باش بەت / ساقلايمەن

قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-5 13:14 | ئاپتور: نۇرچىن | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

 

قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە
(پوۋېسىت)
ھايات ھەققىدە ئىزدەنمىگەنلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى يوق.
- خاتىرەمدىن
(2)
 
باغچىدىكى گۈللەر ئېچىلمىسا،يول بويىدىكى دەرەخلەر كۆكلىمىسە باھار كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ شەھەردە،بۇلبۇل،كاككۇكتەك قۇشلار سايرىمىسىمۇ ،ئۆيۈڭنىڭ ئەتراپىدىكى قايسىدۇر بىر زاۋۇتنىڭ گۈدۈكىنىڭ چىلىنىشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىڭ .كۆزۈڭنى ئېچىپلا كېچە كۆرگەن غەلىتىلا بىر چۈشۈڭنى ئەسكە ئالدىڭ. چۈشۈڭدە يىراقتا بىر نۇر چاقنىغۇدەك ،نۇر چاقنىغان مەنزىلگە تۇتاشقان ناھايتى تۈز ، ناھايتى داغدام بىر يول بار ئىمىش.سەن شۇ يولدا نۇرلۇق مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقۇدەكسەن.يول تۈپتۈز بولسىمۇ گاھ يەردىن ئۈنگەندەك،گاھ ئاسماندىن چۈشكەندەك بىر–بىرىدىن غەلىتە،بەتبەشىر مەخلۇقلار پەيدا بولۇپ يولۇڭنى توسۇۋالغۇدەك.سەن بەزىسىنى ئۇرۇپ يوقىتىپ بەزىسىنى ئۈسۈپ ئۆرۈۋىتىپ يولۇڭنى داۋام ئەتكۈدەكسەن .بەزىدە بۇ يولدا ناھايتى چوڭقۇر دەريالار ،سازلىق ،پاتقاقلىقلارغا دۇچ كەلگۈدەكسەن.دەريالاردىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ،سازلىقلاردىن كەچكۈدەكسەن،ئاشۇ نۇرلۇق مەنزىلگە يەتمىسەم بولمايدۇ دەپ ئۆز – ئۆزۈڭگە سۆزلىگۈدەكسەن . . .
 
چۈشۈڭنى ئەسلەپ شۇ يەرگە كەلگىنىڭدە تۇيۇقسىز ئاپاڭ چاقىرىپ قالدى :
 
-شېرزاتجان بالام ،ساڭا تېلفۇن - سەن << خۇدايىم بۇيرۇسا چۈشۈم ياخشىلىقتىن بىشارەت بولغاي >> دېگىنىڭچە كىيىملىرىڭنى كىيىپ ،يۈگۈرۈپ چىقىپ تېلفۇننى ئالدىڭ:
 
-ۋەي ياخشىمۇسىز ؟
 
-ياخشىمۇسەن شېرزات ،مەن ئۆتكۈر ،- تېلفۇن يىقىن ئاغىنەڭ ئۆتكۈردىن كەلگەنىدى .
 
-ھە سەنمىدىڭ ،ئەجەپ سەھەردىلا تېلفۇن ئۇرۇپ قاپسەنغۇ ؟
 
-مۇنداق ئىشتى ئاداش ،قىز دوستۇم ئىشلەۋاتقان تاللا بازىرى شېركىتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ئېمتىھان ئالىدىكەن ،قىز دوستۇم سېنىمۇ تىزىملىتىپ قويۇپتىكەن شۇڭا سېنى بېرىپ سىناپ باقامدىكىن دەپ تېلفۇن ئۇرۇشۇم،قانداق بېرىپ سىناپ باقامسەن؟ - بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سەكرىۋەتكىلى تاسلاقالدىڭ:
 
-مەن ھازىرلا باراي ،نەدە كۆرۈشىمىز ؟
 
-مەن دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ،مەن سېنى مۇشۇ يەردىلا ساقلاپ تۇراي.
 
-ماقۇل خوش - تۇرۇپكىنى قويدۇڭ ،يۈرىكىڭ ھاياجاندىن يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى. چۈنكى سەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئىزدەپ تاپالمىغان خىزمەت بۈگۈن ئۆزى سېنى ئىزدەپ قالغانىدى.دوستلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن ئويلاپ،سېنىڭ غېمىڭنى يىگەنلىكىگە كۆڭلۈڭدە كۆپتىن – كۆپ مىننەتدارلىقلىرىڭنى بىلدۈرگەچ تەييارلىققا تۇتۇندۇڭ.
 
<<يۈزتۇرانە ئېمتىھان دېگەندە يۈرۈش–تۇرۇش ،كىيم–كېچەك ۋە سالاپەتكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ>> دەپ ئويلىغىنىڭچە،ئۆزۈڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان شۇنداقلا ئۆزۈڭگىمۇ ناھايتى يارىشىدىغان قارا كاستىيوم– بۇرۇلكاڭنى كىيىپ ، ئالا – بالداق گالاستۇكىڭنى تاقىدىڭ .چاچلىرىڭنى رەتلىك تاراپ ،دىپلوم، كىملىك، بىر سۇڭلۇق رەسىم . . . دېگەندەك ،كېرەكلىك ماتىرياللارنى ئېلىپ ( بۇ ئىشلارغا سەن تولا خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا تولا كۆرۈپ ،تولا ئاڭلاپ پىشىپ كەتكەنىدىڭ ) ناشتىمۇ قىلماي ،ئۆيۈڭدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ، خۇددى تېز بارمىساڭ خىزمەت باشقا يەرگە قېچىپ كىتىدىغاندەك يۈگۈرگىنىڭچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭ.
 
دوستلۇق سودا سارىيى ئۆيۈڭدىن ئانچە يىراقتا ئەمەس ئىدى .سەن تېز – تېز قەدەملىرىڭ بىلەن بىردەمدىلا ئۆتكۈرنىڭ قېشىغا يىتىپ بولدۇڭ. ئۇ سېنى سودا سارىيىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى .ئۇنىڭ بىلەن ئاددىيلا سالاملاشتىڭ :
 
-ياخشىمۇسەن ؟
 
-تىنىچلىقمۇ ئاداش ،تىز بولايلى، تاكسىغا ئولتۇرۇپ ماڭايلى بولمىسا كېچىكىپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز. - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بىر تاكسى توسىدى - دە ، تاكسىغا چۈشۈپ يۈرۈپ كەتتىڭلار .
 
يولدا كېتىۋاتقاچ ئۆتكۈرنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن بىلدىڭكى سېنى تونۇشتۇرغان ئورۇن شەھەرنىڭ سەل شىمالىي چېتىگىرەك جايلاشقان <<قۇياش>> تاللا بازىرى ئىدى .ئارىلىق يىراق ئەمەس ئىدى .ماشىنا سىلەرنى ھەش – پەش دېگۈچە كۆزلىگەن مەنزىلىڭلارغا يەتكۈزدى .ئۆتكۈر ئالدىن تېلىفۇن قېلىپ قويغاچقا ،ئۇنىڭ قىز دوستى ئامانگۈل سىلەرنى ساقلاپ تۇراتتى.ئۇ سىلەر بىلەن سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ سىلەرنى ئالدىراتقىلى تۇردى:
 
-تېز بۇلۇڭلار ،ۋاقىت تۇشايلا دەپ قالدى - ئۇ شۇنداق دەپلا سىلەرنىىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ ماڭدى .ئادەملەر مىغىلداپ كىرىپ – چىقىپ تۇرغان بۇ تاللا بازىرى ،سىرتتىن قارىسا ئۇنچە چوڭ كۆرۈنمىگەندەك قىلغان بىلەن ،ئىچىگە كىرىپلا تاللا بازىرىنىڭ كىچىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىڭ .سەن سىنچى نەزىرىڭ بىلەن تاللا بازىرى ئىچىدىكى ھەربىر نەرسىگە دىققىتىڭنى ئاغدۇرغىنىڭچە ،ئىككى دوستۇڭغا ئەگىشىپ كېتىپ بارماقتا ئىدىڭ .رەت–رەت يۇلتۇزلاردەك ،شەكلى بىردەك ،رەڭگى بىرخىل ئېسىلغان نىئون لامپىلار ،تۈپمۇ – تۈز ،رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مال جاھازلىرى ۋە پۇكەيلەر، ھەممىسى بىر خىل رەڭلىك ،بىر خىل پاسونلۇق ،ئۈستىگە << قۇياش >>تاللا بازىرى دېگەن خەت بېسىلغان خىزمەت كىيمىنى كىيگەن مال ساتقۇچىلار ،ئۇنى بۇيەرگە ،بۇنى ئۇ يەرگە يۆتكەش ۋە تىزىش بىلەن ئالدىراش چېپىپ يۈرگەن مۇلازىمەتچىلەر ،مال جاھازلىرىغا ئۆز خىلى ،ئۆز تۈرى بۇيىچە رەتلىك تىزىلغان ھەرخىل تاۋارلار كىشىگە بۇيەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئاجايىپ بىر دۇنيا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
 
ئامانگۈل سىلەرنى تاللا بازىرىنىڭ سەل ئىچىدىكىرەك بۇلۇڭغا جايلاشقان بىر زالغا باشلاپ كىردى.زالغا تام ياقىلىتىپ ئورۇندۇق قويۇلغانىدى .ئورۇندۇقلاردا سەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئون نەچچە ياش پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.سەن ئۇلارنىڭ يۈرۈش–تۇرۇشى ۋە قىلىۋاتقان پارىڭىدىن ،ئۇلارنىڭمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن تەقدىرداشلىرىڭ ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىڭ. << ئۇلارمۇ مەندەك ئېغىر كۈنگە قالغان بىچارىلەرمىدۇ ؟>> دەپ ئويلاپ قالدىڭ ئىچىڭدە .ئامانگۈلنىڭ گېپى خىيالىڭنى بۆلدى :
 
-قېنى سىلەرمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىرەدەم ساقلاڭلار - دېدى ئۇ سەل نېرىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ - مەن شېرزاتنى ئالدىن تىزىملىتىپ قويغان ،سەل تۇرۇپ ئىسمىڭىزنى چاقىرغان ھامان كىرىپ ئېمتىھان بەرسىڭىز بۇلىدۇ ،مەن ئەمدى ئىش ئورنۇمغا بارمىسام بولمايدۇ ،تەمتىرىمەي روھلۇق بۇلۇڭ - ئۇ ساڭا شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .سىلەر ئاستا كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇڭلار .ئالاھەزەل بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ياندىكى ئىشىكتىن بويلېرى ئېگىز ،ئورۇق بىر ئادەم چىقىپ ھەممەيلەننى چاقىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى :
 
-سىلەرنىڭ شېركىتىمىزگە ئۆزۈڭلارنى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇپ كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ! ھازىردىن باشلاپ كىمنىڭ ئىسمى چاقىرىلسا شۇ كىرىپ ئېمتىھان بەرسە بولىدۇ .- ئۇ كىشى شۇنداق دەپ ئۇقتۇرۇپ قويۇپ كىرىپ كەتتى .دېمەك ئېمتىھان باشلانغانىدى.يۈرىكىڭ دۈپۈلدەشكە باشلىدى .چۈنكى سەن ئىلگىرى نۇرغۇن ئېمتىھانلارغا قاتنىشىپ باققان بولساڭمۇ ،بۇنداق يۈزتۇرانە ئېمتىھانغا قاتنىشىشىڭ تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى.سەن جىددىيلەشكەنسىرى قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە يەنە تەۋرەشكە باشلىدى،ئۇ سەندىن سورايتتى:
 
-نېمىگە جىددىيلىشىسەن ؟
 
-قورقۇۋاتىمەن.
 
-قورقما ،ئېمتىھان قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ،قورقۇنۇچنىڭ ئۆزى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ،روھلۇق بول،- ئۇ سېنى شۇنداق دەپ رىغبەتلەندۈرەتتى .كۈڭلۈڭدىكى جىددىيلىكنى بىلىۋالغاندەك يىنىڭدا ئولتۇرغان ئۆتكۈرمۇ سېنى نۇقۇپ بەزى ئىشلارنى جىكىلىدى:
 
-ئاداش - دېدى ئۇ مۈرەڭگە قولىنى قۇيۇپ تۇرۇپ - سېنىڭ بۇنداق يۈزتۇرانە ئېمتىھانغا قاتنىشىشىڭ تۇنجى قېتىم ، نىسبەتەن تەجرىبەڭ يوق .شۇڭا ساڭا بەزى ئىشلارنى ئەسكەرتىپ قوياي ،بىرىنچىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ناھايتى تەمكىن ،سالماق تۇت ، ئۆزۈڭنى روھلۇق كۆرسەت .ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال سېنىڭ روھىي ھالىتىڭ ۋە ئىنكاسىڭنى سىنايدۇ. ئىككىنچىدىن ،ئۇلار سەندىن مەيلى نېمىلا سۇئال سورىسۇن ھەرگىز جىم تۇرىۋالما ،سۇئاللارغا ئامال بار توغرا جاۋاب بەر ،پەقەت بولمىغاندا شۇ سۇئالغا مۇناسۋەتلىكرەك بىر نېمە دېگىن،ھەرگىزمۇ ئىنكاسسىز تۇرىۋالما ،ئۈچىنچىدىن، ئېمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ ھەربىر سۆز–ھەرىكىتىگە ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىل .ئۇلارنىڭ بەزى سۆز ھەرىكەتلىرى ساڭا قويۇلغان سۇئال بولۇشى مۇمكىن ،يەنە . . . - ئۆتكۈر سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ قالدى . ئېمتىھان بېرىش نۆۋىتى ساڭا كەلگەنىدى .ئاستا ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ،پۇتلىرىڭ تىترىمەكتە ،يۈرىكىڭنىڭ دۈپۈلدىشى قۇلىقىڭغا ئاڭلىنىپ تۇرماقتا. . . سەن ئىشىك ئالدىدا بىردەم توختاپ ،چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ،ئۆزۈڭنى بىر پەس توختىتۋالغاندىن كېيىن ئىشخانا ئىچىگە قەدەم ئالدىڭ .
 
سەن ئىشخانىغا كىرىپلا دەقىقە ئارىلىغىدا ،ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىڭ،ئۇدۇلغا ئىككى خىزمەت ئۈستىلى قويۇلغان بۇلۇپ ،ئوتتۇرىدا چاچلىرى شالاڭ ،سەل سېمىزرەك كەلگەن ،چىرايىدىن ئاددىي – ساددىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ،ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى ناھايتى تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇراتتى .سەن ئۇنىڭ سالاپىتىدىن دېرىكتۇر بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىڭ.ئۇ كىشىنىڭ ئىككى يېنىدا بولسا ،كۆزەينەك تاقىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال بىلەن بۇرۇتلۇق بىر ئەر كىشى ئولتۇراتتى.
 
-قېنى ،قېنى بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ - دېدى ساڭا تۇيۇقسىزلا بۇرۇتلۇق كىشى ئۆز ئورنىنى بوشىتىپ . سەن بۇ تەرەپباللىقتىن سەل مەڭدەپ قالدىڭ –دە ، دەرھال كاللاڭغا ئۆتكۈرنىڭ <<ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز ھەرىكىتى ساڭا قويۇلغان سۇئال بولۇشى مۇمكىن>> دېگەن گېپى كەلدى .شۇنىڭ بىلەن سەن بۇنىڭ سەندىن سورالغان تۇنجى سۇئال ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىڭ .سەن ئامال بار ئۆزۈڭنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ جاۋاپ بەردىڭ:
 
-رەھمەت سىزگە ،ئۇ دېگەن ئۇ دېگەن ئېمتىھان ئالغۇچىنىڭ ئورنى ،سىز ئېمتىھان ئالغۇچى ،مەن ئېمتىھان بەرگۈچى شۇڭا ئۇ ئورۇندا سىز ئولتۇرۇڭ مەن مۇنۇ ئورۇندا ئولتۇراي ،ھەممىمىز ئۆز ئورنىمىزنى تىپىپ ئولتۇرىشىمىز كېرەك.-سەن شۇنداق جاۋاپ بېرىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇڭ .بۇرۇتلۇق كىشى جايىدا ئولتۇرۋالدى.سۇئال سوراش رەسمىي باشلاندى :
 
-ئىسمىڭىز نېمە ؟
 
-شېرزات ھاشىم .
 
-ئالىي مەكتەپتە نېمە كەسىپتە ئوقۇغان ؟
 
-مۇھىت ئاسراش كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن.
 
-ئىلگىرى بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلغانمۇ ؟
 
-ياق!
 
كۆزەينەكلىك ئايال بىلەن بۇرۇتلۇق كىشى بىرى قالسا بىرى سۇئالنى ناھايتى تېز سورىماقتا ئىدى .ئۇلار سېنىڭ ئىنكاسىڭنى سىناۋاتقانىدى. كۆزەينەكلىك ئايال ساڭا تىكىلىپ قارىغىنىچە سۇئالنى داۋاملاشتۇردى :
 
-سىزنىڭ ئۇقۇغان كەسپىڭىز بىزنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىمىزغا پەقەتلا ماس كەلمەيدىكەن ،بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدن چىقالمامسىز قانداق ؟
 
بۇ ساڭا نىسبەتەن ھەقىقەتەن قىيىن سۇئال بولغانىدى ،ئۇنىڭغا << ھۆددىسىدىن چىقالايمەن >> دەپ جاۋاپ بېرەي دېسەڭ بۇ خىزمەتنىڭ راستىنلا سېنىڭ ئوقۇغان كەسپىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسۋىتى يوق ئىدى. << ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكمەن >> دەپ جاۋاپ بېرەي دېسەڭ خىزمەتتىن قۇرۇق قىلىشنى خالىمايتتىڭ. سەن تەنلا قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسىگە ئىلتىجا قىلدىڭ
 
-نېمە دېسەم بۇلار؟- ئۇنىڭدىن شۇئان سادا كەلدى :
 
-دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ،پەقەت قىلالمايدىغان ئادەملا بار .
 
سەن قەلبڭدىكى نەرسىنىڭ قارارىنى توغرا تېپىپ جاۋاپ بەردىڭ :
 
-مېنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىمنى سىناپ باقماي تۇرۇپ ،مېنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكسەن دېسىڭىز توغرا بولمايدۇ .ھەرقانداق ئىشقا ھۆكۈم قىلىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك .مەن خىزمەتتە بىلىدىغىنىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ ،خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تىرىشىمەن .بىلمىگەنلىرىمنى ئىشلەش جەريانىدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىمەن .بىلىممۇ ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ .
 
كۆزەينەكلىك ئايال جاۋابىڭنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،ئالدىدىكى قەغەزگە كىتىرلىتىپ بىرنىمىلەرنى يازغاندىن كىيىن ،قەلىمىنى قۇيۇپ سۇئالىنى داۋاملاشتۇردى :
 
-ئۇنداقتا ياخشى ،ئەمىسە سىزدىن رەسمىي سىناق قاتارىدا ئىككى سۇئال سورايمىز ،ھازىر سۇئال سوراشنى باشلايمەن ،دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ، بىر كۈنى كەچتە ناھايتى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى ،سىز ماشىنىڭىز بىلەن كوچا ئاپتوبۇسى بېكىتىدىن ئۆتۈۋاتقىنىڭىزدا ،بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ئۈچ كىشىنى كۆردىڭىز .ئۇلارنى بىرى جىددى كېسىلى قوزغىلىپ قالغان موماي ،ئۇ تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك .يەنە بىرى ئىلگىرى ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان دوختۇر ،ئۈچىنچىسى بولسا ئۇزۇندىن بېرى سىز ياخشى كۆرگەن ،سىز كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن قىزچاق،سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا پەقەت بىرلا كىشلىك ئورۇن بار ،بۇنداق ئەھۋالدا سىز بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قايسىسىنى ماشىنىڭىزغا سېلىۋالىسىز ؟
 
سەن ئۆزۈڭگە مۇنداق سۇئال قويۇلۇشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدىڭ ،شۇ تاپتا ساڭا مۇشۇ ئېمتىھاندىكى ئەڭ تەس سۇئال ساڭا قويۇلغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئېمتىھاندىلا ئەمەس ،ئادەتتىكى رىئال تۇرمۇشتىمۇ مۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغاندىڭ .قانداق قىلىش كېرەك ؟ سەن ئۆز–ئۆزۈڭ بىلەن كېڭىشىشكە باشلىدىڭ بايا ئاغىنەڭ ئۆتكۈر دېگەندەك شۇنىڭغا مۇناسۋەتلىكرەك بىرەر گەپنى دەپلا ئۆتكۈزىۋىتىش كېركمۇ؟
 
-ياق !- دەپ سادا كەلدى قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسىدىن - ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ . ئەتراپلىق ئويلان ،ھەرقانداق مەسىلىنىڭ بىر ئاددى تەرىپى ،بىر مۇرەككەپ تەرىپى بولىدۇ ،چوقۇم جاۋاپ تاپالايسەن.
 
خۇددى تېپىشماققا ئوخشايدىغان بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش–بېرەلمەسلىكىڭ ساڭا ،خۇددى ھايات–ماماتىڭنى بەلگىلەيدىغان ئاخىرقى ھۆكۈمدەك تۇيۇلماقتا ئىدى.سەن قەلبىڭدىكى ئۇ نەرسىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۆزگىچە تەپەككۈر پەرۋازىغا يۈزلەندىڭ :<< ئەگەر قىزنى سېلىۋالسام ،موماي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ نداق بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم دوختۇرغا ئادەمگەرچىلىك قەرزىنى قايتۇرمىغان بولىمەن.ئەگەر موماينى دوختۇرغا ئېلىپ باراي دېسەم ،قىزغا كۈڭۈل ئىزھار قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمەن ،ئەگەر دوختۇرنى ماشىنىغا سېلىۋالسام يەنىلا ئوخشاش نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ >> دېمەك بۇ سۇئالغا زىخمۇ كۆيمەيدىغان ،كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەك ئىدى. سەن ئويلىناتتىڭ ،تەپەككۈر قىلاتتىڭ قىز . . . موماي . . . دوختۇر . . . ماشىنا. . . بۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى كاللاڭدا ھەرخىل قىياس قىلىپ مۇلاھىزە قىلاتتىڭ . مەسىلىنى ئۆزگىچە تەھلىل قىلىشىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرى مۇۋاپىق جاۋاپنى تېپىپ چىقتىڭ- دە ،مەردانە ھالدا ،جاراڭلىق ئاۋازدا جاۋاپ بەردىڭ :
 
-مەن ماشىنى دوختۇرغا بېرىپ ،موماينى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئۆتۈنۈپ،ئۆزۈم بېكەتتە قېلىپ ،قىزچاق بىلەن بىللە ئاپتۇبۇس ساقلايمەن .
 
سېنىڭ جاۋابىڭنى ئاڭلىغان ئېمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ ،بىر–بىرىگە قاراپ رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىشتى . كۆزەينەكلىك ئايال سۇئال سوراشنى داۋاملاشتۇردى:
 
-ياخشى جاۋاپ بەردىڭىز ،ئەمدى سىزدىن سوراپ باقاي سىزنىڭچە سىزگە قانچە مۇئاش بەرسەك بولار ياكى سىزنىڭ قانچىلىك مۇئاش ئېلىپ ئىىشلىگىڭىز بار؟
 
بۇ كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان نازۇك بىر مەسىلە ئىدى .ئەمما ھەرقانچە تەس سۇئال بولسىمۇ جاۋاپ بەرمەي بولمايتتى ،بولمىسا ساڭا نىسبەتەن ئاران تەستە كەلگەن خىزمەت پۇرسىتى قولدىن كېتىپ قالاتتى.سەن مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن ئخىتىساس ئىگىلىرىگە خاس سالماقلىق بىلەن جاۋاپ بەردىڭ :
 
-مېنىڭچە بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ ،چۈنكى سىلەر تېخى مېنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىمنى كۆرۈپ باقمىدىڭلار .مەنمۇ ھەم شېركەتنىڭ خىزمەت مۇھىتى بىلەن تېخى تونۇشمىدىم. مېنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىم سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارغا ماس كېلەمدۇ ،ماس كەلمەمدۇ ،بۇنى سىلەر سىناپ كۆرگەندىن كېيىن مائاشنى كېڭەشسەك توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
 
ئۇلار جاۋابىڭنى ئاڭلاپ بىر– بىرىگە قاراپ يىنىك باش لىڭشىتىشتى. ئۇلارنىڭ باش لىڭشىتىشىدىن << سىز ھازىرلا ئىشقا چۈشسىڭىز بۇلىدۇ >> دەيدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى
 
-ياخشى سىز ئەمدى چوڭ زالغا چىقپ كۈتۈپ تۇرۇڭ ،سەل تۇرۇپ ئېمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمىز ،قوبۇل قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىڭىزنى شۇ چاغدا بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ - كۆزەينەكلىك ئايال شۇنداق دېدى. سەن نىمىگىدۇر تارتىشقاندەك ئېمتىھان ئالغۇچىلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،ئاستا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدىڭ. ئىشىكتىن چىقىپلا چوڭقۇر نەپەس ئالدىڭ. ئاغىنەڭ ئۆتكۈر ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كەلدى :
 
-قانداق بولدى ئاداش؟
 
سەن ئۇنىڭغا ئېمتىھان جەريانىنى قىسقىلا قىلىپ سۆزلەپ بەردىڭ.
 
- توغرا جاۋاپ بېرىپسەن ،ئەنسىرىمە چوقۇم قوبۇل قىلىنىسەن - ئۇ شۇنداق دەپ سېنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان كۆڭلۈڭنى بىردەم بولسىمۇ تىنجىتماقچى ئىدى،بۇنىسى ساڭا ئايان . ئەمما شۇ تاپتا قەلبىڭنى بىر خىل ئەندىشە چۇلغىۋالغانىدى.ساڭا نىسبەتەن ۋاقىت مىنۇت ،سىكۇنىتلاپ ئەمەس ،بىر دەقىقە ،بىر دەقىقىدىن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. ئەتراپىڭدىكى ئېمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان تەقدىرداشلىرىڭ ،بىر ئازدىن كېيىن،بىرلىرى خۇشال ،كۆزلىرىدىن شادلىق نۇرلىرىنى چاقناتقىنىچە ،بىرلىرى خاپا چىراي ،ئۇھ تارتىپ ئەپسۇسلانغىنىچە يىنىپ چىقماقتا . ھەممىسى ساڭا ئوخشاش ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە دەككە – دۈككىگە چۈشۈپ ،خۈدۈكسىرەپ ئولتۇرماقتا.
 
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى بار
 
 

 


قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە باشقا تېمىلار
قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(1)قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(2)