باش بەت / ساقلايمەن

قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-31 12:44 | ئاپتور: نۇرچىن | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

 

قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە
(پوۋېسىت)
ھايات ھەققىدە ئىزدەنمىگەنلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى يوق.
- خاتىرەمدىن
(1)
ۋۇجۇدۇڭنى قانداقتۇر بىر خىل ئاچچىق سىزىملار چۇلغىۋالغانىدى.ئۈمدمۇ،ئۈمدسىزلىكمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ بىر تۇيغۇ قەلبىڭنى تىلغاپ ئارام بەرمەيتتى .سەن بىر كۈن ئايلىنىپ ،خىزمەت ئىزدەپ ،ھالسىزلانغان بەدىنىڭنى كارىۋاتقا تاشلاپ ،كۆزۈڭنى تورۇسقا تىككىنىڭچە خىيالغا پاتتىڭ.كۆز ئالدىڭدىن بۈگۈن خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى يولۇققان ئىشلار خۇددى كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان كۆزلەر،قوپال ،پەرۋاسىز مۇئامىلىلەر،تەكرار–تەكرار ئېيتىلدىغان<<ئادىرىسىڭىز ۋە تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرپ قويۇڭ ،مۇۋاپىق ئورۇن چىقسا سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز>>،<<كەسپىڭىز بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزغا ماس كەلمەيدىكەن>>دىگەندەك  چىرايلىق رەت قىلش تەكەللۇپلىرى... نىمىدىگەن خورلىنىش ،كىشلەر ئالدىدا خارلىنىش بۇ؟
-راستىنلا مەن يارىماسمۇ قانداق ؟ئۆز–ئۆزۈڭدىن شۇنداق سورايتتىڭ .
- ياق ! دەيتتى قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە-سەن يارىماس ئەمەس ،ئۈمدسىزلەنمە ،ھەرگىز ئۈمدسىزلەنمە.- قەلبىڭدىكى ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭمۇ ئېنىق ئايرىپ بولالمايتتىڭ .بىراق شۇنچە ۋاقىتلاردىن بېرى قەلبىڭدىكى شۇ نەرسىنىڭ دەۋىتى ھەم مەدىتى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارغا دادىللىق بىلەن جۈرئەت قىلغان ئىدىڭ ،نۇرغۇن سىناقلاردىن بەردەم ھالدا ئۆتكەن ئىدىڭ.ئەمما بۇ قېتىم تۇرمۇشنىڭ سىنىقىدىن ئۆتمەك ساڭا ھەقىقەتەن تەس كېلىۋاتاتتى. سەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ،ئالدىرىماي شورىغىنىڭچە تەگسىز خىيال ،ئۇزاق ئەسلىمىلەر قوينىغا شۇڭغۇدۇڭ. . .
سەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى داداڭ ئاشلىق ئىدارىسىدىكى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلدى.ئاشۇ بىر كىشىنىڭ مائاشىغا تايىنىپ كۈن ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقان ئائىلەڭگە بۇ ئىش ناھايتى ئېغىر كەلدى .ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلارغا بېرىلدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىىنىپ بۇ ئائىلىنى قامداپ بولغىلى بولمايتتى . شۇڭا سەن ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىدىن ئۆتۈپ،ساڭا قايسىدۇر بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇھىت ئاسراش كەسپىدىن چاقىرىق كەلگەن بولسىمۇ ،ئاكاڭنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ،ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇڭ.ئاكاڭمۇ سەن ئۈچۈن ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋازكەچمەكچى بولدى .مۇھتاجلىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان بۇ ئائىلەڭ ئۈچۈن ئىككى ئەمەس ،بىر بالىنى ئوقۇتۇشمۇ خېلى تەسكە توختايتتى .ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆپ تالاش–تارتىشلىرىدىن كىيىن ،سىنىڭ ئوقۇشۇڭ قارار قىلىندى.
- خاتىرجەم بول ئۇكام ، - دېدى ئاكاڭ ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا-سېنى مەدىكارلىق قىلىپ بولسىمۇ ئاخىرىغىچە ئوقۇتىمەن - كۆزۈڭگە ئىسسىق ياش كەلگەنىدى شۇ چاغدا.سەن تىرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئائىلەڭنىڭ شۇنداق مۇھتاجلىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ ،تالاي ئارمانلارنى يۈدۈپ ئوقۇشقا ماڭدىڭ . . .
ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ھەقىقەتەن ئۆز-ئۆزەڭگە بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە،قەلبىڭدىكى مەدتكار نەرسىنىڭ مەدىتى ۋە دەۋىتى بىلەن تىرىشىپ ئۆگەندىڭ .لىكىن جاپانىمۇ ئاز تارتمىدىڭ .باشقىلار مەكتەپ ئاشىخانىلىرىدا گۆشلۈك قورۇمىلار بىلەن لەغمەن ،گۆش پولولارنى يىگەندە،سەن شەلتەڭلەپ تۇرغان سۇيۇقئاشقا سۆيۈملۈك ئاپاڭ ئەۋەتكەن قاتتىق ناننى تۈگۈرۈپ ئىچتىڭ.باشقىلار ھەپتە ئاخىرىدا تانسىخانا ،دېسىكوخانىلارغا ماڭغاندا ،سەن كىتابىڭنى قولتۇقلاپ كۈتۈپخانىغا قاراپ ماڭدىڭ.باشقىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى ،ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا قايناپ ياشاۋاتقان ۋاقىتلىرى ،سېنىڭ كۈتۈپخانا ياكى دەرىسخانىدا كىتاب ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن ۋاقىلىرىڭ بولاتتى.ئاددىسى سەن ھەتتا ساۋاقداشلىرىڭدەك ئەسلىگۈدەك رومانتىك مۇھەببەت ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرالمىدىڭ.شۇنداق،سەن تىرىشتىڭ.جاپا–مۇشەققەت،مۇھتاجلىق ،يوقسۇزلۇق ئىچىدەتىرىشتىڭ.سەن تاتلىق ئارزۇلار بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ،دىپلومىڭنى قۇچاقلىغىنىڭچە سەن كۆرگەن ئەمەلىيەت سىنىڭ ئويلىغىنىڭدەك بولمىدى.ئائىلەڭنىڭ ئەھۋالى بولسا يەنە شۇ پىتى،ياق ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەرەك ئىدى.داداڭنىڭ پىشانىسىدىكى قورۇقلار كۆپىيىپ ،چىچىنىڭ ئۇچلىرىغا ئاندا-ساندا قىراۋ قونۇشقا باشلاپ ئاقىرىپ گەۋدىسى مۈكچەيگەن،ئاپاڭ ئەللىك ياشقا ئۇلىشا- ئۇلاشمايلا چېكە چاچلىرى ئاقارغان ،بەل-پۇتلىرى سېقىراپ ئاغرىيدىغان ،ئاكاڭ بولسا كۆزلىرى ئىچىگە تارتىپ ،ياداپ ئىلگىرىكى پىتىدىن كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋاللاردىن بۇ بىر ئائىلە كىشلىرىنڭ سېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خېلى جاپا چەككەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى.ۋە يەنە بۇلاردىن داداڭنىڭ سىنىڭ ئوقۇش پۇلۇڭنى غەملەش ئۈچۈن توپ سېتىش بازىرىدا مال توشۇغۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ،ئاكاڭنىڭ قۇرۇلۇشلاردا كۆپرەك پۇل تىپىپ سېنى قىسىندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقىنى،ئاپاڭنىڭ شۇ تۈپەيلى قىينىلىپ يوقسۇزلۇق تارتىۋاتقان بۇ ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرى ئۈچۈن كىر يۇيۇش دۇكىنىدا كۈندە ئون نەچچە سائەتلەپ كىر يۇيغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى تامامەن تەسەۋۋۇر قىلالايتتىڭ، ئويلاپ يىتەلەييتتىڭ.ئەمما ئوقۇشتىن كىلىپ خىزمەت كۈتىۋاتقىنىڭغا ،ياق، خىزمەت ئىزدەۋاتقىنىڭغا بىر يىل بولاي دېدى .خىزمەت ئىزدەپ كۆپ يەرلەرگە باردىڭ .نۇرغۇن جايلارغا قاترىدىڭ.لېكىن نۇرغۇن كىشلەرگە چىققان خىزمەت ساڭا چىقمىدى.تالاي ئىشىكلەرگە دۇقۇرۇپ ئاڭلىغىنىڭ ،ھاجەتمەنلەرنىڭ سوۋغا سالاملرىنى تولا يەپ سەمىرىپ ساڭگىلاپ كەتكەن قورساقلىرىنى سۆرەپ يۈرگەن چوڭاملارنىڭ قاتتىق-قوپال ئاھانەتلىرى بولدى.ئىشىتقىنىڭ <<بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ >> مەنىسىدىكى ئاچچىق –ئاچچىق تەنىلەر بولدى .ئامالسىز سالپىيىپ كەينىڭگە ياناتتىڭ .ئاتا–ئاناڭ سەن ئۈچۈن تالاي قېتىم چىپىپ ،تالاي كىشلەرگە يولۇقۇپ ،خىزمەت مەسىلەڭنى ھەل قېلىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتى . ئەمما قولىدا ،ھاياتىدا تارتقان جاپالىرىدىن باشقا تۇرمۇش دەسمايىسى يوق بۇ قۇرۇق قول كىشلەرنىڭ ئىككى ئىلىك سۆزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى .ئاخىرى ئۇلارنى ئۇيان–بۇيان چىپىشتىن ئۆزۈڭ توسۇپ قالدىڭ .چۈنكى ئۇلار سەن ئۈچۈن ئاز بەدەل تۆلىمگەنىدى. يەنە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن رىيازەت چېكىشىنى خالىمىدىڭ .ھەممىدىن مۇھىمى مال–دۇنيا ،شەخسى مەنپەئەت گەجگىسىگە مىنىۋالغان ئاشۇ كىشلەرنىڭ ئالدىدا ئاتا –ئاناڭنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىڭ ،كىشلىك غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنى خالىمىدىڭ . ئائىلەڭ ۋە سەن مۇھتاجلىق دەستىدىن شۇ قەدەر كۈنلەرگە دۇچار بولساڭمۇ ،ئىنساب ،دىيانەتنى ئۇنتۇپ ،ھالال – ھارامنى ئايرىماي ،ئۆز نەپسگىلا چوغ تارتىدىغان ئاشۇ نەپسانىيەتچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قەدىر–قىممىتىڭنى سۇندۇرۇشنى خالىمىدىڭ .
- ھەي ،ئوقۇمىسام بوپتىكەن - دەپ ئىچىڭگە تىنىپ قالاتتىڭ بەزىدە .
- ئۇنداق ئويلىما - دەپ تارتقۇشلايتتى سېنى قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە- بۇنداق بولۇشى سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس،ئازراق قىيىنچىلىق ئالدىدا ۋايساش بىر غۇرۇر ئىگىسىگە نىسبەتەن كۆتۈرگۈسىز نۇمۇس،- شۇندا سەن خىجىللىق ئىلكىدە قالاتتىڭ.ئەمما يەنە ئۆز - ئۆزۈڭنى رەت قىلاتتىڭ .يوقسۇزلىقنىڭ ، مۇھتاجلىقنىڭ ھەقىقەتەن تاشتىنمۇ قاتتىقلىقىنى كۆڭلۈڭدە مىڭ قېتىملاپ ئىتراپ قېلىپ بۇلاتتىڭ . ئازاپلىنىپ يۈرىكىڭ پۇچىلىناتتى .ئاتا –ئاناڭنىڭ جاپادىن ئېگىلگەن قەددى ،ئاكاڭنىڭ ياداپ كەتكەن خۇنسىز چىرايى ھەرۋاقىت كۆز ئالدىڭدىن نېرى بولمايتتى.ئۇلار ساڭا <<ھەرگىز مەيۈسلەنمە>> دىگەندەك جىلمىيەتتى ،سەن بولساڭ ئىچ - ئىچىڭدىن ئۆرتىنەتتىڭ ،شۇنداق ئۆرتىنەتتىڭ.سەن شۇ تاپتا ئەپسۇسلۇق ،ئامالسىزلىق ئىلكىدە قالغانىدىڭ .سەن ئەينى چاغدا ھەممە تەلپۈنىدىغان << سىرلىق قەسىر>> - ئالىي مەكتەپكە ئۈزۈپ بېرىش بەيگىسىدە ئۇتۇپ چىققان ئەمەسمىدىڭ ؟ لېكىن ھازىرچۇ؟ قانداق بولدى؟ ئەينى چاغدا سېنى پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرى بىلەن ئۇزاتقان ئاتا – ئاناڭ ئەمدىلىكتە سېنىڭ ئامالسىز ھالىتىڭنى كۆرۈپ ئەلەملىك ھېسياتىنى تەستە بېسىۋالدى.ئەينى چاغدا سېنى خۇشاللىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزاتقان كۆزلەردە ئەمدىلىكتە ئەپسۇسلۇق ئارىلاشقان ياشلار لىغىلدىماقتا ئىدى.شۇنداق ،سەن ئېغىر كەمسىتىلىشكە  ئۇچرىمىغان بولساڭمۇ ،ئارزۇلاپ چوڭ كۆرۈشكە ئېرىشەلمىدىڭ.ئىش ئورنىنىڭ دەبدەبىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىملىرىدا سۆزلەش ساڭا نېسىپ بولمىدى .سەن ئويلىمىغان ،ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەمەلىيەت سېنى كۈتۈۋالدى.كۆرگەن قىسمەتلىرىڭدىن،ئالىي مەكتەپتىكى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن دۇنيادىن چىقىپ ،تۇرمۇشنىڭ كىتاب ئەمەسلىكىنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنىپ يەتتىڭ .سەن ئۆزۈڭ قوبۇل قىلالمايدىغان ،يۈزلەنگۈڭ كەلمەيدىغان بۇ رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىڭكى ھاياتنىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ،جەمئىيەتنىڭ سىنىقى ئالىي مەكتەپ ئېمتىھان–سىناقلىرىدىن نەچچە ھەسسە قىيىن ۋە سۈرلۈك بولىدىكەن.بۇ سىناقلارنىڭ ئىمتىھان نازارەتچىسى يوق،تەقدىر بېشىڭدا رەڭدار قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرىدىكەن.
سەن كىچىكىڭدىنلا مۇھتاجلىق ئىلكىدە چوڭ بولدۇڭ .مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇھتاجلىق ئىچىدە ئوقۇدۇڭ.ئەمما رەھىمسىز تەقدىر سېنى ئاخىرى يەنىلا شۇ مۇھتاجلىق ئىچىگە ئاپىرىپ تاشلىدى .ئەمدى بۇ ئامالسىزلىق سېنى سۆرەپ نەلەرگە ئاپىراركىن؟ تۇرمۇشنىڭ قايسىبىر ئاچال - دوقاللىرىدا سېنى يەنە مۇھتاجلىق ،ئامالسىزلىق قىسمەتلىرى كۈتىۋاتىدىكىن؟سەن ئۆزۈڭنى شۇتاپتا شۇ قەدەر بىچارە ھېساپلايتتىڭ .
- مەن نېمىدىگەن بىچارە - دەپ ئويلاپ قالدىڭ.قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە تۇيۇقسىز تەۋرەپ ساڭا شۇنداق رەددىيە بەردى:
- ئۇنداق ئويلىما ،سەن ئۇنچە بىچارە ئەمەس.سەندىنمۇ بىچارە كىشلەر بار .ئۆزى شۇنچىلىك ئامالسىزلىق ئېچىدە تۇرۇپمۇ سەنچىلىك ئۆرتەنمەيدىغان ،ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە سەنچىلىك ئويلانمايدىغان كىشلەر بار ،مانا شۇلار ھەقىقى بىچارىلەردۇر .سەن بىچارە ئەمەس ،سەن بەخىتنىڭ ئىزدىگۈچىسى ۋە ھاياتنىڭ ئىزدەنگۈچىسى،- قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە شۇنداق دەپ ساڭا مەدەت ۋە ئىلھام بېرەتتى.
تۇيۇقسىز  سەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىدىغان كۈنى  سىنىپ مۇدىرىڭنىڭ سېنى ئاتايىتەن ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ،ساڭا قىلغان سۆزلىرى يادىڭغا يەتتى ،سىنىپ مۇدىرىڭ ،سەن تىرىشىپ ئەلاچى ئوقۇغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ، ساڭا ئالاھىدە مىھرى بىلەن قارايتتى:
- ئەمدى قايتىسەن بالام - دەپ سۆزىنى باشلىغانىدى بۇ  مېھرىبان ئۇستازىڭ ساڭا ئاتىلىق نەزىرى بىلەن قاراپ- ئەمدى سېنى قانداق تەقدىر – قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دەپ بۇلالمايدۇ.ساڭا بۇرۇندىنلا كۆڭلۈم بەك يېقىن ،شۇڭا سېنى ئاتايىتەن چاقىرىپ ئازراق سۆزلەپ قويغۇم كەلدى.سېنىڭ ئەھۋالىڭ ئالاھىدە ،سەن بەك قىيىن ئوقۇدۇڭ ،سېنىڭ مەيلى تۇرمۇش جەھەتتىن بولسۇن ،مەيلى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن قىيىنچىلىقىڭ كۆپ .شۇڭا سەن باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەڭ بولمايدۇ.جەمىئيەتنىڭ ،ھاياتنىڭ سىناقلىرى مەكتەپتىكىدەك ئۇنچە ئاددى ئەمەس،ئۇنىڭدىن بىرەر پىرافىسور ياكى ئوقۇتقىچىغا تايىنىپ ئۆتۈۋالغىلى بولمايدۇ.جەمئىيەتتىكى رەھىمسىز رىقابەت سېنىڭ يالۋۇرۇش ،يېلىنىشلىرىڭنى ئاڭلىمايدۇ.ئەمدى سەن قايتقاندىن كېيىن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپىم بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ ھۆددە قىلالمايسەن .ھەتتا خىزمەت تاپالماي ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشۇڭ مۇمكىن .مەيلى سەن قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللان ،ئۆگىنىش ،ئىزدىنىشنى قەتئى توختىتىپ قويما ،توختىماي ئۆزگىرىپ ،تەرەققىي قىلىپ يېڭىلىنىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە ،تۈنۈگۈنكى بىلىمىڭ بىلەن بۈگۈن پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭ ناتايىن.مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلومىنى ئالغىنىڭ سېنىڭ ئوقۇش ،ئۆگىنىشنى تامامەن تۈگىتىپ بولغانلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ساڭا قىسقا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي : ئامىرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئونۋىرستىتىنى سەنمۇ بىلىسەن .خارۋاردتا ئوقۇغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دۆلەت داھىيسى،دىپلومات ،داڭلىق ئەرباپ ياكى دۇنياۋى كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىدىكەن .بىر قېتىملىق زىيارەتتە بىر مۇخبىر خارۋاردنىڭ مەكتەپ مۇدىرىدىن شۇنداق بىر سۇئال سوراپتۇ :
- سىلەرنىڭ خارۋاردتا ئوقۇغانلارنىڭ كۆپچىلىكى شۇنداق قابىليەتلىك بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن ،سىلەرنىڭ ئوقۇتۇشۇڭلاردا ئالاھىدە بىرەر سىر بارمۇ–قانداق؟
خارۋاردنىڭ مۇدىرى:
- بىزنىڭ ئوقۇتۇشتا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە سىرىمىز يوق.بىز پەقەت تەربىيىمىز ئارقىلىق ،مەكتىپىمىزدە ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن بىز ئوقۇش پۈتتۈردۇق دېگەن ئۇقۇمنى چىقىرىپ تاشلايمىز .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قايسى ساھەدە خىزمەت قىلسۇن ،ئۆگىنىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان بىر خىل روھنى يىتىلدۈرۈپ چىقىدۇ ،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .مانا قارا ،دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭدار كىشلەر ئەنە شۇنداق ئۆگىنىشنى بىر كۈنمۇ توختاتماي ،ھارماي ئىزدىنىپ نەتىجە ياراتقان .بۇ ئويلىنىدىغان ،ئويلىنىپ تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان ،ئۆگىنىپ تۇرۇپ رىقابەتلىشىدىغان دەۋىر .مانا شۇنداق ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالىغان كىشلەرلا مۇۋاپىقىيەتنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقالايدۇ. . . >>
شۇ چاغدا ئۇستازىڭنىڭ سۆزلىرى ۋۇجۇدۇڭنى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى.سەن بۇ سۆزلەردىن ئىلھاملىنىپ ،قايتقاندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ ،تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەنىدىڭ .ئەمما ھازىرچۇ ؟ ھازىرقى ئەمەلىيەت سېنىڭ ئارزۇيۇڭغا باقماي قالدى .ئاپتاپتىن باشقا ھەممە نېمىنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان ،كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەت پۇل،مەنپەئەت مۇناسۋىتىگە ئايلانغان مۇنۇ شەھەردە ھازىر سەن تۇرمۇشۇڭنى قامدىغىدەك خىزمەتكىمۇ ئېرىشەلمەي گاڭگىراپ قالماقتا ئىدىڭ .تېخى ئۆيۈڭدىكىلەر ئالدىدىكى تەڭقىسچىلىك ،خىجالەتچىلىك جىنىڭغا پاتاتتى.ھەر كۈنى سەھەردە داداڭنىڭ ،سەندەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئىشسىز قالغان داداڭنىڭ توپ سېتىش بازىرىغا ماڭغان چاغدا كەينىدىن ئەلەم بىلەن قاراپ قالاتتىڭ.ئاكاڭنىڭ ،سەن ئۈچۈن ئۆز ئارزۇسى ،ئىستىقبالىدىن كېچىپ ،تالاي قۇربانلارنى بەرگەن ئاكاڭنىڭ ئىشچى كىيمىنى مۈرىسىگە سېلىپ ،ساڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە<< خوش ئۇكام>> دېگىنىچە قۇرۇلۇش ئورنىغا ماڭغىنىدا ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دېگىچە ناۋايلىقتەك بىرەر ھۈنەر ئۆگەنسەمچۇ كاشكى دەپ ئويلاپ ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەيىپلەپ كېتەتتىڭ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ،كەچ كىرگەندە ،كونىراپ كەتكەن بىنانىڭ 3–قەۋىىتىدىكى ئۆيۈڭگە ئېغىر قەدەملىرىڭنى سۆرەپ ،پەلەمپەي سانىغىنىڭچە كىرىپ كەلگىنىڭدە ،ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ << قانداق خىزمەت تاپالىدىڭمۇ؟>> دېگندەك مەنىدە ساڭا نەزىرىنى سالغىنىدا ،ئۆزۈڭنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىڭ .تېخى ئاشۇنداق ئىلاجىسىزلىق ئىلكىدە يۈرىۋاتقىنىڭدا ،سېنى مەسخىرە قىلغاندەك ئەل–ئاغىنىلىرىڭنىڭ،دوست – بۇرادەر ،ساۋاقداشلىرىڭنىڭ ئۈستى – ئۈستىلەپ كېلىۋاتقان توي – مەرىكە باغاقلىرى سېنى تېخىمۇ مەڭدىتىپ ،ئامالسىزلىق ئىچىگە قويۇۋاتاتتى.شۇسورۇنلارغا بارماي،قاتناشماي دېسەڭ ئەل قاتارىدىن قېلىپ،دوست–بۇرادەرلىرىڭنىڭ سېپىدىن چۈشۇپ قالاتتىڭ .باراي دېسەڭ ئۆز ئەھۋالىڭ ئۆزەڭگە ئايان ئىدى.ئامالسىز ئۆيۈڭدىكىلەرگە ئىلتىجا بىلەن باققىنىڭدا ،ئۇلار سەندىنمۇ بەك ئامالسىز ئىدى . شۇنداق چاغدا يەنە شۇ ئاكاڭ ،سەن بىلەن قېرىنداش بولۇپ ،ئاكاڭ بوپقالغان گۇناھى ئۈچۈن ،ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ ،يىمەي گېلىدىن قىسىنىپ ،كىيمەي بويىدىن قىسىنىپ ،ئېھتىيات ئۈچۈن تۈگۈپ قويغان تۈگۈنچىكىنى يېشىپ :
- مە ئالە ئۇكام ،ئادىمگەرچىلىكتىن قالساڭ بولمايدۇ ،سېنىڭ بېشىڭدىمۇ بار ئىش تۇرسا بۇ - دېگىنىچە ساڭا تەڭلەيتتى .سەن ئۆلۈم خىجىللىرىنى تارتىپ ،لېۋىڭنى چىشلىگىنىڭچە قۇلۇڭنى ئۇزىتاتتىڭ . . .
شۇ تاپتىمۇ ياتاق ئۆيۈڭدە خىيالغا پاتقىنىڭچە ياتتىڭ .بايىقى خىياللارنى قىلىۋىتىپ كۆزۈڭدىن ئىككى تامچە ياش ،مەڭزىڭنى بويلاپ ئېقىپ چۈشكىنىنى ئۆزۈڭمۇ سەزمەي قالدىڭ .
- يېغلىما - دەپ سېنى نۇقۇشلاپ سەگىتتى قەلبىڭدىكى ھېلىقى نەرسە - نېمىگە يىغلايسەن؟- سەن قەلبىڭدىكى ئۇ نەرسە بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلىدىڭ ؛
- يىغلىماي نېمە ئىلاج ،ھازىر يىغلاشتىن باشقا نېمە قىلالايمەن ،مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم.
- شۇنداقتىمۇ يىغلىماسلىقىڭ كېرەك،ھايات يىغلاڭغۇلارنى ياقتۇرمايدۇ ھەم ئۇنداقلارنى ئۆز باغرىدىن سىقىپ چىقىرىپ تاشلايدۇ .تەقدىر ساڭا بىر قېتىم يىغلايدىغان پۇرسەت ئاتا قىلسا ،سەن ئۇنىڭغا مىڭ قېتىم كۈلۈپ بېرىشىڭ كېرەك ،يىغلاش دىگەن ئاجىزلارنىڭ ئىشى.
- مەن ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ئادەم.
- ئۇنداق ئەمەس ،ئارزۇ ۋە ئۈمدتىن مەھرۇم بولغان كىشلەرلا دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز كشلەر ،سېنىڭ شۇنچە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ بار ئىدىغۇ ؟
- شۇنداق،بار ئىدى ،ئەمما ئۇ ئارزۇلىرىمنى نېمەم بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن ؟ ماڭا ھازىر ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداشمۇ تەس كېلىۋاتسا؟
- مەيۈسلەنمە ،كۈتكەن كۈنلېرىڭگە چوقۇم ئېرىشەلەيسەن.
- قانداق دەيسەن ؟
- ئۆزەڭگە بولغان ئىشەنىچنى يوقىتىپ قويمىساڭ .
سەن مانا شۇنداق گاڭگىرىغان ،يالغۇزسىرىغان ۋاقتىڭدا ،قەلبىڭدىكى شۇ نەرسەبىلەن غايىبانە مۇڭدىشىپ چىقاتتىڭ.ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭمۇ ئېنىق بىلەلمەيتتىڭ .لېكىن تالاي سىناقلاردىن ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنىدىڭ .قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ  قانداق قىلىشىڭنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالغىنىڭدا ،ئۇ نەرسە ئۆزلىكىدىن قەلبىڭدە پەيدا بۇلۇپ سېنى يىتەكلەيتتى .
خىياللار بىلەن بۇلۇپ كېتىپ تۈن تەڭدىن ئاشقىنىنىمۇ بىلمەي قالدىڭ .<< ئۇخلاي - دېدىڭ ئۆز – ئۆزۈڭگە پىچىرلاپ - ئەتە يەنە خىزمەت ئىزدەپ چىقمىسام بولمايدۇ >>
- ئۇخلا - دېدى قەلبىڭدىكى ئۇ نەرسىمۇ سېنى پەپىلەپ - ئەتە يەنە ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلمىساڭ بولمايدۇ.
قەلبىڭدىكى شۇ نەرسىنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنى ،جۆيلىگەندەك شىۋىرلاپ قۇيۇپ ،خىياللىرىڭنىڭ ئاخىرىنى چۈشلىرىڭگە ئۇلاشتۇرغىنىڭچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولدۇڭ:
<< ئەتىكى قۇياش چۇقۇم تېخىمۇ پارلاق ،تېخىمۇ نۇرلۇق بۇلىدۇ. . . >>

 


قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە باشقا تېمىلار
قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(1)قۇياش سېنىڭ قەلبىڭدە(2)