھەم تويمايمىز. تىرىكلىك ياكى ئۆلۈم ئالدىدا بولسۇن بۇ رەھمەتكە جان دىلىمىز بىلەن تارتىشىمىز.
جىھادقا چىق دېيىلسە قورقۇنچتىن كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن مۇسۇلمانلارمۇ، كۈچلۈك ئىمانى بىلەن غەيب پەردىلىرىنى قايرىپ، ئۆلۈمدىن كېيىنكى جەننەتۇل مەئۋانى كۆرەلىگەن مۇسۇلمانلارمۇ ئاخىر كۆز يۇمدى، زەئىپ ئىمانىدىن سەكراتقا چۈشكەنلەر قورقۇنچ بىلەن، كۈچلۈك ئىمانى بىلەن ۋىسالىغا يەتكەنلەر خاتىرجەملىك بىلەن كۆز يۇمدى.
روھنىڭ، ئىماننىڭ، كۆزنىڭ سىرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر، قۇدرەتلىك ئاللاھ ھەر نەرسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقاندۇر، كۆزلەر ئارقىلىق ئۆز تەجەللىيسىنى زاھىر قىلغاندۇر.
ئۆلگەن ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەتلەر ۋاقتى كەلگەندە دەھشەتلىك قىساس ھېكايىلىرىنى سۆزلەيدۇ.
زاماننىڭ تىلسىم قوينىدىن چىقىپ، بۇنچە تەرەققىياتلارغا شاھىت بولغان ھەم بولۇۋاتقان كۆزلىرىمىز تەبىئەتتىن بۇرۇلۇپ ئېكرانلارغا يۆتكەلدى، كۆرۈش ئۇپۇقىمىز كېڭەيدى، سۈنئىي ئالامەتلەرنى تولا كۆرۈپ كەتتۇق، كۆزدىن ئۆتۈپ كۆڭۈلگە كىرگەن بارلىق نەرسىلەر، رەڭلەر، سمۋوۇللار، ئاق، قارا، ”سېرىق“ لار ئارىلىشىپ روھىمىزنى بۇلغاشقا باشلىدى.
كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەسلىككە باشلىغاندا روھىم يېڭى-يېڭى ئۇپۇقلارنى كەشىپ قىلىۋاتاتتى، ئەمما يېڭى مەنزىللەرنى ئىستېلا قىلغانچە ساپ يەرلەرنى بۇلغاشقا باشلىغانلىقىمنى سەزدىم. كۆز زىناسىدىن كۆڭۈل زىناسىغا، كۆڭۈل زىناسىدىن ئىمان ئاسىيلىقىغا قەدەر ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سەزگىنىمدە، كۆزنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى بۈيۈك سىناق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
كۆزنىڭ ئارقىسىدا روھ، روھنىڭ ئارقىسىدا بۈيۈك بىر قۇدرەتنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇش غەپلەتتۇر، بەلكى ئەجەللىك خاتالىقتۇر.
چەكلىك ئىنسانمەن، كۆرۈش دائىرەم چەكلىك، ئەتراپىم تاملار، توساقلار، ئېكرانلار، غەليانلار، ئىشرەتلەر بىلەن قورشالغان، كۆز نېمىنى كۆرسە خىيال شۇنىڭغا ماڭىدۇ، شۇڭا نېمىگە قاراش، قانداق قاراش كۈندىلىك ھاياتتىكى ئەمەس، پۈتۈن ئۆمۈردىكى بۈيۈك تاللاشتۇر.
كۆز پارقىراپ تۇرغان بىلەن ئۇنىڭ قېتىدىكى ھالسىزلىقنى، چوڭقۇر دەرتلەرنى، ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمايدىغان نىگاھ ۋە مەنە-ئىشارەتلەرنى بىلمەيمەن.
ئىمانلىق ئادەملەردە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۈمىدنىڭ نۇرى بولاتتى، ئەمما ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن بۇ نۇرنىڭ جۇلاسىنى نىچۈن كۆرەلمەيمەن.
ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تەشنالىق، خۇشاللىق، ھاياجانغا تولغان كۆزلىرىدىن مۇھەببەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى، ئەمما بۈگۈن نىچۈن شەھۋەت ئوتىدىن باشقىسىنى كۆرەلمەيمەن.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆز چېھرىدىن ئەينەك تۇتاتتى، كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى، ئەمما بۈگۈن نىچۈن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھالسىزلىق، ئامالسىزلىق، پەرۋاسىزلىق، بىزارلىقتىن باشقا ئالامەتلەرنى كۆرەلمەيمەن.
ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئىشەنچ، قىزىقىش، ھۆرمەت بىلەن ، قىز-ئوغۇللار ھايالىق تەلپۈنۈشلىرى بىلەن بىر-بىرىگە بېقىشاتتى، ئەمما بۈگۈن نىچۈن مەغرۇرلۇق، كەمىستىش نەزەرلىرىدىن باشقىسىنى كۆرەلمەيمەن.
ھەر تەرەپكە يېيىلغان كۆز نۇرى ئاللاھ مۆجىزاتىنىڭ تەجەللىسى سۈپىتىدە جىسىمدىن جىسىمغا، قەلبتىن قەلبكە تارايدۇ، ئەمما بۇنى دائىم ئويلاپ يېتەلمەيمەن.
كۆزلەردە مەڭگۈلۈككە تەلپۈنۈش ، ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئۈمىد، مەڭگۈ ياشاش ئارزۇسى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرىدۇ، نەپسانىيەتمۇ گويا جەھەننەمدىكى ئوتلاردەك يېنىپ تۇرىدۇ.
.كۆزلەر گۈزەللىككە تويمايدۇ، چۈنكى گۈزەللىكتىن قەلبكە نۇر ۋە خۇشاللىق ياغىدۇ، ۋاھالەنكى بۇنىڭغا دەل ئۇنىڭ قارشىسىدىكى قاباھەتمۇ ياردەمچى.
كۆرۈۋاتقىنى كۆز ئەمەس، كۆزنىڭ ماددىي ئورگانلىرىنى، بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە ۋە ئاتوملىرىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك كۋانتۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتقان روھتۇر، بۇنىڭدىكى قۇدرەت، كامالەت ۋە مۇكەممەللىككە تاڭ قالماقتىن، چەكلىك ئەقلىمىزدە توسۇلۇپ قالماقتىن ۋە غەپلەتتە قالماقتىن باشقا چارىمىز يوق.
قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار زېمىننى يورۇتقاندا كۆزىمىزدىمۇ تاڭ ئاتىدۇ، سۈبھى نۇرى پارلايدۇ، نۇرغا چۆمۈلىمىز، نۇردا ماڭىمىز، نۇرلارنى قوغلىشىپ ھەرىكەت قىلىمىز، قاراڭغۇلۇقتا تىمىسقىلاپ مېڭىش كۆزىمىزگە، بەلكى ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولغان روھىمىزغا ئېغىر كېلىدۇ. شۇڭا بىز نۇرغا مۇھتاج، روھىمىز نۇرغا مۇھتاج، ئاللاھ بىزگە ئۇنى نېمەت قىلىپ بەردى، ئەمما ئۇنى كۆرەلەيدىغانلارغا نېسىپ قىلدى.
ئاللاھ ئۆزىنى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ نۇرى دەپ سۈپەتلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ قاراڭغۇلۇقتا مەسچىتكە ماڭغاندا ”ئى رەببىم، ئالدىمنى نۇرلۇق قىل، ئارقامنى نۇرلۇق قىل، ئوڭ تەرىپىمنى نۇرلۇق قىل، سول تەرىپىمنى نۇرلۇق قىل، ئۈستۈمنى نۇرلۇق قىل، ئاستىمنى نۇرلۇق قىل؛ ماڭا نۇر ئاتا قىلغىن“ دەپ دۇئا قىلدى.
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى نۇردىن ئايرىمىغاي، كۆزىمىز يۇمۇلماستا روھىمىز، قەلبىمىز، كۆزىمىز، چىرايىمىز نۇرغا تولغاي، قەبرىمىز نۇرلۇق بولغاي، ئاخىرەتتە نۇرىمىز مۇكەممەل بولغاي.
مەنبە:تەپەككۇر بلوگى

 

huxhuy:
پىقىر ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بىلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن. مېنىڭ بلوگۇمدىن ئاز-تولا نەپكە ئىرىشسىڭىز مەن ئۈچۈن زور تەسەللىي. ئەمما ئەسەرلەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif