شائىرنىڭ تويى_ئىجاتكارنىڭ شەرىپى

ۋاقتى: 2013-06-19 / تۈر: نەسرى ئەسەرلىرىم/ كۆرۈش: 365 قېتىم / 0 باھا باھا يوللاش

huxhuy

گۇما ناھىيەسىدە شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئىجادىيتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى  گۇما ناھىيەسىدە، ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە  مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئىجادىيتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يېغىنغا ناھىيە رەھبەرلىرى،گۇما قەلەمكەشلىرى،خوتەن،قەشقەر تەۋەلىكىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر، شائىرەلەر، شائىرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن شائىرلار دېكلىماتسىيە قىلغان شېئىرلار پائالىيەت مەزمۇنىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1983-يىلى باشلانغان بولۇپ ، ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى»،«تارىم»،«يېڭى قاشتېشى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«خوتەن گېزىتى» قاتارلىق 18 خىلدىن ئارتۇق  گېزىت ژۇرناللاردا 600 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر،باللادا، «تۆھمەت» ،«بەختلىك بول دېيەلمەيمەن»، «چۇقان»،«ئوقۇتقۇچى»،«كۆيگەن ئەقىدە» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر،«زېمىن چىراغ، ئادەملەر پەرۋانە»،«ئېقىن مۇشۇ يەردىن باشلانغان»،«ئۈچ قېتىم سۆيۈنىپ، ئۈچ قېتىم مەيۇسلىنىش» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور ئېلان قىلىنغان. «غەزەللەر»،«شېئىرلار»،«تۈنەيدۇ شائىرنىڭ بېشىدا ئالقىش»قاتارلىق تۆت گۇرۇپپا شېئىرى،«كۆيگەن ئەقىدە» ناملىق ھېكايىسى خوتەن ۋىلايىتى بويچە ئۆتكۈزۈلگەن،مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالاشتا  مۇكاپاتلانغان.«ئىلھامغا باي كېچىلەر»، «ئەقىدە ئېگىلسە،يۈرىكىم كۆيۈك» ماۋزۇسىدىكى ئىككى گۇرۇپپا شېئىرى 6-ۋە 15-قېتىملىق «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئەھمەتشاھ قاراقاشى بىلەن نەزەر موفتىنىڭ دوستلۇقى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا نامىدىكى «تارىم دولقۇنلىرى» ناملىق ئەدەبىي مۇكاپاتىغا،«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلنىڭ 2002-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان«دارنى ئاستىم قەلبىمگە مىڭ رەت» ماۋزۇدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرى كېرەم ئىمىن نامىدىكى «قاشتېشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان«ئەپسۇسلىنىش»ناملىق فېليەتونى ئالىمجان سادىق نامىدىكى«فىليەتون ئىجادىيتى» مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.

  شائىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى داۋامىدا «ئىلي دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، «ئۆزۈمغۇ بىلەتتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن» ناملىق ساتىرىك شېئىرى بىلەن«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«چىن قاياشمۇ بىزدە بار» ناملىق مۇخەممىسى شۇنداقلا«تارىم»،«يېڭى قاشتېشى» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر نەچچە پارچە غەزەل ۋە شېئىرلىرى شۇنداقلا«ئەھمەدشاھ قاراقاشى بىلەن نەزەر موفتىنىڭ دوسلۇقى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى توغرىسىدا ئىبراھىم ئىزاقى، مۇھەممەت چاۋار،مەتتۇرسۇن ئىلى،غەيرەت ھوشۇر قاتارلىق ئەدەبىي تەنقىدچىلەر تەرپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوبزور ماقالىلىرى يېزىلىپ ياخشى باھالار بېرىلگەن.بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكانىتلار تەرپىدىن  ئاھاڭ ئىشلىنىپ، ناخشىچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدا« VCD»پىلاستىنكىسى قىلىپ تارقىتىلغان.

  شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتر ئۈن-سىن نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشىر قىلغان«بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانملار» ناملىق توپلامغا،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىرقىلغان«ئارزۇ بوستانى»،«مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان«دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ5-ۋە 14- تومىغا،«قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرسى»، «رۇبائىيلىق كالېندار»،«شائىرلار مۇنداق دەيدۇ»، «يۇرۇڭقاش شادلىقى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن «شېئىرلار»ناملىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.(ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى)

rahbarlar ton yapti

huxhuy:
پىقىر ساقال مەيدىگە چۈشكەندە بىلوگگىرلىققا ھەۋەس قىلىپ قالغان بوۋايمەن. مېنىڭ بلوگۇمدىن ئاز-تولا نەپكە ئىرىشسىڭىز مەن ئۈچۈن زور تەسەللىي. ئەمما ئەسەرلەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە يېزىپ قويسىڭىز ئالەم مېنىڭ بولىدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif