يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 05:24 | ئاپتور: پەرى | مەنبە: مەن | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
بۇدۇشقاق
بۇدۇشقاق
(ھېكايە)
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ياخشى تۇرۇپسەنمۇ؟ ۋاي ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭ ئاچا، كۆپ سېغىندىمغۇ سېنى...
مېنى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاغلاپ يۈزلىرىمگە ھەدەپ سۆيۈپ كەتكەن بۇ سىڭلىم دوستۇمنى ئەمدى كىم بولغىيدى ، دەپ ئېسىمگە كەلتۈرەلمەي بىردەمنىڭ ئىچىدە قىزىل-سېرىق بولۇپ نەچچە خىل رەڭگە كىرىپ كەتتىم . ئۇ بولسا قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋاللىشىشنى داۋام قىلماقتا ئىدى. كوچىدىلا بىر ھازا ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۈنسىز تۇرۇپ قالدىم . خېلىدىن كېيىن مېنى قايتا بىر قۇچاقلاپ مەڭزىنى ياقتى.
-ماقۇل ئاچا ، يوقاپ كەتمە، ئۆيگە بارارسەن ، بىلىسەنغۇ؟ ھە ، بېرىپ تۇر!
-ۋاھ ، ئايىقى نىمانچە يەڭگىل بۇ قىزنىڭ! ،- ئۇ كوچىدا ئىككى يېقىدىكى كىشىلەرگە ئاپتاپتەك كۈلكىلىرى بىلەن سالام قىلغىنىچە كېتىۋەردى.
باشقا ئىش قىلماي دىگەندەك كېچىچە خىيال قىلىپ ئاخىر ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسىمگە ئالالىدىم: ئوتتۇرا مەكتەپتە مەندىن نەچچە يىللىق تۆۋەن ئوقۇغان، زېھنى سىناش پائالىيەتلەردە پات- پات ئۇچرىتىپ قالىدىغان، ھېلىقى غەرپ تەرەپتىكىلەردىن سورالغان سۇئالغا شەرقتە تۇرۇپ قول كۆتۈرۈپ ئاسمانغىچە تاقاشتۇرىۋېتىدىغان ھېلىقى قىز شۇ ! ھى ھى ھى ...
ئۇقىزنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغىنىمدىن كېيىن بۇ ئىشمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى .
بىر كۈنى تىكىر - تىكىر ئىشلىرىمنى قىلىپ ئولتۇرسام ، ئۇكام بىر كىچىك باغاقچىنى كۆتۈرۈپ كىردى:
- ئەيلا، ھېلىقى ۋىتامىن B بۇنى سىزگە بېرىپ قوي، مەن بىلەن ئالاقىلاشسۇن دەيدۇ،- دېدى چىرايلىرىنى بىر قىسما قىلىپ .
- قايسى ۋىتامىن B ؟
- يەنە قانچە ۋىتامىن B بارتى؟
- چىك.. ئا ، دىمەمسىز ، كىملىكىنى، ۋىتامىنC,B,A...دەپ تىلىڭنى چاينىماي ،- ئىچىم پۇشۇپ چالۋاقاپ ، ئىنىمغا سەن سىزنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەپ كەتتىم.
ئۇ بىر قاتار سۆزلىگەندىن كېيىن :
- ھە ، شۇ قىز شۇمۇ؟ ھا ھا ھا ... ۋىتامىن B ما ئۇنىڭ لەقىمى؟
ئەمۋاي شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بۇ سۆيۈملۈك قىز ئەسلى زادى خاپا بولمايدىغان، كۈلۈپلا ، ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا تۇرىدىغان قىز بولغاچقا خەقلەر ئۇ قىزنى شۇنداق ئاتاپ قويغان ئىشكەنتۇق ؛
كېيىن ئۇ قىز قەيەردە كۆرسە شۇ يەردە ، مەن ئالدىراشمۇ ، بىكارچىمۇ كارى يوق، قوللىرىمدىن چىڭ تۇتىۋېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سالام قىلىدىغان بولىۋالدى ؛ بۇرۇن ئۇنىڭ بۇ ئىزگۈ خىسلىتىدىن خۇش بولغان بولسام ، مانا ئەمدىلىكتە ئىچىم سىقىلىدىغان بوپ قالغان ئىدى ؛ ئۇنىڭ سالىمى تۈگەپ بولغۇچە ئىچ - ئىچىمدىن نەچچىنى ئاھ ئۇرۇپ بولاتتىم .
- ئېھ ، جېنىم سىڭلىم ، كەچ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ، ماۋۇ بويى پاكار، پۇت-قوللىرىمۇ ئۇنچە چاققان بولمىغان مىس - مىس ئاچىڭىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرى بار ئىدى...،- دەپ تاقەتسىزلىنىپ ، يول ماڭغاندا ئاپام ئايەت ئوقۇغاندەك، لەۋلىرىمنى قىمىرلىتىپ تاكى ئۇ قولۇمنى قويۇپ بەرگەنگە قەدەر مۇشۇ گەپلەرنى ئىچىمدە نەچچە قېتىم دەپ كوتۇلداپ چىقاتتىم؛
بىر كۈنى ھېرىپ - ئېچىپ كەيپىم ناچارغىنا ئىشتىن كەلسەم ، ئۆي ئىچىدە بوران، يۈرىكىم جىغغىدە قىپ قالدى:
- نېمىش بولدى؟ئاتام يوققۇ؟ ئاپامچۇ؟ - كاڭدا دۈگدەرەپ ئولتۇرغان جىيەن بالىلىرىمغا تىكىلدىم ؛
- دادام ئاغرىپ ، ئانام ئاغرىپ ...
كاللامدىن تۈتۈن چىقتى، چوڭ ئەيلەمگە تېلفون قىلىپ بىلدىم، ئاتامنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ بالنىستتا يېتىپ قالغان ئىدى ، يۈرىكىم سۇ ، ئۇچقاندەك مېڭىپ تۆت كوچىغا ، تاكسىغا يۈگۈردۈم ؛
- ۋاي ئاچا، قانداق ، سەن ئەجەپ ئادەم تونىمايسەن - ھە؟
تىت - تىت بولۇپ ئالدىراپ تۇرغاندا ئاسماندىن < توككىدە > چۈشكەندەك ماۋۇ ۋىتامىن B ئالدىمدا تۇراتتى ، ئۇنىڭغا قاراپ ھىيجارىغىدەك نەدە ھالىم بولسۇن .
-جېنىم ئۇكام ، ئاتام ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدىكەن ، مەن سىزگە كېيىن تېلفون قىلاي بولامدۇ؟
لېكىن ئۇ قوللىرىمنى قويىۋېتىدىغاندەك ئەمەس، تۇتقان پېتى ئەگىشىپ ماڭغاچ تىنماي كاپشىماقتا ئىدى.
-ئاچا، بىزنىڭ شىركەتكە كىرگىن، نەچچە يىلغا قالماي چوقۇم بېيىپ كېتىسەن ، ئۇ قوتا زاۋۇتتا ئىشلىمە بولدى...
-ماقۇل سىڭلىم ، مەن كۆڭلۈمنى بىر تىنچ قىلىۋېلىپ سىزگە تېلفون قىلاي بولامدۇ؟
- ۋاي بۈگۈن يۇقۇرىدىكى خانىملار كېلىپ سۆز قىلىدۇ، قاتناشساڭ ياخشى بولىتى، قانداق قىلىسەن؟ قاتنىشامسەن؟
ئاقمۇ؟ كۆكمۇ؟ يېشىلمۇ؟ ياكى سېرىقمۇ؟
بۇ قىزبالىنىڭ گېپى تۈگەمدۇ ياكى؟!
-ئۇكام مەن تېلفون قىلاي دىدىمغۇ سىزگە!؟ - قولۇمنى سىلكىپ تارتىۋالدىم، جىلە بولساملا يوپۇرماقتەك تىترەپ ، تىلىم كالۋالىشىپ ئېغىزىمغۇ گەپمۇ كەلمەي پاقىراپ كېتىدىغان ئەسكى خۇيۇمنى زادى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدىم .
ئۇ مېنىڭ سەت سىلكىشىمگە چېكەتكىدەك تىكىلىپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ، بىردىنلا تۇتۇلدى:
- ۋاي ماڭە ئاچا، ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ ئۆزۈمگە ئاز، نېنىمنى يىسەمچۇ؟
ئۇ رەنجىدى، مەيلى دېدىم ، دوختۇرخانىغا چاپسانراق بېرىپ ئاتامنىڭ ھالىنى بىلىشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمىدىم ، يولۇمغا قاراپ كېتىۋەردىم. لېكىن، ئۇنى ئەمدى بولدى قىلىدۇ، دەپ خاتالاشقان ئىدىم ، ئۇ ماڭا ياندىشىپ مېڭىپ ، بىلەكلىرىمگە ئېسىلىپ دىگەندەك ئۆزىگە، سۆزىگە قاراتماقچى بولاتتى . ياخشىلىققا ياراشمايدىغان مەندەك ساراڭنى قارغايتتى، تىللايتتى " ۋاي ئۇكام " دەپ باقتىم . ياق، "ۋاي مەن ناماقۇل" دەپ باقتىم،" ۋاي ئۆتە ئۇكام نىمە قىلساڭ قىل " مۇ دەۋەتتىم ئاخىرى بېرىپ، لېكىن ئۇ مېنى قويۇپ بېرىدىغان چىراي ئەمەس!
نېمە دىسە دىسۇن، ئەمدى بۇ قىزنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقىنىنى ئاڭقىرغۇدەكمۇ مادارىممۇ قالمىغان ئىدى، يول بارغانچە ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك ، مەن تاكسىلار تىزىلىپ ئادەم كۈتۈۋاتقان تۆت كوچىغا زادى يېتىپ بارالمايدىغاندەك بىلىنەتتى، ئىچىمدە بولسا مىڭلارچە ئىزتىراپ ، مىڭلارچە تەشۋىش، تىنماي شىۋىرلايتتىم:
- ئاھ ، رەببىم ، بۇ ساراڭ قىز ماڭا ئەگىشىپ ئۆلگۈچە ماڭسىمۇ بوپتۇ، ئاتامنى پاناھىڭدا ساقلىغىيدىڭ ...
2010- يىل 11- يانۋار
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە
- كىرىم مەنبەسى